waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-3-12 22:06:42

ئۇيغۇر قىزى WCBA نىڭ ئالتۇن مىدالىغا ئىرىشتى

   
سىنا تەنتەربىيە تورى خەۋىرى؛ 4-مارت كەچ شەنشى ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسى بىلەن بىيجىڭ ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ WCBA ئۇمۇمى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۆتىنچى ئايلانما مۇسابىقىسىدە، شەنشى ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسى يەنە بىر مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇمۇمى نۇمۇردا 3-1  بىيجىڭ ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ چىمپىيۇنلىققا ئىرىشتى.  گەرچە ياش ئۇيغۇر قىزى دىللارە دىلشات كۆپ مەيدانغا چىقمىغان بۇلسىمۇ، يەنىلا  شەنشى ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ بىر ئەزاسى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن چىمپىيۇنلۇق شان-شەرىپىگە ئىرىشتى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ؛ « كىشىلىك ھاياتىمدا بىرىنچى قىتىم WCBA نىڭ چىمپىيۇنلۇق ئالتۇن مىدالىغا ئىرىشتىم، راستىنلا ناھايىتى تەلەيلىك ئىكەنلىگىمنى ھىس قىلدىم، بۇنداق كۆپ ھەدىلىرىم بىلەن بىرلىكتە توپ ئۇينىيالىغانلىقىمدىن بەك خوشالمەن، بۇ بىر چوڭ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى بولغانلىقىمدىنمۇ ناھايىتى خوشالمەن، توپ مەستانىلىرىگە تەشەككۈر، سىلەرنىڭ مىنى ئىزچىل قوللاپ كۈڭۈل بۆلگىنىڭلارگە رەھمەت ».
1963-يىلى شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسى مەملىكەتلىك مۇسابىقىنىڭ چىمپىيۇنلىقىنى ئالغان، كىيىنكى ئون نەچچە يىلدىمۇ ئىزچىل دۆلەت ئىچىدە كۈچلۈك قوشۇن بۇلۇپ كەلگەن، كىيىن تەدىرىجى ئاجىزلىشىپ كەتكەن، بۇ ئەسىرنىڭ بىشىدا، نەتىجىسى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسى رەسمىي شىنجاڭ ئاياللار  قول توپى كوماندىسىغا ئۆزگەرتىلگەن، ئەمدىلىكتە شىنجاڭنىڭ ۋاسكىتبول تەنھەركىتى پەقەت پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە قانات يايدۇرلىۋاتىدۇ.  بىراق بەدەن ساپاسى ياخشى شىنجاڭ ۋاسكىتبول ئىختىساسلىقلىرى ئۈزلۈكسىز مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا نەزەر تاشلىدى. ئادىلجان سۇلايمان تۇرۇشلۇق 1-ئاۋغۇسىت كوماندىسى بىلەن دۇفىڭ تۇرۇشلۇق گۇاڭدۇڭ كوماندىسىدىن باشقا يەنە، چۇڭچىڭ، چاڭشا قاتارلىق جايلاردا گۈلمىھرە قاتارلىق شىنجاڭلىق ئايال ۋاسكىتبول تەنھەركەتچىلىرىنىڭ كۆلەڭگىسنى كۈرۈش مۇمكىن.   دىلارە دەل دۇفىڭدەك ۋاسكىتبول چولپىنىغا يولۇقۇپ، ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە پۈتۈنلەي ۋاسكىتبول بىلەن ئۇچرىشىش باقمىغان كىچىك ئوقۇغۇچىدىن تەدىرىجى ئۆسۈپ يىتىلىپ جۇڭگۇ ئاياللار ۋاسكىتبولىنىڭ ئۈمۈت يۇلتۇزىغا ئايلاندى.
دىللارە دىلشات 1997-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان، ئۇنىڭ دادىسى ئىلگىرى نامى بار ۋاسكىتبول تەنھەركەتچىسى ئىدى.  2008-يىلى، بوي ئىگىزلىكى 1.82 مىتىر كىلىدىغان 11 ياشلىق دىلارە دىلشات داڭلىق شىنجاڭلىق ۋاسكىتبول تىرىنىرى دۇفىڭنىڭ تەۋىسىيە قىلىشى بىلەن گۇاڭدۇڭغا بارغان. ئىككى يىلدىن كىيىن 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك شەھەرلەر ئارا تەنھەركەت يىغىنى قىزلار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىدە بىردىنلا دىلارە دىلشاتنىڭ نامى چىقىپ كەتكەن. ئۇ چاغدا ۋاسكىتبول مەشىق قىلغىنىغا پەقەت ئۈچ يىل بولغان دىلارە  گۇاڭجۇ كوماندىسىنىڭ چىمپىيۇن بۇلىشىغا ئاكتىپ ياردەم بەرگەن، ھەل قىلغۇچ باسقۇچتىكى مۇسابىقىدە  23 نومۇر، 10 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالغان. ئۇ ئوتتۇرچە ھەر مەيداندا 22 نومۇر، 10.5 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئىلىپ، بۇ مۇسابىقىنىڭ نۇمۇر ئىلىش شاھى ۋە گاردىن قايتقان توپ ئىلىش شاھى بولغان. ئۇنىڭدىن سىرىت ئوتتۇرچە گارغا توپ ئىتىپ چۈشۈرۇش نىسپىتى %65 گە يەتكەن،  ئوتتۇرچە ھەر مەيداندا 3.5 قىتىم توپ تارتىۋالغان، ئۇ يۇقارقى سانلىق مەلۇماتلىرى بىلەن پۈتۈن كوماندا بۇيىچە ئەڭ ئالدىدا تۇرغان. ئۆتكەن يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 3- نۆۋەتلىك ئاسىيا 16 ياشلىقلار  ئاياللار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىىدە دىللارە دىلشات ئوتتۇرچە ھەر مەيداندا 13.4 نومۇر، 6.3 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئىلىپ، گارغا توپ ئىتىپ چۈشۈرۇش نىسپىتى %68.5 گە يىتىپ ئەڭ ياخشى تەنھەركەتچى شەرىپىگە ئىرىشكەن.   
دىللارە دىلشات بىر مەزگىللىك قىسقا دەم ئىلىشتىن كىيىن، دۆلەت ياشلار كوماندىسىغا قايتىپ  2014-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە ئۆتكۈزىلىدىغان17 ياشلىقلار  دۇنيا قىزلار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىگە تەييارلىق مەشىققە قاتنىشىدۇ.
گەرچە كىچىك تۇرۇپلا ناھايىتى كۆپ نەتىجىلەرگە ئىرىشكەن بولسىمۇ، بىراق دىللارە دىلشاتنىڭ ئەھۋالىغا قارىغاندا، يەنە ئۇنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغان نۇرغۇن ئارزۇلىرى بار. ئۇ بۇتۇغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ؛ « ئەمىلىيەتتە مىنىڭ يەنە نۇرغۇن يىتەرسىز تەرەپلىرىم بار، ئەمما مەن ئۆزۈمنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمەن. داۋاملىق يىتىلىمەن ».
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ۋاسكىتبولچىلار جەمئىيىتى باش كاتىپى ماجۈن دىللارە دىلشاتنىڭ ئىرىشكەن بۇ نەتجىسىنى  مۇبارەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ۋاسكىتبولچىلار جەمئىيىتى نۆۋەتتە كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئاياللار كەسپىي ۋاسكىتبول كۇلۇبى قۇرۇپ چىقىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىۋاتىدۇ، شىنجاڭدا ھازىر ئەرلەر كەسپىي ۋاسكىتبول كۇلۇبى بىلەن ئەرلەر پۇتبول كەسپىي كۇلۇبى بار، بىزنىڭ مۇنەۋەر ئاياللار ۋاسكىتبول مايسىلىرىمىز بار،   ئاياللار كەسپىي ۋاسكىتبول كۇلۇبى قۇرۇلسا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مەدىنىيەت تۇرمۇشىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىتىدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-13 10:22:20

