OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 15:36:47

ئېغىز ئاغرىقى ھەققىدە مەسلىھەت

تۆت-بەش يىل بولدىغۇ دەيمەن ئاغزىمغا ۋە تىلىمغا بىرخىل جاراھەت چىقىدىغان بۇلۇپ قالدى . بۇ جاراھەت چىققاندا تارتقان ئازابنى تارتىپ باقمىغانلار بىلمەيدۇ . يا تۈزۈكرەك تاماق يىگىلى ياكى گەپ قىلغىلى بولمايدۇ. ھەر قېتىم قوزغالغاندا ياللۇغ قايتۇرغۇچ دۇرىلارنى ۋە ئېغىز چايقاش سۇيۇقلۇقلىرىنى ئىشلىتىپ ساقايسمۇ ساقىيىپ بىرەر ھەپتە ئۈتە ئۆتمەي يەنە چىقىدۇ. يىلدا مۇشۇ كېسەلنىڭ دەردىدە قىينىلىپلا ئۈتىمەن .
دوختۇرخانىغا بېرىپ دوختۇرلارغا كۆرسەتسەممۇ ئېنىق بىر داۋاسىنى دەپ بىرەلمىدى نەچچە قېتىم قان تەكشۈرتتۈم قانمۇ نورمال لىكىن بۇ كېسەلنىڭ دەردىن قۇتۇلالمىدىم . بىرسى دەيدۇ جۇڭگۇ تىبابىتىگە كۈرۈنۈپ باق دەپ يەنە بىرسى مىللى تىبابەتتە كۈرۈنۈپ باق دەپ كۈرۈندۈم لىكىن بەرگەن دۇرىلىرى مەنپەت قىلسىمۇ ئۇزاق ئۆتمەي يەنە چىقىدۇ . ھازىرمۇ ئېغىزىمنىڭ ئىچىدە تۆت يەردە مۇشۇ جاراھەت بار تىلىمنىڭ ئاغرىقىدا گەپ قىلىشمۇ خوش ياقمايۋاتىدۇ . ئىزدىنىشتىكى ئەمچى موللىلارنىڭ ۋە دوسلارنىڭ مۇشۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىرى بارمىدۇ يا داۋاسىنى بىلىدىغانلار بارمىدۇ دەپ بىر ئۈمۈتتە تېما يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن . مۇشۇ كېسەلگە بىر داۋا بارمىدۇ زادى ..



GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 17:24:11

مېنىڭ ئېغىزىمغىمۇ پات پات چىقىپ قالىدۇ، كۆكتاتلارنى جىقراپ يەپ بېرىڭ.
پەمىمچە، ئىسسىقىم ئېشىپ كەتسە چىقىپ قالىدىكەن.

baydowlat يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 18:15:55

atella يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 19:49:58

مېنىڭ ئاغزىمغىمۇ لىۋىم تەرەپكە ئانچە مۇنچە چىقىپ قالىدۇ، ھەر قېتىم چىققاندا بەلكىم سوغۇقلۇقنى بەكرەك ئىشلتىپ قالسام چىقىدۇ، دەپ ئويلىدۇم.
داۋا جەھەتتە، 冰冰酸 دەيدىغان بىر دورا بىلەن كىچىك چاپلاق باركەن، شۇنى ئىشلىمەن،
يەرلىك ئۇسۇللاردىن ئانار يەپ بېرىمەن، ئانار شۆپكى ئېغىز ئاغرىقىغا بەك داۋا دەپ بىلىمەن...

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 07:01:26

مېنىڭمۇ شۇنداق،يىلدا 2ياكى 3 قېتىم چىقىدۇھەرقېتىم بىرھەپتە ئازابلايدۇ  ، داۋالاشتا ، قېتىق ، نەشپۈت ، ئەتىگەندە ئوچۇق تۇمۇرغا قايناقسۇ ئىچىش ئارقىلىق داۋالىسا بەك ئۈنۈملۈك.

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 11:45:59

ماڭا ئادەتتە سۇغاق ئىچىملىكنى ئىچسەملا چىقىدۇ.دائىم كەپتەر گۈشى ،قۇتاز ئات گۈشى يىسەملا يۇقايدۇ،
بۇ نەرسىنىڭ بەك ئاغرىيدىغىننى بىلىمەن .ئىغىزنى پاكىز تۇتۇڭ!!! چىقانلىقىنى سەزگەن ھامان ،بىر پىيالىگە تۈز قۇيۇپ (ئەلۋەتتە راۋرۇس تەممى چىقىچە )ئىلمان بولغاندا ئېغىزىڭىزنى چايقاڭ!!!!!كۈندە ئۈچ ۋاق تاماقنى يەپ بۇلۇپلا شۇنداق قىلىڭ !!!(دىققەت چايقاپ بۇلۇپ ئېغىز بەتتام بۇلۇپ كەتتى دەپ،ساپ سۇ بىلەن يەنە چايقىماڭ!!!تۈز تەممىي ئېغىزدا قالسۇن ).مەن مۇشۇنداق قىلسام يارا تىز  ساقايغان ھەم ئاساسەن ئاغرىقنى سەزمىگەن.چىشنى چۇتكىلاپ بۇلۇپ چايقىسىڭىز تېخىمۇ ياخشى مىنىڭچە!!!سىناپ بېقىڭ ! سىزگىمۇ ئۈنۈمي بۇلۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس!!!!

