Apollon يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 12:27:34

ئىجادىيەت سەھەرىدىكى خەيرىلىك ئاخشام

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Apollon تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-18 13:09  




    1988-يىلى كۈز ئايلىرى،  تولۇقسىزدىن ئەمدىلا چىققان چاغلىرىم ئىدى، رەھمەتلىك دادامنىڭ سالامەتلىكى ، يالغۇز ئوغۇللۇق بۇرچۈمغا كۆرە ئۆرلەپ ئۇقۇيالماسلىقنىڭ مۇمكىنچىلىكى توغرىسىدىكى مودىن خىياللار قەلبىمنى  ھەر ئان ئۆرتەپ تۇراتتى،  تۇيۇقسىز قانداقتۇر بىر ئاھاڭلارنى غىڭشىپ  ئىچىمنى بوشىتىشقا ئورىناتتىم. ناھايەت غايە بىلەن رېئاللىق ئوتتۇرىسىدىكى بۇرۇقتۇرما ھىسلىرىمغا ياندىشىپ تەمبۇرنى قۇلۇمغا ئالاتتىمدە نامەلۇم بىر كۈيلەرگە چالماقچى بۇلاتتىم. نېمىشقىدۇر ھەر قېتىم سازنى قۇلۇمغا ئېلىشىم بىلەنلا مەشھۇر كومپوزىتور ئىسكەندەر سەيپۇللا يازغان « بۇلبۇللا » ناملىق كۈي ئۆز سېھرى بىلەن بارماقلىرىمنى باغلاپ مېلۇدىيەسنىڭ ئاجايىپ ئەللىيىگە بۆلەپ قۇياتتى . ئۈزۈمنىڭ بىر كۈي ئاشىقى ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلغان چېغىمدا بولسا ئەنە شۇنداق سېھىرلىك، گۈزەل كۈيلەرنى ئىجاد قىلغۇم كېلەتتى .  شۇ چاغلاردا قەلەم بىلەن ئانچە-مۇنچە  ھەپىلىشىپ شېئىرلارنى يېزىپ تۇرغان بولساممۇ  بىراق مۇزىكىنىڭ قانداق يېزىلدىغىنىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز ئىدىم . ئەگەر دىلغا ئوتنى ئاللاھ سالسا  ئۇ ھەرگىز ئۆچمەيدىكەن، قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن قايناپ چىققان پۇغانلىرىمنى «بۇلبۇللا» دىن ئىبارەت بۇ ئۆلمەس مېلۇدىيەگە تەقلىد قىلىپ ئاخىرى بىر شەكىلگە ئەكىردىم . شۇنداق قىلىپ ئىجادىيىتىمنىڭ تۇنجى سەھىرى خەيرلىك ئاخشامدىن باشلاندى.
       1994- يىلى ئاقسۇ سەنئەت مەكتەپنى غەلىبىلىك تاماملاپ نەچچە يىلدىن بېرى خاتىرلىگەن ئىجادى ناخشىلىرىمنى ئېلىپ شەھرى ئۈرۈمچىگە يول ئالدىم. تارتقان  كۈلپەتلىرىمگە يارىشا 1995-يىلى باھاردا شەنتۇ خەيياڭ ئۈن-سىن نەشرىياتى تەرىپىدىن « ئايرىلىش ئالدىدىكى سىر» ناملىق تۇنجى قاپلىق ئۈن ئالبومىم نەشىر قىلىندى . بۇ ئالبومغا خەيرلىك ئاخشام بىلەن بىرگە يەنە ئون پارچە ئىجادى ئەسىرىم كىرگۈزۈلگەن بۇلۇپ شۇ چاغدىكى ئاۋانگارت مۇزىكانتلاردىن- شىرئەلى ئابدۇرىشىت، مۇختەر ئابدۇللا (شەيتان) قاتارلىقلارنىڭ يۇقىرى ماھارەت بىلەن تەڭكەش قىلىشى بىرلىشىپ ئالبوم ناھايىتى تىزلا ئالقىشلىق بۇيۇمغا ئايلاندى.   ھازىرغىچە يىگىرمە يىلغا يېقىم ۋاقىت بولغان بولسىمۇ تۇنجى ئىجادىيىتىم بولغان ئۇشبۇ كۈي نۇرغۇن ناخشىچىلار تەرىپىدىن قايتا-قايتا ئېيتىلىپ ھېلىھەم مۇزىكا ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئەسلىمىلىرىمگە ھەمجور بولماقتا. ئەپسۇسلىنارلىغى شۇكى شىرىن ئازاپلىرىمنىڭ مەھسۇلى بولغان« خەيرلىك ئاخشام » تالايلىغان كىشىلەرنىڭ سۆيگۈ كەچۈرمىشلىرىگە شاھىد بولغان بولسىمۇ،  كىيىنكى قايتىلاپ ئوقىغان غەزەلخانلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىگى تۈپەيلى ئەسەر ئىگىسى بولغان كەمىنە شەيخنىڭ ئىسىم-شەرىپىم چەتتە قېلىشتىن سىرت ناخشامنىڭ ئىسمىمۇ شەپقەتسىزلەرچە ئۆزگەرتىشكە دۈچ كەلدى.  
    بۇ ساندا ئۈندىدار سۇپامنى قوللاپ كېلىۋاتقان ھەم ئۇنىڭدىن زوق ئېلىۋاتقان  شۇنداقلا  سەنئەت ھاياتىمغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئەزىز دوستلىرىمنىڭ قىزغىن تەلىپىگە ئاساسەن بۇ ناخشامنىڭ 95-يىللىق ۋە 2004-يىللىق ئىككى نۇسخىسىنى تەڭ مەنىۋىيىتىڭلارغا سۇندۇم، ھۇزۇرلانغايسىلەر.
تولۇق تېكىستى


