لەپتوپ تەۋسىيە قىلساڭلار جامائەت
كۆپچىلىكنىڭ بۇنداق تېمىلارنى جىق يوللاندى دىمەي، بىر مەسلىھەت بېرىۋىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.ئالدىن رەھمەت ئېيتقاچ تۇراي.ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچى،بۇ تېمام مەسىلەم ھەل بولغاندىن كىيىن ساقلاش قىممىتى يوق دەپ قارالسا ئۆچۈرۈلسە ھەرگىز پىكرىم يوق.تەستىقلاپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.مەقسەتكە كەلسەك،بىر خاتىرە كومپىيوتىر ئالاي دىگەن.3000 سومدىن 4000 غىچە بولسا مۇۋاپىقتۇ دەپ قارايمەن.ئەمما ئىسىل لەپتۇپ تەۋسىيە
قىلىنىپ قالسا يەنە قوشسام بۇلىدۇ.ئىزدىنىشنىڭ كونا تېمىلىرىنى ئوقۇپ دېل ماركىلىق لەپتۇپنىلام ئالغۇم كېلىۋاتىدۇ.مىنىڭ تەلىپىم كىنو
كۆرىمەن كۆپرەك،تور بەتلەرگە چىقىپ خەۋەر كۆرىمەن.ئويۇن ئويناشقا بەك چوڭ ئېھتىياجىم يوق.كۈندىلىك ئىشلىتىش ۋاقتىم نىسبەتەن ئۇزۇنراق،
خىزمەت ۋە ئۈگۈنۈشلىرىمنى قىلىپ دىگەندەك. بولسا مۇشۇ ئاساستا بىر تەۋسىيە قىلىپ باقساڭلار.نەق تىپىنى ئېيتىپ بەرسەڭلار ، دۇكىنىغا كىرىپ
ئۇدۇل دىسەملام خاتالاشماي ئالالىغۇدەك قىلىپ.ئەمسە ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم جامائەت،ئىشلىرىڭلار بەركەتلىك بولسۇن! {:92:} مەن DELL نى ئىشلىتىۋاتقىلى ئىككى يىل بولدى، شۇنداق پەچەت ئشلەپ كېتىپ بارىدۇ، ئېغىر يىنىك يۇمشاق دېتاللارنىڭ ھەممىسىنى پەچەت سۆرەپ قويىدۇ. مۇشۇنى تەۋسىيە قىلاي.
قوش كۆرسىتىش كارتىسى بارلىرىنى ئويلاشماڭ، كۆرسىتىش كارتىسىنى تونۇتۇش ئاۋارچىلىقى بولغاننى ئاز دەپ، ئۆز ئارا ماسلىشىپ خىزمەت قىلىشى ياخشى ئەمەستەك ھېس قىلدىم.
4 مىڭ سومغا ئازراق قوشسىڭىز مۇستەقىل كۆرسىتىش كارتىلىق، i7 لەپتوپ ئالالىشىڭىز مۇمكىن. پۇلغا سەل چىدىغان بولسىڭىز macbook air ناھايىتى ئوبدان لەپتوپ بولىتى، ۋىندوۋسلۇق كومپيوتېرغا نەچچە ئايدا بىر سېستىما قاچىلىمىسا ئۆزى بىلەن ئۆزى ئاستىلاپ قالىدىغان ئىش بار، لېكىن بۇ كومپيوتېرغا بىر يېرىم يىل بولدى سېستىما قاچىلاپمۇ باقمىدىم ، سۈرئىتى شۇنداق تېز. ھەم نېپىز، توكى ئالتە يەتتە سائەت يېتىدۇ.
باھاسى يۇقىرى ئەمما پۇختا چىدامچانلىقى يۇقىرى لەپتوپ ئالماقچى بولسىڭىز Apple MacBookۋەياكى sony vaioنى ئويلىشىڭ،باھاسى نورمال باھاسىغا نىسپەتەن سەپلىمىسىمۇ نورمال ئەمما چىدامچانلىقى يۇقىرى لەپتوپ ئالماقچى بولسىڭىز Hp,asus,acerقاتارلىقلارنى ياكى ئۇلاردىن سەل تۆۋەنرەك دەرىجىدىكى toshiba,lenovoلارنى ئويلىشىڭ،باھاسى ئەرزان ئەمما سەپلىمىسى يۇقىرى لېكىن چىدامچانلىقى تۆۋەنرەكلىرىنى ئالماقچى بولسىڭىز haierۋە شۇنىڭغا ئوخشاش جۇڭگونىڭ ماركىلىرىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.ئەمما دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى قوي بېشى ئېسىپ قويۇپ ئىت گۆشى ساتىدىغان يەنى ماركىسى ئېسىل ئەمما ئۈچەي باغرى ناچار ياكى كونىنى يېڭىلىغان تاغتۇرا مەسھۇلاتلاردىن ھەزەر ئەيلىمەك لازىم acer نى تەۋسىيە قىلمايمەن. http://detail.tmall.com/item.htm?spm=a230r.1.14.1.KPnC8d&id=22327271774&ad_id=&am_id=&cm_id=140105335569ed55e27b&pm_id=
بۇ كومپيۇتېرنى كۆرۈپ بېقىڭ. 4ئاي بۇرۇن بىر ئاغىنەمگە تاللىشىپ بەرگەنتىم. كەم يېرى-كومپيۇتېر ناھايىتى نىپىز بولغاچقا ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچى ئورنىتىلمىغان. كۆكچىش قوزغاتقۇچى بار، يانفۇنىڭىزدىكى ھۆججەتلەرنى كۆكچىش ئارقىلىقلا يوللىيالايسىز. ياڭراتقۇنىڭ ئاۋاز سۈپىتى ياخشى. ئەمىلى ئىشلەتكەن كومپيۇتېر.
