ئاپتۇنۇميە قانۇنى ئۆزگۈرشى مۇمكىنكەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ghalibjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-3-12 20:48جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيوتورى 11-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:
مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، ئاتاقلىق مىللەتشۇناسلىق مۇتەخەسسىسى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەت ۋە ئىنسانىيەتشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ئەزا خاۋ شىيۈەن ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى ئېلىمىزنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈمى، مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ تۈزۈم خاراكتېرلىك كاپالىتى، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى ئىسلاھات ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
ئەزا خاۋ شىيۈەن مۇنداق دېدى: زۇڭلى لى كېچياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىدا مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپتۇ، مېنىڭچە تۈزۈمگە ئىشىنىش شۇنداقلا تۈزۈلگەن تۈزۈمنى تىرىشىپ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
خاۋ شىيۈەن دۆلەتنىڭ شىنجاڭ، شىزاڭغا ياردەم بېرىش مەسىلىسى ھەققىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شەرقىي قىسىمنىڭ تەجرىبىسىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىش ھەرقانداق رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىشى ناتايىن، ئاچقۇچلۇقى شۇ يەردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىش كەلمەسلىكىدە، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى ئاز سانلىق مىللەت ئىشچىلار سىنىپى قوشۇنىنى يېتىلدۈرۈش لازىم، ھازىر نۇرغۇن دۆلەت كارخانىلىرى شىنجاڭ، شىزاڭ، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق رايونلارنىڭ بايلىقىنى ئىچىشقا كىردى، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى بايلىقنى ئېچىش قۇرۇلۇشىغا قاتناشتۇرمىغانلىقتىن شۇ جايدىكى مىللەتلەردە خۇددىي بايلىقنى ئۇلار ئېلىپ كېتىۋاتقاندەك، ئۇلار بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوقتەك ھىسسيات پەيدا بولۇپ قالدى، ئەگەر يەرلىك مىللىي ئاممىنى بايلىقنى ئېچىشقا جەلپ قىلسا ئۇلار ئۇنداق دەپ قارىمايتتى.
مەنبە: http://uyghur.cntv.cn/20140311/103893.shtml يۇمشاق قۇرت. مىللىي تىرۇتۇرىيىلىك ئاپتۇنومىيە قانۇنىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى قۇيۇپ شۇ قانۇننى تىرىك، ھەقىيقى ئىجرا قىلسا، ئىجرا قىلىنىشىنى نازارەت قىلسا بەك ئوبدان بۇلاتتى. لىكىن كىيىنكى گىپىنىڭ خىلى ۋەزنى باردەك تۇرىدۇ. شۇ جايدىكى مىللەتلەردە خۇددىي بايلىقنى ئۇلار ئېلىپ كېتىۋاتقاندەك، ئۇلار بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوقتەك ھىسسيات پەيدا بولۇپ قالدى،
---------------------
دەك، تەك قوشۇمچىلىرى ئارتۇق يېزىلىپ قالدىمۇ نېمە؟ 1980-يىلدىن 1990-يىلغىچەتەخمىنەن 10 يىل ۋاقىت شىنجاڭ تېنچلىق بىلەن ئازات بولغاندىن كېيىنكى ئالتۇن دەۋر بولۇپ. ھازىر يۈرگۈزىلىۋاتقان ئاپتۇنومىيە قانۇنىمۇ شۇ مەزگىللەردە تۈزۈلگەن.
«چاپىقىنى ئالىمەن دەپ قارىغۇ قىلىپ قويمىسىلا» بولاتتىغۇ؟
ئاپتۇنومىيە قانۇنى ئۆزگۈرۈشى مۇمكىنكەن.
ئالدامچىنىڭ بۆشۈكى.
بۇ ئىككى تېما تەڭ يوللۇنۇپتىمۇ نېمە؟ ماڭائېغىزمىزغائىمۈزگە سەپ قۇيۇپ ئاز ئازجايلاپ ، نۆۋىتى كەلگەندەبىزنىڭ ئاپتۇنمىيەقانۇنىمىزمانداقتى دىگىلى قويماسقىلماقچى بولغاندەك تۇيلۋاتىدۇ ....
