Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 19:22:14

گەپ ئاڭلايدىغان تۆمۈر (1)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Baqka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-19 23:31  

گەپ ئاڭلايدىغان تۆمۈر (1)
بۇ يازما ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن يېزىلدى.

ھەر بىر ئادەمگە پەقەت ئىككى قول، ئون بارماق بېرىلگەن، نورمال ئەھۋالدا.. ئەڭ ئالدىراش بولغان چاغدا، بىز بەزىلەرنىڭ «بىر قولۇمنى ئىككى قىلالمايۋاتسام» دېگىنىنى ئاڭلايمىز، بۇغۇ مۇمكىن ئەمەس، لېكىن، ئېلېكتىر بۇيۇملىرىدىن پايدىلىنىپ، يۈز قولنىڭ ئىشىنى قىلالىشىمىز مۇمكىن.

تۆمۈر ۋە باشقا خۇسۇسىيەتتىكى جىسىملار، بىزنىڭ بۇيرۇقىمىز بويىچە، بىزنىڭ قول- پۇتىمىز ۋە كاللىمىز ئارىلاشمىغان ئەھۋالدا بىز ئۈچۈن خىزمەتنى تاماملىسا، بىز نۇرغۇن ۋاقىت ۋە ئۈنۈمگە ئېرىشەتتۇق.
ئەمىسە، تۆمۈر ۋە باشقا نەرسىدىن ياسالغان بۇيۇملارنى، قىسقارتىپ تۆمۈرلا دەپ تۇرايلى، قانداق قىلىپ ھەركەت قىلدۇرىمىز، نىمىلەر لازىم؟ بىزگە، مىكرو باش ئۆزەك، توك يولى تاختىسى، تەۋرەنگۈچ، كۇنۇپكا، چىراق، چىقىراق، ئېلېكتىر ماتور، رەقەم چىراق، چشلىق چاق، تاسما چاق، باسقۇچ ماتور ۋە گەۋدىنى قوراشتۇرىدىغان باشقا زاپچاسلار لازىم بولىدۇ. تېخىمۇ مۇرەككەپ خىزمەتلەر ئۈچۈن، سۇيۇقلۇق ماتور، ئېكران، كامېرا، ئولتىرا ئاۋازلىق ئارىلىق ئۆلچىگۈچ، قۇلۇپلىغۇچ، rj45 تور سىم ئېغىزى، rs232 كومپيۇتېرغا ئۇلاش ئېغىزى، توك داۋاملىغۇچ، گىرىسكوپ، GPS قۇبۇللىغۇچ، سىمسىز تارقاتقۇچ، لازىر نۇرى.. قاتارلىق نۇرغۇن زاپچاس ئىشلىتىشىمىز مۇمكىن. توغرا، سىمسىز تارقاتقۇچ بىلەن، يېقىن بولغاندا 10 مېتىر، يىراق بولغاندا بىر كىلومېتىر، ئەگەر GSM بۆلەك ئىشلەتكەندە، يانفۇن تورى ئارقىلىق ئارىلىق چەكلىمىسى يوق ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ خوتەندىكى ئۆيدە قالغان مۈشۈككە سۇ قويۇپ بېرەلەيسىز.

گەپ ئاڭلايدىغان تۆمۈرنىڭ گەپ ئاڭلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم بۆلەك باش ئۆزەك. ئۇنىڭغا C تىلى بىلەن تەرتىپ تۈزۈپ، قانداق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرسەكلا بولدى، قالغان تۆمۈرلەرگە ئۇ گەپ قىلىدۇ. مىكرو باشقۇرغۇچ قالغان تۆمۈرلەرگە گەپنى قانداق يەتكۈزىدۇ؟ ئەلۋەتتە پۇتى بىلەن! بىزنىڭ بۇيرۇقىمىزنى نېمە بىلەن ئاڭلايدۇ؟ يەنە شۇ پۇتى بىلەن!
پۇتى بىلەن گەپ قىلىدۇ ۋە ئاڭلايدۇ؟ بۇ چاخچاق ھە؟ .. ياقەي، بۇ چاخچاق ئەمەس، مىكرو باش ئۆزەك بىر توپلاشتۇرۇلغان ئۆزەك بولۇپ، ئۇ ئىزولياتور قاپنى چاپان قىلىپ كېيىپ، نۇرغۇن پۇتلىرىنى چاپاننىڭ سىرتىغا چىقىرىپ تۇرىدۇ، 1- رەسىم:
http://www.587766.com/d/file/p/2011-07-26/6d432d36ac48a0f5142b5e38203ca9fe.jpg

