KALANDAR يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 17:10:59

«دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن 100 كىتاب » تىن نەچچىسى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە ق...

«دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن 100 كىتاب » تىن نەچچىسى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىندى.
1.ئىنسانىيەت ئىدىيە تارىخىدىكى تۇنجى ئۇتوپىيەلايىھەسى-ئەپلاتوننىڭ «غايىۋى دۆلەت »ناملىق كىتابى.
2.ئارىستوتېل «سىياسەتشۇناسلىق»
3.ھىندىستاننىڭ بىباھا ۋەسىقە «مەنۇ قانۇنى»
4.ماكياۋېللى «مۇھاكىمەتۇل شاھ »
5.بېكون «يىڭى قورال»
6.پوئىنكار «ئىلىم -پەننىڭ قىممىتى»
7.لوك «ھۆكۈمەت توغرىسىدا»
8.مونتىسكيۇ «قانۇننىڭ روھى توغرىسىدا»
9.روسسو «ئىقتىمائىي ئەھدىنامە»
10. «ناپولېئون قانۇنى»
11.كلاۋسېۋىتىز «ئۇرۇش نەرىيىسى»
12.توكۋىل «ئامرىكا دېموكراتىيسى توغرىسىدا»
.13فوكوساۋا يوكىس «مەدەنىيلىك ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات»
14. «ئوپپېنىخېي خەلقئارا قانۇنى»
15.ماخا «دىڭىزدىكى ئەمەلىي كۈچنىڭ تارىخقا كۆرسىتىدىغان تەسىرى»
16. گىتلېر «مېنىڭ كۆرىشىم »
17. ھېرودوت «تارىخ»
...............................................................................................................
ئەدەبىي كىتابلاردىن:
«ئىلئادا»،«مىڭ بىر كېچە» ، «ئېزوپ مەسەللىرى» ، تەڭرى كومېدىيىسى » ، ئون كۈنلۈك سۆھبەت » ، دون كىخوت »
«ھاملېت »، دېڭىز سەرگەردانى روبىنزون كرۇزۇ»،ناپولېئون يەتتە قېتىم ئوقۇپ چىققان كىتاب «ياش ۋېرتىرنىڭ دەردى»،«ئازاد بولغان پرومېتىئۇس»،يېۋگىنى گراندى»،«خارلانغانلار»،«قوش شەھەر خاتىرىسى»«ئاتا ۋە بالا»،ئۇرۇش ۋە تىنىچلىق ».«چۇغلۇق قىز»،«قونچاقلار ئائىلىسى»،تام سۇيئېرنىڭ خەتەرلىك سەزگۈرەشتىسى»،«تام تاغىنىڭ كەپىسى»
قەھىرلىك ئۈزۈم،«ماتەم قوڭغۇرىقى كىم ئۈچۈن چىلىندى.»
يۇقارقىلار 51.دىن 71گىچە تىزىلغان كىتابلاركەن.

يۇقارقىلار «دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن 100كىتاب »دىگەن كىتابنىڭ مۇندەرىجىسىدىن كۆچۈرۈلدى.
مۇندەرىجىدە ھەر بىر كىتابنىڭ 1-2قۇردىن سۇپىتى بار ئىكەن ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن قالدۇرۇلدى.

KALANDAR يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 17:14:15

   يۇقارقى مەزمۇنلار مەن 2012.يىلى 3.ئاينىڭ 20.كۈنى
   مىنىڭ كىتاب ئوقۇش پىلانىم!سىزنىڭ بارمۇ ؟       دېگەن تېمىغا يازغان ئىنكاسىم ئىكەن بۈگۈنگىچە ھىچكىم جاۋاب بەرمەپتۇ ،شۇڭا تېما قىلىپ يوللاپ قويدۇم،ئەتىگىچە تېما تەستىقلىنىپ قالسا 100كىتابنىڭ ئىسمىنى تولۇق يوللاپ قويامەن.....

bilig2010 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 17:51:23

مۇقەددەس كىتاپلا تىزىلمىغان ئوخشايدۇ...؟

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 17:58:37

‹‹قۇرئان كەرىم›› يوقكەنغۇ بۇ دەسلەپكى تىزىملىكلىك ئىچىدە.

