abdullak يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 11:21:24

قىزىل كېسىلى قانداق كېسەل ؟ بىلىدىغانلار بارمۇ ؟

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ياخشىمۇسىلەر ،
ئىككى كۈن بۇرۇن بالامنىڭ بەدىنى ئازىراق قىزىپ ، ئالامىتى زۇكامغا ئوخشاش كېسەللىك ئەھۋالى يۈز بېرىشكە باشلىدى . قىزىش ئالامىتى بىرەر كۈن داۋاملاشقاندىن كېيىن ئازىراق يۆتىلىشكە ۋە گېلى ئاغرىشقا ئۆتتى . دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ گىرادۇسىنى ئۆلچەتسەك 38 گە چىقىپتۇ ، دوختۇرلارمۇ بۇنىڭ ئادەتتىكى قىزىش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ زۇكام ۋە قىزىتما ياندۇردىغان دورىلارنى يېزىپ بەرگەن . بىزمۇ ئۆيدە دورىلارنى ئىچكۈزۈپ ، پېشانىسىگە لۆڭگە تۇتۇپ دېگەندەك ئاماللارنى قىلىپ يۈردۇق . لېكىن دېگەندەك ئۈنىمى بولمىغاچقا يەنە باشقا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ كاسسىسىغا ئۇكۇل سالدۇرغان ئىدۇق . ئۇكۇل سالدۇرغاندىن كېيىن قىزىتمىسى چۈشۈپ ، تاماقنى ئوبدان يېگەن ، خېلى خاتىرجەم بوپ قالغانتىم ، لېكىن ئاخشامدىن ئازىراق قىزىپ ئەتىگەندىن باشلاپ يەنە قىزىۋاتىدۇ . كۆزلىرى ئازىراق قىزىرىپ ، ئېلىشىپ كېتىپتۇ . تاماق يىگىلىمۇ ئۇنمىدى . بېشى ئازىراق ئاغرىۋاتقان ئوخشايدۇ . بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ئالامەتلىرى قىزىل كىېسىلىنىڭ ئالامەتلىرىگە ئوخشايدىكەن ، بۇنداق كېسەلگە ئۇكۇل دورا ئۇرۇشقا بولمايدىكەن . بالام 1 ياش 10 ئايلىق بولدى ، تېنى ئىنتايىن ساغلام ئىدى . ھازىرغىچە بۇنداق ئاغرىپ باقمىغان . ھازىرچە شۇ قىزىل چىققان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدۇق . ئەمدى سىلەردىن سورايدىغىنىم قىزىل چىقسا قانداق قىلىش كېرەك ، بېلىقنىڭ شورپىسى پايدا قىلامدۇ ياكى زىيان قىلامدۇ ، توردىن ئىزدەپ بۇ ھەقتە ئانچە كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولالمىدىم . ئۇكۇل دورىنىڭ قىزىل كېسىلىگە زىيىنى بولامدۇ ، دوختۇرخانىلاردا بۇنداق كېسەلنى قانداق داۋالايدۇ ، بالامغا قىزىل كېسىلىگە قارشى ۋاكسىنا ئەملەتكەن تۇرۇپ نېمىشقا بۇنداق كېسەل بولىدۇ .
ئۇندىن باشقا بالامنىڭ يۈزىگە ھۆل تەمرەتكە چىقىپ قالغان ، ھازىرغىچە بەك جىق ئاماللارنى قىلغان بولساقمۇ پايدىسى بولمايۋاتىدۇ ، پايدىسى بولسىمۇ يەنە قوزغىلىپ كېتىۋاتىدۇ ، يۈزلىرى قىزىرىپ كېتىدۇ ، بەزىدە كېپەكتەك بوپ قالىدۇ ، سۈيى چىقمايدۇ ، يىرىكراق . مۇشۇنىڭغىمۇ بىر مەسلىھەت بەرسەڭلار .

tanha19 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 12:31:48

ئاللا شىپالىق بەرسۇن. بالىڭىزنىڭ كىسىلى قىزىل بولماسلىقى مۇمكىن.
  مىنىڭ بالاممۇ كىچىك ۋاقتىدا تولا شۇنداق بوپ قالاتتى، قىزىتمىسى بىر كۈن چۈشۈپ بىركۈن قىزىتىپ دىگەندەك. كىچىلىرى ئۇخلىيالمايتتى. كىيىن كىرەمباغ دوختۇرخانىدا تەكشۈرتسەك زىققا خاراكتىرلىك ئۆپكە ياللۇغى دەپ دىئاگنوز قويدى ھەم 15 كۈن داۋالاندى. ئۇ كىسەل تىز ساقايمايدىكەن. چوڭ بولغانسىرى ئىممۇنت كۈچى  ئاشسا ياخشىلىنىدۇ دىگەن ئىدى.
  سىزمۇ ئامال بار چوڭراق دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈپ بىقىڭ.

baydowlat يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 13:25:24

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 16:16:35

بالىلارغا قىزىل چىقسا ئىممونىت كۇچى ئاشىدۇ، بۇ ھەممە بالىلاردا كورىلىدىغان ئەھۋال
خاتىرجەم بولۇڭ..
ئەمما ھول تەمىرەتكىنىڭ داۋاسىنى تاپسىڭىز مۇشۇ يەرگە بىر ئۇچۇر قىلىۋىتەرسىزمۇ ؟

abdullak يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 16:30:17

muztag يوللىغان ۋاقتى  2014-3-19 16:16 static/image/common/back.gif
بالىلارغا قىزىل چىقسا ئىممونىت كۇچى ئاشىدۇ، بۇ ھەممە ب ...

بۇ ھۆل تەمرەتكە دېگەن بەك جاھىل بولىدىغان تېرە كېسىلىكەن . ئادەتتە كىچىك بالىلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدىكەن ، بەزىلىرىگە چىقىپ يوقاپ كېتىدىكەن . لېكىن مېنىڭ بالامنىڭ يۈزىگە 3 كۈنلۈك بولغاندا چىققان ، ھازىرغىچە يوقاپ كېتىپ ، پەيدا بوپ دېگەندەك ساقايمايۋاتىدۇ . دوختۇرلارنىڭ ھەممىى دېگۈدەك بۇ كېسەلنى بىرەر نەرسىنىڭ ئەكىس تەسىرىدىن بولغان دەپ قارايدىكەن . ماڭا بەرگەن دورىلىرىمۇ ئاساسەن ، ئاشقازان ، ئۈچەينىڭ رولىنى كۈچەيتىدىغان ،زەھەر قايتۇرىدىغان دورىلار . يۈزىگە سۈرىدىغان دورىلار ئىچىدە كۆپىنچە ھورمۇنلۇق دورىلار كۆپرەك ئۇچرايدىكەن ، لېكىن بۇنداق دورىلارنى ئىشلەتكەندە دەماللىققا پايدا قىلغاندەك قىلسىمۇ ، لېكىن تېرىنىڭ ھورمۇنغا تايىنۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن .
ھازىرچە ھېس قىلغانلىرىم مۇشۇنچىلىك ، قارىسام سىزمۇ مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇققان ئوخشايسىز ، تەجرىبىڭىز بولسا ئورتاقلىشامىز .

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 16:55:44

ھازىرقى بالىلارغا ئاساسەن قىزىل چىقمايدۇ. ۋاكسىنىلارنى قەرەللىك ئالغان بولسىڭىزلا. سەۋەبى قىزىل ۋاكسىنىسى ئۇرۋېتىدۇ.
قىزىل چىققان بولسا چاتاق كېسەل، مەن كىچىك ۋاقتىمدا قىزىل سەۋەبىدىن نۇرغۇن بالىلار ئۆلۈپ كېتەتتىكەن. خوشىنىمىزنىڭ مەن بىلەن تەڭ بالىسى ئىككىمىزگە تەڭ قىزىل چىققان ئىكەن. ئۇ بالا ئۆلۈپ كەتكەنكەن، مەن ئىسىمنى بىلسەم خوشىنىمىز مېنى نەدە كۆرسە تۇتۋېلىپ قۇچاقلاپ يېغلاپ كېتەتتى. ئاپامدىن سەۋەبىنى سورىسام شۇنداق دەپ بەرگەن.
قىزىتمنىڭ سەۋەبى كۆپ خىل، كاناي شاخچىلىرى ياللۇغى بولسىمۇ قىزىيدۇ. بالىڭىز ئوغۇلمۇ؟ قىزمۇ؟ ئوغۇل بولسا سىيىشى نورمالمۇ، شۇلارنىمۇ تەكشۈرتۈپ بېقىڭ.
ئەڭ ياخشىسى چوڭ دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈڭ.