تۇرسۇن شەيخ


ئېسىڭدىمۇ بىز تۇنۇشقان خەيرىلىك ئاخشام
ساڭا باقسام دولقۇنلايدۇ قەلبىمدە ناخشام

سۆيىمەن سېنى دىگەن... سۆزۈڭ يادىمدا
كېچە-كۈندۈز گۈزەل ھۆسنۈڭ كۆز ئالدىمدا.

كەتتىڭ يىراق جايلارغا  يار  مېنى تاشلاپ
يىغلاپ قالدىم ھەسىرەتتە كۈزۈمنى ياشلاپ

كۈتىمەن سېنى دىگەن... سۆزۈڭ يادىمدا،
كېچە-كۈندۈز گۈزەل ھۆسنۈڭ خىيالىمدا.

1995 - يىلدىكى نۇسخىسى:
http://static.video.qq.com/TPout.swf?vid=c012603a8z3&auto=0



2004-يىلىدىكى نۇسخسى


http://static.video.qq.com/TPout.swf?vid=d0126hmf6fk&auto=0


مەنبەسى : ئەپەندىم تورى

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 15:58:17

كىم  ئاداش  بۇ :funk:

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 16:12:44

خەقنىڭ ئەمگىكىنى ئوغرىلاپ ئېيتىپ تاماشىبىنلار چاۋاك چالسا رەخمەت خەلقىم دەپ سەھنىدىن چۈشىدىغان گۇيلار جىق.بولسا بىرەر كىچىلىك ئۆتكۈزسىڭىز كونا يىڭ ئىجادىيەتلىرىڭىزدىن ھوزۇرلانساق بولىتى.2009يىلىغۇ دەيمەن بارغۇت رىستۇرانىدا قەلەمكەشلەرنىڭ نورۇزلۇق ئولتۇرۇشىدا ناخشىڭىزنى بىر ئاڭلىغان.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 16:50:23

چاقچاق قىلغىلىمۇ قويمامسىلەر باللا.ئۈسىتىدىكى ئاداش كىملىكىنى دەپ بەرسىمۇ يەنە كىم دەپ سوراپتۇ.شۇڭا ناۋايكەن دەپ جاۋاپ بەردىم.شۇنىمۇ ئۆچۈرەمدۇق ئەمدى.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 20:06:53

يوۋ...ھازىرغىچە ھەر تويدا بارغۇ بۇ ناخشا...

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 22:59:41

مەن بۇ ئاداشنى  شورباغ مەشپىرىمۇ  ئىشقىلىپ  بىر چوكان بەكلا ئويناپ كەتكەن بىر فىلىمدا كۆرگەندەك  قىلغان ،شۇڭا سوراپ  باققان ......................

parlaq يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 08:54:16

meyxor يوللىغان ۋاقتى  2014-3-18 16:12 static/image/common/back.gif
خەقنىڭ ئەمگىكىنى ئوغرىلاپ ئېيتىپ تاماشىبىنلار چاۋاك چ ...

