meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-3-13 09:04:32

يەنە بىر خىل كىسەلنىڭ شىپاسىنى تەۋسىيە قىلاي

نەچچە كۈن ئىلگىرى ئەسۋىنى داۋالاسنىڭ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلى دېگىن تىمېنى يوللاپ بولۇپ شۇنداق ئويلىنىپ قالدىم.مىنىڭچە ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئۆز تەجرىبىسىدىن ئۆتكۈزگەن بىر ياكى بىر قانچە يەرلىك رىتسىپى بولىدىكەن.گەرچە بىز ئىشلەتكەن ئۇسۇلىمىزنىڭ ئىلمىي ئاساسىنى بىلمىسەكمۇ ئەمما ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى كۆردۇق.شۇنداق بولغانكەن.ئۇنى تورغا يوللاپ قويساق كىسەل ئازابىدا تولغۇنىۋاتقانلارغا ئازراق بولسىمۇ ياردىمى بولسا كاتتا ساۋاپقا ئىرىشكۈدەكمىز.ئىشىنىمەنكى ئۆز تەجرىبىمىزدىن ئۆتكۈزگەن بۇ رىتسىپلار رادىئو ۋە ساغلاملىق ژورناللىرىدا تەۋسىيە قىلىنغانلىرىدىن كۆپ ئىشەنچلىك بولىدۇ.شۇڭا يەنە ئىككى بىر كىسەلنىڭ شىپاسىنى تەۋسىيە قىلىشنى لايىق تاپتىم .
ئاق كىسەلنىڭ ئەڭ ياخشى شىپاسى ئوغرى تىكەندۇر.(بۇنى بەزى يۇرتلاردا تۆمۈر تىكەن دەپ ئاتايدىكەن)
بۇنىڭدىن ئون يىللار ئىلگىرى دادامنىڭ يۈزى ۋە قوللىرىغا ئاق دانىچىلەر پەيدا بولدى.كېيىن تىز كېڭىيىپ دائىرە ھاسىل قىلغىلى تۇردى.بىر نەچچە دوختۇرخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ كۆردۇق.داۋالاش چىقىمى خېلى يۇقىرى ئەمما ساقايتىشقا كىپىللىك قىلالمايدىكەن.ئەينى ۋاقىتتا ئائىلە ئىسادىمىز بەك ناچار ئىدى.ئۇنىڭ ئۆسىتگە داۋالاش خاتا بولۇپ قالسا بۇ كىسەلنىڭ كىڭىيىشى بەك تىزكەن.نىمە قىلىشىمىزنى بىلەلمەي تۇرغاندا دادامنىڭ يىراق يۇرتتىكى بىر ئاغىنىسى تېلىفۇن ئارقىلىق مۇشۇ ئوغرى تىكەننى تەۋسىيە قىلدى.ئۇنى ئىستىمال قىلىش ئۇسۇلىمۇ بەك ئاددىيكەن.ھۆل پىتىم ياكى قۇرۇتىۋىلىپ چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچسىلا بولىدىكەن.ئۇنىڭ يەنە بەدەندىكى يەلنى ھەيدەش رولى باركەن.يەلدىن بولغان باشقا ھەرقانداق كىسىلىڭىزگە شىپا قىلىدىكەن.ئۇدا ئىككى يىل ئىستىمال قىلغاندىن كىيىن دادامنىڭ يۈزى تەلتۈكۈس ساقىيىپ قولىدا ئازراقلا قالدى.ئەمما دادام داۋاملىق ئىچىشنى خالىمىغاچقا قولىدىكى ئاق يەنە قىپ قالدى.ئەمما يۈزىدە قايتا پەيدا بولمىدى.ئاق كىسەلگە گىرىپتار بولساڭلار مۇشۇ ئۆسۈملۈكنى ئىستىمال قىلىپ سىناپ بىقىڭلار.بۇ تىكەن ئادەتتە قۇرغاق بىنەم يەرلەردە بەك كۆپ يىيىلىپ ئۆسىدۇ.تىكىنى دۈگىلەك.رەسىمىنى يوللاپ قوياي دىسەم مۇنبەرگە رەسىم يوللاشنى بىلمەيدىكەنمەن بىلىدىغانلار يوللاپ قويساڭلار.

atella يوللانغان ۋاقتى 2014-3-13 11:05:39

ئاق يانتاق دېگىنى شۇما،  گاھى كىشلەر يەرلىك تىلدا تۆگە يانتىقى دەپمۇ قويىدۇ....