KALANDAR يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 11:56:46

bugday يوللىغان ۋاقتى  2014-3-20 17:58 static/image/common/back.gif
‹‹قۇرئان كەرىم›› يوقكەنغۇ بۇ دەسلەپكى تىزىملىكلىك ئىچ ...

‹‹قۇرئان كەرىم›› بار،مەن كىلەر ھەپتە يېزىپ قوياي ،ھەربىر كىتاب توغۇرۇلۇق قىسقىچە ئىزاھات بار ئىدى،بۈگۈن يىزىغا ئۇ كىتابنى ئالماي چىقىپتىمەن.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 14:06:28

قۇرئان ۋە مۇقەددەس كىتاپلارنى تىلغا ئالمىسىمۇ بولىدۇ
ھەممىمىزنىڭ دىلىمىزدا بار

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 19:52:37

تەيۋەنلىك بىرسى يازغان ئاگاھ بولۇڭلار جوڭگۇلىقلار دېگەن نامدا بىر يۈرۈش كىتاب  بولىدىغان  ( 20 يىل بۇرۇن كىتابخانىدا بىر قېتىم كۆرگەنچە ئۇچراتمىدىم) خەنسۇچە نېمە دەيدىغان بولغىيتى ئىسمىنى؟

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 20:01:24

«زوروئاستېر شۇنداق دەيدۇ» نى چۈشىنەلمەي تاشلاپ قويدۇم.  بىر خىل باغلاشمىغاندەكلا.  «داۋىنچىنىڭ مەخپىيىتى»نى ئوقۇپتىمەن.  ئاخىرلىشىشى سەل ئىچىمنى سىقىپ قويدى. شۇندا جىددى ئوقۇپ كىلۋىتىپ موككىدە توختاپ قالدىم.  «مۇھاكىمە ۋە بايان» نى باشلاپتىمەن بۈگۈن.  
  ياخشى كىتاپلار بولسا تەۋسىيە قىلىڭلار ئۇيغۇرچە نەشىردىن چىققان.  

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 20:05:59

qassap يوللىغان ۋاقتى  2014-3-21 20:01 static/image/common/back.gif
«زوروئاستېر شۇنداق دەيدۇ» نى چۈشىنەلمەي تاشلاپ قويدۇم ...

گىراف- مۇنتى كىرىستو يەنە ژيۇل ۋېرىننىڭ ئەسەرلىرى.

Nanqipi يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 20:27:18

قانداق قىغاندا كىتابنى چۈشۈنۈپ ئوقوغىلى بولىدۇ؟ مەن كىتاپ ئوقۇپ يىرىمغا كەپ بوغۇچە بىشىنى ئۇنتۇپ قالىمە. ئىشقىلىپ دەرىسلىك كىتابلانىڭمۇ بىر بابنى ئوقۇپ بوپ ئەسلەپ باقسام كاللامدا ھىچ بىر ئۇقۇم يوق قۇپقۇرۇقلا. ئۇيغۇرچە سەۋىيەم تۆۋەنمۇ يا؟ ئەگەر شۇنداق بوسا ئۇيغۇرتىلى سەۋىيەمنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن قانداق كىتابلارنى ئوقۇسام بولىدۇ؟ كىتاب ئوقۇغاندا نىمىلەرگە دىققەت قىلىشىم كىرەك؟
ئۇستازلار تەلىم بەسەڭلار!

nurbilig يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 20:38:54

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nurbilig تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-21 20:45  

qassap يوللىغان ۋاقتى  2014-3-21 20:01 static/image/common/back.gif
«زوروئاستېر شۇنداق دەيدۇ» نى چۈشىنەلمەي تاشلاپ قويدۇم ...

