taxerik يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 06:23:01

قىممەت باھالىق رىستىپلار

قىممەت باھالىق رىستىپلار


1.
1. ئەتىگەندە تۇز سۇيى ئىچسەڭ شورپا ئىچكەندەك ، كەچتە تۇز سۇيى ئىچسەڭ مەرگىمۇش يىگەندەك .
2. بىر كۈندە 2 دانە ئالما يىسىڭىز ، كىسەللىك سىزدىن نېرى تۇرىدۇ .
3. كۈندە بىر تال چىلان يىسىڭىز ، ئۆمرىڭىز ئۇزۇن بولىدۇ .
4. ياڭاق ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى نەرسە ، يىسىڭىز بۆرەك ھەم مىڭىنى قۇۋەتلەيدۇ .
5. تۆمۇر تاۋلانمىسا پولات بولمايدۇ ، ئادەم ئوزۇقلانمىسا ساق يۇرمەيدۇ .


2
1.    سەۋزە ، ئادەمگىياھنى جىق يىسە ، روھىنى ئۇرغۇتىدۇ .
2.    شوخلىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ، داۋاملىق يەپ بەرگەندە چىراي گۈزەللەشتۇرىدۇ .
3.    تەرخەمەكنىڭ رولى كۆپ ، ئورۇقلىتىش ، ھۆسىن گۈزەللەشتۇرۇش ئۇنۇمى يۇقىرى .
4.    كۆپرەك كەرەپشە يەپ بەرسىڭىز قان بىسىمنى چۈشۈرۈشكە پايدىلىق .


3
1.     يازدا بىر چىنە پۇرچاق ئىشى ئىچسىڭىز ، زەھەر قايتۇرۇپ ، راھەت بىغىشلايدۇ .
2.     ئەتىگەندە 3 دانە زەنجىۋىل يىسىڭىز ، خۇددى ئادەمگىياھ شورپىسى ئىچكەندەك بولىسىز .
3.     قىزلار 3 كۈندە بىر قىتىم نىلۇپەر يىلتىزىنى قاينىتىپ ئىچسۇن ، ئوغۇللار بولسا زەنجىۋىلنى .


4.


1.        3كۈنگىچە ياخشى ئوزۇقلانمىسا كىشى ، ئىككى كۆزى تورلىشىپ كۈندۇزى يۇلتۇزنى كۆرىدۇ .
2.        تاماقتا گۆش بولمىسا بولمىسۇن ، لىكىن شورپا بولسۇن.
3.        تاماقتىن بۇرۇن شورپا ئىچىش دورا ئىچكەندىن ياخشى .
4.        ئۇن تاماقنى كۆپ يىسە ، شورپا ئېچىش كېرەك ، بولمىسا دورا .


5


1.    تاماقنى ۋاقتىدا مۇۋاپىق يىيىش كېرەك .
2.    ھەر ۋاق تاماقنى ۋاقتىدا، مۇۋاپىق  يىگەندە ، ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ .
3.    دائىم قارا ئاشلىق يەپ بەرگەندە ، ھەزىمگە پايدىلىق .
4.    تاماقتا گۆش بولمىسا مەيلى ، لېكىن پۇرچاق بولمىسا بولمايدۇ .
5.    گۈرۈچ تامىقى يىگەندە كەمپۇت قوشۇپ يىسە ، ھەم ئوزۇق ھەم ساغلاملىققا پايدىلىق .


6


1.   ئەتىگەنلىك تاماقنى پادىشاھتەك ، چۈشلۇك تاماقنى ۋەزىردەك ، كەچلىك تاماقنى پۇقرادەك يە .
2.   تاماقنى كۆپ يىگەندە كىسەللىك كىلىپ چىقىدۇ ، ۋاقتىدا مۇۋاپىق يىيىش كېرەك .
3.   ئۇدۇل كەلگەننى يەۋەرگەندە ئاشقازاننى زەخمىلەندۇرۇپ ، ئۇچەينى بۇزىدۇ .
4.    سەي – كۆكتاتنى كۆپ يىگەندە تەن دۇرۇس بولىدۇ .
5.   كىسەلدىن نېرى بولالمىغاندا ئاچ قىلىشنى سىناپ بىقىش كېرەك .


