Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 23:25:18

[مەشىق پروگرامما] #C دا ئەڭ ئاددىي بولغان 1 دىن 100 سانلارنىڭ يىغىندىسى...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Kulke تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-18 23:29  

ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار
#C دا پروگرامما تۈزۈشنى ئۆگىنىۋاتقىلىمۇ خېلى بولىدى، ھەر كۈنى كەچتە ھەقتەيۈر ئەپەندىمنىڭ ياردىمىدە دەرس ئاڭلاپ ئاز تولا بىر نېمىلەرنى يېزىپ ۋە مەشىق قىلىۋاتىمىز. مەن يەنىلا ھەقتەيۈر ئەپەندىمگە رەھمەت ئېيتىمەن.
خوش ئەسلى گەپكە كەلسەك بۈگۈن مەن ئۆزۈم ئۆگەنگەن مەشىقلاردىن 1 دىن 100 گىچە ياكى ئۇنىڭدىن جىق بولغان سانلارنىڭ يىغىندىسىنى بىر قانچە قۇر كود بىلەنلا ھېساب چىقىشنى كۆرسىتىپ ئۆتەي. ھېسابتا بۇنى مەشىق ئەسەر دېسەكمۇ بولىدۇ.
ئالدى بىلەن مەن بۇنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسىنى ۋە كودىنى قالدۇراي.
ئەسلى كود:using System;
using System.Collections.Generic;
using System.Linq;
using System.Text;

namespace _1_100_qoshushu
{
    class Program
    {
        static void Main(string[] args)
        {
            int jemi = 0;

            for (int a = 1; a <= 100; a++)
            {
                jemi = jemi + a;
            }
            Console.Write(jemi);
            Console.ReadKey();
        }
    }
}چىققان نەتىجە:


مانا مۇشۇ كودلار بىلەنلا نۇرغۇن سانلارنىڭ يىغىندىسىنى تېزلا تېپىپ چىقالايسىز. بۇ ئەمدى ئاددىي بىر مەشىق، يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر مەشىق قىپ باقسا بولىدۇ. ئۇستىلارنىڭ زاڭلىق قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ كودى مەن چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي:
ئاۋۋال بىز int غا بىر ئۆزگەرگۈچى مىقدار بېرىمىز، بۇنى نامىنى مەن jemi دەپ قويدۇم ۋە قىممەتنى 0 قىلدىم.
ئاندىن ئايلانما جۈملە  for ئارقىلىق 1 دىن 100 گىچە بولغان سانلارنىڭ جەريانىنى بېرىۋالدىم.   for (int a = 1; a <= 100; a++)بۇ جۈملىدىكى  a نىڭ قىممىتىنى 1 دەپ بەردىم، بىزنىڭ مەقسىتىمىز 1 دىن 100 گىچە بولغان سانلارنىڭ يىغىدىسىنى قوشۇش ئۈچۈن a غا يەنە بىر قىممەت بېرىمىز يەنى ئەڭ ئاخىرقى چەكتىكى قىممەتنى شۇنىڭغا تەڭ ياكى شۇنىڭدىن چوڭ قىلىپ a <= 100 نى بەردىم. ئەمدى ھەر قېتىم ئايلانغان بىرنى قوشۇپ مېڭىشى ئۈچۈن a نىڭ قىممىتىغا بىرنى قوشۇپ بېرىشى كېرەك شۇڭا بۇ يەردىكى  a غا ھەر قېتىم بىرنى قوشۇپ بېرىدىغان  a++ نى بەردىم.
ئەمدى بىزنىڭ نىشانىمىزدىكى  jemi دېگەن ئۆزگەرگۈچى مىقدارغا يەنە ئۆزىنى قوشۇپ بەردىم ۋە ئۇنىڭغا i نىڭ قىممىتىنىمۇ بەردىم. بۇنداق بولغاندا ئەسلىدىكى  jemi نىڭ قىممىتى 0 گە ھەر قېتىم ئايلانغاندا بىر نى قوشۇپ بېرىدۇ.
ئەمدى بىز بۇنى بېسىپ چىقارساقلا بولىدۇ.

