ilqutjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-17 21:22:19

بالىلاردىكى كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىق نېمە سەۋەبتىن بولىدۇ؟

ئومۇمىي بايان
ئەڭ دەسلەپ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىق تىلغا ئېلىنغاندا، مەن پەقەت ئاددىيلا ھالدا كۆزنىڭ ئېنىق كۆرۈشى دەپ بىلەتتىم، ئەمەلىيەتتە، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىقنىڭ نۇرغۇن تۈرلىرى بولىدىكەن. مەسىلەن، ئالغايلىق (ئىچكى ئالغاي، تاشقى ئالغاي، يوشۇرۇن ئالغاي، پالەچ ئالغاي قاتارلىقلار) نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ تېلېۋېزور كۆرگەندە باشنى قىڭغىر قىلىۋېلىش ئەھۋاللىرىنى ئىنكاس قىلىدۇ. بۇ يەككە كۆز ئالغايلىق (ئىچكى ئالغاي) بولۇپ، ئاساسلىقى ئىككى كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى تەڭ بولماسلىقى ھەم پەرقنىڭ زىيادە چوڭ بولۇشى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئەھۋالدۇر. بۇ بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ھېچقانداق پايدىسى يوق ئەھۋال. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، ئالغايلىق تارىخى بار ئائىلە باشلىقلىرى بالا كىچىك ۋاقتىدىلا چوقۇم دىققەت قىلىشى، ۋاقتىدا تەكشۈرۈتۈپ، ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.



قەدەم باسقۇچ \ ئۇسۇل:
1. كۆز نىسبەتەن ئاجىز (نازۇك) بولغاچقا، ئاسانلا زەخمىگە ئۇچرايدۇ. مۇتەخەسسىسلەر كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز بولۇش نۇرغۇن ئامىللاردىن بولىدۇ. مەسىلەن: كۆزىگە ئاق چۈشۈش (تۇغما)، نۇر توسۇش توغرا بولماسلىق، تور توسۇش تەكشىسىزلىكى، ئالغاي بولۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. تېببىيدا كۆزنى ناھايىتى ئاسان زەخمىگە ئۇچرايدىغان دەۋرى سەزگۈر دەۋرى دەپ ئاتىلىدۇ. ھەمدە بۇ دەۋر ئومۇمەن 13 ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن بولىدۇ. شۇڭا بۇ دەۋردىكى بالىلارغا نىسبەتەن ئائىلە باشلىقى كۆپرەك دىققەت قىلىشى، قەرەللىك ھالدا بالىنىڭ كۆزىنى تەكشۈرۈتۈپ تۇرۇشى كېرەك.
2. كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىق مەسىلىسىگە قارىتا، مۇتەخەسسىسلەر كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىقنى يىلتىزىدىن داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدۇ، پەقەت كۆزئەينەك تاقاش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا بولىدۇ دەيدۇ. مۇتەخەسسىسلەر ئوبرازلاشتۇرۇپ كۆز خۇددى ماشىنىنىڭ ئىككى چاقىغا ئوخشايدۇ، مەيلى قايسىدىن چاتاق چىقمىسۇن، نورمال كۆرۈش قۇۋۋىتى ئۈچۈن ھېچقانداق پايدىسى يوق دەيدۇ.
3. بالىلاردىكى كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىق نېمە سەۋەبتىن بولىدۇ؟ دېگەن بۇ مەسىلىگە قارىتا، تەجرىبىلىك مۇتەخەسسىسلەر سىستېمىلىق ھالدا چۈشەنچە بېرىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىق نۇر توسۇش توغرا بولماسلىق، نۇر توسۇش تەكشىسىزلىكى، ئالغاي، سەزگۈسى توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ئۇنىڭ كېسەللىك سەۋەبى ناھايىتى كۆپ، نۇر توسۇشنى ھەرگىزمۇ بالىلىق دەۋرى ياكى مەكتەپ يېشىغىچە توغرىلىغىلى بولمايدۇ ئەمەس، نۇر تۇسۇش تەكشىسىزلىكى يەككە كۆزنىڭ نۇر توسۇشىنىڭ توغرا بولماسلىقى ياكى ئىككى كۆزنىڭ پەرقىنىڭ چوڭ بولۇشى سەۋەبلىك بولىدۇ. ئالغايلىقمۇ بۇ خىل ئامىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:
كۆز بىزنىڭ تاشقى دۇنيانى كۆرۈش يولىمىز، شۇنىڭدەك يەنە بەلگىلىك گۈزەللىك رولى بار. كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىقنىڭ بالىلارغا بولغان تەسىرى ئېغىر بولۇپ، بۇ يەنە بالىلارنىڭ روھى ساغلاملىقىغىمۇ زور تەسىر كۆرسىتىپ، ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك، باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىشنى خالىماسلىق قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئائىلە باشلىقلىرى چوقۇم ھەر ۋاقىت بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىشى، ھەر ۋاقىت بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە، بولۇپمۇ كۆزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئالاھىدە دىققەت ئېتىۋارىنى بېرىشى كېرەك.

