Fatema يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 08:34:17

دىھقاننىڭ تېمىدا باجاڭنىڭ ھەققى بارمىتى؟؟؟؟؟؟؟؟؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى بائارلىق ئەزىزلەر ياخشىمۇسىلەر؟ مۇنبەرگە كىرگەندىن بۇيان سىلەرگە تېتىملىق بىرەر پارچە تېما سۇنۇپ باقماپتىمەن . ئويلىغانلىرىم ، كۆرگەنلىرىم ، ئاڭلىغانلىرىم شۇنچە كۆپ بولسىمۇ قەلەم قۇۋۋېتىمنىڭ ئاجىزلىقىدىن خىجىل بولۇپ بىر نەرسىلەرنى يېزىشقا جۈرئەت قىلالمىغان ئىدىم . بۈگۈن سەل غەيرەتكە كەلسەم كېرەك مانا كۇنۇپكا تاختىسى ئۇستىدە بارماقلىرىمنى ھەركەتكە كەلتۇردۇم . ..ئۇزۇن بولدى بىر ئىش زادىلا كاللامدىن ئۆتمەيدۇ .مۇشۇ ھەر قايسى كەسپتىكى بولۇپمۇ پۇخراۋى كارخانچىلارنىڭ ئېلانلىرى تېلىۋىزوردا بېرىلگەننى ئاز دىگەندەك ئاشۇرۇپ كىشىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆيلىرىنىڭ تاملىرىغا چوڭ خەتلىك قىلىپ يېزىلىشى ،يەنە كېلىپ بىچچارە ساددا دىھقانلىرىمىزنىڭ تاملىرىغا يېزىلىشى مېنى بەكمۇ بىئارام قىلىپ كەلدى. رادىئو-تېلىۋېزورلاردا ئېلان بەرسە ئەلۋەتتە ھەق تۆلەيدۇ شۇنداققۇ؟ ئەجىبا ئاۋام پۇقرانىڭ تاملىرىغا خالىغانچە ئېلان -تەشۋىق بېرىشى توغرىمۇ ؟ۋېلايەت، شەھەر، ناھىيەرنىڭ شۇ يەرنىڭ ئەمىلىيىتىگە ئۇيغۇن تەشۋىق خەۋەرلىرى بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق . بىراق دىھقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قانۇن -ئېڭىنى ئاجىز كۆرگەندەك سەل قوپالراق ئېيتسام" باجىسىنىڭ" ھەققى باردەك بىر چىرايلىق تاملىرىغا چاسا-كاتەك خەتلەرنى خالىغانچە يېزىشى قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ؟ پۇخرالارنىڭ شەخسى تۇرالغۇ تاملىرىغا ئېلان يېزىشنىڭ قانۇنغا خىلاپ توغۇرلۇق نىزاملىرى بارمۇ-يوق؟ ئەگەر مۇشۇ ھەقتە بەلگىلىك بىلىمگە ئىگە قېرىنداشلىرىمنىڭ چۈشەنچە بېرىشىنى ئۈمۇد قىلىمەن !قاراپ تۇرۇپ بىچچارە دىھقانلىرىمىزغا بىرەر پارچە غىش(كېسەك) كۆتۇرۇپ تام سېلىشىپ بەرگەندەك نومۇس قىلماستىن ئېلان يېزىشىنى، شەخسەن مەن قەتئى قوبۇل قىلمىدىم .سىلەرچۇ؟ ئەگەر مۇشۇ ھەقتە سىلەرنىڭمۇ ئويلىغانلىرىڭلار بولسا ئورتاقلىشىپ باقساق بىلمىگەنلەر بىلىۋالساق. ئاساسلىق مەخسىدىم "ئېلان يېزىلغان تام" لاردىن شۇ دىھقانلىرىمىز قوش ئۇنۇمگە ئېرىشىش ھوقۇقى بولسىكەن دەيمەن.

