ئەسسالامۇ ئەلەيكوم
بازارلاردا سىتىلىۋاتقان يۇل باشلاش سىستىمىسى تۇرغا ئۇلانمىغان شارائىت ئاستىدا يۇل باشلاپ بىرەلەيدىكەن يانفۇننىڭمڭ تۇرغا ئۇلانمىغان ئەھۋال ئاستىدا يۇل باشلاپ بىرەلەيدىغان دىتال بارمۇ ھەقلىق بۇلسىمۇ مەيلى، ئەگەر بۇلمسا يول باشلاش سىستىمىسى قانچىلىك تۇر ئىقىمى خۇرىتىدۇ، مەن ئايدا 2-3 قىتىم سىرىتقا چىقىمەن ئالدىنقى قىتىم كىچىدە يەكەنگە كىلىپ دۇلەت يۇلىغا چىقالماي 1 سائەت ئەتىراپىدا ئىزىپ قىلىپ خىلى تەس چىقتىم腾讯地图 يول باشلاش ئۈچۈن، ئەڭ ئاۋال سىزنىڭ تۇرىۋاتقان ئورنىڭىزنى ئىنىق بېكىتىش كېرەك. سىزنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمىسە قانداق يول باشلايدۇ؟
ماشىنىغا ئورنىتىدىغان يول باشلىغۇچ (ئوخشاش مەنىنى بىلدۇردىغان بىرلا سۆز بار ئىدى. ھەجەپ ئېسىمگە ئالالمىدىم. جۇڭگۇ ئازاتلىق ئارمىيەسىگە يول باشلايدىغان بىر كېنو بار ئىدى. باۋۇدۇن ئىسىملىق بىرى يول باشلاپ بېرەتتى. شۇ كېنوندا يول باشلاش دىگەننىڭ بىر سۆزلۈك بىر ئىسىمى بارئىدى. ئىشلەتمىگەنسىرى جىق سۆزلەرنى ئۇنتۇلۇپ قالىدىغان ئوخشايمىز.) بېۋاستە GPS سۇنئى ھەمراسىدىن ئۇچۇر قوبۇل قىلىپ سىزنىڭ تۇرىۋاتقان ئورنىڭىزنى بېكىتىپ بېرىدۇ. شۇڭلاشقا تور بولمىسىمۇ يول باشلىيالايدۇ.
بەزى تېلفونلارنىڭ ئايرىم GPS قۇرۇلمىسى بار، تور بولمىغان شارائىتتىمۇ يول باشلىيالايدۇ.
سىزنىڭ كۆزدە تۇتقىنىڭىز تور يوق شارائىتتا خەرىتە كۆرۈش بولسا، خالىغان خەرىتە ئەپلىرىدىن بىرنى تاللاپ تېلفونغا قاچىلىغاندىن كىيىن، تور بار شارائىتتا خەرىتىلەرنى تېلفونغا چۈشۈرۋالسىڭىز، سىرىتقا چىققان، تور يوق شارائىتتىمۇ قاتناش خەرىتىنى كۆرەلەيسىز. ئاۋال ۋايفاي بار جايدا، يانفۇنغا خەرىتە چۈشۈرۈۋالىمىز.، ئەگەر تەلىپىمىز يول خەرىتىسىدىن ھالقىپ، سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتىنى تەلەپ قىلساق، كۆپ بارىدىغان دائىرىلەرنى يانفۇندا چوڭلىتىپ كۆرۈش جەريانى ئارقىلىق، يانفۇن خەرىتىسىنى تولۇقلىۋالىمىز. ئاندىن، يانفۇن تورىغا ھاجىتىمىز قالمايدۇ، GPS نىڭ خەلق پايدىلىنىدىغان سىگنالى ھەقسىز، تاق يۆنىلىشلىك سېگنال. يانفۇن تورى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، ئورۇننى يانفۇندىكى مۇستەقىل GPS ئۈزەك بىكىتىدۇ. ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام..سىزنىڭ باھانىڭىزدە مەنمۇ بىلىۋالدىم. 百度地图 高德地图 لارنى چۈشۈرۈڭ
离线地图ئىقتىدارى بار Amap مۇشۇ يەردىكى خەرىتە دېتالى iOs ۋە Android سېستېمىلىق تېلفونلارنىڭ تورسىز مۇھىتتا يول باشلاش ئىقتىدارى ئۈچۈن ماڭا يارايدۇ.
ئەمدى Windows Phone سېستېمىلىق تېلفون بولسا، مەن ئادەتتە Bing Map نى ئىشلىتىمەن. Windows Phone سېستېمىسىدا تورسىز يول باشلاش سېستېمىسىنى ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئەپ يوق چېغى. يەنە بىر قىتىم تەۋسىيە
腾讯地图 مۇشۇنى تەۋسىيە قىلىمەن . ئورنىڭىزنى بەلگىلەپ بارماقچى بولغان ئورۇننى ئاۋازلىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ، سىزنىڭ كوردىناتىڭىز ئەتراپىدىكى بانكا ، دوختۇرخانا، ئاشخانا قەھۋە خانا ، تورخانا, KTV قاتارلىق ئېھتىياجلىق ئورنلارنى كۆرسىتىپ سىزگە ماشىنلىق كوچا ئاپتۇبۇسلۇق ۋە پىيادە مېڭشتىكى ئەڭ قولاي لاھىيەنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
مانداقتىن ئالسا ياخشىمىكى :lol بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Typography تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-20 12:43
ئىككى قېتىم ئەۋەتىلىپ كېتىپتۇ. 高德地图نى تەۋسىيە قىلاي
بەت:
[1]