iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-3-15 12:05:10

چىرا ناھىيە دامكۇ بۇددا خارابىسىغا زىيارەت

چىرا ناھىيەسىدە قەدىمقى تارىخ ئىزلىرىدىن نۇرغۇنى بولۇپ ئۇزۇنتات خارابىسى ، دەندەن ئۆيلۈك خارابىسى ، دامكۇ بۇددا خارابىسى ، ھاشى - ھاسا قەدىمقى سېپىلى ، تارىخى يېقىنراقلىرىدىن 800 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىمامى جەئفەرى تېھران مازىرى ، سۈپۈرگە ئاخۇن خاتىرە سارىيى قاتارلىقلار بولۇپ بۈگۈن چىرا ناھىيە بازىرى ئىچىدىن 30 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دامكۇ يېزىسىغا بېرىپ دامكۇ بۇددا خارابىسىنى زىيارەت قىلدىم ( تاۋاپ قىلمىدىم جۇمۇ ، ئەسكەرتىپ قوياي ).
مۇشۇ جەرياندا تارتقان سۈرەتلىرىمنى يوللاپ قويدۇم ، رەسىملەر سەككىز مىليون پايكسول ئېنىقلىقتىكى يانفوندا ئنتايىن سۈزۈك تارتىلغان ئىدى ، لېكىن مۇنبەرنىڭ قوشۇمچە يوللاش ئىقتىدارىدا رەسىمنىڭ سىغىم چوڭلۇقىغا چەك قويۇلغاچقا ئامال يوق رەسىم سىغىمىنى كىچىكلىتىش دېتالىدا رەسىمنىڭ 95پىرسەنت سىغىمى يوق قىلىنىپ 5 پىرسەنت سىغىمى ساقلاپ قېلىنغاچقا رەسىم سۈپىتى زور دەرىجىدە بۇزۇلۇپتۇ ، شۇنداقتىمۇ بۇ يەرگە كېلىپ كۆرۈش ئىمكانىيىتى يوق قېرىنداشلىرىمنىڭ كۆرۈشىگە سۇندۇم .

uygurjan09 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-15 13:15:26

تەكلىماكاننىڭ    قۇملۇق مەنزىرسى  ئادەمگە  بەك  ھۇزۇر بېغىشلايدۇ .....  

Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2014-3-15 13:31:27

رەسىمنىڭ ئۆزى چىقماي، جىنى چىقىپتىغۇ؟

uqkun500 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-15 13:40:43

بىزلەر  ئۈزىمىزنى تۇنۇشتۇرالماي  قالساق    خىجىل بۇلۇپ  ، كىلىشىڭىزلارنى قارشى ئالىمىز .

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-3-15 14:21:36

   ئەڭ ئاستىدىكى رەسىممۇ بۇددا خارابىسىنىڭ رەسىمىمۇ يا ؟

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-3-15 14:22:02

   ئەڭ ئاستىدىكى رەسىممۇ بۇددا خارابىسىنىڭ رەسىمىمۇ يا ؟

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-3-15 15:15:24

يېزا بالىلىرىنىڭ ئائىلىسىدە ئۆگىنىش قىلىدىغان ئورنىكەن ، مەن كىرسەم شۇ يەردە ئۆگىنىش قىلىۋېتىپتىكەن،رەسىمگە تارتىۋالغان،بۇ تېمىغا خاتا يوللىنىپ قاپتۇ

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-3-15 15:20:20

ئۇچقۇن 500
سىزنى تونۇسام بولامدۇ ؟سىز ئالىمجاننىڭ خىزمەتدىشىمۇ ؟

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-3-15 16:46:03

ئەينى يىللىرى ھىندىستاننىڭ نوم ساتىدىغان چوڭ بۇتخانىسىغا ئوت كىتىپ تاڭ رايىببى مۇشۇ يەردىن نوم ئېلىپ قايىتقان دىگەن ئەپقاچتى گەپلەر بارغۇ.

uqkun500 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-15 17:34:51

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-3-15 15:20 static/image/common/back.gif
ئۇچقۇن 500
سىزنى تونۇسام بولامدۇ ؟سىز ئالىمجاننىڭ خىزمە ...

سىز قايسى ئالىمجاننى دىمەكچى ؟  مەن دامكۇ  بازىرىدىن ، ئۇزلەچۇ؟

tamqa1 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-15 18:09:21

سۈزۈك چىق كەتكەن بولسا ياخشى بولاتتى ،

Yatmix يوللانغان ۋاقتى 2014-3-15 18:27:15

رەھمەت بۇرادەر
مەن چىراغا بېرىپ باقمىغان،بولسا چىرا نامى،نۇپۇسى،يېزىلىرى ھەمدە خوتەن شىۋىسى بىلە  بولغان پەرقى(ئاددىي مىساللار)خەلقنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى،دىن جەھەتتە چىڭلىقى قارىقاش،لوپ قاتارلىق جايلار بىلەن ئوخشامدۇ؟