جاھان جانۋارلىرى ئىچرە بۇندا ھەمقۇۋ بولماس كارامەتتە ،
گەر يۇلۇقسا ھەتتاكى تۈلكە بۇلۇر ئاخرى دەردۇ نادامەتتە .
ئەي ئوغلۇم يىراق تۇرغىن ئۇشبۇ جانۋارلاردىن جانىڭ بىرلە ،
قالدى بۇ سۈزۈم قۇلاق تۈۋۈمدە ياڭراق پېتى تاكى قىيامەتكە!
Bidar-Qutlan يوللىغان ۋاقتى2014-3-13 10:18 static/image/common/back.gif
شۇ جايدىكى مىللەتلەردە خۇددىي بايلىقنى ئۇلار ئېلىپ كې ...
يۈز نومۇرلۇق ئىنكاس. بەدىنىدىن يۇيىنىش مەركىزىنىڭ سېسىق پۇرىقى پۇراپ تۇرىدىغان ، پارخور ئەمەلدارلار دۆلەتنىڭ ھەر قانداق قانۇنىنى ئاستىن - ئۈستىن قىلۋىتەلەيدۇ . بەرىبىر ئوخشاش ئاكا دەپتىكەن :( ‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى›دىكى ‹ئۇيغۇر›سۆزى ھۆكۈمەت يېغىنلىرىدا كۆپ قېتىم تاشلىنىپ قىلىۋاتىدۇ، قانۇنىنىڭ ئۆزگىرەيدىغىنى ئېنىق،ئەلۋەتتە. بۇنى ئۆزگەرتىمەن دەپ ئاۋارە بولماي،بۇرۇنقىسىنى ھەقىقى ئىجرا قىلسا تىخىمۇ ياخشى بولمامدۇ دەيمەن...! مېنىڭچە تۈزۈمگە ئىشىنىش شۇنداقلا تۈزۈلگەن تۈزۈمنى تىرىشىپ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
----
تۈزۈمنى تىرشىپ مۇكەملەشتۈرمەي ،ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن قىلىپمۇكەملەشتۈرسە بولتى ئۇنىمۇ دەيسىز، بۇنىمۇ دەيسىز، ئەڭ ياخشىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن بارغان ۋەكىللەر « ئاپتونوم رايون» دېگۈچە « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ قاتسا بولاتتى!. بولۇپمۇ سۇنغان تەكلىپلەرگە. مىنىڭچە بۇلغاندا ئەمەليىتى يوق ئاپتۇنۇميەنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپئۇلكە قىلۋەتسە بۇلاتتى ساختىلىقتىن بىزار بۇلدۇم. ھازىر ئاپتۇنۇميە پەقەت ۋىۋىسكىلاردىكى خەت ئۇچۇنلا تۇزۇلگەندەك شۇنڭدىن باشقا گەپ يۇق ئاپتۇنومىيە قانۇنىدا تىلەپ تۇرۇڭ پاتيىقىندابوپمۇ قالا yawoz يوللىغان ۋاقتى2014-3-13 20:47 static/image/common/back.gif
مىنىڭچە بۇلغاندا ئەمەليىتى يوق ئاپتۇنۇميەنى ئەمەلدىن...
ھەي ئۇنداق دىمەڭ .ئەگەر سىز دىگەندەك بولسا .ئۇيغۇر يېزىقىنى ھىچيەردىن تاپالماي قالىسىز . قانۇنغا چېقىلغىلى بولماس ، ئەمما ئۆزگەرتكىلى بۇلۇر........................ جۇڭگۇدا قانۇن بار ، بىيجىڭدا قانۇن بار ، شىنجاڭدا قانۇن يوق ، سىياسەت بار . بۇ سىياسەت شىنجاڭغا كىم مەسئۇل بولسا شۇ كىلىپ ئۆزگەرتىدىغان سىياسەت . شۇڭلاشقا پەقەت ۋە پەقەت شىنجاڭدىلا ‹سىياسى ئۈگۈنۈش› دەيدىغان ئۇقۇم بار . باشقا يەردە قانۇن تۈزۈم ئۈگەنسە بىزلەر ئايىغى چىقماس سىياسى ئۈگۈنۈشنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كىتىمىز .
بەت:
[1]