يەنەيانفۇن تۇغۇرلۇق گەپ قىلسام
يانفۇن تۇغۇرلۇق مەسلەھەت بەرگەن بۇلساڭلاركۇمپىيۇتىر ۋە يانفۇن تۇر شارائىتى ئاستىدا يانفۇن ئارقىلىق ئائىلە كۇمپىيۇتىرمنى يېراقتىن كۇنتىرۇل قىلغىلى بۇلامدا؟ قىلغىلى بۇلسا قانداق يۇمتال كىتىدۇ؟
ياردىمىڭلارنى ئايىماسلىقىڭلارنى سۇرايمەن ماۋۇلارنى كۆرۈپ بېقىڭ
http://www.qutyar.net/mb/thread-8222-1-1.html
http://bbs.rohlan.com/thread-17476-1-1.html ئاپتاپپەرەسنىڭ (向日葵)بۇ ئىقتىدارى بەك ياخشى. كومپيۇتېر ئىكرانىنى نازارەت قىلىش. يىراقتىن كونترول قىلىش. كومپيۇتېرغا چېتىلغان كامىرا ئارقىلىق ئۆي ئىچىنى كۆرۈش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بار.
www.oray.com دىن ھەقسىز ھىساپتىن بىرنى ئىلتىماس قىلىسىز.
http://sunlogin.oray.com/zh_CN دىن ئاپتاپپەرەسنىڭ كومپيۇتېر ۋە ئاندروئىد نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلايسىز. كومپيۇتېرغا نازارەت قىلىنغۇچى تەرەپ نۇسخىسىنى قاچىلاپ مۇناسىۋەتلىك تەڭشەكلەرنى تەڭشەپ بولغندىن كىيىن بايا ئىلتىماس قىلغان ھەقسىز ھىساپ نومۇرىنى كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ. ھازىر بۇ يۇمشاق دىتالنى ئىشلەتمىگەن بولغاچقا قەدەم باسقۇچلىرىنى تەپسىلى يازمىدىم. خەنزۇچە بىلسىڭىز قىيىنچىلىق يوق.
ئاندىن ئاندروئىدقا مۇناسىۋەتلىك ئەپنى قاچىلاپ بايىقى ھىساۋات نومۇرىنى كىرگۈزسىڭىز نازارەت قىلىنغۇچى كومپيۇتېرلار تىزىملىكىدە ئۆيىڭىزدىكى كومپيۇتېر كۆرۈنىدۇ. تېلفونىڭىز قايسى سېستېمىلىق؟
ناۋادا Windows Phone سېستېمىلىق تېلفون بولسا Pc Remote دەپ بىر ئەپ بار، Microsoft ئەپ بازىرىدىن چۈشۈرۈپ قاچىلاپ، ئاندىن Pc remote ما ئادرېستىن كومپيۇتېر تېرمىنالىنى چۈشۈرۈپ كومپيۇتېرىڭىزغا قاچىلاپ، تېلفوندىكىسى بىلەن كومپيۇتېردىكىسىنى بىللە قوزغاتسىڭىز، ئىككىلىسى بىر سىمسىز تور مۇھىتىدا بولسىلا تېپىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تېلفوندىن پايدىلىنىپ، كومپيۇتېرنىڭ ئېكرانىنى ئۆچۈرۈش، ئاۋازنى كونترول قىلىش، تېلفون ئېكرانىدا كومپيۇتېر ئۈستەل يۈزىنى باشقۇرۇش، كومپيۇتېرنى تاقاش، قۇلۇپلاش دېگەندەك مەشغۇلاتلارنى قىلالايسىز، تامغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ كىنو كۆرىدىغان چاغدا بۇ دېتال ئوبدانلا ئەسقاتىدۇ، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا orhun1977 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-20 11:49
قىممەت لىك ۋاقتى چىقىرىپ ماڭا مەسلىھەت بەرگەن قىرىنداشلارغا رەخمەت ئىيتىمەن ، نەچچە كۇمپىيۇتىرنى كۇنتىرۇل قىلغىلى بۇلىدۇ.
تىلفۇنۇم Note 3 9009 تىلگىراف نۇسقىسى، قۇش كارتىلىق. مەن دىگەن يۇمشاق دىتالنى نەچچە كومپيۇتېرغا قاچىلىسىڭىز ئوخشاش بىر ھىساۋات نومۇرى بىلەن كونترول قىلسىڭىز سانى چەكلەنمەيدۇ. بىرلا ۋاقىتتا بىر كومپيۇتېرنى نازارەت قىلالايسىز. ئۇنىڭدىن چېكىنىپ يەنە باشقا كومپيۇتېرنى نازارەت قىلىسىز. بىرلا ۋاقىتتا نىردىن ئارتۇق كومپيۇتېرنى نازارەت قىلغىلى بولمايدۇ. ئەگەر بىر ئائىلىدىكى كومپيوتېر سىملىق ، تېلېفۇن سىمسىز (بىر روتىردىن)چىققان بولسىچۇ؟ كۇمپىيۇتىرىم بىلەن تىلفۇنۇمنى ئۇڭۇشلۇق ئۇلىۋالدىم رھمەت سىلەرگە. orhun1977قايسى دىتالدىن پايدىلاندىڭىز؟تەجرىبىڭىزنى سۆزلەپ باقمامسىز ماۋۇلارنى كۆرۈپ بېقىڭ
http://www.qutyar.net/mb/thread-8222-1-1.
بەت:
[1]