7


1.    كۆز يىشى بولسا قۇرۇپ كىتىدۇ ، كىسەل بولسا ساقىيىدۇ .
2.    ئەرنىڭ كۆز يىشى ھىسىياتنىڭ سۇسلاشقىنى ، قەھرىماننىڭ كۆز يىشى قان ئاققىنى .
3.    ئاۋۋال يۈرەك ، ئاندىن كۆز ئۇخلايدۇ .
4.    دورا ۋە ئوزۇقلۇق ئارقىلىق تولۇقلاش مۇھەببەت ئارقىلىق تۇلۇقلاشقا يەتمەيدۇ .
5.    تائام ئادەمنى ئوزۇقلاندۇرسا ، ناخشا يۇرەكنى رىزىقلاندۇرىدۇ .


8
1.    ئەگەردە ئادەمدە گۆدەكلەرچە قەلىب بولسا بىر ئۆمۈر ياش تۇرىدۇ .
2.    كۈلۈپ تۇرسىڭىز ، ئون ياش ياشىرىسىز .
3.    كۈندە  كۈلۈمسىرەپ باشقىلارغا مۇئامىلە قىلسىڭىز ئاسان قىرىمايسىز .
4.    دائىم كۈلكىنى ئۆزىگە ھەمرا قىلغان كىشى ياشلىقىنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلىيالايدۇ .
5.    يىغلىۋالسىڭىز دەرتلىرىڭىز يىنىكلەيدۇ .




دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار


1.   دائىم كەچلىك تاماقنى تويغىچە يىگەندە ، ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى كۆتىرىلىدۇ ، چۈنكى ئاشقازان ياخشى ئارام ئېلىشقا ئېرىشەلمەيدۇ .
2.   بىر ھەپتىدە پەقەت 4 دانە توخۇم يىيىش كېرەك ، بەك كۆپ يىگەندە سالامەتلىككە پايدىسىز .
3.   توخۇنىڭ ساغرا قىسمىدا راك پەيدا قىلغۇچى ماددا بار ، يىمىسە ياخشى .
4.   تاماقتىن كىيىن مىۋە يىيىش خاتا كۆز قاراش ، ئەڭ ياخشىسى تاماقتىن بۇرۇن يىگەن ياخشى.
5.   پۇرچاق سۇتى بىلەن تۇخۇم ياكى شىكەر  ئىستىمال قىلماڭ ، ھەم كۆپ ئىچمەڭ .
6.   ئاچ قورساق شوخلا يىمەڭ ، ئەڭ ياخشىسى تاماقتىن كىيىن يەڭ .
7.   ئەتىگەن ئورنىڭىزدىن تۇرغاندا بىر ئىستاكان قايناقسۇ ئىچىڭ ، تاش پەيدا بولمايدۇ .
8.   ئۇخلاشتىن 3 سائەت بۇرۇن ھىچنىمە يىمەڭ ، بولمىسا سەمىرىپ كىتىسىز .
9.   سۇتچاينى ئاز ئىچىڭ ، چۈنكى ئۇنىڭ ئىسسىقلىق ئىنىرگىيىسى يۇقىرى ، ماي مىقدارى يۇقىرى ، لېكىن ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن . ئۇزاق مۇددەت ئىستىمال قىلغاندا يۇقىرى قان بېسىم ، شىكەر سېيىش كىسىلى قاتارلىقلارنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ .
10.              ئەمدى پىشۇرغان بولكىنى ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ .
11.              زەرەتلىگۈچ يىراق تۇرۇڭ . كارىۋاتقا قويۇشتىن تېخىمۇ ساقلىنىڭ .
12.              ھەر كۈنى 8 ئىستاكان سۇ ئىچىڭ .
13.              ھەركۈنى ئون ئىستاكان سۇ ئىچسىڭىز دوۋساق راكى بولمايسىز .
14.               كۈندۇزى سۇنى كۆپ ئىچىڭ ، كەچتە سۇنى ئاز ئېچىڭ .
15.              بىر كۈندە ئىككى ئىستاكاندىن كۆپ قەھۋە ئىچمەڭ ، بولمىسا ئۇيقۇسىزلىققا ۋە ئاشقازان كىسىلىگە گىرىپتار  بولىسىز .
16.              يۇقىرى ماي تەركىبلىك يىمەكلىكلەرنى ئاز يەڭ ، ئۇنىڭ ھەزىم بولىشىغا 5-7 سائەتكىچە ۋاقىت كىتىدۇ.
17.              چۈشتىن كىيىن سائەت 5 تىن كىيىن تاماقنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ ، چۈنكى ئۇ ۋاقىتتىن كىيىنكى ۋاقىت كۆپ ئىنىرگىيىگە مۇھتاج بولمايدۇ .
18.              ئۇيقۇنىڭ مۇۋاپىق بولىشى ياخشى ئىش ، ھەر كۈنى 8 سائەت ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك ، چۈشلۈك ئۇيقۇنى ياخشى ئۇخلىغان ئادەم ئاسان قىرىمايدۇ .
19.              ئەڭ ياىشى ئۇيقۇ ھالىتى كەچ سائەت ئون ۋە ئەتىگەن سائەت ئالتە .
20.              ھەر كۈنى ئىچكەن ھاراق بىر رومكىدىن ئېشىپ كەتمىسۇن ، چۈنكى ھاراق ئىممۇنىت كۈچى بار ھۈجەيرە سانىنى ئازايتۋىتىپ ، ھۇجەيرىنىڭ يۇقۇملىنىش پۇرسىتىنى ئاشۇرۋىتىدۇ .
21.              كاپسۇللۇق دورىنى ئىستىمال قىلغاندا سوغۇق سۇ بىلەن ئىچكەن ياخشى ، ئۇخلاشتىن يىرىم سائەت بۇرۇن ئىستىمال قىلىڭ ، يىتىۋىلىشتىن ساقلىنىڭ .
22.              بۆلجۇرگەننىڭ قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار ،
23.              چاچ چۈشۈشنىڭ سەۋەبى : كىچسى ئۇخلىماي تۈنەش ، بىسىم ، ھاراق – تاماكا ، توخۇ قانىتى يىيىش ، ئاچچىق – چۈچۈك يىيىش ، مايلىق تاماقلارنى يىيىش ، تەم تەڭشەيدىغان ماددىلارنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىشلىتىش سەۋەبىدىندۇر .
24.              چاچ ئۆسۈشكە پايدىلىق ئىشلار : سەي – كۆكتاتنى كۆپرەك يىيىش ، پۇرچاق تۇرىدىكىلەر؛ تاتلىق يىمەكلىكلەرنى ئاز يىيىش ( كەمپۇتنى ).
25.              ھەركۈنى بىر ئىستاكان لىمۇن شەربىتى ياكى ئاپىلىسىن شەربىتى ئىچكەندە ، چىراينى ئاقارتىپلا قالماي يەنە داغ يوقىتىدۇ .
26.              ھەر كۈنى ئالما يەپ بەرسىڭىز ساغلام ئۆپكىگە ئىگە بولىسىز .
27.              تاماكا چىكىپ ، ۋىتامىن ب نى تولۇقلىغاندا ئاسانلا راكنى پەيدا قىلىدۇ . بالدۇر تاماكىنى تاشلاش ، ساغلام ياشاشنىڭ ياخشى ئوسۇلى.
28.              ئاياللارنىڭتۆۋەندىكى بەش مەزگىلدە چاي ئىچمەسلىكى كېرەك : ھەيىز كەلگەندە ، ھامىلدار بولغاندا ، تۇغۇتتىن بۇرۇن ، تۇغۇتتىن كىيىن ، ياشلىق مەزگىلىدە .
29.              تاماكا چىكىش : ئۆپكە راكى ، گال راكى ، تىل راكى، كاناي راكى ، ھەزىم قىلىش يولى راكى ، يەنە دوۋساق راكىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ .
30.              ھاراق ئېچىش جىگەر قېتىشىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ ، جىگەر راكىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ .


