heqteyur يوللانغان ۋاقتى 2014-3-17 16:41:38

#C تىلى ئارقىلىق نېمە ئىشلارنى قىلىغىلى بولىدۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،پروگرامما تىلى ئۆگەنگۈچى دوستلار :
مەن #C تىلى ئۆگىنىپ نېمە نېمە ئىشلارنى قىلالايمەن دېگەن ئويلاردا بولغان بولۇشڭلار مۇمكىن، ھەم پروگرمما تىلى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇقۇمغا ئېگە ئەمەس لىكىن پروگرامما لايىھىلەشنى ئۆگىنىشنى ئويلاۋاتقان دوستلار قايسى تىلىنى ئۆگەنسەل بولار دەپ گاپگىراپ قالغان بولۇشىڭلار مۇمكىن، مەن تۆۋەندە ئۆز تەجرىبەمگە ئاساسەن مۇشۇ ھەقتە ئازراق چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي.
ئالدىن بىلەن شۇ نەرسە ئىسىڭلاردا بولسۇنكى مەلۇم بىر پروگرامما تىلى يەنە بىر پروگرامما تىلىدىن مۇتلەق كۈچلۈك ياكى مۇتلەق ئىلغار دەيدىغان ئۇقۇم بولمايدۇ، پەقەتلا ھەل قىلماقچى بولغان ئەمەلىي مەسىلە ۋە شۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى ئەمەلىي شارائىتقا قاراپ تۇرۇپ مەلۇم بىر پروگرامما لايىھىلەش تىلىنى تاللاپ ئىشلىتىمىز.  بۇ توغرىسىدا ئالىم ئەمەت مۇئەللىمنىڭ بلوگىدا ئېلان قىلغان <قانداق قىلغاندا پروگراممېر بولغىلى بولىدۇ> يازمىسىنى ئوقۇپ كۆرسەڭلا تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئېگە بولالايسىلەر.
http://www.alimahat.com/?p=2443
#C تىلى بىلەن نېمە ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ دېگەن سۇئالغا بىۋاستە جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن ئاۋال #C تىلى توغرىسىدا ئازراق چۈشەنىگە ئىگە بولايلى.
#C تىلى بولسا مىكروسوفت شىركىتى مەخسۇس net. سۇپىسى ئۈچۈن لايىھىلەپ چىققان پروگرامما لايىھىلەش تىلى بولۇپ، قۇرۇلما جەھەتتىن ئىلگىرىكى ۋاقىتلار ۋە ئۆز نۆۋىتىدە ئىلغان بولغان لايىھىلەش ئىدىيىلىرىنى سىڭدۈرۈپ تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ لايھىلەپ چىققان تىلدۇر، قۇرۇلما ۋە كود يېزىش ئۇسلۇب قائىدىلىرى جەھەتتە  C++, C , Java  قاتارلىق تىللارغا بولۇپمۇ Java تىلىغا ۋە پۈتۈن مۇھىت قۇرۇلما جەھەتتىنمۇ ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
#C تىلى net. سۇپىسىدا پروگرامما لايھىلەيدىغان تىللارنىڭ بىرى بولۇپ، شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىسى ھىسابلىنىدۇ، #C تىلىنىڭ ئالاھىدىكى شۇكى ئۇ بىردىن بىر باشتىن ئاياق net framework. ئۈچۈن لايىھىلەنگەن تىلدۇر. يەنى net. نى باشقا مەشغۇلات سىستېمىسىغا يۆتكەپ ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ئىشلەتكەندە قوللىنىلىدىغان بىردىن بىر تىلدۇر.  #C تىلى توغرىسىدا قىسقىچە مۇشۇنچىلىك يازاي، يەنە يازساق يەنە بار، ئەمما مەزمۇن بەك ئۇزىراپ كەتمىسۇن، كېينچە #C تىلى ۋە net. سۇپىسى توغرىسىدا يەنە تېخىمۇ تەپسىلى ئىنچىكە توختىلىپ ئۆتىمىز.
