TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 09:26:16

تاشپولات: تارتىش كۈچ دولقۇن كۆرۈنۈشى تېلېسكوپ ئارقىلىق تارتىۋېلى...

تارتىش كۈچ دولقۇن كۆرۈنۈشى تېلېسكوپ ئارقىلىق تارتىۋېلىندى

تاشپولات روزى



ھازىرقى ئىلىم-پەنگە ئاساسلانغاندا ئالەم 13.8 مىليارد يىل بۇرۇن چوڭ پارتلاش(Big Bang) ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن دېيىلىدۇ. بۇ تارتىش كۈچ دولقۇننىڭ بىۋاسىتە كۆرۈنگەنلىكى ئالەمنىڭ ھەقىقەتەن چوڭ پارچىلاشتىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئەڭ چوڭ پاكىت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ بايقاشنى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىرلەشمە تەتقىقاتچىلىرىدىن قۇرۇلغان "بىچەپ2" دېگەن گۇرۇپپا بۈگۈن 3-ئاينىڭ 17-كۈنى ئېلان قىلدى. ئۇلار بۇ دولقۇننى ئانتىراكتىكىغا ئورۇنلاشتۇرغان ئېلىكتۇر دولقۇن تېلېسكوپى ئارقىلىق بايقىغان.

ئۇنداق بولسا تارتىش كۈچ دولقۇنى دېگەن نېمە؟

تارتىش كۈچ دولقۇننى (Gravitational wave) ئېينىشتېين ئۆزىنىڭ كەڭ دائىرىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى 1916-يىلى ئوتتۇرىغا قويۇپ 2 يىلدىن كېيىن بۇ دولقۇن پەرەزنى  ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئېينىشتېين بۇ پەرەزنى ماتېماتىكىلىق يول بىلەن كۆرسەتكەن بولسىمۇ ئۇنۇڭ زادى قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى تا ھازىرغىچە ئالىملار ئۇنى بىۋاسىتە كۆرەلمەي كېلىۋاتقان ئىدى. بۇ تارتىش كۈچ دولقۇننى ۋاسىتىلىك بايقاپ نوبېل مۇكاپاتى ئالغان فىزىكا ئالىمى بار. تارتىش كۈچ دولقۇن دېگىنىمىز ماكان زامان ئەگىرلىگىنىڭ ۋاقىت ئۆزگىرىشى بولغان دولقۇن بولۇپ، ئۇ نۇر تېزلىكىدە تارقىلىدىغان ھادىسىدىن ئىبارەت. بۇ يەردە شۇ نەرسە ئېنىق بۆلىشى كېرەككى، بۇ دولقۇن تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە سۇيۇقلۇق يۈزىدىكى ئاقار جىسىم مېخانىكىسىدىكى تارتىش كۈچ دولقۇنى (gravity wave) بىلەن ئوخشىمايدۇ. تارتىش كۈچ دولقۇنى (Gravitational wave) بولسا زور مىقداردىكى ماسسىغا ئىگە جىسىملار نۇر تېزلىكىگە يېقىن تېزلىكتە ھەرىكەت قىلغاندا ناھايىتى كۈچلۈك ھاسىل  بولىدۇ. مەسىلەن قارا ئۆڭكۈر قاتارلىقلاردا پەيدا بولىدۇ. بۇ دولقۇننىڭ ھازىرغىچە قولغا چۈشمىگەنلىك سەۋەبى ئۇنۇڭ ئازلىقى ھەم ئۇ ئاتومنىڭ بىر مىليون ھەسسىدىنمۇ كىچىك بولغانلىقىدۇر.