خوش بۇنى بىلدىڭلار ھەقىچان ئەمدى تۆۋەندىكىدەك تەپسىلىي ھالىتى كېرەك بولۇپ قالسىچۇ؟

مانا مۇشۇنداق تەپسىلىي چىقىرىدىغان ئىش بولسا (بەلكىم بۇنداق تەپسىلىي چىقىرىشمۇ بىھاجەتتتۇر) ئۈستىدىكى كودقا مۇنداق كودلارنى قوشسىڭىز بولىدۇ
يەنى a نىڭ قىممىتىنى ئېكرانغا بېسىپ چىقىرۋېلىشىمىز كېرەك بۇنىڭ ئۈچۈنjemi = jemi + a;نىڭ ئاستىغىلا a نىڭ قىممىتىنى كۆرستىىش كودى Write نى بېرىمىز.
ھەم يەنىلا if ئارقىلىق a نىڭ قىممەت دائىرىسىنى بېكىتىۋالىمىز. يەنى a == 100 دەپ بېرىمىز. ھەمدە ئاتلاش جۈملىسى break نى ئىشلىتىمىز.
قالدى كودلارنى چۈشەندۈرمىسەممۇ بولا. قېنى ئەسلى كودىنى كۆرۈپ بېقىڭلار.
using System;
using System.Collections.Generic;
using System.Linq;
using System.Text;

namespace _1_100_qoshushu
{
    class Program
    {
        static void Main(string[] args)
        {

            int jemi = 0;

            for (int a = 1; a <= 100; a++)
            {
                jemi = jemi + a;
                Console.Write(a);
                if (a == 100)
                {
                    break;
                }
                Console.Write("+");
            }
            Console.Write("=" + jemi);
            Console.ReadKey();
        }
    }
}
ئۇنداق بولسا #c غا قىزىقىدىغانلار سىناپ باقساڭلار بولىدۇ.
خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا ئىنكاس شەكلىدە تۈزىتىشىمگە ياردەم بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەسلى مەنبە: قۇتيارمۇنبىرى

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 06:53:07

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ماتېماتىكىسىدا ئالگورىزىم(算法 ) دەيدىغان بىر باپ دەرس بار . ئاۋۋال مۇشۇنى ئۆگىنىش قىلىش كېرەك.

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 08:02:36

ھېسابلاش+گرامماتىكا=پروگرامما.

newyork يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 10:01:56

مۇشۇ س تىلنى ھەمدە پروگرامما يېزىشنى ئۆگىنىش ئۈچۈن قانداق تېخنىكىلارنى ھەمدە ئىنگىلىزتىلىدىن قايسى
سۆزلۈكلەرنى بىلىشى كېرەك ؟
كۈلكە ھەقتەتۇر ئەپەندى دەرس سۆزلەپ قىلىۋاتقان بولسا ئادىرىسىنى،ۋاقتىنى دەپ بەرسىڭىز؟

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 10:25:21

newyork يوللىغان ۋاقتى  2014-3-19 10:01 static/image/common/back.gif
مۇشۇ س تىلنى ھەمدە پروگرامما يېزىشنى ئۆگىنىش ئۈچۈن قان ...

مەنمۇ ئىنگىلىزچىنى ئالاھىدە ئۇقمايمەن، مۇشۇ كومپيۇتېر ئىشلىرىدا ھاجەتتىن ئارانلا چىقىمەن، ئاندىن شۇ خەنزۇچە بىلىمەن، ماتېماتىكىنى ھەرھالدا بىلىمەن مۇشۇ نەرسىلەر بىلەنلا شۇ پروگرامما ئۆگىنىشكە كىرىپ كەتتىم. ھازىر ھەر ھالدا باشقىلار يازغان java ۋە #c پروگراممىلىرى بولسا ئانچە مۇنچە قاراپ ھە ماۋۇ مانداق بۇيرۇقكەن ماۋۇ مانداق كودكەن دەپ بىلگۈدەك دەرىجىگە كەلدىم.
ھەقتەيۈر ئەپەندىم ھازىر كۈندە كەچ سائەت 7 دىن 8 گىچە بىر سائەت مۇقىم تۇرۇپ 6-7 باللىغا QQ توپ سىنلىق پاراڭلىشىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ دەرس سۆزلەۋاتىدۇ، دەرس ھەم سىنغا ئېلىنغاچقا ئۇ دەرسلىكلەرنى ئەتىسى بىزگە تەمىنلەپ بېرىۋاتىدۇ.
http://www.qutyar.net/mb/thread-8283-1-1.html
ئالدىنقى 10 قىسىم دەرسلىكنى ھەقسىز تارقاتتى، قىزىقسىڭىز بۇنى كۆرۈپ بېقىڭ. ياراپ قالسا سېپىمىزگە قوشۇلارسىز.
ئايدا شۇ 100 كويلا تاپشۇرسىڭىز بولىدۇ. ئوقۇش پۇلىمۇ قىممەت ئەمەس

tayirT يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 10:36:38

jemi = jemi + a;
jemi += a;بۇنداق يازغاندا تېخىمۇ قىسقا بولىدۇ :lol

tayirT يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 10:50:47

توخۇ توشقان 18 پۇت قۇلى 48 دىگەننى يىزىپ باقسام خېلى ئاددىلا چىقىتى .
بۇرۇن قىزىقىپ يۈرگەن ھەقسىز تارقاتقان دەرىسلىكنى كۈرۈپ يىزىپ باققان ئىدىم :o    class Program
    {
        static void Main(string[] args)
        {
            for (int tuhu = 1; tuhu <= 48; tuhu++)
            {
                for (int toshqan = 1; toshqan <= 48; toshqan++)
                {
                    if (toshqan * 4 + tuhu * 2 == 48 & tuhu + toshqan ==18)
                        Console.WriteLine ("toshqan:" + toshqan +  "   tuhu:" + tuhu);
                }
            }
            Console.ReadKey();
        }
    }