ئەڭ ئالدى بىلەن #C تىلى مىكروسوفت شىركىتىنىڭ تەتقىق قىلىپ چىققان پروگرامما لايىھىلەش تىلى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ئەڭ ئاساسىي قىلىدىغان ئىشى Windows پروگراممىسى لايىھىلەشتۇر. Windows پروگراممىسى دېگىنىمىزدە ئەڭ ئاساسلىقى بىزگە يېقىن بولغان كۆزنەكلىك پروگراممىلار ئېسىمىزگە كېلىدۇ، مەسىلەن مىكروسوفت شىركىتىنڭ داڭلىق Word, Excel, PowerPoint قاتارلىق ئىلغان يۇمشاق دېتاللىرى، يەنە ناھايىتى كىچىك بولغان خاتىرە دەپتەر يەنى NotePad يۇمشاق دېتالى قاتارلىقلار ھەممىسى Windows كۆزنەكلىك پروگراممىسى ھېسابلىنىدۇ.
گەرچە بۇ يۇمشاق دېتاللار ھەممىزگە تونۇشلۇق بولسىمۇ رەسىمىنى بەردىم تۆۋەندە:
http://www.koklen.net/wp-content/uploads/2014/03/word-300x223.jpg
http://www.koklen.net/wp-content/uploads/2014/03/Excel-300x239.jpg
http://www.koklen.net/wp-content/uploads/2014/03/powerpoint-300x249.jpg
http://www.koklen.net/wp-content/uploads/2014/03/notepad-300x252.jpg
ۋوي #C تىلىدىن پايدىلىنىپ مۇشۇنداق يۇمشاق دېتللارنى تۈزگىلى بولامدۇ دەپ قالماڭلار، ئەۋەلتتە يازغىلى بولىدۇ، مەسىلەن چەتئەللىك بىرەيلەن يېزىپ چىققان Photoshop قا تەلىد قىلىپ ياسىغان Paint.NET يۇمشاق دېتالىمۇ #C تىلىدىن پايدىلىنىپ يېزىلغان، ئادرېسى:
http://www.getpaint.net/screenshots.html
يەنە مەسىلەن ئىچكىرىدىكى بىرەيلەن پۈتۈنلەي گىرافىك ۋە ھىسابلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ياساپ چىققان Word قا ئوخشىشىپ كېتىدىغان دېتالمۇ پۈتۈنلەي #C تىلىدىن پايدىلىنىپ يېزىپ چىقىلغان.
بۇنداق مىساللارنى كەلتۈرسەك تۈگىمەيدۇ، بۇلارنى مىسال ئېلىشتىكى بىردىن بىر مەقسەت #C تىلىدىن پايدىلىنىپ يۇقىرىدا تىلغان ئېلىنغان داڭلىق يۇمشاق دېتللاردەك دېتاللارنى تۆزەلەرمەنمۇ دېگەن گۇماندىن خالىي قىلىش.
نۆۋەتتە #C تىلى ۋە net. سۇپىسى Windows كۆزنەكلىك پروگراممىسى لايھىلەشتىكى ئۆلچەم بولۇپ قالغىلىۋاتىدۇ. #C تىلىدىن پايدىلىنىپ Windows كۆزنەكلىك پروگراممىسى تۈزگىلى بولۇپمۇ قالماستىن يەنە Windows مۇلازىمەت پروگراممىسى تۈزۈشكىمۇ بولىدۇ، يەنى كۆزنىكى بولمايدىغان مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئارقا سۇپىسىدا ئىجرا بولىدىغان پروگراممىلار، مەسىلەن ماۋۇ پروگراممىلاردەك:
http://www.koklen.net/wp-content/uploads/2014/03/services-300x224.jpg#C تىلىدا تور پروگراممىسى(يەنى تور كۆرگۈچتە ئېچىلىدىغان مۇنداقچە ئېيتقاندا توربەت شەكلىدە)  لايىھىلەش
مىروسوفت شىركىتى ئىلگىرىكى asp دا تور پروگراممىسى لايىھىلەشتىكى نۇرغۇن كەمتۈكلەرنى تولۇقلاش ئۈچۈن net. سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ تور پروگراممىسى لايھىلەيدىغان يېڭى تېخنىكىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، ئۇ بولسىمۇ asp.net تېخنىكىسىدۇر، يەنى كۆپىنچە ئەھۋاللاردا بەتنىڭ كېڭەيتىلگەن نامى aspx شەكلىدە كۆرىنىدىغان تور بەتلار  net. سۇپىسىدا يېزىلغان بولۇپ، بۇنىمۇ #C تىلىدىن پايدىلىنىپ يازىمىز(ئەلۋەتتە VB.net تىمۇ يېزىشقا بولىدۇ)، مەسىلەن:
ئۇيغۇرسوفت تور لۇغىتى (http://www.udict.cn)
