meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-3-16 09:01:44

دىئابىت ھەققىدە پاراڭلىشىپ باقايلى

     يەرلىك رىتسىپلار ھەققىدە ئالدىدا يازغان بىرنەچچە تىمىغا چۈشكەن ئىنكاسلار كەمىنىنىڭ روھىنى كۆتۈرۈپ قويدى.بۇ تىمىنى داۋاملاشۇرۇشنىڭ تېخىمۇ كۆپ ساۋاپنىڭ بۇلىقىغا ئىگە بولىشىمغا سەۋەپ بولىدىغىنىنى ئويلاپ تېخمۇ ئىلھاملاندىم.دىمىسىمۇ ھازىر تۈرلۈك-تۈمەن كىسەللەرنىڭ قورشاۋىدا تۇرۇپتىمىز.پەقەت قورساق بىقىشنىلا ئاساس قىلىدىغان دۆلەت سىياسىتىدە پۇقرالارنىڭ يىمەكلىك بىخەتەرلىكى ،ساغلاملىقى دېگەنلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ئەھمىيىتى بولمىسا كېرەك.ئەڭ بولمىغاندا يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇندىكى يىشىل يىمەكلىك يەيدىغان بەگلىرىمىز شۇنداق ئويلىشى مۈمكىن.
   ئەمدى ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك دىئابىت كىسىلى ھازىر دىيارىمىزدا ھەرقايسى ياش قاتلىمىدىكىلەردە ئورتاق كېڭىيىۋاتقان خەتەرلىك كىسەل بوپ قالدى.مەن ئەتراپىمدا بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىلىرىمىزنىڭ بەزىلىرنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئېغىرلىشىپ كۆز يۇمۇۋاۋاتقانلىقىنى يەنە بەزىلىرىنىڭ كىسەلگە بوي بەرمەي ناھايىتى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلىكىنى بايقىدىم.قەشقەر مارالبىشىنىڭ ناھايىتى چەت بىر يىزىسىدا تۇرىدىغان ئاپامنىڭ بىر تاغىسى بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغىلى 25يىلدىن ئاشتى.ھەر يىلى ئۇرۇق-تۇغقانلار ئارىسىدا بولىدىغان ھەرخىل مەرىكىلەر سەۋەبى بىلەن گاھى قەشقەر،گاھى كورلا،گاھى غۇلجىدا بۇ چوڭ دادىمىز بىلەن ئۇچىشىپ قالىمەن.قارىسام ھىچقانداق كىسەللىك ئازابى تارتمىغاندەك تىتىك يۈرىدۇ.تىخى ئۆزى بىلەن دىمەتلىك 70نىڭ ئۈستىدىكىلەر بىلەن سىلىشتۇرغاندا كۆپ تىمەن.مەن ھەرقىتىم ئۇنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىنى سورىسام ئۇ پەقەت «ياخشى پەرۋىش قىلساق قوررققىدەك ئىش يوق »دېگەن بىرلا ئېغىز گەپنى تەكرارلايدۇ. بۇ ئادەم ئۇزۇن يىل يىزا كادىرى بولغان، يىزىسىدىن چىققان خېلى ئوقۇمۇشلۇق ئادەم ئىدى.قارىسام ئۇنىڭ كىسەلگە قارشى تۇرىدىغان بىرقانچە ئالاھىدىكى باركەن.1-ئۇ تۇرمۇشتا بەك تەرتىپلىك.دائىم رەتلىك پاكىز كىيىنىپ روھلۇق يۈرىدۇ.
2-ئۆزىنى پەرۋىش قىلىشقا ئەستايىدىل،كىسىلىگە نىسبەتەن پەرۋاسىزكەن.ئۇنىڭ دەپ بىرىشىچە ئۇ ھەرقاچان تاماقنىڭ مىقدارى ۋە ۋاقتىغا ئەھمىيەت بېرىدىكەن.ئەمما تۈرلىرىگە بەك چەكلىمە قويمايدىكەن.3-بۇ ئادەم يەرلىك رىتسىپلارغا بىەك ئەھمىيەت بىرىدىكەن.بىرەر ماتىرىيالدىن يەرلىك رىتسىپلار ھەققىدە كۆرۈپ قالسا ياكى باشقىلاردىن ئاڭلاپلا قالسا ئىزدەپ سوراپ ئىستىمال قىلىدىكەن.4-قالايمىقان دورىنى كۆپ ئىچمەيدىكەن.پەقەت دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بەزى دورىلارنى مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىدىكەن.ئەمما دورىغا تايىنىۋلمايدىكەن.تۆۋەندە ئۇ دەپ  بەرگەن بىر  ئاددىي رىتسىپتىن تورداشلارنى خەۋەردار قىلاي.بۇ رىتسىپنى ئەسلى كورلىدىكى داڭلىق بىر خەنزۇ تىۋىپ ئۇنىڭغا تەۋسىيە قىپتىكەن.
     ئۈجمىنىڭ يىلتىزىنى تىپىپ ئۇنى ئۇششاقراق چاناپ بارماقتەك چوڭلۇقتا توغرالغان قوي گۆشى بىلەن ئۇزاق قاينىتىمىز.تەخمىنەن چوڭ چىنىدە بىر چىنە سۇ قۇيۇپ بىر پىيالە قالغۇچە قاينىتىپ سۈيىنى ئىچسەك بولىدىكەن.ئەلۋەتتە گۆشىنىمۇ يەيمىز جۇمۇ.دىققەت قىلىدىغان ئىش بۇنى بىر كۈندە مۇشۇ مىقداردا بىرلا قىتىم ئىچىمىز.ئاندىن ھەر كۈنى قان قەنتىنى تەكشۈرۈپ تۇرىمىز.قان قەنتى چۈشكەن ھامان ئىچىشنى توختىتىش كېرەك.مۇشۇنداق بولغاندا بىخەتەررەك بولىدۇ.مانا بۇ قاندىكى قەنتنى چۈشۈرۈشنىڭ ئەڭ ئەددىي ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىكەن.تۆۋەندە تورداشلارنىڭمۇ ئۆزى بىلىدىغان رىتسىپلارنى تەۋسىيە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.دىئابىت بىمارلىرىنىڭ پايدىنىلىنىشى ئۈچۈن ماتىرىيال بوپ قالسا دەيمەن.