خەلقلىرىمىز بەلكىم ئاز-تولا بولسىمۇ تىرىشقىنىغا چاۋاك چالىدىغاندۇ ؟ :)

newyork يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 09:04:03

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئاپوللون بۇرادەر
تۇرسۇن شەيىخنىڭ مۇشۇ مۇنبەردە قايسى بىر تمىدا گىپى چىققان ھەمدە ياشلىقىدا ئېيتقان بىر  ۋېدىئوسى
چىققان(ئەمما سەل شاشلىق قىپ قويغان بۇ كۆرۈنۈشلەردە)
مەن شەيخنىڭ مەرھۇم دىيارىم مۇنبىرىدە ئۆزىنى قۇرئان كەرىمنى يادلىغان قارى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان ،بىلىمخۇمار
ئاكىمزىنىڭ تىمىسىدىمۇ ئوقۇغانلىقىنى ئېيتتى،ئەمما مەن چۈشەنمىگىنىم شۇنداق ئوقۇغان بىر ئادەمىنڭ سەنئەت ساھەسىگە قانداق كىرىپ قېلىشى ،بۇلۇپمۇ يېزىقچىلىق ساھەسىگە كقرىپ قېلىشى مېىنى قىزىقتۇردى.سىز دوستى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن بۇ توغرۇسىدا دەپ باقامسىز؟مەن رادىكاللارچە سورىمىدىم ،مەن بولسا شەيىخنىڭ ئۆزى جاۋاب
يېزىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

parlaq يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 09:09:12

newyork يوللىغان ۋاقتى  2014-3-19 09:04 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئاپوللون بۇرادەر
تۇرسۇن شەيىخنىڭ م ...

ئۇ قېرىندىشىمىز ئەپەندىم تورىدىن كۆچۈرۈپ ئەكەپتۇ

rakita يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 09:49:33

ئۆزەمنىڭ ھوزۇرلىنىشىدا، بۇ ناخشىنىڭ تېكىستى بىلەن ئاھاڭى ھەقىقەتەن ياخشى چىققان،  ئەمما، ئەسلى ئىگىسى بولغان تۇرسۇن شەيىخ ئەپەندىم بۇ ناخشىنى تازا ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتالمىغان. ئۆتكەندە بىر رېستۇراندا بىر ياش  بالا بۇ ناخشىنى بەك ئىسىل ئېيتىۋەتتى كاساپەت!! ناخشا ئېيىتقۇچى پۇراقنى زىۋىر-زىۋىرىغىچە ئاپىرالمىسا ھوزۇرلانغىلى بولمايدۇ. ھەممەيلەن چاۋاك بىلەن قىقاس قىلىشتى، مەن ئەتراپتىكىلەرگە بۇ ناخشىنىڭ تۇرسۇن شەيخ ئەپەندىمنىڭ نادىر ئىجادىيىتى ئىكەنلىگىنى ئەسكەرتىپ قويدۇم!!

adiyat يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 10:06:41

ھەزرىتى مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مەدىنىگە كىرگەندە قارشى ئالغىلى چىققان كىشىلەر ئاخىر زامان پەيغەمبىرىنى كۆرۈش بىلەن بەزىلىرى ھوشىدىن كەتتى ، بەزىلىرى ئۆزلىرىنى يوقوتۇشۇپ ھەر خىل ئۇسۇللارغا  چۈشۈپ كەتتى.
مەۋلانە جالالىدىن رۇمى ھەزرەتلىرى ئۇستاز شەمسىدىن تەبرىزىنى كۆرۈشتىن بۇرۇن شۆھرىتى پادىشاھلاردىن ئىشىپ كەتكەن .ھەر جۈمەدە كىشىلەر نەچچە كۈنلۈك يولدىن كىلىپ ئۇ كىشىنىڭ ۋەزلىرىنى ، مەرىپەتلىرىنى ئاڭلايتتى..
شەمسىدىن تەبرىزىنى كۆرگەندىن كىيىن ئۇ زادنىڭ شۇ زامانغىچە تىكلىگەن ئىتقادى ۋە پىكىرلىرى پۈتۈنلەي چىقىلىپ كەتتى ۋە ئۆزىنى قاتتىق گۇناھكار ھىس قىلدى. ئاندىن ئىنساننىڭ كىبىر جازىسىنى چاقىدىغان(فانالىققا باشلايدىغان) ۋە ئىتقادنى تۆمۈرچىدەك سوقوپ چىقىدىغان مەسنەۋىينى يازدى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ساما ،ئوركىستىرلارنى قۇردى...سەنئەتنى زالىملار ۋە مۇستەبىتلەر ئۆچ كۆرىدۇ.  12 مۇقاممۇ(مەقام-ئاشىقلارنىڭ دەرىجىلىرى) شۇنداق ئەھلى سوفىيلارنىڭ ئىجادلىرىدۇر..