http://www.koklen.net/wp-content/uploads/2014/03/udict-300x201.jpg
ئىرپان شىركىتى تور بېتى (http://www.irpan.org/web/Home.aspx)
http://www.koklen.net/wp-content/uploads/2014/03/irpan-300x208.jpg
ئۇيغۇر يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت تورى (http://www.uyghurdev.net/)
http://www.koklen.net/wp-content/uploads/2014/03/uyghurdev-300x183.jpg
قاتارلىق تورلارنىڭ ھەممىسى asp.net تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ لايھىلەنگەن تور پروگراممىلىرىدۇر.
#C تىلىدىن پايدىلىنىپ Windows Phone پروگراممىسى يېزىش
مىكروسوفت شىركىتى بازارغا سالغان يۆتلىشىچان سۇپا مەشغۇلات سىستېمىسى Winows Phone غىمۇ #C تىلىدىن پايدىلىنىپ پروگرامما يېزىشقا بولىدۇ. يەنە كېلىپ ئەڭ مۇۋاپىق تىلمۇ #C تىلىدۇر.
http://www.koklen.net/wp-content/uploads/2014/03/winphone-150x300.jpg
#C تىلىدىن پايدىلىنىپ Windows 8/8.1 مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ Metro مۇھىتىغىمۇ پروگرامما لايىھىلەشكە بولىدۇ.
http://www.koklen.net/wp-content/uploads/2014/03/Metro-300x168.jpg
يۇقۇرىدىكىلىرى مىكروسوفت شىركىتى ئۆزى تەمىنلىگەن پروگرامما لايىھىلەش مۇھىتلىرىدۇر. تۆۋەندە باشقا شىركەتلەرنىڭ #C تىلى ئارقىلىق پروگرامما لايىھىلەش مۇھىتلىرى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلايلى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاۋال تىلغا ئېلىشقا تىگىشلىكى mono-project بولۇپ، بۇ تېخنىكا ئارقىلىپ #C تىلىدا Windows سۇپىسىدىن باشقا سۇپىلارغا پروگرامما يېزىشقا بولىدۇ، مەسىلەن Linux , Mac OS , Solaris, OpenSUSE قاتارلىق مەشغۇلات سىستېمىلىرى ئۈچۈن قوللىنىشچان پروگرامما يېزىشقا بولىدۇ.
http://mono-project.com/Main_Page
http://www.koklen.net/wp-content/uploads/2014/03/mono-project-300x181.jpgئاندىن قالسا  #C تىلى ئارقىلىق Xamarin نىڭ قوراللىرىدىن پايدىلىنىپ Android, iOS, Mac پروگرامملىرىنى يېزىش، مۇشۇ قوراللاردىن پايدىلىنىپ يۇقۇرىدىكى سۇپىلار Java, Ojecttive C قاتارلىق تىللار بىلەن يېزىلغان پروگراممىلارنى قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە پروگرامما يېزىشقا بولىدۇ.
http://xamarin.com/
http://www.koklen.net/wp-content/uploads/2014/03/xamarin-300x172.jpg
ئەڭ ئاخىرىدا داڭلىق ئۇيۇن لايھىلەش سۇپىسى Unity ئارقىلىق ئويۇننىڭ پروگرامما قىسىمىنى #C تىلى ئارقىلىق لايھىلەش .
http://unity3d.com
http://www.koklen.net/wp-content/uploads/2014/03/unity-300x162.jpg
بۇ يازمىنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇراي، #C تىلى ئارقىلىق مىكروسوفت شىركىتى ۋە باشقا شىركەتلارنىڭ تېخنىكىلىرىدىن پايدىلىنىپ قىلغىلى بولىدىغان يەنە نۇرغۇن مەزمۇنلار بولۇپ بۇلارنىىڭ ھەممىسىنى بىرمۇ بىر دىيىشكە ھازىرچە شارائىت يار بەرمەيدۇ، كېينچە ئۆگىنىش جەريانىدا ئاز ئازدىن تونۇشۇپ چىقىمىز.
www.koklen.net تورىدىن ئېلىندى.

