ئاۋامنى كونترول قىلىشتىكى 10 ئىستىراتىگىيە
ئاۋامنى كونترول قىلىشتىكى 10 ئىستىراتىگىيەنوئام چومىسكى
(زىلۇريۇم تەرجىمىسى)
1 - دىققەتنى بۇراش
بۇ ئاۋامنى، جەمئىيەتنى كونترول قىلىشتىكى ئاساسلىق ئىستىراتىگىيە بولۇپ، جەمئىيەت رايىنى ھەقىقى كىرزىس ۋە ھۆكۈمەت يۈرگۈزىدىغان ئاساسلىق ۋە ماھىىيەتلىك ئۆزگېرىشتىن، پۈچەك ئۇچۇرلارنى كۆپلەپ تارقىتىپمەشغۇل قىلىپ دىققىتىننى باشقا ياققا بۇراشنى كۆرسىتىدۇ .دىققەتنى بۇراش يەنە ئاممىنى ئىقتىساد، پىسخولوگىيە، نىرۋا بىئولوگىيسى، تور بىلىملىرى ۋە باشقا زۆرۈر بولغان ئىلىم - پەن ئىگەللەشتىن مەشغۇل قىلىپ، زۆرۈر بولمىغان باشقا ساھەلەرگە بۇراشتىكى بىر مۇھىم چارە. "ئاۋامنى پۈچەك ئىشلار بىلەن مەشغۇل قالدۇركى ئۇنىڭغا ئويلانغىدەك پۇرسەت چىقمىسۇن. "باشقا ھايۋاناتلار بىلەن قورۇقتىلا قالسۇن "(جىمجىت ئۇرۇش ئۈچۈن شەپىسىز قۇراللار دېگەن كىتابتىن)
2 - كىرزىس پەيدا قىل، ئاندىن ئۇنىڭ چارىسىنى بەر
بۇ ئۇسۇل ، كىرزىس- ئىكاس- چارە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دەسلىۋىدە مەلۇم كىرزىس ياكى قىيىنچىلىق مەقسەتلىك ھالدا پەيدا قىلىنىدۇ ۋە ئاۋامنىڭ مەلۇم تەرىزدە ئىنكاس قايتۇرىشى مەقسەت قىلىنىدۇ ۋە ئاۋامنىڭ ھۆكۈمەت خالىغان بىرەر ئىشنى تەلەپ قىلىشى كۈتىلىدۇ . مەسىلەن : قالايمىقانچىلىق، زوراۋانلىق ھەركەتلىرىنىڭ كۆپلەپ يۈز بېرىشىگە يول قويىلىدۇ. تاكى ئاۋام، ئەركىنلىكى ھېسابىغا بولسىمۇ تېخىمۇ چىڭ قانۇن تەلەپ قىلىدۇ . ياكى مەلۇم شەكىلدە ئىقتىسادى كىرزىس پەيدا قىلىنىپ ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋامغا سۇنىشى كېرەك بولغان ئىجتىمائى خىزمەتلەر ئازىيىپ كەتسىمۇ كىرزىس باھانىسىدە ئاۋام بۇنى قوبۇل قىلىپ كېتىدۇ .
3 - تەدرىجىلىك
نورمال ئەھۋالدا دەرھال بىرلا تەتبىقلانسا قوبۇل قىلىنمايدىغان بىرەر ئىجتىماى ئۆزگىرەش ياكى تۈزۈم، خۇددى رەڭ سپېكتېردەك تەدرىجى ھالەتتە تەتبىقلىنىدۇ، مەسىلەن 5-10 يىل ۋاقىت ئىچىدە. بۇ ئۇسۇل ئۆتكەن ئەسىردە 80-90 يىللاردا كەڭرى دائىرىدە ئىشسىزلىق، ئىقتىساد ئاجىزلىقى، مۇئاش تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ئىقتىسادى - ئىجتىمائىي ۋەزىيەتتە تەتبىقلاندى. ئەگەر بۇلار بىرلا يۈرگۈزۈلسە ئاۋام كەسكىن قارشى چىقار ئىدى. ( ئىسسىق سۇغا تاشلانغا پاقىنىڭ مەسىلى)"
4 - كېچىكتۈرۈش
بۇمۇ ئاۋام دەرھال قارشى چىقىدىغان ياكى ياقتۇرمايدىغان قارارلارنى تەتبىقلاشتىكى چارە - ئۇسۇلنى "ئازابلىغۇچى(ئېچىنىشلىق) ئەمما زۆرۈر" بولغان ھەل قىلىش چارىسى شەكلىدە سۇنۇش. بۇنىڭدا كەلگۈسىدە مەلۇم قارارنى يۈرگۈزۈشتە ئاۋامنىڭ ھازىرقى ماقۇللىقى ئېلىنىدۇ. چۈنكى كەلگۈسىدىكى نامەلۇمنى قوبۇل قىلىش ھازىرقى ئېنىقنى قوبۇل قىلتىشتىن ئاسان. چۈنكى ئاۋام دائىم كەلگۈسى ھەردائىم پارلاق دەپ ئويلايدۇ . كەلگۈسىدە قۇربانلىق بېرىش ئازىيىدۇ دەپ ئويلايدۇ . ئاخىرىدا ۋاقىت ئۆتىشى بىلەن ئاۋام بۇ قارارغا ئاستا ئاستا كۆنۈپ ۋاقتى كەلگىنىدە قارشىلىق كۆرسەتمەيدۇ .