داۋامى بار  


تەرجىمىدە : كۆكنۇر ئۇچۇر بۆلۈمىدىن رازىيە ساتتار

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 06:27:36

{:112:}

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 07:23:06

نىنچى قويۇش مۇشۇنداق تېمىغا يارىشىدۇ.:lol
رەخمەت سىزگە .

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 10:37:54

قىشتا كىيىم كەيمەي چىقسا سۇغۇق ئۆتۈپ قالىدۇ، يازدا كىيىم كەيمەي چىقسا ئۇيات بولىدۇ.:lol

Fatema يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 10:52:26

رەھمەت سىزگە. كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدۇق.

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 12:33:21

داۋامى مۇشۇ تېمىدا بولامدۇ ياكى؟

tanha19 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 13:32:14

hoopeelover يوللىغان ۋاقتى  2014-3-20 10:37 static/image/common/back.gif
قىشتا كىيىم كەيمەي چىقسا سۇغۇق ئۆتۈپ قالىدۇ، يازدا كىي ...

قىشتا كىيىم كەيمىسە ئۇيات بولمايدىكەندە :lol

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 16:21:23

hoopeelover يوللىغان ۋاقتى  2014-3-20 10:37 static/image/common/back.gif
قىشتا كىيىم كەيمەي چىقسا سۇغۇق ئۆتۈپ قالىدۇ، يازدا كىي ...