ھەجەپ بەستىلىك قىزكەن كۆز  تەگمىسۇن ، تېخمۇ ئىسىل ئۇتۇقلارنى قازانسۇن .

JERIKO يوللانغان ۋاقتى 2014-3-13 11:31:25

يارايسىز!{:112:}

sipartak يوللانغان ۋاقتى 2014-3-13 14:45:29

نىمىدىگەن ياخشى ! سىزدىن پەخىرلىنىمىز قىزچاق!
بۇ يىل شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىغىمۇ چىمپىيۇنلۇق نىسىپ بولىدىغاندەك تۇرىدۇ.شۇنداق بولۇپ قالسا قوش خۇشاللىق دىگەن شۇدە..:lol

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-13 19:23:56

ئاۋۇ سۈرەتلەردە ئەجەپ مىسكىن تۇرىدۇ-يا؟ ئىشنى قىلىپ بىر يەرلەردە تازا ئېچىلالمىغاندەك...
11 ياشتا 1.82مىتىر! ئالامەت چوڭ بولغان قىزكىنا بۇ، ئاتا- ئانىسى نىمە بېرىپ باققاب بولغىيدى؟

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-13 20:20:44

boran0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-13 19:23 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ سۈرەتلەردە ئەجەپ مىسكىن تۇرىدۇ-يا؟ ئىشنى قىلىپ بى ...

دىللارە دىلشات كۆپ مەيدانغا چىقمىغان بۇلسىمۇ، يەنىلا  شەنشى ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ بىر ئەزاسى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن چىمپىيۇنلۇق شان-شەرىپىگە ئىرىشتى.
شۇڭا تازا ئېچىلالمىدىمىكىن.

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-13 22:05:10

تېخى بالاغەتكە يەتمەپتۇدە بۇ ئۇماق قىز:lol
بەت: [1]
: ئۇيغۇر قىزى WCBA نىڭ ئالتۇن مىدالىغا ئىرىشتى