waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 00:12:05

شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا بىيجىڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇردى

ئۈرۈمچى ۋاقتى 3- ئاينىڭ 19- كۈنى كەچ ، 2013- 2014-پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى ئۇمۇمى ھەل قىلغۇچ تۈنجى مەيدان ئۇچرىشىش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىپ،  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى قىزىل تاغ تەنتەربىيە مەيدانىدا بېيجىڭ جىنيۈ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى.  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ گۈاڭخۈي كوماندىسى 75-95 نەتىجە بىلەن  تۇنجى مەيدان  ئۇچرىشىشتا 20نۇمۇر پەرىق بىلەن ئېچىنىشلىق  مەغلۇپ بولدى.
  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە  شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئىككى ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى خۇدىسون 21 نومۇر، 8 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 3 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛  سېنگېلدون 18 نومۇر، 10 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  سۇۋىي 9 نۇمۇر، 3 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  جاڭ چىڭپىڭ 9 نۇمۇر، 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 2 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ تاڭ جىڭدۇڭ 6 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ شىرئەلىجان 5 نۇمۇر، 2 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 3 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ لىيۇشۇنەن 4 نۇمۇر، 2 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛
قىرانبەك 3 نۇمۇر، 1 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
  بېيجىڭ جىنيۈ كوماندىسىدىن بەش ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى مابۇلى 21 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 5 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ مورسى 23 نومۇر، 13 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ سۈن يۈ 15 نۇمۇر، 6 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2 قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ جاڭ سۇڭتاۋ 15 نومۇر، 8 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ جىجى 15 نۇمۇر ئالدى.
مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى بويىچە، شىنجاڭ گۇاڭخۈي كوماندىسى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى  قىزىل تاغ تەنتەربىيە  مەيدانىدا  ئىككىنچى  ئايلانما ئۇچرىشىش مۇسابىقىسى ئوينايدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 07:28:36

ئاۋۇ ئولتۇرغانلار شىرئەلىجاننىڭ ئاتا-ئانىسى ئىكەندە، ئانىسىنىڭ چىرايىدىكى تەبەسسۇمدىن ئوغلىدىن قانچىلىك ئىپتىخارلىنىدىغانلىقىنى كۆرۋالغىلى بولىدىكەن.

parlaq يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 08:17:50

كۆرۈلمەنلەرنىڭ ئاساسلىقى خەنلەرمۇ نېمە ؟ مىللىتىمىز ئانچە قىزىقمايدىغان ئوخشايدۇ . :)

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 08:49:00

خەنزۇچە ئاشخانىغا كىرمەيمىزغۇ ئادەتتە.

laysu يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 10:31:24

تۇنۈگۈن ياخشى ئوينىيالمىدى،بەلكىم 10 كۈن دەم ئېلىپ ، مۇسابىقىگە تازا كىرىشەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن.
ئاچچىقىمدا مۇسابىقىنىڭ ئاخىرىنى كۆرمىدىم.
ئەمدى نورۇز كۈنى ياخشى ئويناپ بىزدەك مەستانىلەرگە بايراملىق سوۋغا بەرسە بولاتتى.

sada425 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 20:57:11

ئافرىقىلىقلىنى ئەكىرمەي نوچى بولسا بىيجىڭلىق ئۆزى ئۇينىسا بولمامدۇ دەيمە ؟...:shutup:

atarut يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 20:57:20

مىنىڭچىمۇ شىنجاڭ كوماندىسى يىقىلىپ يەنە ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ئوينايدىغانلار. لياۋنىڭ بىلەن ئوينىغان باشتىكى مۇسابىقىدىمۇ بەك قىينالغان.  كىيىن سۈرىۋەتتى.    لىكىن تۈنۈگۈن پەقەت ئىچىلالمىدى. بەك قالايمىقان ئويۇن بولدى.  مەيۈسلىنىپ كەتمەي، ئەسلى ئالاھىدىلكى بويچە  يىراقتىن ھۇجۇم بىلەن، گار ئاستىدا سىڭگىلتون تاڭ جىڭدۇڭ ماسلىشىپ ئويناۋەرسە توغرا بولاتتى.

umed يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 16:00:20

bahadirlarbiz يوللىغان ۋاقتى  2014-3-20 07:28 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ ئولتۇرغانلار شىرئەلىجاننىڭ ئاتا-ئانىسى ئىكەندە،  ...

شۇنداق، ئولتۇرغان ئىككەيلەن شىرئەلىجاننىڭ ئاتا-ئانىسى.

atarut يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 20:18:46

ئىسىت يەنە ئۇتتۇرىۋەتتى.  4-چارەك  مۇسابىقىدە ئەڭ ئاخىرىدا خادىسىن يەنە 2سىكونت پۇرسەت كۈتكەن بولسا ياكى، قارشى تەرەپنى قائىدىسىزلىق قىلىشقا مەجبۇرلىغان بولسا يىڭىشى مۇمكىن ئىدى. لىكىىن راسىت گەپ قىلغاندا بىيجىڭ كوماندىسىنىڭ كەيپىياتى شىنجاڭ كوماندىسىدىن ياخشى بولدى.  تىخنىكا جەھەتتە بىيجىڭ كوماندىسىدىكى مولىس شىنجاڭ كوماندىسىغا ئىنتايىن ئىغىر بىسىم ئىلىپ كەلدى.

joshua يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 21:52:00

قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتنى كۆرەلمىگەن ئىدىم، ئېسىت شىرەلى ياخشى ئوينىغان ئىدى.
بەت: [1]
: شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا بىيجىڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇردى