nirvana يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 09:42:00

سىترولۇق ياڭراتقۇ قۇرۇش ھەققىدە ياردەم سورايمەن

سالام تورداشلار :
  ئۆزۈم كىلاسسىك كۈيلەرنى ئاڭلاشقا ئامراق.ئۆيۈمگە ئائىلدە مۇزىكا ئاڭلاشتا ئىشلىتىدىغانغا سترولۇق ياڭراتقۇ سېستىمى قۇرماقچى ئېدىم.بۇرۇن قۇرۇپ باققانلار ياكى قىزىقىدىغانلار بولسا، قىممەتلىك مەسلىھەت ۋە تەۋسىيەرىڭلارنى ئاڭلاپ باققۇم بار.
باھا:5-10مىڭ ئۆپچۆرىسىدە.
تەلەپ:سېمفونيە ۋە ئۇيغۇر 12 مۇقام، خەلق ناخشلىرى قاتارلىق كىلاسسىك كۈيلەر دائىرىسىدە قۇراشتۇرغۇم بار.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :يۈرۈشلۈك، ئەۋزەللىك ۋە كەمچلىك، قۇراشتۇرۇش.

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 11:26:47

بىر سوغاق سۇ سېپەي ھە ....
ئۇيغۇر خەلىق مۇزىكىللىرنىڭ كۆپىنچىسى تاق يوللۇق ياكى ئاددىي قوش يوللۇق ئاۋاز سېستىمىسىدا بولۇپ ، ئادەتتىكى 2.1 لىك ئاۋاز ياڭراتقۇدا ئاڭلاشقا ماس كېلەمدىكىن دەپ ئويلايمەن .
ياخشىراق بولغان سىترولۇق(立体声) ئاۋاز ياڭراتقۇ ئالسىڭىزلا كۇپايە .
ئەمما ھازىر 2.1 ئاۋاز سېستىمىسى ئەمەلدىن قىلىپ ئورنىغا 5.1 لىك ئاۋاز سېستىمىسى دەۋىر سۇرىۋاتىدۇ 7.1  مۇ يىڭىدىن چىقىۋاتىدۇ ، لېكىن بەك ئومۇملىشىپ بولالمىدى .
2.1 ئاۋاز سېستىمىسدا : 2 ئاۋاز ياڭراتقۇ  (ئوڭ سول ئاۋاز ئۇچۇن ) ۋە بىر بوم ئاۋاز چىقارغۇچ ياڭراتقۇ( 重低音)ئىشلىتىلىدۇ .
5.1 لىك ئاۋاز سېستىمىسد ، 5 ئاۋاز ياڭراتقۇ ۋە بىر بوم ئاۋاز چىقارغۇچ ياڭراتقۇ( 重低音)ئىشلىتىلىدۇ .

ئەمدى بەزى چەتنىڭ كىنولىرىنىڭ ، سەنئەت كىچىلىكىرىنىڭ كۆك نۇر ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يۇقرى ئېنىقلىقتىكى نۇسخىسىنى چۇشۇرۇپ ياكى سېتىۋىلىپ ئاڭلىغۇدەك شارائىتىم بار دېسىڭىز بىر ئۆينى ئۈن ئېلىش ئۆيى ئۆلچىمىدە  بىزەپ ، ئاندىن 5.1 ئاۋاز سېستىمىسى بويىچە ياڭراتقۇ قوراشتۇرسىڭىز  بولامدىكى .
ئاۋاز ياڭراتقۇ سېتىۋالغاندا ئامال بار كىرىستال لامپا ئىشلەتمەي ، كونا ئۇسۇلدا ئېلېلكتىرۇنلۇق لامپا ئىشلەتكەن  ئاۋاز ياڭراتقۇ سېتىۋىلىڭ ...
1. فىلىپىس
http://detail.tmall.com/item.htm?spm=a230r.1.14.5.tElLqU&id=19676222881&ad_id=&am_id=&cm_id=140105335569ed55e27b&pm_id=
2. ياماخا
http://detail.tmall.com/item.htm?spm=a230r.1.14.15.3jkCxI&id=13567598455&ad_id=&am_id=&cm_id=140105335569ed55e27b&pm_id=
3. پاناسونىيك
http://detail.tmall.com/item.htm?spm=a230r.1.14.29.Sq2mCO&id=35485229404&ad_id=&am_id=&cm_id=140105335569ed55e27b&pm_id=
4. سونىي
http://detail.tmall.com/item.htm?spm=a230r.1.14.29.zkJPiY&id=35589005222&ad_id=&am_id=&cm_id=140105335569ed55e27b&pm_id=

سەمىمىي ئەسكەرتىش : يۇقارقىلارنىڭ ھىچقايسىسىنى مەن ئىشىلىتىپ باقمىغان ، كىتاپتا كۆرگىنىم بويىچە ئانچە مۇنچە جۆيلۇپ قويدۇم خالاس ...

