ھەقىقىي ئەپۇ قىلىش
گۈلپىيە ئابلىزكەشپىيات ئاتىسى ئېدىسون ياردەمچىلىرى بىلەن بىر كېچە – كۈندۈز ھەپىلىشىپ بىر لامپۇچكا ياساپتۇ – دە، پۈتكەن لامپۇچكىنى ياش بىر شاگىرتىغا تۇتقۇزۇپ، ئۇنى ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى تەجرىبىخانىغا ئاۋايلاپ ئېلىپ چىقىپ قويۇشقا بۇيرۇپتۇ. شاگىرت ئېدىسوننىڭ قولىدىن لامپۇچكىنى ئېلىپ ئېھتىياتچانلىق بىلەن پەلەمپەيگە يول ئاپتۇ، بىراق كاللىسىغا لامپۇچكىنى چېقىۋەتمەسلىك كىرىۋالغاچقا، جىددىيلىشىپ قوللىرى تىترەشكە باشلاپتۇ. ئۇ ئۈستىگە چىققاندا لامپۇچكا يەرگە چۈشۈپ چېقىلىپ كېتىپتۇ. شاگىرت كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا ئېدىسون ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىدىن تەكرار – تەكرار ئەپۇ سوراپتۇ. گەرچە شۇنچە مېھنەت بىكار كەتكەن بولسىمۇ، ئېدىسون ئۇنى كەچۈرۈپتۇ. بىر قانچە كۈندىن كېيىن ئېدىسون ياردەمچىلىرى بىلەن يەنە بىر لامپۇچكا ياساپتۇ ۋە ئۇنى ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا ھېلىقى شاگىرتىغا تۇتقۇزۇپ، ئۈستىگە ئېلىپ چىقىپ قويۇشقا بۇيرۇپتۇ. بۇ قېتىم ھېلىقى شاگىرتى خاتىرجەم ھالدا لامپۇچكىنى ئۈستۈنكى قەۋەتكە ئېلىپ چىقىپتۇ. بۇ چاغدا ئېدىسوننىڭ ياردەمچىلىرى ئۇنىڭ بۇ ئىشىدىن نارازى بولۇپ:
− سىز ئۇنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق پەرۋاسىزلىقىنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ؟ ئۇنى ئەپۇ قىلغاندىن كېيىن بولدىغۇ، يەنە نېمە ئۈچۈن لامپۇچكىنى تۇتقۇزىسىز؟ ناۋادا لامپۇچكىنى يەنە چېقىۋەتسە قانداق قىلاتتۇق؟ - دەپتۇ.
ئېدىسون ئۇلارنىڭ گېپىگە جاۋابەن:
− توغرا، مەن ئۇنىڭ ئۆتكەنكى بىخەستەلىكىدىن خاپا بولغان. ئەمما ئۇ ئەستايىدىل كەچۈرۈم سورىغاچقا ئۇنى ئەپۇ قىلدىم، ھەقىقىي ئەپۇ قىلىش ئېغىزدا دەپ قويۇش بىلەن كۇپايىلەنمەيدۇ، ئۇنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئىپادىلىشىمىز كېرەك، -دەپتۇ.
دەرۋەقە، ھېچكىم خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن، ئەتراپىدىكىلەرنى بىلىپ – بىلمەي رەنجىتىپ قويۇشتىن مۇستەسنا ئەمەس. ئەگەر باشقىلارنى بىر قېتىم خاتالىق ئۆتكۈزدى دەپلا كەچۈرمىسەك، كەچۈرگەن تەقدىردىمۇ ئاغزىمىزنىڭ ئۇچىدىلا ئەپۇ قىلىپ، ئۇنىڭغا قايتا پۇرسەت بەرمىسەك، ئۇنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرمىسەك، ئۇنىڭ قىيىن كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈۋېلىشىغا ياردەم بەرمىسەك، چوڭ خاتالىقنىڭ كېلىپ چىقىشىغا يول قويغان بولىمىز.
ئۈستىگە ئېلىپ چېقىپ قويۇشقا بۇيرۇپتۇ.:lol:lol:lol:lol:lol:lol
ئىككى چىكىتنىڭ رولى بەكلام چوڭكەن جۇمۇ hoopeelover يوللىغان ۋاقتى2014-3-16 12:27 static/image/common/back.gif
ئۈستىگە ئېلىپ چېقىپ قويۇشقا بۇيرۇپتۇ.
ئى ...
كۆزلەر راستلا شەمەركەن جۇمۇ :D
مەن شارىلدىتىپ تۈپ تۈز ئوقۇپ كىتىپتىمەن، « ئىلىپ چىقىپ » دىسە راسلا باشقىچە تۇيۇلىدىكەن.
مەن خەنزۇچىنىڭ گىراممىتىكىسىنى بىلمەيمەن، خەنچە كىتاپلارنى كۆپ ئوقۇغاچقىمىكىن، ئىمتىھانلاردا جىق قىينىلىپ كەتمەيتىم، سۇئال ئىشلىگەندە، ئىغىزغا ئوڭ كەلمىگەن، قارىماققا بىنورمال جۈملىنى ئوڭ قىلىپ قويسام توغرا بولۇپ چىقاتتى. قانداق قىلسام ئۆتەلەيمەن دىگەنلەرگە خەنزۇچە ھىكايە ئوقۇ دەيتتىم.
ئۇيغۇرچىدىمۇ شۇنداقمىكىن دەيمەن، ئەستايىدىل ئوقۇسا بىنورمال بىلىنگەن جۈملىدە مەسىلە بار دەپ قارايمەن. توغرىسى « ئاچىقىپ » مۇ قانداق؟ hoopeelover يوللىغان ۋاقتى2014-3-16 12:27 static/image/common/back.gif
ئۈستىگە ئېلىپ چېقىپ قويۇشقا بۇيرۇپتۇ.
ئى ...
يوۇۋۋۋۋۋۋ، بىر يىزىدا يۆتكىلىشچانبىر كىشلىك ئاممىۋىي ھاجەتخانا بار ئېكەندە ،بىر كۈنى بىر بالا ئاشۇ ھاجاتخانىنىكۆلگەئىتتىرىپ چۈشۈرۋىتىپتۇ ...
كەچتە بالىنىڭ دادىسى قايتىپ كىلىپ ، بالىسىغا : « ھاجەتخانىنى سەن ئىتتىرىپ چۈشۈرۋەتتىڭما ؟:@» دەپ ۋاقىراپ كىتىپتۇ.
بالىسى : « ھە مەن قىلدىم :o» دىيىشىگەدادىسى بالىنى ئۇرۇشقا تەمشىلىپتىكەن ،
بالىسى : «ۋاشىنگىتون دادىسىنىڭ كۆچىتىنى كىسىۋەتكەندىمۇ ، ئۇ بالىسىنى ئۇرماپتىكەن :$» دەپتۇ ...
دادىسىنىڭ تېخىمۇ ئاچچىقى كىلىپ : « شۇ ۋاقىتتا ۋاشىنگىتون شۇ كۆچەتنىڭ ئۈستىدىمىكەنتۇق ! :@»
ۋەت ... :lol
بەت:
[1]