رەسىمدىكىدەك، بەزى مىكرو باش ئۆزەكنىڭ 20 پۇتى، بەزىلىرىنىڭ 40، ھەتتا 100 پۇتى بولىدۇ. بىز دائىم ئىشلىتىدىغان كومپيۇتېرنىڭ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچىسىدا بولسا، مىڭدىن ئارتۇق پۇت بار!
ئەمىسە، ھەر بىر پۇت قانداق گەپ قىلىدۇ ۋە ئاڭلايدۇ؟ رەقەم بىلەن! ئىككىلىك سىستېمىدىكى رەقەم بىلەن، يەنى 0 ۋە 1 بىلەن.  نىمىشقا؟ توك ئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنىلەردە، توكنىڭ ھالىتى مۇنداق ئىككى تۈر بىلەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ: بىرىنچى تۈرى، توكنىڭ يۆنىلىشى، يەنى ئۆتكۈزگۈچ مىتالدىكى ئېلېكتروننىڭ يۆنىلىشىنىڭ ئەكسىچە؛ يەنە بىر تۈرى، توكنىڭ بېسىم پەرقى، يەنى، مەلۇم بىر توك بېسىمىدىن يوقىرى ياكى تۈۋەن، ياكى بولمىسا، توك بېسىمى بار ياكى يوق دېگەندەك. توكنىڭ يۆنىلىشى ئېلېكتىر ماگېنت، ئېلېكتىر ماتورنىڭ ھەركەت يۆنىلىشىنى بەلگىلەشتە ئىشلىتىلىدۇ. تۆمۈرلەر ئارا گەپ قىلىشتا ئىشلىتىدىغىنى بولسا، توكنىڭ بېسىم پەرقى ھالىتىدىن ئىبارەت، يەنى تۈۋەن بېسىم ۋە يوقىرى بېسىم، بۇنى 0 ۋە 1 ئارقىلىق ئىپادىلەيمىز. قىسمەن ئەھۋاللاردا، بەزى زاپچاسلار 0 ۋە 1 نى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشى مۇمكىن.

بىز مىكرو باش ئۆزەكنى، باش ئۆزەك دەپ تۇرايلى، چۈنكى ئۇ باشقا تۆمۈرلەرنىڭ بېشىدە! باش ئۆزەكنىڭ ھەر بىر پۇتى چىقىرىدىغان سىگنال، يوقىرىدا ئېيتقاندەك، پەقەت 0 ياكى 1 دېگەن سۆزنىلا قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، پۇتتىن چىقىرىغان توك ئېقىمى ناھايىتى تۈۋەن، پەقەت گەپ ئاڭلايدۇ ياكى گەپ يەتكۈزىدۇ، ئىش قىلىدىغان كۈچ چىقىرالمايدۇ.
بىز، باش ئۆزەك ئۈچۈن بىرەر مىسال ئالايلى، STM ئۈزەكلىرى، بىزنىڭ مىسال چۈشەندۈرۈش ۋە مىسال ئىشلىشىمىزگە دەسلەپكى ئۆگىنىش باسقۇچىدا كۆپ ياردەم قىلالايدۇ.
تۈۋەندىكى كودنى كۆرۈپ باقايلى:
بۇنىڭدا، 8- قۇردىن 21- قۇرغىچە بولغىنى ئىجرا بولىدىغان باش پروگرامما، 22- قۇردىن 27- قۇرغىچە بولغىنى، تەۋرەنگۈچنىڭ تەۋرەنمىسىگە ئاساسەن، بىر سىكونت ۋاقىت ئۇزارتىدىغان تارماق پروگرامما، ئىسمى delay1s.
باشقا قىسىملىرى بولسا: 1- قۇرى، پروگرامما reg52.h ئامبار پروگراممىسىدىن C تىلى قاتتىق دېتالغا سۆزلەيدىغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىزنىڭ ئانچە كارىمىز بولمىسىمۇ بولىدۇ، ئۇنى ئۇنتۇپ قالمىساقلا بولدى. 2- قۇر، بۇ قۇرنى ئەسلى يازمىساقمۇ بولاتتى، لېكىن unsigned int بىلەن پۈتۈن ساننى ئىپادىلىگەنگە قارىغاندا، unit دەپ ئەركىلەتمە قىسقا ئىسىم قويساق، كېيىن نۇرغۇن قېتىم شۇ قىسقا ئىسىم بىلەن ئاتاش سەل قولاي بولغۇدەك. 3- قۇردا ئىككى پۈتۈن سان قىممەت بېكىتىۋالدۇق. 4- ۋە 5- قۇردىكى sbit  بولسا، ئۇمۇ بىر ئىسىم ئالماشتۇرۇش بولۇپ، باش ئۆزەكنىڭ پۇتلىرىنىڭ   reg52.h نىڭ ئىچىدە بەلگىلەنگەن ئىسمىنى، بىز  شۇ پۇتنى ئۇلاپ قويغان زاپچاسنىڭ ئىسمىغا ئالماشتۇرۇۋالدۇق. بۇنىڭدا ئەستە تۇتۇش قولاي بولغۇدەك. LED1  بولسا بىر تال ئىككى قۇتۇپلۇق چىراق، tit بولسا چىقىراق.
باش پروگرامما 8- قۇردىن باشلاپ ئىجرا بولغاندا، ئاۋال چىقىراققا بىر سىكونت سىگنال بېرىدۇ، ئاندىن ئۈزىدۇ. ئارقىدىن،  14- قۇردىكى ئايلانما ئارقىلىق، تاكى بىز توكنى ئۈزۈۋەتكۈچە، ئەگەر توك ئۈزۈلمىسە، ئۆزەك كۆيۈپ كەتمىسە، تاكى قىيامەتكىچە، P2^0 پۇت ۋە P1^5 پۇتقا مۇنداق بۇيرۇق سىگنالىنى تەكرار چۈشۈرىدۇ: «چىراق يانسۇن، 10 سىكونت توختىسۇن، چىراق ئۆچسۇن، 10 سىكونت توختىسۇن..».#include "reg52.h"
#define unit unsigned int
unit i, j;
sbit LED1 = P2^0;
sbit tit = P1^5;