ئۈزۈم ياقتۇرۇپ ئوقۇغان ۋە ئوقۇۋاتقان كىتاپلار:
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمھالى
قىيادىكى ئوۋچىنىڭ ئاھۇ-زارى
ئىسلامنىڭ سۈبھى ۋە ياشلىق دەۋرى
سوفىيەنىڭ دۇنياسى
جىنايەت ۋە جازا
مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆكۈمدارلىق يولى
ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن
ئەلىشىر نەۋايى: «غەزەللەر»، تيىپجان ئېلىيۇف نەشرگە تەييارلىغان
لىسانەتتەير (موللا سىدىق يەركەندى نەسرلەشتۈرگەن.)
سەددى ئىسكەندەرىي(موللا سىدىق يەركەندى نەسرلەشتۈرگەن.)
پەرھات شىرىن(موللا سىدىق يەركەندى نەسرلەشتۈرگەن.)
لەيلى مەجنۇن(موللا سىدىق يەركەندى نەسرلەشتۈرگەن.)
ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى
يىپەك يولىدىكى توققۇز ھىكمەت
ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئېمىن: «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا»،
سەئىدى: «گۇلىستان»
سەئىدى: «بوستان»
ئابدۇراھمان جامى: «باھارىستان»
ئانايۇرت
ئۆزلۈك ۋە كىملىك
ئوتتۇرا ئاسىيا تۇركى خەلقلەر تارىخى ھەققىدە  12 لېكسىيە
خەزىنىلەر بوسۇغۇسىدا
مەشرەب
تارىخي رەشىدىي
تارىخىي ھەمىدى
بابۇرنامە
تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى
جالالىددىن رۇمى



qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 20:46:03

nurbilig يوللىغان ۋاقتى  2014-3-21 20:38 static/image/common/back.gif
ئۈزۈم ياقتۇرۇپ ئوقۇغان ۋە ئوقۇۋاتقان كىتاپلار:
قىياد ...

قىيادىكى ئوۋچىنىڭ ئاھۇ-زارى
ئىسلامنىڭ سۈبھى ۋە ياشلىق دەۋرىسوفىيەنىڭ دۇنياسىجىنايەت ۋە جازا
مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆكۈمدارلىق يولى
ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن
ئەلىشىر نەۋايى: «غەزەللەر»، تيىپجان ئېلىيۇف نەشرگە تەييارلىغان
لىسانەتتەير (موللا سىدىق يەركەندى نەسرلەشتۈرگەن.)
سەددى ئىسكەندەرىي(موللا سىدىق يەركەندى نەسرلەشتۈرگەن.)
پەرھات شىرىن(موللا سىدىق يەركەندى نەسرلەشتۈرگەن.)
لەيلى مەجنۇن(موللا سىدىق يەركەندى نەسرلەشتۈرگەن.)
ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى
يىپەك يولىدىكى توققۇز ھىكمەت
ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئېمىن: «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا»،
سەئىدى: «گۇلىستان»
سەئىدى: «بوستان»ئابدۇراھمان جامى: «باھارىستان»
ئانايۇرت
ئۆزلۈك ۋە كىملىكئوتتۇرا ئاسىيا تۇركى خەلقلەر تارىخى ھەققىدە  12 لېكسىيە
خەزىنىلەر بوسۇغۇسىدا

تارىخي رەشىدىي
تارىخىي ھەمىدىبابۇرنامە

  قىزىلدا بويالغىننى ئوقۇپ بوپتىمەن.  قالغانلىرىنىمۇ ئوقۇيمەن ئنشائاللاھ.  

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 20:51:17

yolyar يوللىغان ۋاقتى  2014-3-21 20:05 static/image/common/back.gif
گىراف- مۇنتى كىرىستو يەنە ژيۇل ۋېرىننىڭ ئەسەرلىرى.

  كىنوسىنى كۆرگەن ئىسىمدە چالاپۇلا بار.  ئۆزىنىمۇ ئوقۇپ باققىمەن ئاللاھ خالىسا.  
چەتئەلنىڭ نادىر رومانلىرىدىن يەنە تەۋسىيە قىلسىڭىز.   