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 18:55:31

alip يوللىغان ۋاقتى  2014-3-19 16:55 static/image/common/back.gif
ھازىرقى بالىلارغا ئاساسەن قىزىل چىقمايدۇ. ۋاكسىنىلارن ...

شۇنداق شۇنداق ھازىر قىزىل چىقمايدۇ. ۋاكسىنا ئەملىندۇ.
مەنمۇ كىچىك ۋاقتىمدا بەدەنلېرىمگە يۈزكۆزلېرىمگە قىزىل چىقىپتىكەنتۇق،باشقا يەرلەردىكى ساقىيىپ پىشانامدە ئازراق تاتۇقى قالغان.

مىنىڭچە كوروپكىغا قاچىلانغان ھەرخىل قۇۋۋەت دورىلىرىدىن ، يەرلىك قوينىڭ گوشى شورپىسى يىلىكىنى ئۇزۇن مەزگىل ئىستىمال قىلىپ بەرسە  كىچىك باللارغا دوختۈخانىدا قويغان ئۆپكە ياللغۇغى دىگەن دىئاگىنوزغا بەكرەك شىپا قىلامدىكىن دەپ ئويلايمەن.
--------------------
بۇ جۈملە بەك ئۇزۇن بوپ كەتكەندەك ھېس قىلدىم.

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 21:06:26

alip يوللىغان ۋاقتى  2014-3-19 16:55 static/image/common/back.gif
ھازىرقى بالىلارغا ئاساسەن قىزىل چىقمايدۇ. ۋاكسىنىلارن ...

تەقدىرداشكەنمىز، ماڭىمۇ كىچىكىمدە قىزىل چىقىپتىكەن، ئاللانىڭ رەھمىتى بىلەن ھايات قاپتىكەنمەن.

GULUM1027 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 10:17:40

مېنىڭ بالام تۇغۇلغاندىن بۇيان ھەر قانداق ۋاكسىنىلارنى تۇلۇق  ئېلىپ كىلىۋاتقان،لىكىن تۆت ياشقا كىرگەندە يەنىلا قىزىل چىقتى،لىكىن بەك  ئېغىر ئەمەس،ئۈچ كۈندە ساقىيىپ كەتتى،ئۇنداقتا ۋاكسىنىنىڭ بالامغا ھېچقانداق تەسىرى بولمىغانمىدۇ؟ ياكى ۋاكسىنىنىڭ كېسەلنى يەڭگىلىتىدىغان رولىمۇ بارمىدۇ؟