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-15 18:37:39

رەسىمدىن قايسىنىڭ خاربە قايسىنىڭ ئەمەسلىكىنى بىلگىلى بولمىدى.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-3-15 18:48:21

ۋاي قايسى دېتالنى ئىشلەتكەن بولغىيتىڭىز ؟؟؟  ئەجەپ بۇزۇلۇپ كىتىپتۇ سۈپىتى.  فوتوشوپ ياكى باشقا ياخشىراق دېتالدا توپ بىر تەرەپ قىلغان بولسڭىزچۇ.

huja يوللانغان ۋاقتى 2014-3-15 19:32:37

چىرا ناھىيەسىنىڭ چاقا، ئۇلۇغساي،نۇر ،بوستان يېزىلىرىدا قانداق تارىخى ئىزلار قانداق خارابىلەر بار . مەن بۇ تەرەپلەردەئۈچ ئاي ئەتراپىدا تۇرۇپ قالمەن . شۇ بوستانغا مەرھۇم شائىر روزى سايىت چېنىقىشقا چۇشكەندىن باشقا بىرە ۋەقە نىمۇ بىلمەيدىكەنمەن . ماشىنا ۋاقىت يىتەرلىك ماڭغا شۇيەردىكى تارىخى يەرلەرنى دەپ بەرساڭلا . بولسىغۇ يولباشلىغۇچى بوپ بەرساڭلا تېخى ياخشى.

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-15 21:22:35

ۋوي بالدۇرراق كىلىمەن دىسىڭىز بولماسمىتى ئلتېرىش ئۈزەملام  ئالدىڭىزغا چىقاتتىم ئەمەسمۇ مەنمۇ دامكۇ بازىرىدىن  ............بۇدا كەلسىڭىز ھايت  دەڭ جۇما  .............
چىرا غا  ساياھەت قىلغىلى كىلىدىغانلارنى قارشى ئالىمەن ،كىلىدىغانلار مۇنبەر ئارقىلىق ئۇچۇر قالدۇرساڭلار ئالاقىلاشساق بۇلىدۇ .ئىزدىنىشلىقلار ئۇچۇن ھەر ۋاقىت قۇلۇم كوكسۈمدە

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-3-15 22:35:45

سىرتتىن ئۇلىنىش قىلىپ چىقارسىمۇ سۈزۈك چىقاتتى
http://www.poco.cn ماۋۇنى تەۋسىيە قىلىمەن.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-3-15 23:08:08

دامكۇ بۇددا ئىبادەتخانا خارابىسىنىڭ كوردىناتى ۋە گوگىل خەرىتىسىدىكى ئورنى
36 56.722 N 81 5.907 E

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-3-15 23:36:31

چىرا قەدىمدە تۈركى تىللاردىكى جىرا،چېدىر دەپ ئاتالغان دىگەن قاراشلار بار.
چىرا بازىرى ،چىرا يېزىسى،گۇلاخما،دامكۇ،چاقار،ئۇلۇغساي،نۇرى،بوستان بۇرۇنقى نامى ئىماملا يېزىسىدىن ئىبارەت يەتتە يېزا بىر بازاردىن تەركىپ تاپقان،نوپۇسى 154مىڭ.
بوستاندا تۆت ئىماملىرىم مازىرى بولغاچقا تۆت ئىمام،تۆت ئىماملىرىم،ئىماملا دەپ ئاتىلاتتى،80-نەچچىنچى يىللىرى ئىسمايىل ئەھمەد
بوستانغا چىققاندا بۇ يۇرتنىڭ ئىسمى بوستان بولسۇن دىگەچكە ھازىر بوستان دەپ ئاتالغان.
شەرقتە كېرىيە،غەرپتە لوپ،شىمالدا شايار،جەنۇپتا شىزاڭ بىلەن چېگرىلىنىدۇ.
شىۋىسى مەركىزى دىئالېكىتقا يېقىن،ر نى دەيدۇ،خوتەن شەھىرى،خوتەن ناھىيىسىدىن پەرقلىنىدۇ.
دىنى دەپ نىمىنى كۆزدە تۇتۇپ،قايسى نۇقتىنى سورىدىڭىزكىن بىلمىدىم،ئېنىق نۇقتىدىن سورىسىڭىز سىزگە تېخىمۇ ئېنىق جاۋاپ بېرىشىم مۇمكىن،مېنىڭ بىر پۈتۈن يۇرتنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئېتىقادى ۋە دىنىغا كېسىم پىچىشكە سالاھىيىتىم توشمايدۇ

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-3-15 23:37:27

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltersh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-15 23:41  

خەلقى قەدىر ئەھۋال، قولى قىسقىراق
ھەر قانداق سىياسەتنىڭ ئىجرا قىلىنىشى چىڭ ، دىن بولامدۇ،پىلانلىق تۇغۇت بولامدۇ ، باج بولامدۇ دىگەندەك
پىلانلىق تۇغۇتتا دۆلەت بويىچە ئىلغار ناھىيە بولغان
بەت: [1] 2
: چىرا ناھىيە دامكۇ بۇددا خارابىسىغا زىيارەت