پىششىق، چىداملىق كومپيۇتېر ئالماقچى بولسىڭىز لىيەنشىياڭنىڭ ThinkPad تىپلىق كومپيۇتېرلىرىدىن T دىن باشلانغان كومپيۇتېرنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن T430دىگەندەك. بىراق بۇ تىپتىكى كومپيۇتېرنىڭ باھاسى 6000نىڭ يۇقىىرىسىدا. شۇڭا تەۋسىيە قىلمىدىم. ئاۋال www.zol.com.cn غا چىقىپ ، خاتىرە كومپىيۇتىر تاللاش تۇرىدىن ، يۇقرى دەرىجە بويىچە ئىزدىش ئۇسۇلى بويىچە
i7 cpu . 性能级独立显卡 ,混合硬盘 بويىچە ئىزدەپ بېقىڭ .
i7 cpu نىڭ ئۇچىنچى دەرىجىلىك بوففىرلاش سىغىمى 6 مىگابىيت بولسۇن .
混合硬盘 ئالسىڭىز يەنى HD ۋە SSD بىللە كەلسە ، كومپىيۇتىرىڭىز ئۇچىدىغان بولۇپ كېتىدۇ .
سەمىمىي ئەسكەرتىش : ۋەتەنپەرۋەرلىكىڭىزنى سەل ئۇنتۇپ تۇرۇپ ، ھاياتىڭىزنى قەدىرلەپ جوڭگونىڭ ماللىرىدىن يىراق تۇرۇڭ ...
ماۋۇ ئادرىستىكى ماللارنى كۆرۇپ بېقىڭ ...
http://detail.zol.com.cn/notebook_advSearch/subcate16_1_m227-m21-m218-m223-m98-m167-m209-m133-m364-m283-m84-s4503-s4703-s4505-s3822-s5064_3_1__1.html#showc
ئەگەر SSD نى كىيىن سەپلىۋالىمەن دەپ ئويلىسىڭىز .
http://detail.zol.com.cn/notebook_advSearch/subcate16_1_m227-m21-m218-m223-m98-m167-m209-m133-m364-m283-m84-s4503-s4703-s4505-s5064_3_1_0_1.html?#showc
مەسىلەن
http://detail.zol.com.cn/355/354408/param.shtml http://detail.zol.com.cn/359/358598/param.shtml
ما كومپىيۇتىر قانداقراق باللا ؟
بولسىغۇ ياپۇننىڭ ئۆزىدە ئىشلەنگەن سونى ، پاناسونىك ، توشىبا ، ... لار بولغان بولسا تىخىمۇ ياخشى بولاتتى . ۋىندوۋس نىڭ زەھرىنى كاللىدىن يۇيالىسىڭىز ئالمىنىڭ خاتىرە كومپىيوتېرىنى بىرىنچى تاللاش قىلىڭ
ئىلىكتىرونلۇق نەرسىلەرگە ئوتتەك قىزىقىش بولمىسا يەنىلا بىرىنچى تاللاش ۋىندوۋس سىستىمىلىق كومپىيوتېرلاردۇر توشىبامۇ بىجىرىم كومپيۇتېر ئىكەن. ئادەتتە جىمجىت بولمىسام زىھنىمنى يىغالمىغاچقا كومپيۇتېردىن چىققان شاۋقۇننىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىگە دىققەت قىلىمەن. توشىبانىڭ بىر ئالاھىدىلىكى شاۋقۇن باشقا كومپيۇتېرلارغا قارىغاندا خېلىلا تۆۋەن.