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 11:15:15

توختاڭلا ھەي بالىلار ھەق بىرىدىغاندۇ، ھەر ھەر يوللاردا تولا ئۇچىرىتىمىز
ئۇنداق ئىلانلارنى  .......
ئەمىلىيەتتە قەشقەرنىڭ كوچىلىرىغا يىزىپ قويغان ھوكىمەتنىڭ
تەشۋىقاتلىرىنى كۆرسەممۇ شۇنداق ئىچىم ئاچىقىق بولىدۇ،
يا ھازىربىر مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى مەزگىلى بولمىسا شەخسى تامغا دازىباۋ ئىشلەيدىغان .
ئەمما ما دىھقاننىڭ تاملىرىغا پۇل بىرىپ سودا ئىلانى  يازىدۇ، ئەمما ئاشۇ پۇلنىڭ مەھرىدىن كىچەلمەي
خەخنى قىلتاقا دەسىتىپ بەرگەن ئىلان مەھسۇلاتلىرىمۇ ھەي شۇ ..................

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 11:30:12

يۈزىمىزدىكى تۈكنى قوغداشقىمۇ ئارا تۇرمايۋاتقان دۆلەت قانۇنىغا تىمىمنى قوغداپ بەر دەپ مۇراجىئەت قىلىش...:shutup:

Fatema يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 11:35:48

مەيخور ئەفەندىم !!!!!مېنىڭ ئۆيۇمنىڭ تېمى 3-قەۋەتتە ئىدى..:(

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 11:51:36

ساددا دېھقان تۈگۈل، «ئالىي مەكتەپ»نى تۈگەتكەت مېنىڭمۇ كاللامغا كەممەپتۇ ماۋۇ گەپ!
بىزنىڭ تامغۇ بىنادا، ئۇنداق ئېلان يوق. لېكىن ناھىيىلەرگە بارغىچە، يولنىڭ ئىككى تەرىپى يېزىلاردىكى ئۆيلەرنىڭ تېمىدا راس جىق ئۇچرايدۇ بۇنداق ئېلانلار...ھۆكىمەتنىڭ ئېلانلىرىغۇ ساماننىڭ نەقى، خانىرىقتا «بىر ئىشەك بىر بانكا» دېگەن شۇئارى ئېلاننى كۆرۈپ نەچچە ئاي كۈلۈپتىكەنمەن...

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 12:02:37

Fatema يوللىغان ۋاقتى  2014-3-18 11:35 static/image/common/back.gif
مەيخور ئەفەندىم !!!!!مېنىڭ ئۆيۇمنىڭ تېمى 3-قەۋەتتە ئىدى..: ...

مېنىڭ گىپىمنىڭ قەۋەت سانى بىلەن مۇناسىۋىتى يوققۇ.

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 12:13:20

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   meyxor تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-18 12:22  

تەھرىرلەندى

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 12:43:17

دىھقانلا كەڭ قورساق كېلىدۇ ... تېمى ئورۇۋىتىلمەي ، ئۆيى چېقىلىپ كەتىلمىسىلا چوڭ چاتاق يوقكەن. ھازىرقى ئۇچۇر دەۋرى شۇنداقلا دۇنيا بويىچە چاپلاش چىمپىيونى بولغان جوڭگوچىلىقتا :lol:lol:lol بۇنچىلىك چاپلاش ھىچقانچىلىك ئىش ئەمەس.

baydowlat يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 12:46:38

qaynam يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 16:04:19

ئېلاننى يېزىپ بولغاندىن كىيىن ، ئوخشىغان رەڭلىك يۇندىدىن يېرىم داس ئېچىقىپ چېچىۋەتسىڭىز سورايدىغان ئورۇن چىقىدۇ .
چۈنكى ، ئېلان سىزغۇچى ياكى ئېلان ئىگىسى ئەلەمگە چىدىماي سىزگە تىل سالىدۇ ،ئارقىدىن مۇش ، خوتنىڭىز چايداننى ئېچىقىپ كاللىسىغا سالىدۇ ....

