abux311 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 15:38:47

بىلىم سېتىش ئېلانى

بۇ بىر تۈركۈم كىتاپ بىلىملىرى كىم ئارتۇق قىلىپ سىتىلىدۇ!
پۇرسەت غەنىيمەت !  
كىتاپ سانى چەكلىك !
قانۇنلۇق نەشىردىن چىققان كىتاپلار !
( باشقىلارنىڭ ھاۋالىسى بويىچە ،بۇ يەرگە چىقىرىلغان )
تۈركى تىللار دىۋانى 1980 يىل 1-باسمىسى    1200            
تۈندىكى چاقماق 1998-يىل 2-بىسىلىشى50              
سەددى ئىسكەندەر 1991-يىل 1-باسىمىسى       100            
قاراخانىيلارنىڭ قىسقىچە تارىخى 1984-يىل 1-باسىمسى     100   
نىزارى داستانى 1985-يىل 1-باسمىسى    150                 
غەزەللەر  1983-يىل 1-باسمىسى 150                     
تۈرۈكچە-ئۇيغۇرچە لوغەت 1989-يىل 1-باسمىسى 400         
-5كورپۇسنىڭ ئىنقىلابى مۇساپىسى 1989-يىل 1-باسىمىسى80   
پارس مەكتۈپلىرى 70                                   
تىرىلش70                                          
سەبئەئى سەييار 100                                    
كۈرەش يولى  100                                       

Abdurehman يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 17:30:58

جۈملە ئاخىرىدىكى سانلار باھاسىنى كۆرسىتەمدۇ؟

yanwar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 17:31:32

مەنمۇ بىر نەچچە يىللىق كونا كىتاب سودىسى قىلىش جەريانىدا 30 يىلغا يېقىن ئوقۇرمەنلىك ھاياتىمدا ئىسمىنى ئاڭلىغان، لېكىن ئۆزىنى كۆرمىگەن بىر قىسىم كىتابلارنى كۆردۈم. سېتىۋالدىم. ئارتۇقلىرىنى لازىم قىلىدىغانلارغا مۇۋاپىق باھادا سېتىپ بەردىم. ھەر قېتىم ئۆزۈم قەتئىي تونۇمايدىغان بىر قىسىم تورداشلارنىڭ كارتامغا پۇل سالغىنىنى كۆرگەندە ۋە «كىتابنى تاپشۇرۇۋالدىم!» دەپ تېلېفون قىلغىنىدا يۈرىكىم ئاجايىپ بىر خىل خۇشلۇققا تولۇپ كېتىدۇ. شۇنداق چاغلاردا ئىشەنچنىڭ بىر ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم نەرسە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىمەن.
بۇ كىتابلارنىڭ باھاسى ھەقىقەتەن مۇۋاپىق بوپتۇ. ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن!

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 18:29:56

كۆرەش يولى دېگەن كىتابنىڭ ئاپتۇرى كىم؟

bilhux يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 20:38:11

ئەپسۇس كۆپۈنچىسىنى مەن ئوقۇپ بوپتىكەنمەن ..........
   قەدىمكى ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت كىتاپلاردىن يەنە بارمۇ ..؟؟
قارا خانىيلار  بولسا يېقىنقى زامان تارىخىمىز  بۇمۇ ياخشى  تارىخمىز بولمىسا ........
   ھازىر جىق تارىخىمىز  ئېلىشىپ كېتىپ باردۇ  .. 500  نەچچىنجى يىلدىن ئىلگىركى سېستىمىلىق تارىخمىزغا ئائىت كىتاپلار بولغان بولسا  ئسىت .......  ھونلارغا ئائىت كىتاپلارنى ئوقۇغان بىلەن يەنىلا بىر يەرلىرى بىر بىرگە زىت كەپقالغان .....  مو دۆلىتى ( مو مەدەنىيەتلىك دۆلىتى ) بىلەن ھونلارنىڭ ئارىسىغىچە بولغان ئۇيغۇرچە ماتتىرياللار  چۇرتلام يوقكەن ......  ئارىئاننى بىرسى ئۇيغۇرغا يېقىن دىسە بىرسى ئۇيغۇر بىلەن ئالاقىسى يوق پارىس بىلەن قانداشلىغى باردىگەن ..   قاچانغىچە  ئورخۇن ، قارا خانىيلار غا ئائىت كىتاپلارنى ئوقۇپلا يۈرەمىز ؟؟؟؟
  يادقىمۇ بوپ كەتتى بۇ كىتاپلار ....

bilhux يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 20:39:24

مۇشۇنچىۋالا قىممىتى بار كىتاپلارنى ساقلاپسىز ...!
    سىزگە كۆپ تەشەككۈر !!!!!!!
     ئاللا  ئىشلىرڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن !!!!
    رەھمەت سىزگە !