بىرىنچى ئاينىڭ كەينىدىن ئىككىنچى ئاي كىلىدۇ. نان يېسىڭىز قورسىقىڭىز تويىدۇ.:lol

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 16:22:03

hoopeelover يوللىغان ۋاقتى  2014-3-20 10:37 static/image/common/back.gif
قىشتا كىيىم كەيمەي چىقسا سۇغۇق ئۆتۈپ قالىدۇ، يازدا كىي ...

بىرىنچى ئاينىڭ كەينىدىن ئىككىنچى ئاي كىلىدۇ. نان يېسىڭىز قورسىقىڭىز تويىدۇ.:lol

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 20:09:31

MSM يوللىغان ۋاقتى  2014-3-20 16:22 static/image/common/back.gif
بىرىنچى ئاينىڭ كەينىدىن ئىككىنچى ئاي كىلىدۇ. نان يېسى ...

مانا بۇ ئىزدىنىشنىڭ كارامىتى-دە! جىق ئادەملەرنى دانالارچە پىكىر قىلىدىغان قىلىۋېتىدۇ.

taxerik يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 09:31:24

قىممەت باھالىق رىستىپلار(2)



1.    سوغۇق سۇدا پۇت يۇيۇش سالامەتلىككە زىيانلىق .

2.    يازدا ئاچچىق – چۇچۇكلەرنى  مۇۋاپىق يەپ بېرىش سالامەتلىككە پايدىلىق .

3.    كۆپ سۇ ئېچىش بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .

4.    يازدا ئۇستىگە كىيىم كىيمەي ئۇخلاش ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس .

5.    قىشتا ئوزۇقلۇق مىقدارى يۇقىرى يىمەكلىكلەرنى يىيىش كېرەك .

6.    قىشتا يۇيۇنۇش قېتىم سانى ئاز بولغان ياخشى.

7.    قىشتا ئىسسىق ئۆيدە ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇشقا بولمايدۇ .

8.    قىشتا ئۇزۇن مۇددەت تۇمان ئارىسىدا قىلىش ياخشى ئەمەس .

9.    قىشتا شارپىنى ماسكا ئورنىدا ئىشلىتىش ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس .

10.              قىشتا سەھەردە باش يۇيماڭ .

11.              بەدەن چىنىقتۇرۇشتىن بۇرۇن بەدەننى قىزىتىش كېرەك .

12.              ھەرىكەتتىن زەخمىلەنگەن يەرنى سوغۇق سۇدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

13.              پىيادە مىڭىش مىڭىنى ساغلام قىلىدۇ .

14.              پىيادە مىڭىشش ئوتتۇرا ياش چوڭلارغا نىسبەتەن ياخشى چىنىقىش شەكلى ھىسابلىنىدۇ .

15.              چوڭقۇر نەپەسلىنىش ياشانغانلار سالامەتلىكىگە زىيانلىق .

16.              ياشانغانلار ئەتىگەنلىك چىنىقىشتىن ئىلگىرى ئازراق قورساق توقلىۋىلىشى كېرەك .

17.              ھەرىكەتتىن كىيىن بىر ئىستاكان سۈت ئېچىش كېرەك .

18.              ئۇيقۇ يىتەرلىك بولسا سالامەتلىككە پايدىلىق .

19.              كەيپىياتنىڭ ياخشى بولماسلىقى ئاشقاززان كىسىلىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ .

20.              تىلفۇنغا چاپلاپ چاپلىۋىلىش كۆزگە زىيانلىق .

21.              ئىشخانا خىزمەتچىلىرى ئىشخانىسىدا چۈشلۇك تاماق يىمەسلىكى كېرەك.

22.              چۈشلۈك ئۇيقۇ تاجىسىمان يۈرەك كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .

23.              يىڭى قاينىغان سۇ بىلەن جۇڭيى دورىسى ئېچىش ياخشى ئەمەس .

24.              جۇڭيى دورىسى ئىچكەندە شىكەر قوشماڭ.

25.              95% ئىسپىرىت بىلەن دىزىنفىكسىيە قىلماڭ .

26.              ئۆيىڭىزگە كۈندە 3 سائەت كۈن تىگىشىپ تۇرسا ياخشى .

27.              چىقىلىپ قالغان چىنە – قاچىلارنىڭ رادىئاكسىيىسى يۇقىرى  بولىدۇ .

28.              ياتاق ئۆيىڭىزنىڭ دېرىزىسىدە يوچۇق بولغىنى ياخشى .

29.              سەھەردە دېرىزىنى ئاچماڭ .

30.              چوكىلارنى ياخشىسى يىرىم يىلدا بىر قېتىم ئالماشتۇرغان ياخشى .