void delay1s(unit);
void main(void)
{
        tit=0;
        delay1s(1);
        tit=1;

while(1)
        {
        LED1=0;
        delay1s(10);
        LED1=1;
        delay1s(10);
        }
}
void delay1s(unsigned int s)
{
        for(i=10*s;i>0;i--)
                for(j=1000;j>0;j--);

}
ئەلۋەتتە، C تىلىدا يېزىلغان يوقارقى تەرتىپ، ھەر خىل تىپتىكى مىكرو باش ئۆزەكلەرگە ماس كېلىۋىرىدۇ. نىمىشقا؟ ئۆزەكلەرگە يېزىلىدىغان تەرتىپ، C تىلىدا ئەمەس، ئىككىلىك سىستېما تىلىدا يېزىلىدۇ، ئوخشىمىغان مىكرو باش ئۈزەكلەر تونۇيدىغان ئىككىلىك سىستېما تەرتىپى ئوخشىمىسىمۇ، لېكىن بىزنىڭ C تىلى يېزىش قورالىمىز، بىز ئېيتىپ بەرگەن ئۆزەك تىپىغا ئاساسەن، ماس ئىككىلىك سىستېما H ھۆججىتى ياساپ چىقىدۇ.

(ئىزدىنىش تورىدىن باچكا. مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ئاساستا،  باشقا مەنبەلەرگە چاپلىسىڭىز بولىدۇ.)
كېلەر ساندا:  ئىككى خىل باسقۇچلۇق موتورنى كونترول قىلىش.

++++++++++++++
ئىزاھلار:
مىكرو باش ئۆزەك، بۇنىڭ ئېنگىلىزچىسى Micro Controller Unit، قىسقارتىلمىسى MCU  خەنچىدە كۆپ ئۇچرايدىغان نامى 单片机. ئېيتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى، بۇنىڭ بۇرۇنقى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئارغامچىدەك ئۇزۇن، بۇنداق ئۇزۇن ئىسىم پەننى ئۇمۇملاشتۇرۇشتىكى كىچىك توسالغۇلارنىڭ بىرى، زاپچاسلارنى ئۆز تىلىمىزدا راۋان ئاتاش ئۈچۈن، بۇرۇن لۇغەتكە ئېلىنىپ قالغان «يەككە پلاستىنكىلىق كومپيۇتېر، يەككە پلاستىنكىلىق توپلاشتۇرۇلغان توك يولى» دېگەن 11 بۇغۇم ياكى 15 بۇغۇملۇق كېلەڭسىز ئىسىمنىڭ ئورنىغا، «باش ئۆزەك»، «مىكرو باش ئۆزەك» دېگەن 3 بۇغۇم ۋە 5 بوغۇملۇق سۆزنى تاللاپ ئىشلەتتىم. ھەۋەسكار سۈپىتىم بىلەن، كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ كېلەڭسىز ئاتالغۇلارنى ئۆزگەرتىشىنى تەكلىپ بېرىمەن.
ئۆزەككە كود يېزىپ ئۆگىنىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا، C تىلى بىلىشكە قويۇلىدىغان تەلەپنىڭ تۆۋەنلىكىنى 0 بىلەن ئىپادىلەشكە بولىدۇ، يەنى، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ چۈشىنەلەيدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ،  يېتەرلىك C تىلى بىلىمى ئىگىلەشكە توغرا كېلىدۇ.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 09:35:53