elikaram يوللانغان ۋاقتى 2014-3-16 10:06:55

دارچىننى ئۇزۇن مەزگىل شۈمۈپ بەرسە ساقىيىدىكەن.

Seyyah99 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-16 10:18:50

بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغانلار ئۇزۇقلىنىشقا ناھايىتى ئىتىبار بىرىشى كېرەككەن ، ئۇنىڭدىن باشقا دىئابىت كېسىلىنىڭ ئەگەشمە كىسەللىكلىرى كوپ ، دىئابىت كىسەللىرى  بەزىدە كىچىككىنە زەخمىلىنىپ قالسىمۇ ناھايىتى ئۇزۇندا ساقىيىدىكەن . شۇڭا دىئابىت كىسىلىنىڭ ئەگەشمە كىسەللىكلىرىنى داۋالىتىشقا سەل قارىماسلىق كېرەك ،گەرچە كىچىك كىسەل بولسىمۇ  .ئۇنىڭدىن باشقا داۋالىنىش ،دورا ئىچىشتا دۇختۇر ۋە دۇراتاللاشتا ناھايىتى ئېھتىياتچان بۇلۇشى كېرەك ، ئاڭلىغانلىكى دۇختۇرغا كورىنمەسلىك ، دورىلارنىمۇ قالايمىغان ئىچمەسلىك كېرەك ،نائۇستى دۇختۇرلارغا كۆرۈنۈش ۋە قالايمىقان دۇرىلارنى ئىچىش ئەگەشمە كىسەللەرنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋىتىدۇ .

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-16 11:02:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alim012 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-16 11:06  

ئانامنىڭ دىئابىت كېسىلى دەسلەپ بايقالغاندا قان شىكىرى 13-20 ئارلىقىدا ئىدى. ئىنسولىننى پەقەت 5 كۈنلا ئىشلىتىپ كىيىن ئىشلەتكىلى ئۇنىمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇدا بىر ئاي ھەر كۈنى 100گىرامدىن تۆگە سۈتى ئىچتى. ھازىر قان شىكىرى نورمال.، يەنى 5-8 ئارلىقىدا. ساپ ھەسەل دىئابىتقا زىيان قىلمايدۇ دىگەن قاراشقا ئىشەنمەڭلار.ئانام 10 يىل بولغان ھەر كۈنى بىر قوشۇق ساپ جىگدە ھەسىلى ئىستىمال قىلۋاتقىلى. ھازىر توختىتىۋەتتۇق ھەسەل ئىچىشىنى. ئەگەر ھەسەل ئىچىپ سالسىلا قان شىكىرى يەنە ئۆرلەپ كىتىدىكەن.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-3-16 11:31:11

دارچىننى سىناپ  باقساڭلا بولىدۇ.
قەدىمكى تېۋىپلار  دېئابىتقا دارچىننى شۈمۈشنى تەۋسىيە قىلىپ ئوڭشالغانلىقىنى قالدۇرۇپ كەتكەن.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ بىر سانىدا كۆرۈشۈمچە  دېئابىت بىمارلىرى دارچىن شۈمۈپ بەرسە 40% ئەتراپىدا مەنپەئەت قىلىدىكەن.

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-3-16 13:37:37

tadubeg يوللىغان ۋاقتى  2014-3-16 11:31 static/image/common/back.gif
دارچىننى سىناپ  باقساڭلا بولىدۇ.
قەدىمكى تېۋىپلار  دېئ ...

دارچىن دېگىنى ھېلىقى قوۋزاق داچىن دېگەن شۇمۇ؟رەسىمى بولسا كۆرۈپ باقايلى.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-3-16 13:50:45

مۇشۇ شۇ 肉桂  دەپ ئىزدىسىڭىز بولىدۇ.

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-3-16 14:20:49

tadubeg يوللىغان ۋاقتى  2014-3-16 13:50 static/image/common/back.gif
مۇشۇ شۇ 肉桂  دەپ ئىزدىسىڭىز بولىدۇ.

رەخمەت تادۇ بېگىم.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-3-16 15:14:59

تادۇبەگ كە رەھمەت، قوشنىلىرىمىزدىن بىرى بولغان بىر ھەدىمىزنىڭ خىلى ئېغىر ئىكەن، شۇنىڭغا تەۋسىيە قىلىپ قوياي...

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-16 15:34:11

مەن كۆرگەن بىر ماتىريالدا دىيابىت كىسىلىنى ئاچ قويۇپ داۋالاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى بايان قىپتۇ .  شۇ ماتىريالدا روسىيەدىكى بىر دوختۇرخانا تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ ، بۇ دوختۇرخانىدا 8 خىل كىسەلنى ئاچ قويۇپ داۋالايدىغانلىقىنى تونۇشتۇغان ھەمدە بۇ داۋالاشنىڭ خۇددى مۇسۇمانلارنىڭ روزى تۇتىشىغا ئوخشايدىغانلىقى بايان قىلىنغانكەن .

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-16 15:39:38

شۇنۇڭغا قارىغاندا يىلدا روزىنى ساق تۇتقان ئادەمنىڭ تېنى ساغلام بولىدىكەن ، دىيابىت كېسەلنى ئاچ قويۇپ داۋالاش تەتۈر گەپتەك تەسىر بىرىشى مۈمكىن  ئەمما بۇ خىل داۋالاشنى روسلار قوللىنىۋاتقانغا يېرىم ئەسىر بوپتۇ.

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-3-16 17:07:01

dadash يوللىغان ۋاقتى  2014-3-16 15:14 static/image/common/back.gif
تادۇبەگ كە رەھمەت، قوشنىلىرىمىزدىن بىرى بولغان بىر ھە ...

