Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-3-14 01:08:20

ئامېرىكا: بالىنى ئاسان بېقىشنىڭ 40 تۈرلۈك تەجرىبىسى

ئامېرىكا: بالىنى ئاسان بېقىشنىڭ 40 تۈرلۈك تەجرىبىسى



ئەگەر سىز ئاتا- ئانا بولۇشنىڭ جاپاسىنى ئازايىتماقچى بولسىڭىز ۋە تالانتلىق بالىڭىزنى تەربىيىلەشتىن خۇشاللىق ئالماقچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئامېرىكىلىق مۇتەخەسىس دەيۋىد لۇيىسنىڭ تۈۋەندىكى تەكلىپلىرى سىزنى بىر قىسىم نەتىجىگە ئېرىشتۈرىدۇ.
1. بالىنىڭ سورىغان بارلىق سۇئاللىرىغا ئەڭ سەۋىرچانلىق ۋە يوۋاشلىق بىلەن جاۋاپ بېرىش.
2. بالىنىڭ سورىغان نورمال سۇئاللىرى ۋە كۆز قاراشلىرىغا ئەستايىدىل بولۇش.
3. بىر قاتار كاتەكچە ئىشكاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، بالىنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىنى كۆرسىتەلەيدىغان قىلىش.
4. بالىنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسىلا، بالىنىڭ ئۆيى ياكى ئۈستىلىنىڭ قالايماقانلىقى بىلەن ئەيىپلىمەسلىك.
5. بالىنىڭ ئوينىشى ئۈچۈن، ئاساسلىق قىلىپ بىر ئېغىز ئۆينى ياكى بىر قىسىمىنى ئاجرىتىش.
6. بالىغا ئېنىق قىلىپ، ئۇنىڭ ئەسلىدىنلا بەك ئۇماقلىقىنى، ئۇنىڭ ئۆزىنى بەك كۆرسىتىپ كېتىشىنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى چۈشەندۈرۈش.
7. بالىنىڭ كۈچى يېتىدىغان ئىشلارنى قىلىشىغا رۇخسەت قىلىش.
8. بالىنىڭ شەخسىي پىلانىنى تۈزىشى ۋە پىلاننى پۈتتۈرىدىغان چارە تېپىشىغا ياردەم قىلىش.
9. بالىنى ئۇ قىزىقىدىغان جايلارغا بېرىپ ئوينىشىغا ئاپىرىش.
10. بالىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ياخشىلىشىغا ياردەم قىلىش.
11. بالىنىڭ ئوخشىمىغان جەمئىيەت قاتلاملىرىدىن كەلگەن بالىلار بىلەن نورمال ئالاقە قىلىشىغا ياردەم قىلىش.
12. ئۆزى مۇۋاپىق ھەركەت ئۆلچىمىگە رىئايە قىلىش ۋە بالىنىڭ شۇنداق قىلىشىغا دىققەت قىلىش.
13. بالىغا ھەرگىز ئۇنى باشقا بالىلاردىن ناچار دېمەسلىك.
14. بالىنى ھەرگىز تىللاش ئارقىلىق جازالىماسلىق.
15. بالىغا كىتاپ ۋە ماتىرىيال تەمىنلەپ، ئۇنى ئۆزى ياقتۇرىغىان ئىشنى قىلالايدىغان قىلىش.
16. بالىغا مەسىلىلەرنى مۇستەقىل پىكىر قىلدۇرۇش.
17. قەرەللىك ھالدا بالىغا بىر نەرسە ئوقۇپ بېرىش.
18. بالىدا كىچىكىدىن كىتاپ ئوقۇيدىغان ئادەت يېتىلدۈرۈش.
19. بالىنى ھېكايە توقۇش، تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش.
20. بالىنىڭ شەخسىي تەلىپىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش.
21. ھەر كۈنى ۋاقىت چىقىرىپ بالا بىلەن ئايرىم بىللە بولۇش.
22. بالىنىڭ ئۆي ئىشلىرى پىلانى تۈزۈش ۋە ساياھەتكە چىقىش ئىشلىرىنى پىلانلاشقا قاتناشتۇرۇش.
23. ھەرگىز بالىنىڭ سەۋەنلىكى بىەلن ئۇنى ئەخمەق قىلماسلىق.
24. بالىنى شېئىر يادلىيالايدىغانلىقى، ھېكايە سۆزلىيەلەيدىغانلىقى ۋە شېئىر ئوقۇيالايدىغانلىقى بىلەن ماختاش.
25. بالىغا ھەر خىل ياشتىكى چوڭلار بىلەن ئەركىن ئالاقە قىلىشنى ئۆگىتىش.
26. تەپسىلىي بولغان تەجرىبە پىلانى تۈزۈپ، بالىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى چۈشىنىۋىلىشىغا ياردەم قىلىش.
27. بالىنىڭ ھەر خىل كېرەكسىزلەرنى ئوينىشىغا رۇىسەت قىلىش.
28. بالىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن، ئىزچىل ھالدا ماختايدىغان نۇقتىلارنى ئىزدەش.
30. بالىنى ھەرگىز قۇرۇق ياكى يالغاندىن ماختىماسلىق.
31. ئۆزىنىڭ بالىغا بولغان ھېسىياتىنى سەمىمىي باھالاش.
32. بالا بىلەن پۈتۈنلەي مۇھاكىمە قىلىشقىلى بولمايدىغان ئىش يوق.
33. بالىغا ئۆزى قارار چىقىرىدىغان ھەقىقىي پۇرسەت بېرىش.
34. بالىنىڭ ئۆز خاراكتىرى بار بولۇشىغا ياردەم قىلىش.
35. بالىنىڭ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنى ئىزدىشىگە ياردەم بېرىش.
36. بالىدا بولغان ئۆزىنى ئاكىتىپلىق بىلەن تونۇش ئىقتىدارىنى جارىي قىلدۇرۇش.
37. بالىنىڭ مەغلۇبىيىتىگە ھەرگىز كۆزگە ئىلماسلىقىنى ئىپادىلىمەسلىك.
38. بالىنى ئىمكانقەدەر چوڭلارغا يۆلىنىۋالماسلىققا ئىلھاملاندۇرۇش.
39. بالىنىڭ ئەقلىگە ئىشىنىش ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىش.
40. بالىنىڭ ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ ئاساسلىق قىسىمىنى مۇستەقىل قىلدۇرۇش، مەيلى ئەڭ ياخشى ئاخىرقى نەتىجە چىقمىغان تەقدىردىمۇ.

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-14 04:48:52

پايدىلىقكەن بۇ، توي قىلىپ بولغۇچە ئىنكاس بىلەن ساقلاپ قوياي .
باچكا ئۇخلىماپسىلەردە .

patrol يوللانغان ۋاقتى 2014-3-14 05:30:02

مەنمۇ شۇ

Relax1 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-14 05:54:10

ساقلاپ قوياي.{:112:}

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-3-14 07:17:40

ئاسان دېگەن سۆز بۇ تېمىغا ماس كەلمەپتۇ.

Faith يوللانغان ۋاقتى 2014-3-14 09:27:12

مەنمۇ ساقلاپ قوياي

qalbim يوللانغان ۋاقتى 2014-3-14 09:34:05

مەنمۇ بىر ساقلاپ قوياي كېين لازىم بولدىغاندەك قىلىدۇ.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-3-14 20:09:02

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Baqka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-3-14 20:16

كەچۈرۋىتىڭلار، بەك كۆپ ئىملا خاتالىقى بايقىدىم.
ئاندىن، ئەسلى مەنبەدىمۇ 29- سى يوقكەنتۇق.

شۇ، 12 دىن بۇرۇن ئۇخلىمايدىغان كونا كېسەل قوزغىلىۋاتىدۇ.


گەرچە، بۇنى بالا كىچىك ۋاقىتتا ئورۇنلاش، ئادەتلەنمىگەن كىشىلەرگە ئاسان ئەمەستۇ، لېكىن، بالا 25 كە كىرسىمۇ ئۇنى بېقىشتىن قول ئۈزگىلى بولمايدۇ ئەمەسمۇ، شۇڭا، ئىقتىدارلىق، ئۆزىگە ئىگە بالا تەربىيىلەش ئاسان ئەمەس بولغان بىلەن، شۇنداق قىلغان، قىلالىغان چاغدا، ھەقىقىي غەم چوقۇم ئاز بولدۇ.
ھەقىقىي غەم دېگەن نىمە؟
ئۇ بالا قولىنى كۆيدۈرۋالامدۇ، ياكى تەكشۈرۈشنى بىلەمدۇ.. بالىنى توك سوقۇۋىتەمدۇ ياكى خەتەرلەرنى پەرق ئىتەلەمدۇ.. ئۇ دوست تۇتالامدۇ،.. دېگەنلەردۇر.
ئۇ مەكتەپتىن قايتقاندا مۇسۇلمانچە بولمىغان نەرسە، ئەخلەت نەرسىلەرنى يېيىشكە خۇمار بوپ قالامدۇ، ياكى بىر ئىشتا ئۆلچەم بويىچە قىلىشنى قانچىلىك بىلدى.. دېگەنلەردۇر.
ئۇ، بالىنىڭ شامال، بۇلۇت توغرىسىدىكى، توك توغرىسىدىكى سۇئالىغا جاۋاپ بېرىش ئەمەس، ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپ ياكى خىزمەت ئىمتىھانى نەتىجىسىدە،
يول مېڭىپ پۇل خەجلەش كېرەكمۇ، ئەمەسمۇ، 30 غا كىرگەندە جېنىنى ئۆزى بېقىپ ئىشىنالايدىغان يول تاپتىمۇ دىگەنلەردۇر.
ئەگەر بۇ بەزى دوستلارغا نان يىسە قۇرساق تويىدۇ، دېگەندەك ئاڭلانغان بولسا، بەتنى تاقىۋېتىپلا ئۇنتۇپ كېتىشىنى، كەيپىياتىنى بۇزۇۋالماسلىقىنى سورايمەن.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-3-15 09:08:55

ئاتا-ئانىلارغايىن جىيەنلىنىڭ 2 قىسىملىق « قابىل ئانا- ياخشى ئۇستاز» دېگەن كىتابىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

yasen01 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-16 13:36:22

:)
بەت: [1]
: ئامېرىكا: بالىنى ئاسان بېقىشنىڭ 40 تۈرلۈك تەجرىبىسى