adiyat يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 10:31:05

ھاياتىمدا  خوتۇنۇمغا شۇنداق ئاشىق بولدۇم.. ئۇنى  مەلىسىنىڭ ئالدىدا ساخلاپ پۇتلۇرۇمنىڭ ئۇششۇپ قالغىنىنى ئۇنتۇپ قالاتتىم.. ئۇ چىقىپ ماڭا قاراپمۇ قويماي كىتەتتى.ھازىر ئەرخوتۇن بولدۇق، بالىمىزمۇ بار.
مەشرەپ رەھىمەھۇللانىڭ شۇنداق بىر گىپى بارغۇ دەيمەن؛‹بەندىگە بولغان ئىششىق ئىلاھى ئىششىقنىڭ كۆۋرىكى› دەپ...شۇڭا ئۆلىملار ‹لەيلى -مەجنۇن› ھىكايىسىنى ياخشى كۆرىدۇ. يەنى سۆيگۈ شۇنداق تاماسىز بولۇش كىرەك.
ئەبۇبەكىر زەزىيوللاھۇ ئەنھۇ ئىيتتى:‹مەن شۇنداق چوڭ بولسام ،دوزاققا لىقلا كەلسەم مەندىن بۆلەك ئادەم سىغمىسا›. مەشرەپ رەھىمەھۇللا ئىيتتىكى:‹ئى ئاللا سىنىڭ جەننىتىڭ كىرەك ئەمەس، پەقەت سىنىڭ رازىلىقىڭ كىرەك›. مۇشۇنداق رىياسىز سۆيگۈلا قارشى تەرەپكە قۇۋەت بولىدۇ..بولمىسا ئۇ بىر ئازاپ ۋە ئېغىر يۈككە ئايلىنىدۇ. چۈنكى سىنىڭ بىراۋنى ياخشى كۆرۈشۈڭ ئۇ ئۆزەڭنىڭ ئىشى، چىن ئاشىق بولساڭ شۇ سۆيگۈڭدىن گۈلخان بول ۋە ئىسسىقلىق تارقات،  كۆيەكنى ئاللا سالسۇن، سەن يۈرەك ئوغرىسى بولما.

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 10:55:28

adiyat يوللىغان ۋاقتى  2014-3-19 10:31 static/image/common/back.gif
ھاياتىمدا  خوتۇنۇمغا شۇنداق ئاشىق بولدۇم.. ئۇنى  مەلىسى ...

ھەرقانداق سەۋەب بىلەن دوۋزاخنى تىلەش - ئوچۇق كۇفرىلىقتىن دېرەك بولىدۇ. سۇبھانەللاھ ، ئەبۇ بەكرى ھەرگىز ئۇنداق دېمەيدۇ!
ئاتالمىش مۇھەببەتنى باھانە قىپ ، ئۆزىگە زۇلۇم قىلىش - خىرىستىئانلارنىڭ  ئەقىدىسىدىن سوپىزىمغا كىرگەن بىر باتىللىق بولسا كېرەك.
خىرىستىئانلار - ئەيسا پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ گۇناھى ئۈچۈن كىرسىتقا مىخلانغان دەيدۇ. توۋا ، ھەركىشى ئۆز قىلغىنىغا ئىگە بولماي ، باشقىلار ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن ئىگە بولىدىغان بۇ قائىدىدىكى ئادىللىق قەيەردە؟ ئەگەر ئىشلار مۇشۇنداق شاخلىنىپ ماڭىدىغان ئىش بولسا - نادان ، فاسىق ئاتا ئانىلار ، ھاياتى دۇنيادا بالىسىنىڭ گۇناھىغا مەن ئىگە دەپ بالىلارنى تېخىمۇ ناچار قىپ تەربىيلىمەمدۇ؟
بۇ خۇددى بەزى جايلاردىكى بىدئەتچى ،ھەددىدىن ئاشقۇچى «مۇسۇلمان»لارنىڭ بىرى ئۆلۈپ كەتسە، نامرات ،نادانلارنى ئەتراپقا يىغىپ ،مىيىتنىڭ ئالدىدا:
-خوش ، بۇ مىيىتنىڭ گۇناھىنى كىم سېتىۋالىدۇ؟...
دەپ باھا تالاشتۇرۇپ ساتقان ئەخمەقلىقنىڭ ئۆزى ئەمەسمۇ؟
ھالبۇكى قۇرئان كەرىمدە بۈيۈك ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:
(6)كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ .(7)كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ.(8)
زەلزەلە سۈرىسىدىن.