ھەرخىل ماركىدىكى كومپيۇتېرنىڭ ئىچكى زاپجاسلىرى (مەسىلەن CPU, ئىچكى ساقلىغۇچ، ئانا تاختا، سىنكارتا، تور ئۈسكۈنىلىرى...) ئىقتىدار جەھەتتىن ئاساسەن پەرىقلەنمەيدۇ. ھەم ھازىرقى سەپلىمە ئىقتىدارلار ئاللىبۇرۇن كومپيۇتېردا قىلىدىغان ئاساسى خىزمەتلەرگە يېتىپ ئاشىدۇ. تورغا چىقىش، كىچىك ئويۇنلارنى ئويناش، كىنو كۆرۈش، ئانچە- مۇنچە ئىچ-پۇشۇقىغا كەسپى يۇمشاق دىتاللارنى قاچىلاپ ئىشلىتىشكە ھېچقانچە كۈچ كەتمەيدۇ.
ئەمسە ھەر خىل ماركىدىكى كومپيۇتېلارنىڭ قانداق پەرقى بار دىگەندە. بىرى ئىكراندا پەرىقلىنىدۇ. يەنە بىرى كومپيۇتېر قېپىدا پەرىقلىنىدۇ. يەنە بىرى كومپيۇتېر زاپجاسلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى تېخنىكىدا پەرىقلىنىدۇ. بۇ جەھەتتىكى تېخنىكا ۋە ئەستاھىدىللىقتا ھەرقانداق بىر كومپيۇتېر شىركىتى IBMغا يېتەلمەيدۇ. ياپونلارنىڭ ياپونىيەدىن باشقا دۆلەتكە ساتمايدىغان كومپيۇتېرلىمۇ ئومۇمى جەھەتتىن يۇقىرى تېخنىكا ۋە ئۇستىلىق بىلەن لاھىيىلەنگەن. جوڭگۇنىڭ ئۆزى ئىشلىگەن ياكى تەيۋەن بىلەن بىرلىشىپ ئىشلىگەن كومپيۇتېرلىرىنىڭ ئاجىزلىقى كومپيۇتېرنىڭ تەننەرقىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن قوشۇمچە زاپجاسلارنىڭ(كومپيۇتېر قېپى، ئىكران...) سەل سۈپەتسىزىنى ئىشلىتىدۇ. ئاندىن تەتقىقات خىراجىتىنى تېجەش ئۈچۈن(چوڭ شىركەتلەردەتەتقىقات خىراجىتى شىركەت ئومۇمى كىرىمىنىڭ 30 پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ) لاھىيىلەشكە ئانچە كۈچەپ كەتمەيدۇ. ئاممىباب لاھىيەلەرنى ئىشلىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سېتىۋالغان كومپيۇتېر بىرەر يىل بولار بولماي قاپلىرى ئاجراشقا باشلايدۇ. جىجلغان ئورۇنلار مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ قالىدۇ. ئىكران ئۆزىنى تۇتالماي يېتىۋالىدۇ.... شۇنىڭ بىلەن كومپيۇتېردىن زېرىكىشكە باشلايسىز. radiofan يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 09:10 static/image/common/back.gif
http://detail.zol.com.cn/359/358598/param.shtml
ما كومپىيۇتىر قانداقراق بال ...
CPU بەك يۇقىرى ئىكەن. CPUغا بېسىم كېلىدىغان خىزمەت قىلسا شاۋقۇن چىقىشى مۇمكىن. ياز كۈنلىرى ئىسسىقتا ئاران تۇرغاندا كومپيۇتېردىنمۇ ئىسسىق شامال چىققىلى تۇرسا ياخشى بولماس. GoodLuck يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 06:30 static/image/common/back.gif
مەن DELL نى ئىشلىتىۋاتقىلى ئىككى يىل بولدى، شۇنداق پەچەت ...
پۇلنى يەنە قوشسام بۇلىدۇ،بولسا توردىن ئالسام بۇلۇرمۇ يا ئۇرۇمچىدە مەخسۇس ساتىدىغان دۇكىنى بولسا شۇنىڭدىن ئالىمەنمۇ؟مۇشۇنىڭغا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلا بوپتىكەن.توردىن ئالسام ياخشىراق تور دۇكانلىرىنى بولسا دەپ بېرەمسىلە يا . ياخشىلىق قىلغانغا تويغۇزامدۇ نىمە دەيدىغان بولدۇڭلا مانا ئەمدى:lol http://detail.tmall.com/item.htm?spm=a220m.1000858.1000725.19.Fx4qT1&id=21405603691&areaId=&user_id=677926131&is_b=1&cat_id=2&q=%B4%F7%B6%FB%B3%AC%BC%B6%B1%BEi7&rn=ae1d133ba4679c6b6344bee8ba930784
ماۋۇنى كۆرۈپ باھا بېرىپ بېقىڭلار بىر كۆپچىلىك QUYASH يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 09:34 static/image/common/back.gif
CPU بەك يۇقىرى ئىكەن. CPUغا بېسىم كېلىدىغان خىزمەت قىلسا ...