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 12:42:29

tayirT يوللىغان ۋاقتى  2014-3-20 10:36 static/image/common/back.gif
بۇنداق يازغاندا تېخىمۇ قىسقا بولىدۇ

شۇنداق، قايسى ئۇسۇلنى قوللانسىڭىز نەتىجىسى بىردەك چىقىدۇ، مەن ئاۋۇ ئۇسۇلدا يېزىشقا سەل ئامراقراق شۇڭا ئاشۇنداق يازغان.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 12:42:38

tayirT يوللىغان ۋاقتى  2014-3-20 10:50 static/image/common/back.gif
توخۇ توشقان 18 پۇت قۇلى 48 دىگەننى يىزىپ باقسام خېلى ئادد ...

ئۇستا بوپ كېتىپسىزغۇ مانا

tayirT يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 12:47:58

بۇرۇن VB ئۆگەنگەن تەييار دەرىسنى كۈرۈپ  يىزىپ باقسام ئاسان تۇيۇلدى .
كۈندە تورغا چىقىپ بولالمايدىكەنمەن. دەرسىنى كۈندە كەچلىكى ئۆتىدىكەن. شارائىت ياىشى ئەمەس بولمىسا 1 ئاي ئۆگەنگەن بولسام خېلى بىرنەرسە بىلىۋالاركەنمەن .

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 12:50:59

tayirT يوللىغان ۋاقتى  2014-3-20 12:47 static/image/common/back.gif
بۇرۇن VB ئۆگەنگەن تەييار دەرىسنى كۈرۈپ  يىزىپ باقسام ئا ...

ئانداقتا 10 قىسىم دەرستىن كېيىنكىسىنى ھەقتەيۈر ئەپەندىم بىلەن ئالاقىلىشىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ. داۋامىنى ھەقلىق يوسۇندا تورغا يوللايدىغان بولغان ، شۇ دەرستىن ئۆگەنسىڭىزمۇ بولىدۇ

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 20:10:13

Java بىلەن ئوخشاشلامكەنغۇ، c# ئۆگىنىپ باقمىغان، پروگرامما مۇھىتى بىلەن تونۇشىۋالسام، بىرنېمە قىلىپ كېتىمەنمۇ نېمە

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 20:55:06

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2014-3-20 20:10 static/image/common/back.gif
Java بىلەن ئوخشاشلامكەنغۇ، c# ئۆگىنىپ باقمىغان، پروگرامم ...

ھەئە ئوخشىتىپ كېتىدىكەن.

Uyghuran يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 21:09:32

1998 - يىلنىڭ vb سىنى تىتىۋەتكىدەك بولغاندا كاساپەت مودىدىن قېلىپ studio.net چىقىپ ئۇنىڭغا ئۈلگۈرۈپمۇ ئۈلگۈرۈپ بولالمىدىم. سىغىمى بەك چوڭ. 1 دىن 100 گىچە ساننى قوشىدىغان كىچىككىنە مەشىقنى ئىشلەش ئۈچۈنمۇ نەچچە جى نەرسىنى قاچىلايدىغان ئىشكەن. سىنارەد بىلەن قۇشقاچ ئاتقاندەكلا ئىش. يەنە كېلىپ تۈزەپ بولغان پروگراممىڭىزنى باشقا كومپيۇتېردا ئىجرا قىلماقچى بولسىڭىز، شۇ كومپيۇتېردا چوقۇم ماس ھالدىكى framework مۇھىتى بولۇشى كېرەك. شۇنداق قىلىپ ئاخىرى پروگراممىر بولۇش چۈشۈمدىن يالتايغان ئىدىم. ھازىر VBA بىلەن ۋورد، ئېكسئېل دىگەنلەرنى ئوينىتىۋېتىمەن. خىزمەتتە ئەمەلىي قوللىنىلىدىغىنى مانا مۇشۇ شۇ. پو شۇنچىلىك بولسا بولار.{:92:}

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 23:25:32

Uyghuran يوللىغان ۋاقتى  2014-3-20 21:09 static/image/common/back.gif
1998 - يىلنىڭ vb سىنى تىتىۋەتكىدەك بولغاندا كاساپەت مودىد ...