بىزدەك ئاددى كىسىلەر مۇشۇ پېتى قاراپ قالغۇدەكمىز:shutup:

tanha19 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 09:36:34

قالتىس!!   يىڭنىلەرگىمۇ بۇيرۇق بەرگىلى بولامدۇ ؟

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 19:09:03

tanha19 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-19 09:36 static/image/common/back.gif
قالتىس!!   يىڭنىلەرگىمۇ بۇيرۇق بەرگىلى بولامدۇ ؟

يىڭنىلەرگە بۇيرۇق بېرىپ نىمە قىلماقچىتىڭىز ;P
-

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 21:26:54

tanha19 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-19 09:36 static/image/common/back.gif
قالتىس!!   يىڭنىلەرگىمۇ بۇيرۇق بەرگىلى بولامدۇ ؟

بولىدۇ!
نانومېتىر تېخنىكىسىدا، نانو ئېلېكتىر ماتور، نانو توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، رادىيو قۇبۇللىغۇچ دېگەندەك نەرسىلەر تەجرىبىخانىلاردا ياسىلىپ بولدى.  
يىڭنە- تۆمۈر، بۇ خىل تۈمۈرنىڭ ئىچ- باغرىنى قايتىدىن قۇراشتۇرۇپ چىقساق، تاشقى كۆرۈنۈشى چوڭ ئۆزگەرمىگەن ئاساستا، كۈچى يەتكەن ئىشلارنى قىلالايدۇ.

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 22:37:41

يېزلىشى تېيىز مەزمۇنى چوڭقۇر ! ئۇستۇلۇق بىلەن يېزىلغان ئەسەر بوپتۇ .... مەن  ھازىر شۇ 数字电路,单片机,信号。。。دىگەندەك دەرىسنى ئاڭلاۋاتىمەن ... ھەمىسى شۇ تۈمۈرگە گەپ ئاڭلىتىش .....

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 07:51:59

توردىن ئويۇنچۇق ماشىنا ئەكەلدۈرۈپ پروگرامما يېزىپ ئويناي دەيمەنيۇ، مەن راس ئالدىراشمۇ يا ئۆزۈم ئالدراش قىياپەتكە كىرىۋالىمەنمۇ، ھىچ قىلىپ باقمىدىم مۇشۇ ئىشنى.
ئادەم بارغانسىرى پۇل كەلمەيدىغان ئىشنى قىلغۇسى كەلمەيدىغان بولۇپ قالىدىغان ئوخشايدۇ:lol

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 17:39:36

ھەي، مۇشۇ  单片机 دېگەن گەپنى كۆرسەملا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدىكى مۇشۇ دەرسنى بېرىدىغان مەردان مۇئەللىم ئېسىمگە كېلىپ، تەنلىرىم جۇغۇلداپ كېتىدۇ.
مىڭ بىر جاپادا 64 نۇمۇر ئېلىپ ئۆتكەنتىم مۇشۇ دەرسنىڭ ئىمتىھانىدىن.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 22:25:35

单片机، باش ئۆزەكنىڭ تارىخىدا، ھازىرمۇ دەرس قىلىپ ئۆتۈشتىن توختاپ قالمىغان بىر خىل پروگرامما يېزىش ئۇسۇلى بار، ئوڭ- سول ئىككى سىزىقنىڭ ئارىسىغا لوگىكلىق سىزىق- بەلگە سىزىپ، ئاندىن ئۇنى توپ بىر تەرەپ قىلىش تىلىغا ئايلاندۇرۇپ ئۆزەككە يازىدىغان. ئۇنى كۆرگەن چىغىمدا، تەرتىپ يېزىشنى ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ قولىغا مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن قەستەن قىلغاندەكلا تەسىر بېرىدىكەن دەپ ئويلىغان ئىدىم. ھېلىمۇ ياخشى C تىلى بار بوپ قاپتۇ، بۇ ئارقىلىق ئاددىي باش ئۆزەكلەرگە تەرتىپ يېزىش بەك ئاسان.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-3-30 22:14:02

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Baqka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-30 22:21  

رەسىم سىنىقى:
https://xp09kg.dm2304.livefilestore.com/y2pBUzOqsIwsSN2sBaWnq0YfGiq1kYqw8nkLvzr1fUm-9D67934LxnTtAPzAbwVAtNTrMTI0eLfbz97tu3b0Z8xWReoCwiaKJPuqQSsUG3UAHM/2P5l.gif?psid=1

Abdikadir يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 08:23:27

قەلەم ئىگىسىگە بارىكاللا {:112:}{:112:}{:112:}{:112:}
بەت: [1]
: گەپ ئاڭلايدىغان تۆمۈر (1)