elipbe يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 21:14:57

ماۋزۇ قويۇشقا ئۇستا بوپ كېتىپتۇغۇ بۇلار

esyankar75 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 22:03:48

بىر ئىش ئەقلىمدىن ئۆتمەيدۇ ، خەنزۇلارنىڭ كونا كىتابلىرى يايمىلرىىدا بەك ئەرزان ، لىكىن بىزنىڭ كونا كىتابلار نىمە ئۈچۈن شۇنچە قىممەت ، بەلكىم مەزمۇنى ئۆزگەرتىۋىتىلگەن دىيىشى مۇمكىن لىكىن ئۆزگەرتىلمىغانلىرىمۇ شۇنداق قىممەت ؟
بۇ ھەرگىز قورساق ئاغىرىقىدا دىگەن گىپىم ئەمەس مۇشۇنىڭغا بىلىدىغانلار بىر قايىل قىلارلىق جاۋاب بەرگەن بولساڭلار؟

lopnuri يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 22:56:37

قاراخانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى، 5-كورپۇسنىڭ ئىنقىلاۋى مۇساپىسى دېگەن كىتابلىرىڭىزنى مەن ئالاي. سىز بىلەن قانداق ئالاقە قىلىمەن؟مۇمكىن بولسا، ئالاقىلىشىش نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرسىڭىز.

lopnuri يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 22:58:28

بولمىسا، ئەتە چۈشتىن بۇرۇن ماڭا تېلېفۇن قايتۇرۇڭ. تېلېفون نۇمۇرۇم: 13579038173

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 23:39:17

«مەزمۇنى ئۆزگىرىپ كىتىپتۇ»،«قىسقارتىۋىتىپتۇ»...دېگەندەك گەپنى كۆپ ئاڭلاپ، كېيىن قايتا نەشىر قىلغان كىتابقا كىشىنىڭ بارا-بارا ئىشەنچىسى قالماي، شۇنىڭ بىلەن ئەڭ دەسلەپتە نەشىر قىلىنغانلىرىنى بەكىرەك ئىزدەپ سوراپ قالىدىكەنمىز.
قايسى كىتاب ئۆزگەرگەن، قانچىلىك ئۆزگەرگەن، دېگەنگە ئايرىم ئىزدىنىپ، باشقىلارغا ئوچۇق ئاشكارە بەھىرلەش بىزنىڭ شارائىتىمىزدا (شىنجاڭچىلىقتا)تەس بولىشى مۇمكىن.

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 07:33:41

ئەرەبچە ئۇيغۇرچە لوغەت بارمۇ؟ (مۇھەممەت سالىھ تۈزگەن.)

abux311 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 08:12:45

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ، يۇقارقىي كىتاپلارنىڭ ھەممىسى بىراقلا سېتىلىدۇ. ھەممىسىنى ئالغۇچىلارغا باھادا ئالاھىدە ئېتىبار قىلىنىدۇ !
ئالاقىلىشش چ چ  نومۇرۇم : 1505585623
ھۆرمەت بىلەن: مىسكىن

KALANDAR يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 10:19:50

ھەممىسى 2500يۇەن ئەتراپىدا بولدىكەن....

laysu يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 10:35:56

قاراخانىيلارنىڭ قىسقىچە تارىخى 1984-يىل 1-باسىمسى     100


مۇشۇ كىتابتىن بىرسى لازىمتى

abux311 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 14:10:48

yanwar يوللىغان ۋاقتى  2014-3-19 17:31 static/image/common/back.gif
مەنمۇ بىر نەچچە يىللىق كونا كىتاب سودىسى قىلىش جەريانى ...

ناھايىتى توغرا گەپ قىلىپسىز قېرىندىشىم ! ئىشەنچ  ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم بۇرۇچ

abux311 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 14:11:20

laysu يوللىغان ۋاقتى  2014-3-20 10:35 static/image/common/back.gif
قاراخانىيلارنىڭ قىسقىچە تارىخى 1984-يىل 1-باسىمسى     100




ھەممسى توپ سېتىلىدۇ قېرىندىشىم

abux311 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 14:12:04

lopnuri يوللىغان ۋاقتى  2014-3-19 22:56 static/image/common/back.gif
قاراخانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى، 5-كورپۇسنىڭ ئىنقىلاۋى م ...

كىتاپلار توپ سېتىلىدۇ !

abux311 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 14:13:01

Abdurehman يوللىغان ۋاقتى  2014-3-19 17:30 static/image/common/back.gif
جۈملە ئاخىرىدىكى سانلار باھاسىنى كۆرسىتەمدۇ؟

شۇنداق  باھاسىنى كۆرسىتىدۇ! ھەممىسنى ئالغانلارغا  ئېتىبار قىلىنىدۇ

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 14:16:16

بىلىم سېتىش دېسىڭىز ئەنسىرەپ كېتىپتىمەن، بىلىمنى سېتىۋېتىپ، ئۆزى بىلىمسىز قالارمۇ دەپ.
بەت: [1] 2
: بىلىم سېتىش ئېلانى