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 15:53:54

hifi ,av دەپ ئايرىلىدىغۇ دەيمەن بۇ ياڭراتقۇ. بىر مەزگىللەردە خېلى بىلىملىك بولۇپ قالغان. مۇزىكا ئاڭلايدىغان ئوتتەك ئىشتىياق بولسا ئالدى بىلەن ئۆي ئالىسىز ياكى ئۆينى قايتىدىن رىمونت قىلىشىڭىز كېرەك، چوڭ ئىشىككە ئاۋاز سۈزىدىغان بۇلۇتلارنى ئىشلىتىسىز، مۇزىكا ئاڭلاش ئۈچۈن تاملارنى ئاۋاز قايتمايدىغان قىلىپ فىزىكىلىق بېزەيسىز، ئىشقىلىپ خەقنىڭ ئالدىدا مەيدىڭىزگە ئۇرغۇدەك مۇزىكا ھەۋەسكارى دېمەكچى بولسىڭىز 100 مىڭدىن كەم ئىشىڭىز پۈتمەيدىكەن. ئەگەر ئوتتەك ئىشتىياق ئەمەس يىلمانراق بولسىڭىز كۆزىڭىزنى يۇمۇپلا ئېلىۋېرىڭ 4000 سوم ئەتراپىدىكى ياڭراتقۇ ئېھتىياجنى تامامەن قاندۇرالايدۇ.
مۇشۇ بانادا بويتاق باللىغا بىر ئېغىز يۈرەك سۆزۈمنى دەپ قوياي.
ئۆزىڭىزنىڭ ئالاھىدە قىزىقىشىڭىزنى تويدىن بۇرۇن چوقۇم پۈتتۈرىۋېلىڭ، كىنو مۇزىكا خۇمارلىقىڭىزنى، فوتوگرافلىق قىلىش ئارزۇيىڭىزنى، ۋېلىسپىت ھەيدەپ كوچىلاردا شامال يەيمىكىن دەيدىغان ئاڭلىماققا ئانچە يىراق بولمىغان ئارزۇ ئارمانلارنى توي دىن كېيىن ئەمەلگە ئاشۇرىشىڭىز بەسى مۇشكۈلدۇر.

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 17:04:38

rock يوللىغان ۋاقتى  2014-3-19 15:53 static/image/common/back.gif
hifi ,av دەپ ئايرىلىدىغۇ دەيمەن بۇ ياڭراتقۇ. بىر مەزگىللە ...

ئاخىردىكى بايانلار گەرچە راسىت بولسىمۇ ، لېكىن بۇ يەردە دېمەيدىغان ئىشتى ...
ئەمدى ziyali@  باشچىلىقىدىكى بىر ئۇچۇم  بويتاقلارغا باھانە تېپىلدى ...:lol

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 18:35:11

ئەمىسە بويتاقلىق پراۋام ئالەم ئايرۇپىلانىنىڭكىگە ئالمىشىپ كەتكۈچە بويتاق ئۆتكەچ تۇراي.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 18:38:31

راست،تويدىن كېيىن ھېچ ئىش قىلالمايسىز، پەقەت خوتۇننىڭ خىزمىتىنىلا قىلىسىز
نەدىكى ئارزۇ ھەۋەس ئۇ ، كاللىڭىزدىلا قالىدىكەن
مەن تاققا چىقىش ، ئېكىسپىدىتسىيەگە قىزىقاتتىم، پوق … تويدىن كېيىن نەدىكى پۇرسەت ئۇنىڭغا

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 21:44:07

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-3-19 18:38 static/image/common/back.gif
راست،تويدىن كېيىن ھېچ ئىش قىلالمايسىز، پەقەت خوتۇننىڭ ...

نىم دىگىنىڭىز ئۇ، مەن ئوغرىلىقچە كىچىك سىتانوكتەك نەرسىلەرنى ئاۋال سېتىۋېلىپ كېيىن ئۇقتۇردۇم، ھازىرمۇ ئۇ تېخى كۆرمىگەن نەرسىلىرىم بار. :lol
راستىنى دىگەندە، قەدىمىڭىز رېتىمنى تېپىۋالغۇچە ئاستىلاپ قالىدىكەن، ھەمدە رېتىم پات- پات بۇزۇلۇپ كېتىدىكەن.


5.1 يوللۇق ئاۋاز  ساندۇقىنى ئورنىتىشتا، خەلقئارالىق ئۆلچەم ITU-R-BS.775 گە ئاساسلانغاندا، ئۆينىڭ چوڭلۇقىغا تەپسىلىي تەلەپ يوق، رادىيوفان دەپ بوپتۇ، ITU-R-BS.775 دا ئالتە ئاۋاز ساندۇقنى قويىدىغان ئورۇننىڭ گىرادۇسى، تەلەپلىرى ئېنىق بېرىلگەن. پەقەت، كەسپىي ئاۋاز ئېلىش زالىغا بىر قىسىم تەلەپلەر بار، مەسىلەن، ئۆينىڭ ئېگىزلىكى 3 مىتىردىن، چوڭلۇقى 30~50 كۋادرات مېتىردىن كىچىك بولماسلىقى كېرەك دېگەندەك تەلەپلەر بار.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 10:19:07

رادىئوفان ناھايىتى كەسپى جاۋاب بىرىپتۇ. {:112:}
مەن ئۆزۈم ياقتۇرغان ناخشىلارنى چوقۇم ئەسلى قانۇنلۇق پىلاستىنكىسىنى سىتۋىلىپ ئاڭلايمەن. ھازىرغىچە ئابلاجاننىڭ «ئەسكى» دىگەن ناخشىسىدەك ئاۋاز ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بەرگەن ناخشىنى ئۇچىراتمىدىم.

nirvana يوللانغان ۋاقتى 2014-3-26 10:16:45

يېقىندا ئالدىراش بولۇپ قېلىپ ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرالمىدىم.ھەممىڭلارغا رەھمەت.
بەت: [1]
: سىترولۇق ياڭراتقۇ قۇرۇش ھەققىدە ياردەم سورايمەن