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-13 11:21:46

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tarim222 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-13 11:22  



لاتىنچە ئاتىلىشى:Tribulus Terrestris
ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى:Puncture Vine
خەنسوچە ئاتىلىشى:刺蒺藜

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-3-13 11:25:56

تۈمۈر تىكەن دەيمىز كىچىك ۋاقتىمىزدا يالىڭئاياق قوي باققىلى چىققاندا تاپانلىرمىزغا كىرىپ كەتسە ئاغرىق دەستىدىن يىغلاپ كىتەتتۇق كاساپەت.

freebird يوللانغان ۋاقتى 2014-3-13 13:03:39

تېما ئىگىسى دەۋاتقان ئوغىرى تىكەن يۇقىردىكى رەسىمدىكى شۇمۇ ياكى  يەنە بىرخىل يۇمۇلاق كىلىدىغان كىيىمگە چاپلىشىپ قالىدىغان ئوغىرى تىكەنمۇ؟

281151976ar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-13 13:10:39

ئېسىل تىما

aral52 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-13 13:18:03

freebird يوللىغان ۋاقتى  2014-3-13 13:03 static/image/common/back.gif
تېما ئىگىسى دەۋاتقان ئوغىرى تىكەن يۇقىردىكى رەسىمدىكى ...

سزنىڭ دەۋاتقىنىڭىز بودۇشقاقتۇر...بۇ كىۋەزلىكنىڭ ئارسىغا بەك چىقىدۇ، كىچكىمىزدە قىزلارنىڭ چېچىغا ئېتىپ ئوينايتۇق  كىپەز تەرگىلى چىققاندا.

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-13 13:58:35

پەقىرمۇ بىرنى دەي: بۆرەك ئېغىر زەئىپلەشكەن بىمارلارغا يانتاقنى يىلدىزى بىلەن قاينىتىپ بىر مەزگىل ئىچسە تولۇق ئەكسىگە كىلىدىكەن. مەكىتلىك ئاكا ئاغىنەمنىڭ دەپبىرىشىچە ، خوشنىسىنى ئۈرۈمچىدە تەكشۈرۈپ بۆرەك ئالماشتۇرمىسا بولمايدىكەن سېسىپتۇ دەپ دىئاگىنوز قويۇپتۇ. ئۇ كىشىنى قايتۇرۇپ كەلگەندىن كىيىن ئۆيدە بالىلارغا ئىشلىتىش ئۈچۈن قاينىتىپ قويغان يانتاق سۈيىنى ئۇسسۇزلۇققا چىدىماي قانغىدەك ئىچىدۇ ، بىرئازدىن كىيىن ئۆزىدىكى بىئارام بولۇشتەك بەزى ئالامەتلەر ياخشىلانغاندەك ھىس قىلىدۇ . شۇنىڭدىن كىيىن بۇ كىشى نەچچە ئاي يانتاقنى يىلدىزى بىلەن قاينىتىپ ئىچىپ سەللىمازا ساقىيىپتۇ ، يېرىم يىلدىن كىيىن يەنە شۇ دوختۇرخانىدا تەكشۇرتۈپتۇ ، بۇ ئادەمنىڭ بۆرىكى تولۇق ئەكسىگە كەلگەنلىكىنى كۆرگەن دوختۇرلار  بۇ كىشىدىن قانداق دورا قىلغانلىقىنى سوراپتىق ھەيران قاپتۇ .
يۇقارقىسى مەكەت بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بىر ئاكا ئاغىنەم بۇلتۇر دەپ بەرگەن ئىشتى ، باشقا قېرىنداشلارغىمۇ پايدىلنىش قىممىتى بوپقالسا ئەجەپ ئەمەس .

porli519 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-13 14:41:45

ئالدىنقى تىمىدا دىيىلگەن كالا تەمرەتكىسىگە پايدا قىلىدىغان تىۋىلغا دىگەن زادى قانداق نەرسە بولۇپ كەتتى، رەسىمى بولسىمۇ بولاتتى، يا ئۆزىدە بارلار سىتىپ بەرسىمۇ مەيلىتى

akida525 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-13 14:59:34

ئۇيغۇرجان، ئۇ ئادەم قان تازىلاش قىلىپ باققانمىكەن؟ ئەگەن قان تازىلىتىۋاتقان بىمار بولسا بۇ خىل داۋالاش ئۈنۈم بىرەمۇ؟

mongguz يوللانغان ۋاقتى 2014-3-13 15:05:38

تېما ئىگىسىگە رەخمەت

atella يوللانغان ۋاقتى 2014-3-13 15:19:26

porli519 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-13 14:41 static/image/common/back.gif
ئالدىنقى تىمىدا دىيىلگەن كالا تەمرەتكىسىگە پايدا قىلى ...