31.              توغرا چىش چوتكىلاش چىش پاسسىسى تاللاشتىن تەس .

32.              چىش چوتكىلىغاندا قان چىقسا تىزدىن چىش چوتكىسىنى ئالماشتۇرۇڭ.

33.              ئورنىدىن تۇرۇپلا يوتقان يىغىش ياخشى ئادەت ئەمەس .

34.              يوتقاننى پات – پات ئاپتاپقا يىيىپ تۇرۇش كېرەك .

35.              ئاچقورساققا ھەسەل ئىچىشكە بولمايدۇ .

36.              ھەسەلنى چايغا قويۇپ ئىچىش مەسلىكنى يىشىدۇ .

37.              گۆشسىز تاماق يىيىش قۇڭگولۇقلارغا ماس كىلىدۇ .

38.              دىڭىز يۇسۇنى يۇقىرى قان بىسىمنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .

39.              سوغۇق سۇدا يۇز يۇيۇش پايدىلىق .

40.              چىش چوتكىلىغاندا يىلمان سۇ ئىشلىتىڭ .

41.              پۇتنى يىلمان سۇدا يۇيۇڭ.

42.              پۇت تۇڭلاپلا تۇرسا ئادەم ئاسانلا زۇكام بولۇپ قالىدۇ .

43.              يىمىكلىكنى چايناپ ئىستىمال قىلىش چۇڭ مىڭىنىڭ قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .

44.              چۈشتىن كىيىن ئاپتاپقا قاقلانسا سالامەتلىككە پايدىلىق .

45.              دائىم چاچ تاراپ بېرىش سالامەتلىككە پايدىلىق .

46.              دائىم كۈلۈمسىرەپ تۇرۇش سالامەتلىككە پايدىلىق .

47.              كۆز يىشىنى مەجبۇرىي توختىۋىلىش ئۆزىنى يۇشۇرۇن ئۆلتۇرۋىلىش بىلەن تەڭ .[

48.              كىچىك تەرەت قىلغاندا چىشىنى چىڭ چىشلەپ تۇرۇش پايدىلىق .

49.              چۈشكۈرگەندە ئېغىزىڭىزنى ئېتىۋالماڭ .

50.              ھەر كۈنى بىر ئىستاكان قەھۋە ئېچىش سالامەتلىككە پايدىلىق .

51.              قايناقسۇنى 3 كۈن تۇرۇپ كەتسە ئىچسە زىيانلىق .

52.              قەھۋەنى ئىسسىق ئىچسە ياخشى .

53.              ھاراقتىن كىيىن قەھۋە ئېچىش يۇقىرى قان بىسىمنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ .

54.              چۈشتىن كىيىن چاي ئىچىش ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۇرۇشكە پايدىلىق .

55.              يىشىل چاي جىگەر ياللۇغى جىگەر راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .

56.              زۇكام بولۇپ قالغاندا ئاچچىق چاي ئىچمەسلىك كېرەك .

57.              ئىسسىق ساقلايدىغان ئىستاكانغا چاي دەملەپ ئىچمەڭ .

58.              كەچلىك تاماتىن ئىككى سائەت كىيىن قىتىق ئىچىپ بەرسە پايدىلىق .

59.              ئاچ قورساق قىتىق ئىچسە زىيانلىق .

60.              دائىم پۇرچاق سۇتى ئىچىپ بېرىش سالامەتلىككە پايدىلىق .

61.              ئاق ھاراقنى قورۇمىغا تەم تەڭشىگۇچ قىلىشقا بولمايدۇ .

62.              دائىم ياڭاق يەپ بېرىش يۈرەككە پايدىلىق .

63.              يەر ياڭىقىنىڭ قېرىشىنى كىچىكتۇرۇش رولى بار .

64.              دائىم يەر ياڭىقى يەپ بەرگەندە ئۆتتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .

65.              دائىم يەر ياڭىقى يەپ بەرگەندە ئاشقازان كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .

66.              ئاچچىقسۇغا چىلانغان يەر ياڭىقى قان تومۇرنى يۇمشىتىدۇ .

67.              تەرخەمەكنى ئۇزۇن مۇددەت توڭلاتقۇدا ساقلاشقا بولمايدۇ.

68.              ئۈزۈم يىيىش ئارقىلىق جىگەرنى ئاسرىغىلى بولىدۇ .

69.              مېۋە – چىۋەنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى كۆكتاتقا قارىغاندا ئاز .

70.              سەۋزىنىڭ قان بىسىمىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار .



داۋامى بار

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 20:04:14

http://imla.uyghurdev.net
بەت: [1]
: قىممەت باھالىق رىستىپلار