muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 14:39:51

مۇھاكىمە : يەنە كەلدىڭ نۇرۇز (نەسىر)

مۇھاكىمە : يەنە كەلدىڭ نۇرۇز (نەسىر)
بارلىق قېرىنداشلارنىڭ نۇرۇز بايرىمىنى قىزغىن تەبىرىكلەيمەن!


نۇرۇز ، يەنە كەلدىڭ !  تەبىئەتتىكى قار- مۇزلارنى ئىرىتىپ ، جانلىقلارنى ئويغۇتۇپ ، جاھاننى يېشىللىققا ، گۇل -چېچەككە پوركەتكىلى ، ئىشچانلارغا تىرىشچانلىق ئاتا قىلغىلى يەنە كەلدىڭ !
مەرھابا ! قەدەملىرىڭگە نۇرۇز !
ئۇغۇز ، سۇتۇق ئېتىنىڭ كىشنەشلىرىنى ، ئاماننىسانىڭ كۇيىنى ، مەختۇمسۇلانىڭ غۇرۇرىنى ، سادىرنىڭ چوقانلىرىنى ، مۇسابايىۋلارنىڭ گۇدۇك ئاۋازىنى ، ماناس دەرىياسىنىڭ شاۋقۇنلىرىنى بىزگە ئەسلەتكىلى يەنە كەلدىڭ !
كومراجىۋانىڭ تىۋىشىنى، <<قوتاتقۇبىلىك>> نىڭ ئالماس قورلىرىنى ، ئالىپ ئەرتۇڭانىڭ ، ڧارابىنىڭ ئىزتىراپلىرىنى ، مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ، ناۋايىنىڭ .......يۇرەك سوقۇشلىرىنى بىزگە ئەسلەتكىلى ، بىزنى ئويغاتقىلى كەلدىڭ!!
مەرھابا ئالتۇن قەدەملىرىڭگە نۇرۇز!
يەنە كەلدىڭ نۇرۇز ! خۇتەن قەغەزلىرىنىڭ ھىدىنى ، ئويغۇر زەمبىرىكىنىڭ پۇرىقىنى ئەسلەتكىلى ،  كىرۇران ئانىنىڭ كۆزلىرىگە ، رىزۋانگۇلنىڭ ئۇچۇق كەتكەن كوزلىرىگە قاراشنى ، تىكىلىپ قاراشنى دالالەت قىلىپ كەلدىڭ نۇرۇز!.
ئەتلەستە كوينەك ، چىمەندە دوپپا ، ئۇغۇزنىڭ روھىدا كەمەر ، نۇزۇگۇمنىڭ كۆز يېشىدا مارجان تەييارلاپ تەبىئەتنىلا ئەمەس ئۇغۇل- قىزلىرىڭنى چىرايلىق كىيىندۇرگىلى يەنە كەلدىڭ نۇرۇز!.
ئاھ ! نۇرۇز !
بىزنى ئىسمى جىسمىمىزغا لايىق ياشاشقا ، روھىمىزنى ئويغىتىشقا ، تېخىمۇ ئويغىتىشقا  كەلدىڭ يەنە نۇرۇز!.
بىزدىن ، ئوغۇزنىڭ ئەۋلاتلىرىدىن نۇرغۇن ئۇمىتلەرنى ، ئالەمچە گۇزەل ئارزۇ-ئارمانلارنى ، بارچە تىرىشچانلىق كورسىتىشىنى كۇتۇپ يەنە كەلدىڭ نۇرۇز!!.
مەرھابا ! قەدەملىرىڭگە نۇرۇز !!!.......................................

مەنبە : خىياللىرىم. خالىغان تور بەتكە يوتكىسىڭىز بۇلىدۇ!.

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 16:08:31


يەنە كەلدىڭ نورۇز ( نەسىر )

بارلىق قېرىنداشلارنىڭ نورۇز بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن !


نورۇز ، يەنە كەلدىڭ !  تەبىئەتتىكى قار- مۇزلارنى ئىرىتىپ ، جانلىقلارنى ئويغۇتۇپ ، جاھاننى يېشىللىققا ، گۈل -چېچەككە پۈركەتكىلى ، ئىشچانلارغا تىرىشچانلىق ئاتا قىلغىلى يەنە كەلدىڭ !
مەرھابا ! قەدەملىرىڭگە نورۇز !
ئوغۇز ، سۇتۇق ئېتىنىڭ كىشنەشلىرىنى ، ئاماننىسانىڭ كۈيىنى ، مەختۇمسۇلانىڭ غورۇرىنى ، سادىرنىڭ چوقانلىرىنى ، مۇسابايىۋلارنىڭ گۈدۈك ئاۋازىنى ، ماناس دەرياسىنىڭ شاۋقۇنلىرىنى بىزگە ئەسلەتكىلى يەنە كەلدىڭ !
كومراجىۋانىڭ تىۋىشىنى ، << قۇتادغۇبىلىك >> نىڭ ئالماس قۇرلىرىنى ، ئالىپ ئەرتوڭانىڭ ، فارابىنىڭ ئىزتىراپلىرىنى ، مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ، نەۋائىنىڭ ... يۈرەك سوقۇشلىرىنى بىزگە ئەسلەتكىلى ، بىزنى ئويغاتقىلى كەلدىڭ !
مەرھابا ئالتۇن قەدەملىرىڭگە نورۇز!
يەنە كەلدىڭ نورۇز ! خوتەن قەغەزلىرىنىڭ ھىدىنى ، ئۇيغۇر زەمبىرىكىنىڭ پۇرىقىنى ئەسلەتكىلى ،  كروران ئانىنىڭ كۆزلىرىگە ، رىزۋانگۈلنىڭ ئوچۇق كەتكەن كۆزلىرىگە قاراشنى ، تىكىلىپ قاراشنى دالالەت قىلىپ كەلدىڭ نورۇز!.
ئەتلەستە كۆينەك ، چىمەندە دوپپا ، ئوغۇزنىڭ روھىدا كەمەر ، نۇزۇگۇمنىڭ كۆز يېشىدا مارجان تەييارلاپ تەبىئەتنىلا ئەمەس ئوغۇل - قىزلىرىڭنى چىرايلىق كىيىندۈرگىلى يەنە كەلدىڭ نورۇز!.
ئاھ ، نورۇز !
بىزنى ئىسمى جىسمىمىزغا لايىق ياشاشقا ، روھىمىزنى ئويغىتىشقا ، تېخىمۇ ئويغىتىشقا  كەلدىڭ يەنە نورۇز!.
بىزدىن ، ئوغۇزنىڭ ئەۋلاتلىرىدىن نۇرغۇن ئۈمىتلەرنى ، ئالەمچە گۈزەل ئارزۇ - ئارمانلارنى ، بارچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى كۈتۇپ يەنە كەلدىڭ نورۇز!
مەرھابا ! قەدەملىرىڭگە نورۇز !