مەن تىمىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا تەۋسىيە قىلغان رىتسىپنىمۇ ئۈگىتىپ قويۇڭ .ئاللاھ شىپالىق بەرسۇن.

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-16 18:36:44

meyxor يوللىغان ۋاقتى  2014-3-16 17:07 static/image/common/back.gif
مەن تىمىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا تەۋسىيە قىلغان رىتسىپنىمۇ ئ ...

ئۈجمىنىڭ يىلتىزىنى يۆل ۋاقتىدا ئىشلىتەمدۇق ياكى قۇرۇتۇپمۇ ؟...ئادەتتە كىچىك يىلتىزلىرى ياخشىراقمۇ ياكى چوڭ كىچىكلىكىگە قاراپ ئولتۇرمامدۇق ؟..مۇشۇ توغرىسىدا تەپسىلىرەك توختالسىڭىز

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-3-16 18:50:22

atiyan يوللىغان ۋاقتى  2014-3-16 18:36 static/image/common/back.gif
ئۈجمىنىڭ يىلتىزىنى يۆل ۋاقتىدا ئىشلىتەمدۇق ياكى قۇرۇ ...

چوڭ كىچىكلىكىدە گەپ يوق.ھۆل ۋاقتىدا ئىشلىتىڭ.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-3-16 19:08:37

meyxor يوللىغان ۋاقتى  2014-3-16 17:07 static/image/common/back.gif
مەن تىمىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا تەۋسىيە قىلغان رىتسىپنىمۇ ئ ...

بولىدۇ. ئۇ ھەدىمىزنىڭ خىلىلا ئېغىردەك بىلىندى...

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-16 20:35:27

دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچى ئالدى بىلەن ھودۇقۇپ كەتمەسلىكى، قەنت شېكىرىنى تېزدىن تۆۋەنلىتىشكە كۈچەپ كەتمەسلىكىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى بۇنداق قىلىش تېز پۇرسەتتە ئۆپكە تۇبىركىليوز، جىگەر كېسىلى، يۈرەك تىقىلمىسى، بۆرەك كېسىلى قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى تېپىۋالىدۇ- دە كېسەل ئىككى- ئۈچ خىل بوپ قېلىپ، بىر- بىرىگە زىت بولغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ.
بىر قىسىم دورىلار بەزى بىمارلارغا مەنپىئەت قىلىپ، بەزىلەرگە ئۇنچىلىك ئۈنۈم بېرەلمەسلىكى مومكىن. بۇنداق بولۇشى ھەممە ئادەمنىڭ فىزىئولوگىيىلىك، پىسخىكىلىق ئەھۋالىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى بىلەن موناسىۋەتلىك. ئادەتتە دوختۇرلار بىر قەدەر ئېغىر بىمارلارغا ئىنسۇلىن ئۇرۇشنى تەۋسىيە قىلسا، بىمار بولغۇچى «خۇمار قىلىپ قويارمىش» دېگەن سەپسەتىگە ئىشىنىپ قېلىپ، بۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئىش يوق ئىكەن، مۇۋاپىق مىقداردا ئىنسۇلىن ئۇرۇپ تۇرۇپ، تاماقنى قۇۋۋەتلىكرەك يەپ بەرسە ئارتۇقچە ئاۋارىچىلىق ئازراق بولىدىغاندەك ھىس قىلدىم.(دادام دىئابىت بوپ قالغىنىنى بىلمەي، بىرئ اي قاتتىق باش ئاغرىقىنىڭ دەردىنى تارتقان. بېشىنى تەكشۈرتمىگەن دوختۇرخانا قالمىغان، ھەتتا كونىلىقمۇ قىلغانتۇق. ئاخىرىق تەسادىپى بىر پۇرسەتتە، دىئابىت كېسىلى كۈچەيسە باش ئاغرىيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ قېلىپ، قەنت شېكىرىنى تەكشۈرتۈپ كۆرسەك 24كە چىقىپتىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر تېمىم ئىنسۇلىن ئۇرغۇزۇپلا ئاغرىق توختىغان. بىچارە دادام شۇ قورقۇپ كەتكەنچە، باشقىلاردىن «دىئابىت كېسىلى ئىسسىقتىن بولارمىش، سوغۇقلۇق قىلىپ تۇرسا ئۆرلەپ كەتمەسمىش» دەپ ئاڭلىۋېلىپ، ئۆيگە كەلگەندە كۈندە ئۈچ ۋاخ شۆۋىگۈرۈچ، كۆك چامغۇر توغرالغان سۇيۇق ئاشنى ئىچىۋېرىپ، بىر ئايدا ئۆپكە تۇبىركىليوزنى تاپقان.... دەپ كەلسەم گەپ بەك جىق)
دوختۇرنىڭ دىيىشىچە: دىئابىت كېسىلى ئىككى تۈرلۈك بولىدىغان ئوخشايدۇ. بىرلەمچى دىئابىت دېگىنى قاندىكى قەنت شېكىرى ئۆرلەيدىكەن، كىچىك تەرەتتىكىسى نورمال بولىدىكەن. ئىككىلەمچى دىئابىت كېسىلى دېگىنىدە قاندىمۇ، كىچىك تەرەتتىمۇ قەنت شېكىرى بولىدىكەن. ئىككىلەمچى دېگىنى بەك ئېغىر بولۇپ، بىرلەمچى بىمارغا قارىغاندا ئۆمرى قىسقىراق بولىدىكەن.