بىر چاغلاردا ئىزدىنشتا مۇشۇ ھەقتە بىر تېما يوللانغاندا، تېۋىلغا پايدا قىلدۇ دېگەن ئىدى، ماڭا لازىم ئىدى، دىسەم ، ئىزدىنىشتىكى بىر بۇردىرىمىز ئاتايىن مەن ئەۋەتىپ بېرەي دەپ تېلفۇن ئۇرۇپتىكەن، كىين يوقاپ كەتتى، بەلكىم تاپالمىغان بولسا كېرەك، مەنمۇ مۇشۇ كالا تەمرەتكسىگە ئىزچىل داۋا ئىزدەۋاتقانلارنىڭ بىرسى...

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-13 15:36:05

akida525 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-13 14:59 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇرجان، ئۇ ئادەم قان تازىلاش قىلىپ باققانمىكەن؟ ئە ...

مەن تىلپۇن قىلىپ تەپسىلى سوراپ باقاي، ماڭا دەپ بەرگىنى شۇ ئۈرۈمچىدىكى تەكشۈرۈشتە بۆرەك كىرەكتىن چىقىپتۇ دىگەنلىكىنى ، لېكىن بۇ كىشى قايتىپ كىلىپ شۇ يانتاق سۇيىنىڭ سەۋەبى بىلەن ساقايغانلىقىنى دەپ بەرگەن .
يانتاق تەبىي ئۆسۈملۈك ، ئۇنۇڭدىن بىرخىل شېكەر چىقىدۇ تەرەنجىۋىل دەيمىز ، ( بەلكىم بۇنى بىلىسىز ) بوۋاق بالىلارغا سوغاقلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ . شۇنۇڭغا قارىغاندىمۇ قاينىتىپ ئىچسە ھەرقانداق ئادەمگە باشقىچە ئەكىس تەسىرى بولماسلىقى مۈمكىن ، سىناپ باقساڭلار بولۇدۇ ئۆسۈملۈك بولغاندىكىن . بەلكىم گىرمانىيە ، ئامىرىكىنىڭ دورىللىرىدىنمۇ مۇشۇ ئۆز تۇپرىقىمىزدا ئۆسكەن ئۆسۈملۈك دورىلارنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولىشى مۈمكىن.

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-13 15:48:26

atella يوللىغان ۋاقتى  2014-3-13 15:19 static/image/common/back.gif
بىر چاغلاردا ئىزدىنشتا مۇشۇ ھەقتە بىر تېما يوللانغان ...

كالا تەمرەتكىسى ئاساسەن يەلدىن بولۇدۇ دەۋاتقانتى ، شۇڭا ئۇنداق بىمارلارنى سىركە-مۇشلاردىن چەكلەيدىكەن ، ئاساسەن شۇ يەللىك نەرسىلەردىن  پەرھىز تۇتۇشنى بۇيرۇيدىكەن . شۇڭا سىزمۇ ماۋۇ تېمىدىكى ئوغرى تىكەندىن ئىچىپ بېقىڭ بولمىسا ، سەۋەپ قىپباققۇلۇق ئۈنىمى بوپقالسا ئەجەپ ئەمەس .
بۇ ئۆسۈملۈك دورىلارنى ئۇزۇنراق بىرمۇددەت ئىچىش كېرەك ، ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە بىر مۇددەت ئىچىش كېرەك . يەنە قويغا قوناقنى بىرىپ يەپ بولۇشىغا قۇيرۇقىنى تۇتۇپ باققاندەك ، بىر-ئىككى كۈندىلام ئۈنىمىنى كۈرگۈلى بولمايدۇ .:lol

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-3-13 16:42:49

tarim222 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-13 11:21 static/image/common/back.gif
لاتىنچە ئاتىلىشى:Tribulus Terrestris
ئىنگىلىزچە ئاتىلىشىuncture ...