بۈگۈن بۇ ساھەدە داڭلىق بىرنەچچە ئالىملارنىڭ دېيىشىچە بۇ بايقاش نوبېل مۇكاپاتىنى ئالىدىكەن. ھەم بۇ بايقاش ئالەمنىڭ سىرىنى بىلىشتە بولۇپمۇ ئالەمنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقنى، ئالەمنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقنى بىلىشتە بەكمۇ مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدىكەن چۈنكى بۇ تارتىش كۈچ دولقۇنى چوڭ پارتلاش پەيدا بولغاندا بىلە ھاسىل بولغان ئەڭ قەدىمكى دولقۇن ئىكەن.

تېخىمۇ كوپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چېكىڭ:
http://www.nature.com/news/telescope-captures-view-of-gravitational-waves-1.14876

kumbah يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 11:51:59

رەھمەت تاشپولات ئاكا، سىزنىڭ مۇشۇمداق ئىلىم-پەن يېڭىلىقلىرىدىن بىزنى خۋەرلەندۈرگىنىڭىزگە.
بۇ ئىنتايىن مۇھىم بايقاش بوپتۇ،بۇ بايقاش، تارتىش كۈچى مەۋجۇت ئەمەس دەپ داۋراڭ سالغانلارغا بېرىلگەن جاۋاپ بوپتۇ

fizika1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 17:15:16

فىزىكا ،تەتقىقات كەشپىيات ئشلىرغا بارلىق ئەقىل پاراستىمزنى ئشقا سېلىپ مىللەتكە تۇھپە قۇشايلې ،مىللتىمىز تەبىي پەنگە بەك مۇھتاج

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 18:33:41

     تارتىش كۈچ دولقۇن دېگىنىمىز ماكان زامان ئەگىرلىگىنىڭ ۋاقىت ئۆزگىرىشى بولغان دولقۇن بولۇپ، ئۇ نۇر تېزلىكىدە تارقىلىدىغان ھادىسىدىن ئىبارەت. بۇ يەردە شۇ نەرسە ئېنىق بۆلىشى كېرەككى، بۇ دولقۇن تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە سۇيۇقلۇق يۈزىدىكى ئاقار جىسىم مېخانىكىسىدىكى تارتىش كۈچ دولقۇنى (gravity wave) بىلەن ئوخشىمايدۇ. تارتىش كۈچ دولقۇنى (Gravitational wave) بولسا زور مىقداردىكى ماسسىغا ئىگە جىسىملار نۇر تېزلىكىگە يېقىن تېزلىكتە ھەرىكەت قىلغاندا ناھايىتى كۈچلۈك ھاسىل  بولىدۇ.

    _________________________________________________________________________

      قىزىل بۇياپ قويغان سۆز خاتا  يېزىلىپ قالدىمۇ قانداق ؟ «ئۆزگىرىشىگە» دەپ يېزىلامدىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم ، يەنە كۆك بۇيىغان سۆزنىڭ ئارسىدا بىر سۆز قېلىپ قالغاندەك .


     بو دولقۇن تارقىلىۋاتقان ھادىسە دىيىلىپتۇ ، ئۇ ھادىسە شۇ پەيىتنىڭ ئۈزىدە يۈز بەرگەن ھادىسىمۇ ؟ دىمەك ئىلگىرى تارقالغان  بۇ دولقۇننى بايقىيالىساق شۇ ۋاقىتتىكى  ھادىسىلەرنى كۈرەلەيمىز دىگەن گەپمۇ ؟
   

0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 20:46:12

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   0996 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-11 20:56  

بۇ خەۋەرنى ئالتىنچى ئاينىڭ باشلىرىدا گۇمانلىققا چىقىرىپتۇ، بايقىغان تارتىش كۈچى دولقىنىنى سامان يۇلى ئالەم تۇزانلىرىنىڭ رولى بۇلۇشى مۇمكىن دەپتۇ.

“没有证据支持或反对引力波”

0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 20:47:59

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   0996 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-11 20:53  

宇宙原始引力波发现可能是个乌龙事件

بەت: [1]
: تاشپولات: تارتىش كۈچ دولقۇن كۆرۈنۈشى تېلېسكوپ ئارقىلىق تارتىۋېلى...