Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-3-12 22:19:11

[Android] قولاي ھېساباتچى ئۇيغۇرچە 4.0 نەشرى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار
قولاي ھېساباتچى ئەپچىسى ئاندرويىد يانفونلاردا ئىشلەيدىغان كىرىم-چىقىم ئىشلىرىنى خاتىرلەپ ماڭىدىغان مالىيە ئەپچىسىدۇر. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بۇرۇنقى ئۇچۇرلاردىنى بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.
ئالدىنقى قېتىملىق 3.5 نەشرىدە تورغا ماس قەدەملەش ئىقتىدارىنى  يەنى Google ھېساباتى ۋە Baidu ھېساباتىنىڭ خالىغان بىرسىگە سانداننى زاپاسلاش ئىقتىدارىنى قوشۇپتىكەن.
بۇ قېتىملىق نەشرىدە كىرىم-چىقىم ئەھۋالىنىڭ كۈنلۈك، ئايلىق، يىللىق ئومۇمىي ئەھۋالىنى خاتىرىلەش ئىقتىدارىنى قوشۇپتۇ.

ئۇنداق بولسا ئالدى بىلەن ئەپنى چۈشۈرۈپ تۇرۇڭ.

ئۇيغۇرچە ئورگان تورىغا كىرىپ چۈشۈرۈش
http://qutyar.net/qh

ئەپ كۆرۈنمە يۈزلىرى:








مەزكۇر ئەپكە قارىتا تەكلىپ پىكىر بولسا بىزگە بەرسەڭلار بىز ئاپتورغا يەتكۈزپ ياخشىلاشقا تىرىشىمىز. دوستلىرىڭلارغا تەۋسىيە قىلىشنى ئۇنۇتماڭلار.
مەنبە: قۇتيار مۇنبىرى

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-3-13 12:55:18

بۇ ئەپنى قاچىلاپ بولۇپ يېڭى نەشرى بايقالدى دەپ قالسا خاتىرجەم يېڭىلاڭلار، خەنزۇچە بولۇپ كەتمەيدۇ. يەنى ئۇيغۇرچە ھالەتتىلا نورمال يېڭىلىنىدۇ.

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2014-3-13 13:13:00

ساقلاپ قويۇپ تۇراي.

osmanturpan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-13 18:53:30

ئۇيغۇرچە ئورگان تورىدىكى QR كودى قېنى؟ تېخىچە ئاسماپسىزغۇ....

xjks يوللانغان ۋاقتى 2014-3-13 19:40:13

تىلى خەنچىكەنغۇ...........

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-3-13 20:34:35

osmanturpan يوللىغان ۋاقتى  2014-3-13 18:53 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇرچە ئورگان تورىدىكى QR كودى قېنى؟ تېخىچە ئاسماپسى ...

ئاسمىدىم ئۇنى

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-3-13 20:35:00

xjks يوللىغان ۋاقتى  2014-3-13 19:40 static/image/common/back.gif
تىلى خەنچىكەنغۇ...........

قەيەردىن چۈشۈرگەن. ئۇيغۇرچە نۇسخىسىدا خەنزۇچە تىل بولاق يوق ساپ ئۇيغۇرچە

anur77 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-13 20:36:58

خەنچىكەن. ئالمىشىپ قالدىمۇ قانداق؟

xjks يوللانغان ۋاقتى 2014-3-14 13:46:22

Kulke يوللىغان ۋاقتى  2014-3-13 20:35 static/image/common/back.gif
قەيەردىن چۈشۈرگەن. ئۇيغۇرچە نۇسخىسىدا خەنزۇچە تىل بو ...

سىز تەمىلگەن ئۇلىنىش مەنزىلىدىن چۇشۇرگەن.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-3-15 00:00:27

xjks يوللىغان ۋاقتى  2014-3-14 13:46 static/image/common/back.gif
سىز تەمىلگەن ئۇلىنىش مەنزىلىدىن چۇشۇرگەن.

ئاپتورغا دېسەم خاتالىق كۆرۈلۈپ قالدى، مەن مۇشۇ 2 كۈن ئىچىدە ئوڭشاپ بېرەي دەيدۇ. ھازىرقىسىدا يانفون سىستېمىسى ئۇيغۇرچە بولسا ئۇيغۇرچە چىقىدىكەن بولمىسا خەنزۇچە چىقىدىكەن، شۇڭا بىرقانچە كۈن تەخر قىلساڭلار بولىدىغان بولدى ئەمدى

xjks يوللانغان ۋاقتى 2014-3-16 12:35:48

Kulke يوللىغان ۋاقتى  2014-3-15 00:00 static/image/common/back.gif
ئاپتورغا دېسەم خاتالىق كۆرۈلۈپ قالدى، مەن مۇشۇ 2 كۈن ئ ...

مىنىڭ يانفون سىستېمىسى ئۇيغۇرچە يەنىلام ئوخشاشقۇ ....

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2014-3-16 17:59:17

قېنى ساقلاپ تۇرۇپ باقاي

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-3-16 21:08:05

ھازىر ئورگان تورىدىن چۈشۈرۈڭلار، ئوڭشالدى. ئاپتور تۈنۈگۈن ئوڭشاپ بولدى
بەت: [1]
: [Android] قولاي ھېساباتچى ئۇيغۇرچە 4.0 نەشرى