5 - ئاۋامغا كىچىك بالىدەك مۇئامىلە قىلىش
ئاۋامغا يۈزلەنگەن باياناتلار، ئېلانلار، ئۇقتۇرۇشلار بالىلارغا قىلىنغاندەك بۇيرۇق شەكلىدە بولىدۇ . ئېزىقتۇرۇش كۈچلۈك بولغانسىرى گەپنىڭ ئورامى شۇنچە كەسكىن ۋە قوپال بولىدۇ . نىمىشقا ؟ چۈنكى كۆپۈنچە ھالدا چوڭ بىر كىشىگە 12 ياشلىق بالىغا سۆزلىگەندەك خىتاپ قىلسا، بۇ كىشىنىڭ ئىنكاسى رىئاللىقتىكى بىر 12 ياشلىقنىڭ ئىنكاسىدەكلا بولىدۇ .(جىمجىت ئۇرۇش ئۈچۈن شەپىسىز قۇراللار دېگەن كىتابتىن)
6 - ئەقىلنى قويۇپ ھىسياتقا خىتاپ قىلىش
ھىسياتقا كۈچۈش لوگىلىلىق تەھلىل قىلىش قابىلىيىتىنى توسۇپ قويۇشتىكى بىر تېخنىكا. بۇ ئارقىلىق كىشىلەردىكى تەنقىد تۇيغۇسى چەتكە قېقىلىدۇ. ھىسياتقا قارىتىلغان سۆز ئىبارىلەر ئىشلەتكەندە بىۋاستە يۇشۇرۇن ئاڭغا تەسىر قىلىپ، كىشى خالىمىغان ھالدا مەلۇم ئىدىيە، پىكىر، قورقۇنچ، ناچار ئىش ھەركەتنى سىڭدۈرۋەتكىلى بولىدۇ .
7 - نادان قالدۇرۇش
بۇنىڭدا ئاۋامنى كونترول قىلىش ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئەڭ يېڭى پەن - تېخنىكىغا ئېرىشىپ تۇرىشى چەكلىنىدۇ. "تۆۋەن تەبىقىدىكىلەرگە سۇنۇلىدىغان مائارىپ ئەڭ ئۈنۈمسىز مائارىپ بولىشى كېرەك. شۇ ئارقىلىق ئۈستۈن تەبىقىدىكلەرگە ئېرىشىدىغان بىلىم قۇرۇلمىسى بىلەن تۆۋەن تەبىقىدىكىلەر ئېرىشىدىغان بىلىم قۇرۇلمىسى ئارىسىدىكى ئىنتايىن چوڭ پەرقنى بىلەلمەسلىكى كېرەك ." (جىمجىت ئۇرۇش ئۈچۈن شەپىسىز قۇراللار دېگەن كىتابتىن)
8 - ناچارلىقنى ياخشى كۆرۈشكە قىزىقتۇرۇش
ئاۋامنى ناچارلىق، دۆتلۈك، بىلىمسىز-نادانلىقنى ئېسىل ئىش دەپ قارايدىغان قىلىش
9 - قارشىلىق قىلغاندا گۇناھ تۇيغۇسىدا بولىدىغان قىلىش
بىر كىشىنى ئۇنىڭ بارلىق بەختسىزلىكىنىڭ سەۋەبكارى ۋە مەسئۇلىيەتچىسى پەقەت ئۆزىلا دەپ قارايدىغان قىلىش. ھەم بۇنداق بولۇپ قېلىشى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ زېرەك ئەمەسلىكى، قولىدىن ئىش كەلمەيدىغانلىقىدىن، يىتەرلىك كۈچ چىقارمىغانلىقىدىن ئىكەنلىكى ھىس قىلدۇرۇش. بۇ ئارقىلىق بۇ كىشى ناچار ئىقتىسادى تۈزۈمگە قارشى ئىنكاس بىلدۈرمەستىن بەلكى ئۆزىنى ئەيىپلەپ، گۇناھ تۇيغۇسىدا بولىدۇ. نەتىجىدە پۈتۈن دۆلەت چۈشكۈنلىشىپ، بىكىنمە، ئىسلاھات ئىمكانسىز بىر ھالەتكە كېلىدۇ .