  بايا كىتاپخانىدا «سۇ بويدا» نى ئوقۇپ باقتىم.  تىلى بەك پاساھەتلىك چىققاندەك. تىلىنى راۋان تەرجىمە قىلسا بەك ئوقۇغۇسى كىلدىكەن ئەدەمنىڭ.  «مۇھاكىمە بايان» نى ئوقۇپ بولۇپ «سۇ بويدا» نى بىر ئوقاي دەيمەن.
  تەرجىمە مۇشۇنداق راۋان چىققان كىتاپلار بولسا تەۋسىيەلەڭلا.  باشقا تورداشلارغىمۇ ئىلتىجا.  

parlaq يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 20:55:38

مەن كىتاب ئوقۇشنى شۇنداق ياقتۇرىمەن لېكىن ئۆتكەن ھەپتە ئوقۇغان مەزمۇنلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ ھەپتىسى دەپ بىرەممەيمەن ئەستە تۇتۇتش قابىلىيىتىم بەكلا تۆۋەن :(

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 21:06:13

qassap يوللىغان ۋاقتى  2014-3-21 20:51 static/image/common/back.gif
كىنوسىنى كۆرگەن ئىسىمدە چالاپۇلا بار.  ئۆزىنىمۇ ئوقۇ ...

قىزىل راۋاقتىكى چۈش . ئۈچ پادىشالىق ھەققىدە قىسسە. ئۈچ قىلىچۋاز. تىنچ دون. ئاننا كارىنىنا. قىزىل قارا. ئۇرۇش ۋە تىنچلىق. ئاتامان. يېۋگىنى گىرانتى. چوغلۇق قىز. مونتى كىرستو. دېگەن كىتابلارنى ئوقۇپ بېقىڭە تەرجىمىسى ياخشى چىققان.
ئادەتتە تەرجىمە راۋان بولمىسا ئادەم كىتابنى ئوقۇپ بولغىچە ھېرىپ كېتىدىغان گەپكەن.
زوررۇئاستېر دېگەن كىتابنىڭ تەرجىمىسى ياخشى چىقمىغان. ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنمىغان چاغدا قىزىقىپ قىينالساممۇ خەنزۇچىسىنى كۆرۈپ چىققان، بىراق ئۇيغۇرچىسىنى كۆرۈپ تەرجىمىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ قالدىم. تەرجىماننىڭ ئۆز تىلىغا بولغان چۈشەنچىسى چوڭقۇر بولمىسا خەنزۇچە تەرجىمىنى ئەينەن چىقىرىمەن دەپ ئۇيغۇرچىنىڭ گىرامماتىكىسىدىن سەل قېيىپ قالىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن تەرجىمە ھېلىقىنداق تىلى ئېغىر...................
قىزىل راۋاقتىكى چۈش . ئۈچ پادىشالىق ھەققىدە قىسسە. سۇ بويىدانى تەرجىمە قىلغان تەرجىمانلار بىلەن مۇھەممەد سالىھ باشچىلىقىدىكى ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلىدىغان تەرجىمانلارنىڭ سەۋىيەسى ھەقىقەتەن يۇقىرىكەن.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 21:23:36

qassap يوللىغان ۋاقتى  2014-3-21 20:51 static/image/common/back.gif
كىنوسىنى كۆرگەن ئىسىمدە چالاپۇلا بار.  ئۆزىنىمۇ ئوقۇ ...

مونتى كىرىستونىڭ كىنوسىدىن رومانى نوچى ( چالا قۇشى دەك).
ژيۇل ۋېرىننىڭ : 15 ياشلىق كاپىتان، سىرلىق ئارال، كاپىتان گىرانتنىڭ پەرزەنتلىرى، دېڭىز ئاستىدىكى 15 مىڭ كىلومېتىرلىق سەپەر مۇ نوچى ئەسەرلەر.
چازار دەرۋىش، گۈلىستان، ھاتەم ھەققىدە قىسسە دېگەنلەرنى سسىز ئوقۇپ بولغانسىز.
ئىلىم- پەن كىتابلىرىدىن: قىزىقارلىق فىزىكا، تالانت ئىگىلىرىنىڭ ئەقىل- پارادىتى، كۆرۈنمەس ئادەم .
ھەممىسى 90- يىللاردىن بۇرۇن ئوقۇغان كىتابلار.
بەت: [1]
: «دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن 100 كىتاب » تىن نەچچىسى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە ق...