مەنبە : خىياللىرىم . مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ خالىغان تور بەتكە يۆتكىسىڭىز بۇلىدۇ .

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 16:26:48

نورۇز ئۇيغۇرنىڭ بىردىنبىر مىللى بايرىمى
مەرھابا نورۇز ، ئەجدادلاردىن بىزلەرگە ئۇلاشقان نورۇز

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 17:05:57

بۇ يىل نۇرۇزنى ئۆتكۈزۈش ئۆتكەزمەسلىك توغرىسىدا تالاشمايمىزما؟:lol

tamqa1 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 17:35:11

تۇلا تالشىپ ھىرىپمۇ قالغاندۇ ، مەنغۇ مۆتىدىل ئامما نورۇز ئىشى  بەك پەيزى :lol

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 17:39:12

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2014-3-18 17:05 static/image/common/back.gif
بۇ يىل نۇرۇزنى ئۆتكۈزۈش ئۆتكەزمەسلىك توغرىسىدا تالاشم ...

تالىشىش باشلىنىپ كەتتى ئادەمنىڭ ئىچىنى پۇشۇرۇپ مىسرانىمدىكى مۇشۇ تىمىنىڭ ئاستىدا .
مىنىڭچە نورۇزنى ئوتكۇزۇش - ئوتكۇزمەسلىك مۇھىم ئەمەس ، مۇھىمى قانداق خاتىرىلەش ، ئوتكەن بىر يىلنى قانداق خۇلاسىلەش ، يىڭى يىلدا نىمىلەرنى قىلىشنى پىلانلاش ۋە دەرھال قول تۇتۇپ ئىشلەشتۇر.

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 17:53:19

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-3-18 16:26 static/image/common/back.gif
نورۇز ئۇيغۇرنىڭ بىردىنبىر مىللى بايرىمى
مەرھابا نورۇز ...

ئەمما تاشقۇرغا تاجىك ئاپتۇنۇم ناھىيسىدە تاجىك قىرىنداشلارنى 6 كۇن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىپتۇ ، ئەمما ئۇيغۇر قاتارلىق باشقا مىللەت نۇرمال خىزمەت قىلىدىكەن ....

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 18:23:05

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kuyaxoghli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-18 18:48  

مەن چوڭراق ئەمەل تۇتۇپ قالسام  ئەگەردە مەسلەنسىگە ئاپتونومغا رەئىس دىگەندەك .جىمى پۇقرالارنى يەتتە كۈن نورۇزلۇق دەم ئېلىشقا قۇيۇپ بېرەتتىم چۇقۇم. شۇغىنىسى بۇ ئۆمرۈمدە ئاپتونومغا ئەمەل تۇرماق شوپۇرمۇ بولالمايدىغان ئوخشايمەن.

baydowlat يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 18:25:46

yuwax0999 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 18:48:23

نۇرۇز ئايلىرىنىڭ ئىللىق شامىلى كىشىگە ،ئۇمۇد خۇشاللىق ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ.
نورۇز ئايلىرىنىڭ ئاشۇ، مەيىن شاماللىق ئايدىڭ  كىچىسى، كىشىگە ھەر خىل تاتلىق ئەسلمىلەرنى ئىسىگە سالىدۇ .

5tash يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 18:56:24

بىر چاغلاردا قانۇنلۇق بايرام كۈنى قىلىمىز دىگەندەك گەپلەر بولۇنغانغۇ؟ تەستىقتىن ئۆتمەپتۇ دە؟

baydowlat يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 19:10:08

gewala يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 19:44:10

2013-يىلى يوللىدىممىكى دىسەم 2012-يوللاپتىكەنمەن نورۇز ئېشى ئىتىش ئۇسۇلى توغرىسىدىكى تېمىنى ، ئۆتكەن يىلى ئۆيدە نورۇز ئېشى ئىتىلمەپتۇدە ئەمىسە ، ئاللا خالىسا بۇيىل يەنە بىر قېتىم چوڭ كىچىك جەم بولۇپ گۇڭۇر مۇڭۇر ئولتۇرۇپ نورۇز ئېشىغا ئېغىز تىگەرمىز ، ئۆيىدە ئىتىپ بېقىشنى ئىستىگەنلەر مەن يوللىغان تېمىغا قارىسۇن.

parlaq يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 08:44:01

مېغىزىنى يەپ شاكىلىنى تاشلىۋەتسەك بولىدۇ :)
بەت: [1]
: مۇھاكىمە : يەنە كەلدىڭ نۇرۇز (نەسىر)