history يوللانغان ۋاقتى 2014-3-12 18:58:38

ئەڭ قۇدرەتلىك نەرسىنى ئىزدەش

بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىر چاشقان بولۇپ، ئۇ ناھايىتى ئەقىللىق ئىكەن، شۇڭا دائىم ئۇ ئۆزىنى ‹‹بۇ يەردىكى ئاددىي چاشقانلار بىلەن بىللە ياشىماسلىقىم كېرەك››، دەپ ئويلايدىكەن. ئۇ كېچە-كۈندۈز دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس نەرسىنى ئىزدەپ تېپىشنى ئويلايدىكەن.بىر كۈنى، باشقا بىر چاشقان ئۇنىڭغا:

    ـــ سەن كېچە-كۈندۈز ئويلاپ ئولتۇرغۇچە، سىرتقا چىقىپ دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك نەرسىنى ئىزدەپ تاپساڭلا بولمىدىمۇ، ـــ دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان چاشقان بىردىنلا ئېسىگە كېلىپ، قەتئىيلىك بىلەن:

    ـــ توغرا، مەن بېرىپ ئىزدىشىم كېرەك! ـــ دەپ غەيرەتكە كەپتۇ.

    شۇنداق قىلىپ چاشقان ئۇۋىسىدىن ئايرىلىپ، دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك نەرسىنى ئىزدەشكە باشلاپتۇ. ئەمما ئۇ پۈتۈن يەر-جاھان، دېڭىز-ئوكيانلارغا بېرىپمۇ دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك نەرسىنى ئىزدەپ تاپالماپتۇ. بىر كۈنى ئۇ يەنە قايتىدىن چوڭقۇر ئويلىنىپ، تۇيۇقسىز ‹‹بۇ دۇنيادىكى مەن ئىزدەۋاتقان ئەڭ قۇدرەتلىك نەرسە، مەن كۈندە كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان ‹ئاسمان› ئەمەسمۇ؟›› دەپ ھېس قىلىپتۇ.

    چاشقان خوشال ھالدا يۈگۈرۈپ چىقىپ ئاسماننى ئىزدەپ تېپىپتۇ. ئۇ ئاسمانغا:

    ـــ مېنىڭچە سەن دۇنيادىكى ئەڭ قۇترەتلىك نەرسە، ـــ دەپتۇ. ئاسمان:

    ـــ مەن دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك نەرسە ئەمەس، بۇلۇت ئەڭ قۇدرەتلىك، چۈنكى بۇلۇت كەلسىلا، مېنى توسۇۋېلىپ كۆرۈنمەي قالىمەن، ـــ دەپ تۇرۇشىغا، بىر چوڭ بۇلۇت ئۇچۇپ كېلىپ ئاسماننى توسۇۋاپتۇ. بۇنى كۆرگەن چاشقان بۇلۇتنىڭ بىر پارچىسىنى تۇتۇۋېلىپ:

    ـــ سەن چوقۇم دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك نەرسە، ـــ دەپتۇ. بۇلۇت مۇلايىملىق بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ:

    ـــ بوران دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك نەرسە. پەقەت بوران چىقسىلا، مېنى ئۇچۇرۇپ يىراقلارغا ئېلىپ كېتىدۇ، ـــ دەپتۇ. دەل مۇشۇ چاغدا تۇيۇقسىز بوران چىقىپ بۇلۇتلارنى تارقىتىۋېتىپتۇ. چاشقان بوراننى قوغلىشىپ:

    ـــ ھەي بوران، سەن راستىنلا دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك نەرسە ئىكەنسەن، ـــ دەپ ۋارقىراپتۇ. بوران چاشقانغا:

    ـــ مەن دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك نەرسە ئەمەس، تام بولسا دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك نەرسە، مەن تامنىڭ يېنىغا بارغاندا توسۇلۇپ يوقاپ كېتىمەن، ـــ دەپتۇ. دېگەندەك بوران تام تۈۋىگە يېتىپ بېرىپلا ئۈن-تىنسىز يوقاپ كېتىپتۇ. چاشقان تامنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كېلىپ:

    ـــ ھەي تام، سەن دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك نەرسە ئىكەنسەن، ـــ دەپتۇ. تام تولىمۇ تەمكىنلىك بىلەن:

    ـــ ئۇنداق ئەمەس، چاشقان بولسا ھەممىدىن يامان. ئەگەر چاشقان كەلسىلا، مېنى تېشىپ ئۆتمە-تۆشۈك قىلىپ ئۆرۈۋېتىدۇ، ـــ دەپتۇ. چاشقان ھەيران بولغان ھالدا بىر تامغا، بىر ئۆزىگە قاراپتۇ. چاشقان بىردىنلا ئېسىگە كېلىپ، تۇيۇقسىز يۇقىرى ئاۋازدا:

    دۇنيادا مۇتلەق ئەڭ قۇدرەتلىك نەرسە بولمايدىكەن! ھەممە نەرسىنىڭ يارىتىلىشىدىلا ئۆزىگە تۇشلۇق رولى بولىدۇ. پەقەت ئۆزىدىكى ئارتۇقچىلىقنى تەبىئىي ھالدا جارى قىلدۇرۇشنىڭ ئۆزىلا ئەڭ قۇدرەتلىك ئىشكەن، ـــ دەپتۇ.

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-12 19:19:26

دۆت چاشقان!
موللا زەيدىندىنلا سورىسا بولىدۇغۇ؟

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-12 19:34:54

مۈشۈكنى ئىزدەپ باقماپتۇ .

mart22 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-12 20:12:21

مۈشۈكئتتىن، ئتقەلەندەردىن،قەلەندەرۋاڭدىن،ۋاڭخوتىنىدىن......ئاخىرىنىمىتى؟

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-3-13 07:24:21

سۈرە مۇلىك(67-سۈرە)نىڭ تەرجىمىسىنى ئوقۇڭلار.

adil0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-13 09:11:26

mart22 يوللىغان ۋاقتى2014-3-12 20:12 static/image/common/back.gif
مۈشۈكئتتىن، ئتقەلەندەردىن،قەلەندەرۋاڭدىن،ۋاڭ   ...

ئۇنداق ئەمەسمۇ-يا؟
موللازەيدىن ۋاڭ غوجامدىن، ۋاڭ غوجام تەتىيىدىن، تەتەي بوراندىن(بوراندا چىپاۋسىنىڭ پېشى قايرىلىپ كېتىپ، ئەۋرىتىنىڭ ئېچىلىپ قېلىشىدىن)، بوران ئەسكى تامدىن، ئەسكى تام چاشقاندىن، چاشقان مۈشۈكتىن، مۈشۈك ئىتتىن، (موللازەيدىندىن بىر پەشۋا يەپ، كارىۋاتنىڭ ئاستىغا كىرىپ تۈگۈلۈپ ياتقان)ئىتموللازەيدىندىن...مىكىن دەيمەن!
بەت: [1]
: ئەڭ قۇدرەتلىك نەرسىنى ئىزدەش