irpan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 21:43:50

قېرىنداشلىق ئۈلگىسى (چۆچەك)

بىر ئائىلىدە ئاكا ـ ئۇكا ئىككى قېرىنداش ياشايدىكەن، ئاكىسىنىڭ بالىسى بار بولۇپ، ئۇكىسىنىڭ بالا ـ چاقىسى يوق ئىكەن. بۇلار ئاتا ـ ئانىسى تۈگەپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ئىناق ياشاپ، بىر ـ بىرىنى ھەممە جەھەتتە يۈلەپ يار ـ يۈلەكتە بولىدىكەن ۋە ئۆز ـ ئارا ھۆرمەتلىشىدىكەن، ھىچقانداق نەرسىدىن قىزغىنىشمايدىكەن.
بىر يىلى بۇ ئاكا ـ ئۇكا تېرىلغۇ يەرلىرىگە بوغداي تېرىشىپ مۇل ـ ھوسۇل ئېلىشىپتۇ. چىققان مەھسۇلاتنى تەڭ بۈلۈشۈپتۇ، ئۆيگە يۆتكەپ كەتكۈچە كەچ بولۇپ قاپتۇـ دە، خامان ساقلاپ قۇنۇشۇپتۇ. يېرىم كېچە بولغاندا ئاكىسىنىڭ ئۇيقۇسى قېچىپ مۇنداق ئويلاپتۇ: « ئۇكامنىڭ بالا ـ چاقىسى بولمىغان بىلەن، يالغۇز ئادەمگە خىراجەت كۆپ كېتىدۇ. بالا ـ چاقىلىق بولۇش ئۈچۈنمۇ پۇل لازىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ياش ئېغىر ئەمگەككە چىدىيالمايدۇ، تەجرىبىسى كەم، تىرىكچىلىكنىڭ يولىنى بىلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشىم لازىم....»
ئۇكىسىنىڭ ئوخلاپ قالغانلىقىنى بىلگەن ئاكا بىر قانچە غەلۋىر بۇغداينى تاغارغا ئۇسۇپ ئۇكىسىنىڭ بۇغدىيىغا تۈكۈپ قويۇپتۇ.
ئۇكىسى سەھەرگە يېقىن ئويغىنىپ مۇنداق ئويلاپتۇ: «مېنىڭ بالا ـ چاقام يوق، چىقىمىم ئاز، ئاكام بالا ـ چاقىلىق، ئالغان مەھسۇلاتى ئۇنىڭغا يەتمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشىم كېرەك. مەھسۇلات ئېلىشتا ئاكامنىڭ كۆپ ئەجرى كىردى، قاراپ تۇرۇپ بۇغداينى تەڭ بۈلۈپ ئېلىشىم ئىنساپسىزلىق بولىدۇ». شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر قانچە غەلۋىر بۇغداينى توشۇپ ئاكىسىنىڭ بۇغدىيىغا قۇشۇپ قويۇپتۇ. ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا قارىغۇدەك بولسا ھەر ئىككىسىنىڭ بۇغدىيى ئوخشاش تۇرغىدەك، ھەيران بولۇشۇپتۇ ـ يۇ مەلۇم سەۋەپنى باھانە قىلىپ ئەتىسى يەنە قۇنۇپتۇ.
ئاكا ـ ئۇكىلار، يەنە ئالدىنقى كۈندىكى ئىشنى تەكرارلىشىپتۇ. سەھەر ۋاقتىدا بىر - بىرى بىلەن دۇقۇرۇشۇپ قاپتۇ ـ دە، ھەھۋال ئاشكارە بولۇپ قاپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئاكا ـ ئۇكا بىر تۇققاننىڭ قېرىنداشلىق ئىتتىپاقى تېخىمۇ كۈچىيىپ، بىرلىكتە ياشاپ، بىرلىكتە كۈلۈپ تۇرمۇشى تېخىمۇ باياشات ئۆتۈپتۇ.

