ئاجايىپ غارايىپ ئۆسۈملۈكلەر
ئەجدىھا دەرىخى
چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، رىۋايەتتىكى ‹‹ يۈتۈپ كەتكەن دۇنيا ›› سوكوترا ئارىلى يەر شارىدىكى تاشقى پىلانېتاغا ئەڭ ئوخشايدىغان جاي بولۇپ ، بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى خۇددىي فانتازىيەلىك فىلىملەرنىڭ كۆرۈنۈشلىرىگە ئوخشايدىكەن .
گالاپاگوس تاقىم ئارىلىدىكى كۆپ قىسىم ئاراللارغا ئوخشاش ، بۇ يەردىمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ياۋا جانلىقلار بار. سوكوترا ئارىلىدا تەخمىنەن 800 خىل ئاز ئۇچرايدىغان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك بولۇپ ، بۇنىڭ ئۈچتىن بىرى پەقەت بۇ يەرگىلا خاس .
سوكوترا ئارىلى ھىندى ئوكياندا بولۇپ ، سۇمالىغا 250 كىلومېتىر كېلىدۇ ، يەمەنگە 340 كىلومېتىر كېلىدۇ ، كەڭ كەتكەن قۇملۇق ساھىلى ، ھاك تاش ۋە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان تاغ تىزمىلىرى بار . ئارالنىڭ تەبىئىي مۇھىتى ناچار بولۇپ ، كۆپ قىسىم رايونلىرى قاتتىق ئىسسىق ۋە قۇرغاق ، لېكىن بۇ خىل تەبىئىي شارائىت ئارالنىڭ ئۆزىگە خاس يېپىنچا ئۆسۈملۈك مەنزىرىسىنى ياراتقان .
ئارالدىكى دەل–دەرەخ ۋە ئۆسۈملۈكلەر بۇ يەرنىڭ ھاۋا كىلىماتىغا ماس كېلىپ بولغان بولۇپ ، كۆپ قىسىم يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر تەخمىنەن 20 مىليون يىل ياشىغان .
سوكوترا ئارىلى ئىسسىق بەلباغ قۇملۇقى ۋە يېرىم قۇملۇق كىلىماتىغا تەۋە بولۇپ ، تەخمىنەن تېمپېراتۇرىسى 25 سېلسىيە گىرادۇس ، يىلبويى ھۆل–يېغىن يوق دىيەرلىك . سۈرەتتىكىسى ئالاھىدە قۇملۇق ئەتىرگۈلى بولۇپ ، ئالتۇن لوڭقا دەرىخى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، ئارالدىكى خاس تۈرلەرنىڭ بىرى .
ئۆزگىچە ئەجدىھا دەرىخىنىڭ قۇيۇق كۈنلۈك شەكىللىك تاجىسى بولۇپ ، قىزىل رەڭلىك دەرەخ يىلىمىدىن دورا ۋە يېقىلغۇ ياسىغىلى بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ، ئوتتۇرا ئەسىردە سېھىرگەرلىككە ئىشلىتىلگەن .
Dracaena cinnabari ئەجدىھا دەرىخىدىن ئۆزگەرگەن بولۇپ ، Dixam ئېگىزلىكىدە ئۆسىدۇ، ئۇمۇ سوكوترا ئارىلىدىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك خاس تۈرلەرنىڭ بىرى .
سوكوترا ئارىلىنىڭ ھىندى ئوكياندىكى گالاپاگوس دېگەن نامى بار، باشقىلار ‹‹يەر شارىدىكى ئەڭ غەيرىي جاي›› دەپ ئاتاپ كەلگەن . ئارالدا 40 مىڭ ئاھالە بولسىمۇ ، لېكىن دۇنيادىكى ئەڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈكلەر بار . سۈرەتتىكىسى قۇملۇق ئەتىرگۈلى ۋە لوڭقا دەرىخى .
چىرايلىق قۇملۇق ئەتىرگۈلى
سوكوترا ئارىلىدا ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈكلەر بولغاندىن سىرت ، يەنە 140 خىل قۇش تۈرى بولۇپ ، بۇنىڭ 10 خىلى ئارالغا خاس تۈر .
سوكوترا ئارىلى ئۈچ خىل ئوخشىمىغان يەر شەكلى تۈزۈلۈشىگە ئىگە : تار ھەم ئۇزۇن بولغان دېڭىز بويى تۈزلەڭلىكى، ھاك تاش ئېگىزلىكى ۋە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1500 مېتىر كېلىدىغان ئېگىز تاغ تىزمىسى . يېقىندىن بۇيان ، بۇ ئارال بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ–پەن–مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن دۇنيا تەبىئىي مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى . ئەجەپ بىر بارغۇم كەلدى -دېسە {:112:} راسلاغەلىتە ئۆسۇملۇكلەركەن . ئاساسەن قاقاسلىقلاردا ئۆسىدىكىن ، دىيارىمىزغا ماس كېلەمدۇ يوقمۇتەخەسىسلەر سىناپ باقسا بولغىدەك . ئاجايىپ يۇغان تاتلىق ياڭيوكەن دەپتىمەن، بىر قارىسا چامغۇرغىمۇ ئۇخشايدىكەن... ئاستىدىكىيوپۇرماقلىرىنىزىراپىلەر يەپ بولسائايشۇنداق ئۆسىدىغاندۇ دەيمىنا dadash يوللىغان ۋاقتى2014-3-16 15:10 static/image/common/back.gif
ئەجەپ بىر بارغۇم كەلدى -دېسە
ئاپىرىپ قويسام قايتىپ كەلگۈلىرى كىلىدۇ ھەقىچان :lol arginakun يوللىغان ۋاقتى2014-3-17 09:41 static/image/common/back.gif
ئاپىرىپ قويسام قايتىپ كەلگۈلىرى كىلىدۇ ھەقىچان
:lol داناكەنلا راستىنلا كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگىدەكلا ئاجايىپ -غارايىپلاركەن. ئاللاھنىڭ قۇدرىتى
بەت:
[1]