taz يوللانغان ۋاقتى 2014-3-16 20:45:19

بىرلەمچى دىئابىت دىگىنىمىز ئاشقازان ئاستى بېزى ئىنسۇلىن ئاجىرىتىش ئىقتىدارىدىن قالىدۇ ياكى ئاجىزلىشىدۇ، ئىككىلەمچى دىگىنى بۆرەك يا جىگەرنىڭ ئىنسولىن قوبۇل قىلىشى ئاجىزلىشىدۇ.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-3-16 20:55:06

تاي سويۇپ، شۇنىڭ گۆشىنى يەپ بەرسە مەنپەت قىلىدۇ دەپ ئاڭلىدىم. راسما تادۇبىگىم؟  @tadubeg  

qoldikibulah يوللانغان ۋاقتى 2014-3-16 21:31:09

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qoldikibulah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-16 21:36  

دىئابىت بىمارلىرى شوۋىگۈرۈچ، سۇيۇق ئاش دىگەن تاماقلارنى ئامال بار ئىستىمال قىلمىغىنى ياخشى.چۈنكى گۈرۈچ بىلەن ئۇننىڭ تەركىبىدىكى قەنت ئۇزاق قاينىتىلغانلىق سەۋەبىدىن تاماقنىڭ سۈيىگە چىقىپ كېتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇنى ئىچكەن بىمارنىڭ قان شېكىرى تېزلا ئۆرلەپ كېتىدۇ.ئامال بار كۆپرەك يېنىك ھەرىكەت قىلىپ بېرىشى،تاماقنى يەپ بولۇپلا يېتىۋېلىپ ئارام ئالماسلىقى كېرەك.پۇرچاق تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بېرىشى، بەك تويۇنۇپ كەتمەي غىزالىنىشقا ئەھمىيەت بېرىشى لازىم. دائىم قان شېكىرىنى ئۆلچەپ تۇرۇشقا ئادەتلىنىپ قان شېكىرىنىڭ نورمال بولىشىغا دىققەت قىلىپ تۇرمىسا ئاستا-ئاستا باشقا كېسەللىكلەر، يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىرى ئەگىشىۋالىدۇ.بۇ بىمارنىڭ ھاياتىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ.

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-16 23:23:36

ياز پەسلىدە يەلپۈگۈچ ئېلىپ ئالدىنى قورۇپ ئولتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
بىلىسىلە، چىۋىن دېگەن تاتلىق يەرگە بەك ئامراق.
بەت: [1] 2 3 4
: دىئابىت ھەققىدە پاراڭلىشىپ باقايلى