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 12:54:09

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mohsin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-19 12:59  

پەقەت ئېغىزىڭىزغىلا چىقامدۇ ياكى بەدەننىڭ باشقا قىسىملىرىغىمۇ چىقىدىغان ئەھۋال بارمۇ ؟

بۇنداق سورىغىنىم ، ئۆتكەندە كىتابخانىدا كىتاب كۆرۈپ يۈرۈپ بىر كىتابنى ئوقۇپ قالدىم ، بۇ كىتابتا مەخسۇس بىر ئالاھىدە كېسەللىك تونۇشتۇرۇلغان ئىكەن ، يەنى شۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئۈرۈمچىلىك بىر خانىم يازغان ئىكەن ،
بۇ خىل كېسەللىك يەر شارىنىڭ ئورتاق بىر پاراللىلىغا جايلاشقان رايۇنلاردا ياشايدىغان كىشىلەردە ئاساسلىق كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپ رايۇنىمىزمۇ مۇشۇ دائىرىدە ئىكەن ، شۇڭلاشقا ئۇيغۇر خەلقىدىمۇ خېلى كۆپ ساندىكى كىشىلەردە بۇ خىل كېسەللىك كۆرۈلگەن ئىكەن .

بۇ خىل كېسەللىك خەلىقئارادا ئورتاق نام بىلەن « بېھچەت كېسىلى » دەپ ئاتىلىدىكەن ، ( بۇ كېسەلنى تۈركىيەلىك بېھچەت ئىسىملىك بىر ئالىم بايقىغان بولغاچقا شۇ كىشىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغانكەن )

بۇ كېسەللىكنىڭ بىر ئالامىتى ، ئېغىزغا قايتىلىنىش خاراكتىرلىك ئېغىز يارىسى چىقىش ، ۋە بەدەننىڭ باشقا ئەزالىرىدىمۇ شۇنداق بىر ئالامەتلەر كۆرۈلۈش ئىكەن ، قارىماققا ئادەتتە نورمال كىشىلەردە چىقىپ قالىدىغان ئەھۋالغا ئوخشىشىپ كەتسىمۇ ئەمما بۇ كېسەللىكنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى بولىدىكەن ،

ئەلۋەتتە ، خۇدايىم سىزنى ئۇنداق كېسەللىكلەردىن ساقلىغاي ، لېكىن يۇقارقى گەپلەرنى كۆرۈپ يادىمغا كېلىپ يېزىپ قويدۇم .

كىتابخانىدىن ئۇ كىتابنى ئىزدەپ كۆرۈپ باقارسىز ياكى ،....

ئۇ كىتابنىڭ ئىسمى _ « دوزاختىكى ئوت قېنى » .

غەلىتىلا قويۇلغان ئىسىم ، مەنمۇ بۇ غەلىتە ئىسىمغا قىزىقىپ ئوقۇپ بۇ ئەھۋاللارنى ئۇققان .

qinar418 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 14:31:28

مىنىڭ ئاپامنىڭمۇ مۇشۇنداق بولاتتى ،ئاخىرى« 9 خىل ۋىتامىن »دىگەن دورىنى يەپ چىقماس بولدى .2يىلدەك بولدى .مۇشۇدورىنى ئۇزمەي كۇندە 2تال يەيدۇ.ۋېتامىننىڭ يامان تەسىرى بولمىغاندىكىن. يەنى بۇخىل كېسەل ۋىتامىن كەملىكتىنمۇ بولىدىكەن. سىنا پ بېقىڭ

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 11:36:03

mohsin يوللىغان ۋاقتى  2014-3-19 12:54 static/image/common/back.gif
پەقەت ئېغىزىڭىزغىلا چىقامدۇ ياكى بەدەننىڭ باشقا قىسىم ...

باشقا ئالامەت يوق پەقەت ئاغزىمنىڭ ئىچىگىلا چىقىدۇ.
راس بىلىكىمدە ۋە يۈزۈمگە ئەتىياز پەسىللىرى تەمرەتكىدەك بىر نەرسە ئۆرلەپ قالىدۇ قىش پەسلى تېرەم بەك قۇرغاقلىشىپ يېرىلىپ كىتىدۇ .

qoldikibulah يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 13:10:50

سىزنىڭ بەدىنىڭىزدە ۋىتامىنB2 كەم ئوخشايدۇ،تولۇقلاپ بېقىڭ.

pidayi يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 08:22:04

ۋىتامىن  C نى ئاشۇ چىققان يەرگە چاپلاڭ، بىر كۈندىلا ئاغرىق ئازابىدىن قۇتۇلىسىز، ماڭىمۇ تولا چىقىپ قالاتتى، ۋىتامىن س نى چاپلاپ، شۈمۈپ ئولتۇرسام ئاراپ تېپىپ قالىمەن، ئىككى كۈندە تەلتۈكۈس بولۇپ كېتىدۇ، دورا دۇكىنىدا 3 يۈەن ئەتراپىدا.

Riyazat يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 08:44:45

ۋىتامىنC بىلەن ۋىتامىن B2نى  شوراپ بېرىڭ
بەت: [1]
: ئېغىز ئاغرىقى ھەققىدە مەسلىھەت