دەۋاغا چۈشكەندە ، خەق مىنىڭ قانۇنلۇق سالغان تېمىمغا رۇخسەتسىز ئېلان يازسا بولىدىكەن ، لىكىن مەن ئۆزەمنىڭ رۇخسىتى بىلەن يۇندا تۆكسەم بولمامدىكەن دىسىڭىزلام ئىش پۈتىدۇ .{:92:}

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 16:05:42

بىر ھىساپتا شۇ شېركەتلەتنىڭ ئېلانلېرىمۇ ئورون تۇتۇپ تۇرغىنى ياخشى بولمىسا
-بوغدۇرۇش ئوپراتسىيسى ،بۇقا نەسىللەش كوپىراتسىيسى، يالغۇز بالسى ئۆلسە 600 يۇەن مۇكاپات! ئەنخۇي خەلقى بىلەن گۇما خەلقى قەلىبداش ،تۇمۇرداش! ئاچىڭىزنىڭ يۇزىنى ئېچىۋېتىڭ ! دىگەندەك ئەدەمنى بىئارام قىلدىغان تەشۋىقاتلار قاپلايدۇ شۇ. ئىشقىلىپ ئۇنداق تاملار بىكار تۇرۇمايدۇ.

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 16:23:10

:lol:lol:lol

justone يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 17:01:24

دىھقانلارنىڭ تېمىغا ئىلاننى ئاۋال ھۆكىمەت بېرىۋاتسا ..... {:136:}

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 17:39:57

باشتا تېما ماۋزۇسىنى دىھقانلارنىڭ تېمىدا جۇباجىنىڭ ھەققى بارمىتتى دەپ ئوقۇپ ، يۇگرەپ كىرىپتىكەنمەن :funk::funk:

5tash يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 19:00:37

ھەق بىرلىدۇ، مەن بىلدىغان ( تەبەسسۇم توڭلاتقۇلىرى، كىرئالغۇ، تېلۋېزور، توكسىكلىت ) ماۋۇ ئىلانغا دىھقانلارنى رازى قىلىپ ئىلان بەرگەن. قالغانلىرى ماڭا قاراڭغۇ شۇنىڭغا قاراپ ھەق بىرىدۇ دەپ ئويلايمەن.

umut33 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 19:23:56

horazjan يوللىغان ۋاقتى  2014-3-18 17:39 static/image/common/back.gif
باشتا تېما ماۋزۇسىنى دىھقانلارنىڭ تېمىدا جۇباجىنىڭ ھە ...

:lol :lol

alshah يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 23:34:28

2007-يىلى ئۆيىمىز شەھەر قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش قۇرلۇشىغا پۇتلىشىپ 100دەك ئاھالىنى بىر تۇتاش كۆچۈرۈپ ئۆي سالىدىغان ئورۇن كۆرسىتىپ بەرگەن.  شۇ ۋاقىتتا شەھەر-يېزا قۇرلۇش ئىدارىسىدىن بىر نەچچە خادىم كېلىپ ئۆينىڭ قۇرۇلمىسى، كۆلىمى، ماتېرىيال ئۆلچىمىنى بېكىتىپ بەرگەن ۋە شۇلارنىڭ ئۆلچىمى بويىنچە سالغان.  بۇ يەردە ئۆينىڭ ئالدىنى ئاساسەن جەنۇپ تەرەپكە قارىتىپ سالغاچقا ئەينى ۋاقىتتا ھەر ئېھتىماللىقنى ئويلىشىپ  شىمال تەرەپتىن 50سانتىمېتىر بوشلۇق قۇيۇپ سالايلى دېسەك شەھەر قۇرلۇش ئىدارىسى قوشۇلمىدى، ئارقا تەرەپتىكى قوشنىمىزمۇ ئۆيىمىز ئالدىغا ئۆي سالمايمىز دەپ ئەسلى ئورۇنغا سېلىش تەكلىبىنى بەرگەن. ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتۈپ بۇ يىل ئارقا تام خوشنىمىز ئۆز ئۆيىنىڭ ئالدى تەرىپىگە (ئۆيۈمنىڭ ئارقىسىغا شىمالغا قارىتىپ ) ئۆي سالماقچى بولۇپ ئۇل قويۇپ بوپتۇ. (ئەسلى يان تەرەپكە سالسىمۇ خېلى كۆپ يەر بار ئىدى.)ئۇ يەرگە ئۆي سېلىپ قالسا مېنىڭ ياتاق  ئۆيۈم، ئاشخانا، تازىلىق ئۆي قاتارلىقلارنىڭ ھاۋا ئالماشتۇرىدىغان دېرىزىلىرى ئېتىلىپ قالىدىكەن.  يەتتە يىلدىن بېرى بۇ خوشنىمىز بىلەن خېلى ياخشى ئۆتكەچكە يېرىم مېتىر ئارىلىق قالدۇرۇپ قويۇڭلار، ئۇ يەرنىڭ ھەر كۋادرات مېتىرىغا 200يۈەندىن پۇل بېرەي دېسەم قۇشۇلمىدى.(بۇ ئۆي يېنىدىكى ئاق يەرلەر 150-180يۈەن ئەتراپىدا سېتىلىۋاتقان.)پۇلدىكى مەسىلە ئەمەس، يېرىم مېتېر تاشلىۋەتسەك چوڭ ئۆي(ئەسلىدىكى ئۆي)ئالدى كىچىك بوپ قالىدىكەن دەپ تۇرىۋالدى. ياتاق ئۆيۈم بىلەن تازىلىق ئۆيىغۇ مەيلى، ئاشخانا ئۆينىڭ  ھاۋا ئالماشتۇرىدىغان باشقا يېرى بولمىغاچقا  بېشىم قاتتى. ئۆگزىدىن تېشىپ بۇس تاتقۇ ئورنىتىشتىن باشقا ئامال بولسا كۆرسىتىپ بېرەرسىلەرمۇ؟

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 09:26:08

baydowlat يوللىغان ۋاقتى  2014-3-18 12:46 static/image/common/back.gif
شۇ دىھقان يۈگۈرۈپ چىقىپ «ما تام مېنىڭ ، ئېلان يازمايسە ...

سىز چەتئەلدە ئوخشىمامسىز؟   مېنىڭ تېمىم دىسىلا ئۇ كىشلەر ھە خاپا بولماڭ ھە بىلمەي قاپتىمەن دەپلا كىتدىغان شۇندا ئاددى ئويلامسىز؟؟   قانۇن ئالدى تورمۇزدەك ئىشلىگەن بولسا بەزى ئەرزدارلار بېيجىڭغا يۈگۈرمەيتتى. ئەمدى بۇ تېمىمغا خەت يېزىۋەتتى دەپ مەركەزگە يۈگۈرگىلى بولمىسا.

parlaq يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 09:34:08

قەشقەر كوچىللىرىدا يىزىلغان خەتلەرنىڭ بىر قىسمىنى ساپاسىزلار يازىدىغان ئوخشايدۇ ، قانۇن بويىچە باشقۇرىدىغان كوچا دېگەندەندەك ;P

parlaq يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 09:42:41

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parlaq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-19 09:49  

بەزەن يىزا تەرەپلەردە ئاساسلىقى پىلانلىق تۇغۇت بەك ياخشى ئاز تۇغسىڭىز قىرىمايسىز قىرىسىڭىزمۇ كۈندە باغچا ، قاۋاقخانىلار ئوينايسىز توي قىلماي تۇرۇپ توي قىلسىڭىزمۇ يۈزى ئېچىلمىغان قىز قىلىمىز دېگەندەك ئېلانلار ! :@
بەت: [1] 2
: دىھقاننىڭ تېمىدا باجاڭنىڭ ھەققى بارمىتى؟؟؟؟؟؟؟؟؟