ھەقىقى پروگراممىر بولىمەن دېسىڭىز شۇ net قا تايانمايدىغان تىللارنى ئۆگەنسىڭىز بولىدۇ ، مەسىلەن ++c دېگەندەك تىللارنى، ئەمما كۆڭۈل خوشى ئۆگىنىپ ھاجەتتىن چىقارسام بولاتتى دېسىڭىز مۇشۇلار يېتەرلىك مەنچە.

heqteyur يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 17:16:57

Kulke يوللىغان ۋاقتى  2014-3-20 23:25 static/image/common/back.gif
ھەقىقى پروگراممىر بولىمەن دېسىڭىز شۇ net قا تايانمايدى ...

ھى ھى ، C/C++ لارنى ئۇنداق سىرلىقلەشتۈرۋەتمەڭلا ھوي، .net سۇپىسىدا پروگرامما يازىدىغانلارنى ئۇنداق ئەرزان چاغلاپ قالماڭلا جۇمۇ، ھى ھى، تىللارنىڭ ئۆزىنىڭ ئەڭ ماس كېلىدىغان مەيدان سورۇنى بار، بىرسىنى بىلگەنلەر نوچى يەنە بىرسىنى بىلگەنلەر پوچى بولىدىغان ئىش يوق جۇمۇڭلا.

abdullak يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 17:55:49

مېنىڭچە پىروگرامما تىلىنى ئۆگەنگەندە ئالدى بىلەن ئاساندىن باشلاش كېرەك ، يۇقىرى دەرىجىدىكى پىروگرامما تىللىرىنى شۇ ئاددىي تىلنى راۋۇرۇس ئۆگىنىپ خىيالىدا بۇ تىل بىلەن ئىش قىلغىلى بولمىغۇدەك دېگەندە ئاندىن ئۆگەنسە بولىدۇ .

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-3-22 00:15:06

heqteyur يوللىغان ۋاقتى  2014-3-21 17:16 static/image/common/back.gif
ھى ھى ، C/C++ لارنى ئۇنداق سىرلىقلەشتۈرۋەتمەڭلا ھوي، .net  ...

ۋاي ۋاي، ما ئىشنى ئا گەپنى قپ سىزگە باشقىچە تەسىر بېرىپ قويۇپتىمەندە.
خاتا چۈشىنىپ قالماڭ يەنە، مەن net پروگراممېرلىرىنى تۆۋەن كۆرمەيمەن. بولمىسا ئۆزۈم نېمىشقا شۇنى ئۆگىنەتتىم. مەن غەيرەت توختى كەنجى ئاكمىزدەك ++c دا تۇرۇپ ماشىنلارنىڭ قاتتىق دېتاللىرىغا كود يېزىپ .... دېگەندەك ئىشلارنى قىلمەن دېسىڭىز شۇنى ئۆگىنىڭ دېمەكچىتىم. بۇ ھەرگىزمۇ net پروگراممىرلىرىنى كچىك كۆرگىنىم ئەمەس. باشقىچە چۈشەنمە جۇمۇ
. چارچاپ قالغاندا يازدىممۇ نېمە ئاۋۇ ئىنكاسنى، مانداق تەسىر بېرىشىنى ئويلماپتىمەن دېسە:lol

heqteyur يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 09:46:37

Kulke يوللىغان ۋاقتى  2014-3-22 00:15 static/image/common/back.gif
ۋاي ۋاي، ما ئىشنى ئا گەپنى قپ سىزگە باشقىچە تەسىر بېرى ...

ھە ھە، باشقىچە تەسىر بەرگەن يوق، پەقەتلا بۇ پروگرامما لايىھىلەش تىلى دېگەن نەرسىگە توغرا كۆز قاراشتا بولۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن، بۇمۇ بىر خىل قورال خالاس، قورال دېگەن ھەر خىل سورۇنغا مۇھىتقا ماس ھالدا ئوخشاش بولمايدۇ، قوررالنىڭ ئەڭ ئىسىلى بولمايدۇ، پەقەت شۇ قىلۋاتقان ئىش ۋە مۇھىتقا ماس كېلىدىغان قورال بولىدۇ ، شۇنداق ئەمەسمۇ.  تۇپا ئىېتتىرىش ماشىنىسى بىلەن تۇپا كولاش ماشىنىسىنى سېلىشتۇرغىلى بولسىمۇ مەلۇم جەھەتتىن ئەمما ئىككىسىنىڭ ئەڭ ماس كېلىدىغان يەرلىرى بار ئۆزىگە تۇشلۇق، شۇنداق ئەمەسمۇ...
بەت: [1]
: [مەشىق پروگرامما] #C دا ئەڭ ئاددىي بولغان 1 دىن 100 سانلارنىڭ يىغىندىسى...