مۇشۇ تىكەن شۇ.بۇنداق تىكەن ھەممە يەردىن تىېپىلىدۇ.غۇلجىنىڭ بىنەملىكلىرىدۇ تاپماق ئاسان.

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-3-13 16:46:23

freebird يوللىغان ۋاقتى  2014-3-13 13:03 static/image/common/back.gif
تېما ئىگىسى دەۋاتقان ئوغىرى تىكەن يۇقىردىكى رەسىمدىكى ...

سىز دەۋاتقان يۇمىلاق تىكەندىن ئىككىس بار.كىچىكرەكىنى بۇدۇشقاق دەيمىز.چوڭراقىنى قېرى قىز دەيمىز.چۈنكى ئۇ قېرى قىزلاردەكلا بەك چاپلىشىدۇ ئادەمگە.يۇلۇۋەتسىىڭىز كىيىمىڭىزدە قىلتىرىقى قالىدۇ.:lol :lol

gewala يوللانغان ۋاقتى 2014-3-13 20:39:17

مۇشۇ بانادا مەنمۇ سورىۋالاي ، چىش مىلىكى ئىششىپ چىش بوشاپ قېلىشنىڭ پايدىلىق رېتسىپى بارمۇ؟،بىر نەرسە چىشلىگەندە ئاغرىش ئەھۋالى بار،چىشتا قۇرۇت يىگەن دىگەندەك ئەھۋال يوق ، تۇيۇقسىزلا مۇشۇنداق بولۇپ قالدى .

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-13 22:25:21

ئېسىل مەنپەتلىك تېما بولۇپتۇ.
چۈشىۋاتقان ئېنكاسلارمۇ شۇنداق پايدىلىقكەن !
ئېنكاس ئارقىلىق ساقلىۋالدىم !

boghlan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-14 07:08:55

مەنمۇ بىر رېتسىپ دەپ باقاي،ئۆز تەجرىبەمدىن ئۆتكەن:
نە سەۋەبتىنكىن ھازىر جىق ئادەمدە ئۇششاق سۆگەللەر باركەن، سورىغانلار «قان بۇزۇلغاننىڭ ئىشىمىش» دەپ جاۋاب بېرىدىكەن، بىر - ئىككى يىل بۇرۇم ئۇنداق تىكەنلىك سۆگەل مېنىڭ مەڭزىمگىمۇ پەيدا بولۇپ، بىرەر يىل ئىچىدە بۇغدايدىن چوڭ قوناقتىن سەل كىچىك بولغۇچە يوغىنىغان، كېيىن «چىڭگىلىكنىڭ سۈتى مەنپەئەت قىلىدىكەن» دەپ 3-4 قېتىمدەك سىنىدىم، ھەر قېتىم ئۇ سۈتسىمان سويۇقلۇقى سۈرتسەم شۇنداق شېرىن قىچىشتى، ھەم شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە سۆگەلنىڭ سىرتقى پوستى ئۆلۈك قاسراققا ئايلىنىپ ئاجراپ چۈشىدىكەن… شۇنداق قىلىپ ئون كۈنلەر ئىچىدە ئۇ نەرسە يوقىغان، خالىساڭلار ھەم سىلەردە شۇنداق ئەھۋال بولسا سىناپ باقارسىلەر …
(قوشۇمچە: بۇ سۆگەل 2 خىل بولارمىش، بىرىگە بۇ چىڭگىلىك سۈتى مەنپەئەت قىلارمىش - يوقايدىكەن، يەنە بىرىگە مەنپەئەت قىلماي ئاينىتىۋېتەرمىش)

ھەممىڭلارغا سالامەتلىك، ئۇز-گۈزەللىك يار بولغاي!           - كەمىنە بوغلان

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-3-14 07:37:47

wolfly يوللىغان ۋاقتى  2014-3-14 07:08 static/image/common/back.gif
مەنمۇ بىر رېتسىپ دەپ باقاي،ئۆز تەجرىبەمدىن ئۆتكەن:
نە  ...

چىڭگىلەك دېگىنى ھېلىقى سۈتى چىقىدىغان،توشقان يەيدىغان ئۆسۈملۈك شۇمۇ.غۇلجىلىقلار سۈتلىگەن دەپ ئاتايتتۇق.
بەت: [1] 2 3
: يەنە بىر خىل كىسەلنىڭ شىپاسىنى تەۋسىيە قىلاي