elikaram يوللانغان ۋاقتى 2014-3-17 18:46:38

ھەجەپ ياخشى ئىشتىن بىرنى قىلىپسىز،بىنا سېلىشنى ئۆگىنىش بىمەززە پاراڭ قىلغاندىن مىڭ ياخشى.

Abdiweli يوللانغان ۋاقتى 2014-3-17 19:12:06

بۇرۇن ئۆگەنگەن ، لىكىن ھازىرقى خىزمەت شارائىتىمدا بۇنى ئىشلىتىشكە پۇرسەت بولمىغاچقا تاشلىنىپ قالدى .

sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-17 19:23:03

پىروگرامما ئىچىشنى ئۆگەنگۈچىلەرگە تەۋسىيە كىتاپ :

像程序员一样思考

ماۋۇ كىتاپنى تەۋسىيە قىلىمەن .

ئىشەك ئامبىرىدا بار، ھەقسىز  ، ئىشەكتىن ھازىر چۈشۈرۈش ئۇسۇلىنى توردىن ئىزدەپ تاپالايسىز.

يەنە بىر ئىش . دەل بىزدەك مۇشۇ بېكاغا كۈنۈپ قالغان ،  ئەسەر ھوقۇقى ، نەشىر ھوقۇقى قوغدالمايدىغان ،

دۆلەتتە بۇ كەسىپنىڭ ، بۇ ساھەنىڭ قەدرى يوق بۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ ...

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-3-17 20:15:33

مەنمۇ ئازراق ئېلان قىستۇراي ۋە ئەمەلىيەتتىن سۆزلەپ قوياي ھە:lol
ھازىر 10 نەچچە سائەت دەرس سۆزلەپ بولدى ھەقتە يۈر ئەپەندىم. بىزمۇ خېلى نەرسىلەرنى بىلىۋالدۇق.
ئايدا 100 يۈەن تاپشۇرۇپ ئۆگىنىۋاتىمىز. دەرسلىكنى سىنغا ئېلىپ ماڭغاچقا چۈشىنەلمىسەك سىنلىق دەرستىن سورايمىز ياكى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا سوراپ بىلىۋالىمىز.
بىزمۇ ھازىر ھەدەپ قارا ئېكراندا سناق قىپ پروگرامما يېزىشنى ئۆگىنىۋاتىمىز. ئۆگىندىغانلار بولسا قارشى ئالىمز جۇمۇ:lol

heqteyur يوللانغان ۋاقتى 2014-3-17 20:48:29

sazhumar يوللىغان ۋاقتى  2014-3-17 19:23 static/image/common/back.gif
پىروگرامما ئىچىشنى ئۆگەنگۈچىلەرگە تەۋسىيە كىتاپ :

像程序 ...

دېمىسىمۇ سودا كاللىسى ۋە ئەمەلىي سودا ماھارىتى  تازا ياخشى بولمىغان پروگراممېرلارغا تېخىمۇ تەسچىلىك، تېخنىكىڭىز بولغان بىلەن ئۇنى پۇلغا ئايلاندۇرۇشنى بىلمىسىڭىز سىزنى ھېچكىم بىر تىينغا تەڭ قىلمايدىكەن، ئەمما نېمە ئامال دەيسىز، كەسپ مۇشۇ شۇ، ئاز تاپساقمۇ تاپالمىساقمۇ ئىشىق ئەمەسمۇ، ئېسىلىپ يۈرىدىغان گەپكەن مۇشۇنداق، ھى ھى...