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 22:24:41

بالام ئىككى بولغاندا بۇ ھېكايىنى ئېيتىپ بەرسەم بولغىدەك ...

tumurjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 09:08:25

ھەقىقەتەن قېرىنداشلىق ئۈلگىسىكەن بۇلار.

parlaq يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 09:16:26

مېنىڭمۇ ئاكام بولغان بولسا . . . :'(

newkiran يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 09:24:17

ماۋۇ چۆچەك بۇلىدىكەن، باللاغا ئېيتىپ بەرسەك بولغۇدەك.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 10:00:48

نىمە دىسەم بولار، ئەتىگەن ناشتىدا ئىككى بالامغا ئېيتىپ بەرسەم ھەر ئىككىلىسى بىردەك، ئىنىسى يالغۇز بولغانكىن، ھەممىنى ئاكىسىغا بەرسە بولمامدۇ، بەرىبىر بىللە ياشىغانكىن دىگەندەك گەپنى قىلىشتى.{:136:}

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 17:07:11

ياخشى ھېكايە ئىكەن، ماڭا يارىدى.
قارىسام شەھلا خانىم ئىنكاس يېزىپتىكەن ئاتايىن كىرىپ كۆرۈپ بېقىشىم.{:92:}
خانغا يارىغان بېشىم، تازغا يارىماپتۇ دەپ، بالىلارغا يارىماي قاپتۇدە:lol

كىچىك بالىلار بىلەن چوڭلارنىڭ مەسىلىنى كۆزىتىشىدىكى ئوخشىماسلىقنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ئىپادىسى بوپتۇ. بىز ئىجابى دەپ قارىغان نۇرغۇن ھېكايە-چۆچەكلەرنى بالىلارغا ئېيتىپ بەرسەك، ئويلاپ باقمىغان نوقتىلاردىن خىيال قىلىپ سوئال سورايدىكەن بەزىدە. ئۆتكەن يىلى بالامغا ھېكايە سۆزلەپ بېرىپ، شۇنداق ئىشقا يولۇققان ئىدىم.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 21:51:10

ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى  2014-3-21 17:07 static/image/common/back.gif
ياخشى ھېكايە ئىكەن، ماڭا يارىدى.
قارىسام شەھلا خانىم ئ ...

ئەمسە سىزنى ئەگەشتۈرۋىلىپ داۋاملىق ئېنكاس يازاي!:lol

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 21:57:51

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xahla91 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-21 22:00  

راستىنى دىسەم مەنمۇ باشتا ئوقۇپلا چۈجە-خورازدەك سوقىشىدىغان ئىككىسىگە ئۆزەمچە ساۋاق بەمەكچى بولۇپ كېتىپتىمەن، ئاۋازلىرىمنى تەسىرلىك چىقىرىپ بىر مۇنچە كۈچەپ سۆزلەپ بولۇپ، سىلەر بولساڭلار قانداق قىلاتىڭلار دەپ، كىچىكىگە قارىدىم، كىچىكى غىمىدە يوق، مەن بولسام ھەممىنى ئاكامغا بېرىۋىتىپ، لازىم بولسا ئاكا پۇل بېرە دەيتىم دەپ سۈتىنى ئىچىپ ئولتۇردى، چوڭى بولسا، شۇ ئەمەسمۇ بىر ئۆيدە ياشاۋىتىپ سېنىڭ مېنىڭ دەپ ئايرىغاندىن ھەممىنى ئامبارغا ئەكىرىپ بېسىپ قويۇپ، لازىم بولسا تەڭ يەپ ئۆتسەك بولمىدىمۇ. دىدى.
ئاندىن ئىككىسى بىرلىشىپ مېنى (_ئاپا كېچىچە ئۇخلىماي ھېكايە توقۇپ مەغلۇپ بولدىڭىز.) دەپ زاڭلىق قېلىۋاتىدۇ، مەن ياق مەن توقۇمۇدۇم، مۇشۇنداق ھېكايەتكەن دىسەم، يەنە بىرمۇنچە دەللىلەرنى كۆرسۈتۈپ ئېغىز ئاچماس قېلىپ قويۇپ مەكتىۋىگە مېڭىشتى.{:136:}

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-3-22 13:46:51

ئېسىل چۆچەككەن. رەھمەت رەھمەت.
قىزىم چوڭ بولغاندا ئاكىسى بىلەن ئىككىسىگە تەڭ ئوقۇپ بېرەي مەنمۇ:lol
بەت: [1]
: قېرىنداشلىق ئۈلگىسى (چۆچەك)