-قاراڭ ! نېمىدىگەن گۈزەل ئادىللىق بۇ!!!
شۇنىڭدەك ئەبۇ بەكرىگە چاپلانغان ئاۋۇ بوھتان - ئازغۇن سوپىلارنىڭ باتىل قاراشلىرىنى ئەبۇ بەكرىگە تۆھمەتلەرچە تەقسىملەپ ،ئۇنىڭ ئىمتىيازىدىن پايدىلىنىپ باتىللىقنى تەرغىپ قىلىدىغان ئازغۇن ھېلىسى پەقەت.

ئەدىيات ئەپەندىنىڭ ھەربىر ئىشقا ئەقىل كۆزى بىلەن قاراپ ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن توغرا ئەقىدە تىكلىشىگە تىلەكداشمەن.
تەۋسىيە ۋە دەۋەت بىزدىن ، ئەقىل ئۆزىدىن ،ھىدايەت ئاللاھتىن .
ۋەللاھۇ ئەئلەم!

xayih يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 11:08:50

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم  ئەزىز قېرىنداشلار،
ئاپوللو ئىنىمىزنىڭ بۇ تېمىنى  يۆتكەپ قويغىنىدىن  سۈيۈندۈم. بۇ يەردە ھەرقايسىڭلار بىلەن قۇربىمىز يەتكەن تەرىقىدە  ئورتاق ھىسلاردا بولغايمىز.
  ئەركتېكىن ئەپەندىگە  مەلۇم بولغاي،  كەمىنە پايتەختتىن قايتىپ كىلىپ  شىنجااڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ بىرلا قېتىم سۇلتان ئىناقلىق مەشرىپىگە قاتنىشىپ باقتىن . ئۇ مەشرەپتە تېكىستىنى غۇجىمۇھەممەد مۇھەممەد يازغان   مۇزىكىسىنى كەمىنە يازغان «ئاھىم» ناملىق  ناخشىنى ئۇرۇنلاش بىلەن كۇپايىلەندىم. ئۇندىن باشقا ئىجتىمائى پائالىيەتلەرگە قاتناشقۇدەك بولمىدىم ۋاقىپ بولغايسىز.

نەۋيورك ئەپەندىنىڭ سۇئالىنى ۋاقىتىنچە جاۋابسىز قالدۇرۇشقا مەجبۇرمەن. چۈنكى ئۈزۈم ھەققىدە تەپسىلى توختالغۇدەك باسقۇچقا يىتىشىمگە  ئايا خېلى ھايلىم بار. مەن تېخى ئىزچىل ئۈگۈنۈش باسقۇچىدىكى كەسپى ھەۋەسكارمەن قانداقمۇ تۇتقان يولۇمنى ئەلگە ئاشكارە قىلغۇدەك ئىنتىياز مەندە نە قىلسۇن...

راكىتا ئەپەندىگە كۆپ رەھمەت ، ئۈزۈمنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۈزۈم چۇقۇم باشقىلاردەك ياخشى ئىجرا قىلالماسلىغىم مۈمكىن سەۋەپ شۇكى . ھەرقاچان ئۈزۈمنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىجراقىلىش باسقۇچىدا  ھىسياتىمغا ئەينى ۋاقىتتىكى خاتىرىلەر ئارلىشىۋالىدۇ. ئىلاھىم بۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ كەتكەيمەن.

بەت: [1] 2
: ئىجادىيەت سەھەرىدىكى خەيرىلىك ئاخشام