10 - كىشىلەرنى ئۆزىدىنمۇ بەك ئىنچىكە بىلىش
ئۆتكەن 50 يىلدا بىلىم شۇ قەدەر تەرەققىي قىلىپ كەتتىكى، ئاۋام بىلىدىغان بىلىم بىلەن ھاكىميەت بېشىدىكى ئايرىم تەبىقە مونوپۇل قىلىۋالغان بىلىم ئارىسىدا پەرق چوڭلاپ كەتتى . بىئولوگىيە، نىرۋا پەنلىرى، قوللىنىشچا پىسخىكا پەنلىرى ياردىمىدە ھۆكۈمەت ئىنسانپىسخىكىسىى، تەبىئىتىنى بىلىشتە ئىنتايىن ئىلگىرلىدى. شۇ ئارقىلىق بۇ ھۆكۈمەت نورمال بىر ئادەمنى ئۇ ئادەم ئۆزىنى بىلگەندىنمۇ بەك بىلىدىغان، چۈشىنىدىغان بولۇپ كەتتى. بۇنىڭ مەنىسى ئۇ ھۆكۈمەت ئۇ كىشىنى ئۆزىنى باشقۇرغاندىنمۇ بەك كونترول قىلالايدۇ دېگەنلىك.
ئالە شەرىڭنى مەنمۇ دۇنيادىكى سىياسىيغا ئائىت بەزى مەسىللەرنىڭ كەينىدە ئۇيۇن بارلىقىغائىشىنەتىتىمبەزىدەمۇشۇ قارىشىم توغرىمۇ بۇ ئىشنىڭ كەينىدە ئۇيۇن بارمۇ دەپ ئىزدىنىپ باقاتتىم ..............
تېمىڭىزدىن بەزى مەسىلەرنى بىلۋالدىم رەھمەت سىزگە! :lol ھەممىسى سىناقتىن ئۆتكەن رېتسىپلەركەنغۇ. سىياسىنىڭ رەزىللىكلىرى دېسە بولغىدەك بۇلارنى جىمجىت ئۇرۇش ئۈچۈن شەپىسىز قۇراللار ؟ بۇ كىتاپ چىقتىمۇ؟ كىتابنىڭ خەنزۇچە ياكى ئىنگىلىزچە ئىسمى بولسىمۇ يوللاپ قويغان بولساڭلار :lol:lol:lol بۇ بىزنىڭ«مەھەللى» دىكى تەجىربىكەنغۇ؟ Noam Chomsky
诺姆·乔姆斯基
«平静战争的无声武器»
西方通过媒体操纵公众的十项战略
http://www.hswh.org.cn/wzzx/xxhq/qq/2013-05-02/16905.html ئاجايىپ چارىلەركەن .تەجرىبىدىن ئۆتمەكتە ... نوما چوۋىسكى قاچان بىزنىڭ يۇرتقا كەلگەندۇ بولۇپمۇ ئاۋۇ ئىككىنچىسى...{:116:} بىز ئوپتان مارودالار :lol ئىنكاس بىلەن ساقلايمەن بۇ تېمىنى.. چەتئەللەردە چانمىغۇدەك ھالەتتە قىلىدىكەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ghalibjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-3-20 22:29
11.ئىت كۆندۈرگۈچىلەر ئاۋال ئىتنى نەچچە كۈن ئاچ قۇيۇپ ئانىدىن ئۇنۇڭغا ناننى ئاز-ئازدىن تاشلاپ بىرىپ قولغا بىرئوبدان كۆندۈرلۋالىدۇ . مەسلەن ،سوۋىتنىڭ ئەينى چاغدىكى بىر قاتار سىاسەتلىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكى مۇتلەقلەشتۈرلۈپ بۇلنغان تۇرۇپ ، چاۋشيەن ۋە ئۇنىڭ ئاكىسى سوۋىت باسقان خاتا يولنى ئۆز ئەينى باستى 90-يىلدىكى پارچىلنشتىن باشقا ... شۇڭا چاۋشيەن قاتارلىقبۇ ئەللەردە بىچارە خەلىقبىرى كىلىپ نېنىنى تارتىۋالسىمۇ ، ۋاي شۇ دەۋىردە مەدەك يىگەن بىز شۈكرى قىلبالام .....دەيدىكەن ....
ماۋۇ 11-مەن قۇشۇپ قويدۇم .... ئىت كۆندۈرۈش ئۇسۇلى دىسەك سەت ئاڭلىنىپ قالدىكەن ھە ....
بۈرىنى ئىت قىلىپ قولغا ئۈگۈتۋالدى دە چاۋشيەن دىگەن گۇي ئناڭنى ..... دۆلەت مەمۇرىلىققا ئىمتىھان بېرىدىغانلار بۇنى ئوبدان كۆرسە بولغىدەك.
ئەمەلىيەتتە ھەرقانداق بىر باشقۇرغۇچى بىلىشكە تىگىشلىك بىلىملەركەن. بىر قارىسا ئاجايىب مەخپىي كەلگەن تاكتىكىدەك، بىر قارىسا ھەممە ئادەم بىلىدىغان ئەسقاتمايدىغان نەزەرىيەدەك بىلىنىدىكەن..
بەت:
[1]
2