qoldikibulah يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 13:00:34

سىز بالىنى ئەڭ ياخشىسى بالىلار كېسەللىكلىرىنى ياخشى داۋالىيالايدىغان چوڭ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ ياخشى تەكشۈرتۈڭ،ئەھۋالدىن قارىغاندا چوقۇم ئۆپكە ياللۇغى بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ،ۋاقتىدا تەلتۆكۈس داۋالاپ ساقايتىڭ،ئاسارىتى قېلىپ قالمىسۇن،بولمىسا داۋاملىق قوزغىلىپ خاپا قىلىدۇ،  بالا ئاغرىپ قالسا ئاتا-ئانا بولغۇچىمۇ تەڭلا ئازاپلىنىدىغان گەپ. ئەمدى يۈزىدىكى ھۆل تەمرەتكىگە كەلسەك بۇئانا سۈتىنى ئەمگەن ياكى ئېمىۋاتقان بالىلاردا كۆپىنچە يۈز بېرىدىغان ئەھۋال، سۈتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن تاماققا كىرىشىپ كەتسە ئۆزلۈكىدىن يوقايدۇ. بەك قىچىشىپ بىئارام بولىۋاتقان بولسا سىزگە ئىككى خىل سىرتىدىن ئىشلىتىدىغان ئەكس تەسىرى يوق نۇرغۇن سىناقلاردىن ئۆتكەن   دورىنى تونۇشتۇراي سىناپ بېقىڭ،چوڭراق دورىخانىلارغا كىرسىڭىز چوقۇم تاپالايسىز. بىرسى قارا پۇرچاق مېيىدىن ئىشلەنگەن دورا ئىسمى(黑豆油) بۇنىڭ پۇرىقى بەك كۈچلۈك ئەمما ئۈنۈمى بەك ياخشى كېچىسى بالا ئۇخلاپ قالغاندا نېپىز بىر قەۋەت سۈرۈپ قويسىڭىز ئەتىسىلا ئۈنۈمىنى كۆرىسىز. يەنە بىرسىنىڭ ئىسمى (苗夫人) .بۇنىڭ پۇرىقى ئىللىق بولۇپ بىئارام قىلمايدۇ.بۇنىڭ ئۈنۈمىمۇ شۇنداق ياخشى كۈنىگە 3-4 قېتىم سۈرۇپ بەرسىڭىز انشا اللە ساقىيىپ كېتىدۇ.يەنە بىر ئىش بالىنىڭ ئاغزى ئاغرىپ قالسا ياكى يېڭى چىش چىقىۋاتقان بولسىمۇ بالىنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەيدۇ.ئەگەر ئاغزى ئاغرىغان بولسا بالىنىڭ ئاغزىغا قوي سۈتى ئالدۇرۇڭ،چىش چىقىۋاتقان بولسا ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق،چىش چىقىپ بولسىلا ئوڭشىلىپ قالىدۇ. بالىغا كۆپرەك قايناقسۇ ئىچۈرۈڭ،كىچىك تەرىتى تېز-تېز مېڭىپ بەرسە قىزىتمىسىنىڭ چۈشۈشى تېز بولىدۇ. بالىنىڭ چوڭ تەرىتى تۇتۇلسىمۇ قىزىتمىسى ئۆرلەپ قالىدۇ،بالىنىڭ ئاشقازىنىدا ھەزىم بولمايۋاتقان بىرەر نەرسە بولىشىمۇ مۇمكىن،شۇنداق بولۇپ قالسىمۇ قىزىتمىسى ئۆرلەپ قالىدۇ.بۇنىڭغا بالىنىڭ ئاشقازىنىنى يېنىك ئۇۋىلاپ بېرىڭ.

abdullak يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 17:56:51

qoldikibulah يوللىغان ۋاقتى  2014-3-20 13:00 static/image/common/back.gif
سىز بالىنى ئەڭ ياخشىسى بالىلار كېسەللىكلىرىنى ياخشى د ...

كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت . بالامنى تەكشۈرەتتىم ، ئۆپكىسى ئىنتايىن ساغلام ئىكەن . ئەسلى زۇكام بوپ قاپتىكەنتۇق . تاماق يىگىلى ئۇنمىغاچقا ۋە يىغلاپ قەغىشلىك قىلغاچقا ئايالىم بالامغا كىچىك بالىلارنىڭ ئىچىمكىكلىرىدىن جىقراق بېرىپ ساپتۇ . نەتىجىدە گېلىغا سوغۇق ئۆتۈپ ئازىراق ياللۇغلانغان ئوخشايدۇ . ئىككى يەردىكى دوختۇر كۆرۈپ ئوخشاش نەتىجە چىقىرىپ بەردى . دورا ئارقىلىق داۋالىسام بولىدىكەن . ھازىر قىزىتمىسى ئاساسەن ياندى . لېكىن گېلى ھەم بېشى ئاغرىۋاتىدۇ ، شۇ ياللۇغنىڭ ئىشى ئوخشايدۇ .
ئاخىرىدىكى سىز تەۋسىيە قىلغان دورىلارنى ھەقىقەتەن سىناپ باقماپتىكەنمىز . بالام ساقايقان ھامان ئېلىپ سىناپ باقاي . شۇ بانىدا ساقىيىپ قالامدۇ تېخى ، سىزگە ۋە تورداشلارغا كۆپ رەھمەت .
بەت: [1]
: قىزىل كېسىلى قانداق كېسەل ؟ بىلىدىغانلار بارمۇ ؟