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 07:03:31

WP غا پروگرامما يېزىشنى ئۆگىتىدىغان بىر ئېنگىلىزچە دەرس تېپىۋالغانتىم بىر چاغدا، يازغان كودىغا قاراپ سۆزلىگىنىنى، سۆزلىگىنىنى ئاڭلاپ يازغىنىنى چۈشىنىپ دېگەندەك، كۆرىۋاتقانتىم. دەرس بەك ياخشى سۆزلىنىپتىكەن. كېيىن ئالدىراشچىلىقتا يېرىمىدا تاشلىنىپ قالدى ئۇ. Java دىن c# غا c# دىن Java غا ئاتلاش ئاساندەك ھېس قىلغانتىم.

heqteyur يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 09:31:10

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2014-3-18 07:03 static/image/common/back.gif
WP غا پروگرامما يېزىشنى ئۆگىتىدىغان بىر ئېنگىلىزچە دەر ...

شۇنداق، Java بىلەن #C بىر بىرىگە ئاجايىپ ئوخشىشىپ كېتىدۇ، مەنمۇ دەسلەپ Java ئۆگەنگەن كېيىن Windows پروگراممىسىنى Java دا يازغاندىن #C تا يازسا كۆپ قولاي ھىس قىلىپ زورۈرىيەت بىلەن #C ئۆگىنىپ مانا ئەمدى Java دا كود يېزىپ باقمىغىلىمۇ ئۈچ تۆت يىل بوپ كەتتى، Java  دىن #C قا ئۆتۈستە ياكى قارشى يۆنىلىشتە ئاساسەن كۆپ چىقىمسىزلا ئاتلاپ كەتكىلى بولىدىكەن.

osmanturpan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 09:51:47

بىر ۋاقىتتا مۇشۇ ئىزدىنىشقا كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە مۇھىت قۇرۇش توغرىسىدا ماقالە يوللانغانىدى. ھازىر تاپالمىدىم. بىلىدىغانلار ئادرىسىنى مۇشۇ يەرگە چاپلاپ قويساڭلار.

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 20:58:52

مېترو يۈز پروگراممىسى تۈزۈش ئۈچۈن، Visual Studio2013 مۇھىتى بولمىسا بولمايدىغۇ.
يەنە كېلىپ، Visual Studio2010 دا پەقەت Windows Phone7.8كىچە ئەپ پروگراممىسى يازغىلى بولىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى ئالدىنقى يىلدىن باشلاپ مىكروسوفت شىركىتى بۇ سېستېمىغا بولغان تەتقىقاتنى توختىتىۋەتتى.
Windows Phone Emulator8.0 نى سىناش ئۈچۈن جەزمەن 64 بىتلىق سېستېما بولمىسا بولمايدۇ.
شۇڭا شەخسى قارىشىم: مېترو يۈز پروگرامما تۈزۈشنى ئۈگەنمەكچى بولغانلار، ياكى Windows Phone 8گە ئەپ ياساشنى ئۈگەنمەكچى بولغانلار يەنىلا سېستېمىسىنى 64 بىتلىق سېستېمىغا ئالماشتۇرۇپ،  Visual Studio2013 نى قاچىلىمىاي ئىلاجى يوق.

heqteyur يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 08:57:44

newstar يوللىغان ۋاقتى  2014-3-18 20:58 static/image/common/back.gif
مېترو يۈز پروگراممىسى تۈزۈش ئۈچۈن، Visual Studio2013 مۇھىتى بو ...

دېگنىڭىز توغرا، Visual Studio نىڭ مەيلى قايسى نەشرىىنى ئىشلىتىڭ #C تىلىنى بىلمىسڭىز ئۇ نەشرى نومۇرلىرىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. #C تىلنى ئۆگنىۋالسىڭىز IDE نىڭ نەشرى ۋە ئىشلىتىش مۇھىتلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى سىزگە جىق تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، ئەمما بىر نەرسە ئۆزگەرمەيدۇ يەنى #C تىلى.
بەت: [1]
: #C تىلى ئارقىلىق نېمە ئىشلارنى قىلىغىلى بولىدۇ؟