ئاشۇنچىلىك i7 سىپىيۇنى سەپلىگىدەك تىخنىكا بولغاندىكىن ، سوۋۇتۇش تىخنىكىسمۇ يامان ئەمەس . ھازىرقى يۇمشاق دىتاللارنىڭ نەشىرىنىڭ تىز ئۆرلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن سەپلىمە تىزدىنلا ماسلىشالماي قالىدۇ ...
2004-2005 يىللىرى ش ج ئۇ دا ئوقۇۋاتقان چاغدا ، 256 مىگابايىتلىق ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلەنگەن ، ۋىندوۋۇس 2000 ياكى ئىكسپى قاچىلانغان كومپىيۇتىرلار بەكمۇ ئىسىل كۆرۇنەتتى ...
ئەمما ھازىر مېنىڭ 1.7 گىگا ھىرتىسلىق سىپىيۇ ، 1 گىگابايىت ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلەنگەن dell latitude d610 كومپىيۇتىرىمغا ئىكىسپى قاچىلاپ ، ۋورىد 2007 ، شۇنلىي ، QQ لارنىڭ يىڭى نۇسخسىنى ، ئاۋىيرا ۋىرىسخورقاچىلاپ، يەنە بىر كەسپىي دېتال قاچىلىسام ، ....... مەن يىقىنقى كۇنلەردىن بۇيان خىلى سەۋىرچان بولۇپ قالدىم ....
شۇڭا دەيمەن ، ئامال بار i7 cpu , 4G ram . ssd سەپلىمىلىك كومپىيۇتىرلار كىيىننى ئويلىغاندا ياخشى تاللاش ... GoodLuck يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 08:48 static/image/common/back.gif
acer نى تەۋسىيە قىلمايمەن.
مەن تىخى پۇلىسى خىلى ئەزانكەن دەپ acer ئالايمىكىن دەپ خىيال قىلغانتىم ، ئازراق acer توغۇرلۇق گەپ قىلىڭلار ئاڭلايلى .... مىنىڭچە ئالما ئۇچى بۇچىىدىن يەنىلا ASUS ياخشى دەپ قارايمەن ، باھاسى مۇۋاپىق سەپلىمىسى يۇقىرى. birikki يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 09:55 static/image/common/back.gif
پۇلنى يەنە قوشسام بۇلىدۇ،بولسا توردىن ئالسام بۇلۇرمۇ ...
مەنمۇ DELL نى تەۋىسسىيە قىلىمەن.مەن پىنھاننىڭ ياردىمىدە توردىن ئالغان، بىر يېرىم يىل بولدى. ئاتتەك ئىشلەۋاتىدۇ لىكىن. دۇكان ئادرېسىنى پىنھان بىلىدۇ، ئۇنىڭدىن سوراپ بېقىڭە! ئەگەر قىممەت كۆرمىسىڭىز ماۋۇنى كۆرۈپ بىقىڭ
http://detail.tmall.com/item.htm?spm=a220m.1000858.1000725.7.OilW7s&id=36026538331&areaId=&user_id=379092568&is_b=1&cat_id=50024399&q=2528&rn=2979c8bb1f3022b85db8ee71ab45c800
ئالغىلى بىر ئاي بولدى ،ئۆزى بەك چىرايلىق ، سىرتى پۈتۈنلەي مىتال ، قىلىن نىپىزلىقىمۇ نورمال ياكى نىپىز تىپقا كىرىدۇ . ھەممە جەھەتتىن رازى ، نورمال ئىشلەتسىڭىز توكى 5~6سائەت يىتىدىكەن ، سەپلىمىسىمۇ بوپ قويىدۇ . ئويۇن ئوينىسىڭىزمۇ يىتىدۇ .
مەن بىۋاستە باش شىركەت تورىدىن ئالغان ، بىيجىڭدىن قەشقەرگە ئۈچ كۈندە كەپتۇ . ئەگەر سىز ئۈرۈمچىدە بولسڭىز مۇشۇ مۇنبەردە چۈشكەن كومپىيۇتىرلارنىڭ ھەممىسىنى خاتىرلىۋىلىپ قىزىل بايراققا بىرىپ بىر قۇر كۆرۈپ قايسىسى سىزگە يارايدۇ ، قايسىسى بولىدۇ دەڭسەپ بىقىڭ ، قىممەت ئەپ قالىمەن دىسڭىز ئاشۇ دىتىڭىزغا ياققىنىنى توردىن سىتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ .