waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-3-13 20:50:14

بىيجىڭ ئۇتۇپ شىنجاڭ گۇاڭخۇينىڭ رەقىبىگە ئايلاندى

   
ئۈرۈمچى ۋاقتى 3- ئاينىڭ 13- كۈنى كەچ ، 2013- 2014- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى يىرىم ھەل قىلغۇچ بەشىنچى  مەيدان ئۇچىرىشىش مۇسابىقىسى  ئېلىپ بېرىلدى. گۇاڭدوڭ خوڭيۈەن ۋاسكېتبول كوماندىسى ساھىبخان بولۇپ بېيجىڭ جىنيۈ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينىدى.  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە  بېيجىڭ جىنيۈ كوماندىسى  ئاخىرى110-102 نەتىجە بىلەن گۇاڭدوڭ خوڭيۈەن ۋاسكېتبول كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئومۇمى نەتىجىدە 3-2 گۇاڭدوڭ خوڭيۈەن ۋاسكېتبول كوماندىسىنى ئۇتۇپ ئۇمۇمى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا كىردى. ئۇمۇمى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىدا شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى  بىلەن ئۇزغۇنلۇقنى تالىشىدۇ. گۇاڭدوڭ خوڭيۈەن ۋاسكېتبول كوماندىسى  2002- 2003- پەسىللىك مۇسابىقىدىن بۇيانقى 12 يىل مابەينىدە تۈنجى قىتىم  ئۇمۇمى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا كىرىشتىن مەھرۇم قالدى.
  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، بېيجىڭ جىنيۈ كوماندىسىدىن تۆت ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى مابۇلى 31 نومۇر، 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 5 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ مورسى 22 نومۇر، 12 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ سۈن يۈ 14 نۇمۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 4 قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ جۇيەنشى 14 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
   گۇاڭدوڭ خوڭيۈەن ۋاسكېتبول كوماندىسىدىن بەش ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى. يى جيەنليەن 30 نومۇر، 9 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ پوۋېل 17 نومۇر،15 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ جۇ فاڭيۈ 15 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  چىڭ جاڭخۇا 12 نومۇر،4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ ئەي ۋىي 23 نومۇر، 3 قېتىم توپ تارتىۋالدى.
مۇسابىقە ئۇرۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى بۇيىچە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە 19-مارت بىرىنچى مەيدان مۇسابىقەرەسمىي باشلىنىدۇ.  ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە يەتتە مەيدان مۇسابىقىلىشىپ، تۆت مەيدان ئۇتۇش تۈزۈمى يولغا قۇيۇلۇپ، دائىملىق مۇسابىقە باسقۇچىدا رەت تەرتىپتە ئالدىدا تۇرغان شىنجاڭ كۇماندىسى ئۆز مەيدانىدا بىر قىتىم ئارتۇق مۇسابىقىلىشىش پۇرسىتىگە ئىرىشىدۇ (2-3-2).
ئۇمۇمى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ۋاقىت ئۇرۇنلاشتۇرۇشى
19-مارت (چارشەنبە) كەچ ئۈرۈمچى ۋاختى سائەت 30؛5 دە شىنجاڭ كوماندىسى -بىيجىڭ كوماندىسى
21-مارت ( جۇمە ) كەچ ئۈرۈمچى ۋاختى سائەت 30؛5 دە شىنجاڭ كوماندىسى -بىيجىڭ كوماندىسى
23-مارت ( يەكشەنبە ) كەچ ئۈرۈمچى ۋاختى سائەت 30؛5 دە بىيجىڭ كوماندىسى-شىنجاڭ كوماندىسى
26-مارت  (چارشەنبە) كەچ ئۈرۈمچى ۋاختى سائەت 30؛5 دە بىيجىڭ كوماندىسى-شىنجاڭ كوماندىسى
28-مارت (جۇمە) كەچ ئۈرۈمچى ۋاختى سائەت 30؛5 دە بىيجىڭ كوماندىسى-شىنجاڭ كوماندىسى
30-مارت  ( يەكشەنبە ) كەچ ئۈرۈمچى ۋاختى سائەت 30؛5 دە شىنجاڭ كوماندىسى -بىيجىڭ كوماندىسى
2-ئاپرېل (چارشەنبە) كەچ ئۈرۈمچى ۋاختى سائەت 30؛5 دە شىنجاڭ كوماندىسى -بىيجىڭ كوماندىسى

ۋاختىدا كۈرۈشىڭلارنى تەۋىسىيە قىلىمىز.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-3-14 07:22:45

ئوخشاش ئىككى كوماندا 7مەيدان ئويناپ مۇسابىقىلىشەمدا؟

FIRKAT يوللانغان ۋاقتى 2014-3-14 07:34:06

شىنجاڭ ئۆز مەيدانىدا بېيجىڭدىن بىر مەيدان ئارتۇق ئوينايدۇ. cba تارىخىدا شىنجاڭنىڭ ھەل قىلغۇچتا مەيدان ئەۋزەللىكىگە تۇنجى ئېرىشىشى ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئۆز مەيدانىدا ئىپادىسى قالتىس. شۇڭا بۇ قېتىم بېيجىڭنى ئۇتۇپ چىمپىيون بولىشىدا ئۈمىد چوڭ.

kawullar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-14 09:55:16

گۇۋاڭدۇڭ شاللانغاندىن كېيىن شىنجاڭ كوماندىسى بۇ يىل لوڭقىنى ئېلىش پۇرسىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان بىر يىل بولدى.

tumurjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-14 11:24:30

ئوخشاش ئىككى كوماندا 7مەيدان ئويناپ مۇسابىقىلىشەمدا؟
بىر كوماندا 4 قېتىم ئۇتقانغا قەدەر ئوينايدۇ.  7 مەيدان ئوينىشى ناتايىن.
شىنجاڭ كوماندىسىغا غەلبە نىسىپ بولغاي.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-3-15 22:05:21

دائىم شىنجاڭنى پۇتلايدىغان گۇاڭدۇڭلۇقلار يوق بوپتۇ دە ياخشى...
بەت: [1]
: بىيجىڭ ئۇتۇپ شىنجاڭ گۇاڭخۇينىڭ رەقىبىگە ئايلاندى