مەنبە: پەرىشتە ئانا-بالا مۇنبىرى
ئەسلى ئادرېسى: http://www.anabala.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=58

مۇنۇ تېمىلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۇمكىن
كۆپىيىش ئەزاسىدا قاپارتما بولۇپ قالسا ھامىلىدار بولۇشقا بولامدۇ؟

ئانا سۈتىنىڭ رولى ھەققىدە يېڭى بايقاش (تەۋسىيە)

ئايال بولۇش بىر ئىلىم، كېلىن بولۇش بىر سەنئەت

ilqutjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 10:21:31

مۇنبىرىمىزدە مەخسۇس بالىلار كېسەللىكى دوكتۇرى كەسپىي مەسلىھەت بېرىدۇ، بالىلار كېسەللىكى جەھەتتە مەسلىھەت سوراش ئېھتىياجى بار قېرىنداشلارنىڭ مۇنبىرىمىز ئارقىلىق يولۇققان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىۋېلىشىغا تىلەكداشمىز...
مۇنبىرىمىزدىكى بالىلار كېسەللىكى دوكتۇرىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى ھەققىدە

مۇنبىرىمىزنىڭ بالىلار كېسەللىكى دوكتۇرى: قۇربانجان دوكتۇر

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 11:39:25

سىڭلىمنىڭ قىزى ھازىر 2ئاي كەم 2گە كىرەي دېدى، خىلى بۇرۇنلا كۆزىدە ئالغايلىق ئالامىتى بارلىقىنى ھىس قىلغان. قەشقەردىكى ھەدىيەگە بارسا كۆزئەينەك تاقىسۇن دېگەندەك گەپ قىپتىكەن. خەلىق دوختۇرخانىسىغا ئاپارسا ، بالىنىڭ يىشى كىچىك، تەكشۈرۈپ داۋالاشقا ماسلىشىپ بەرمەيدۇ، ھازىر بۇنىڭغا ئامالسىز دېگەندەك يەنە بىرخىل گەپ. يېقىندا سىڭلىمنىڭ بىر خىزمەتدىشى، ئىچكىرىدىكى دوختۇرخانىلاردا بۇنداق ئەھۋالدا ئوپۇراتسىيە قىلىپ داۋالايدۇ،دەپتۇ. دەپ بېرىشىچە ئۇ ئوپىراتسىيە 15مىنۇتتىلا تۈگەيدىكەن.
مۇشۇ كىچىك بالىلارنىڭ، بولۇپمۇ 1-2 ياشلىق بالىلارنىڭ كۆزىدە ئالغايلىق ئالامىتى كۆرۈنسە قانداق ئامال قىلىش كېرەكتۇ؟

baydowlat يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 13:00:01

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 21:22:52

Muzepper يوللىغان ۋاقتى  2014-3-18 11:39 static/image/common/back.gif
سىڭلىمنىڭ قىزى ھازىر 2ئاي كەم 2گە كىرەي دېدى، خىلى بۇرۇ ...

ئالغايلىقنى ھەقىقەتەن ئوپىراتسىيە ئارقىلىق داۋالايدىغان ئىش بار. سىزنىڭ تۇققىنىڭىزدەك كىچىك بالىلارنىڭكىنى ۋاقت ئۇزۇنراق كەتسىمۇ  كۆزئەينەك بىلەن داۋالىسا ياخشىمىكىن.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 21:24:51

بالىلاردىكى كۆز ئاجىزلىق تاماق تاللايدىغان بالىلاردا بولۇپمۇ  خەنسۇچە مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بالىلاردا كۆپرەكتەك ھېس قىلدىم.

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 07:54:27

قوشنىمىزنىڭ قىزىنىڭ كۆزى بەزىدە تۇرۇپلا قىسقا ۋاقىت ئالغايلىشىپ يەنە ئوڭشىلىپ قالاتتى، ھەدىيە خانىمنىڭ قېشىغا ئاپىرىپتىكەن نەچچە مىڭ يۇئەنلىك كۆزەينەك سەپلەپ بېرىدىغاننىڭ گېپىنى قىپتىكەن كۆزئەينەكنى قىممەت كۆرۈپ ئالماي كەپتۇ،ھازىر ئۇ بالا چوڭ بوپ كەتتى،كۆزىمۇ نورمال،قايتا تەكشۈرتكەن ئىدى پۈتۈنلەي نورمال ئىكەن. ھەدەمنىڭ تەڭتۇش قىزى بولسا كۆزەينەكنى كۆزىدىن ئالماي يۈرەتتى،مانا ھازىر كۆز ئەينەكتىن ئايرىلسا بىر غېرىچ نېرىنىمۇ كۆرەلمەيدىكەن،شۇڭا كۆزئەينەك تاقىماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
بەت: [1]
: بالىلاردىكى كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىق نېمە سەۋەبتىن بولىدۇ؟