tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-3-11 18:33:50

سىز راستلا ئۇنۇتقاقمۇ قانداق

بۇ كۆرگەن ئاڭلىغان ۋەقەلەر، ئۆگەنگەن بىلىملەر، شەيئىلەرنىڭ شەكلى ۋە ئىسىملىرى ھەتتا تۇنۇش بىلىشلەرنىڭ ئىسىملىرىنى تىزلا ئۇنتۇپ قېلىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان بىر خىل كېسەللىكتىن ئىبارەت

سەۋەبى: بۇ كېسەللىك بەدەندە تۆت خىل كەيپىياتنىڭ ئېشىپ كېتىشى، بەدەنگە ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ئەقلى ئەمگەك كۆپ بولۇش، جىنسى ئالاقە بىلەن كۆپ شۇغۇللىنىش، ئۇرۇلۇش ، سۇقۇلۇش، يېقىلىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى : بۇ كېسەلدە بىمارنىڭ ئۇيقۇسى كۆپ بولىدۇ، بېشىنىڭ ئارقىسى ئېغىر بولىدۇ ۋە ئاغرىيدۇ. كۆپ چۈش كۆرىدۇ. كۆپ چۈش كۆرىدۇ ئەمما كۆرگەن چۈشىنى ئىسىگە ئالالمايدۇ. بەكمۇ پەرىشان يۈرۈيدۇ. داۋاملىق زۇكام بولۇپ، مېڭىدىن ھەمىشە سۇيۇقلۇق كىلىپ تۇرىدۇ، ئۆزى قۇيۇپ قويغان نەرسىلەرنى بىردەمدىن كېيىن ئۆزى تاپالمايدۇ.

داۋالاش: ئالدى بىلەن بۇ كېسەللىك قايسى سەۋەبتىن كېلىپ چىققان بولسا، شۇ سەۋەبكە قارىتا چارە قىلغاندىن كېيىن، تۆۋەندىكى دورىلار بىلەن داۋالاش كېرەك.

كابۇل ھېلىلىسىنى يۇمشاق سوقۇپ، ھەر قېتىمدا 8گرامىنى ھەسەلگە قوشۇپ يېسە ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
بىمار ياش ئىرىك پاقلاننىڭ گۆشىنى چامغۇر، سەۋزە بىلەن پۇشۇرۇپ يىسە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
سېرىقماينى ئىستىمال قىلسا شىپا بولىدۇ.
بىمار كۈندە يەتتە گرام دارچىننى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچسە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
تۇخۇنىڭ مېڭىسىنى پىشۇرۇپ يېسە مەنپەئەت قىلىدۇ.
بىمار كۈندە ئالتە گرام كۇندۇرنى شىكەر بىلەن ئىستىمال قىلسا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۈچ گرام پىلپىل ياكى مەستىكىنى شىكەر بىلەن قۇشۇپ ئىستىمال قىلسا مەنپەئەت قىلىدۇ
زەپەرنى پۇراپ بەرسە ۋە ئۇنىڭدىن ئۈچ گرام مىقدارى ئىستىمال قىلىپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ.
كەكلىك گۆشىنى دائىم يەپ بەرسە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھەر كۈنى ئون گرام ئىگىر مۇرابباسى ئىستىمال قىلسا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
توغرىغۇنى كونا زەيتۇن يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ بېشىغا سۈركىسە بەك ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىپارنى بابۇنە يېغى ياكى كالا پاچىقىنىڭ يىلىكىغا قۇشۇپ بۇرۇنغا تېمىتسا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: يۇمغاقسۈتنى بەك كۆپ ئىستىمال قىلىش بۇ كېسەل ئۈچۈن زىيانلىق، شۇڭا بىمار يۇمغاقسۈت، پىياز ئىستىمال قىلماسلىقى، جىنسى ئالاقىدىن، كۈندۈزى ئۇخلاشتىن ساقلىنىشى لازىم.
ئىلاجۇل مۇفرىدات كىتاۋىدىن

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-11 19:23:07

بايا بىر ئىش بىلەن جەنۇبى قوۋۇققا بارغان، بېرىپ بولۇپ نېمە ئىشقا بارغانلىقىمنى ئەسلىيەلمەي ئۆيگە يېنىپ كەلدىم، يېنىپ كېلىپ ئەسلىسەم ئەسلى سىلى بىلەن كۆرۈشىمەن دەپ بېرىپتىكەنمەن.
دەپ بېقىڭلا، مەن راستىنلا ئۇنۇتقاقمىكەنمەن يا ئەمەسمىكەنمەن؟:funk:

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-3-11 19:38:46

تېما ئىگىسى سىز كىمۇ؟ بىز تونۇشامدۇق؟بۇ قايسى مۇنبەر بوكەتتى ئەمدى؟

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-11 19:45:45

قا....قا...قا...قا...قاسساپ، قېرى ئۆچكىنىڭ مېڭىسىنى يېۋالدىڭلىمۇ نېمە؟:lol

mart22 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-11 20:05:53

يىقىندىن بىرى بىرسىدىن سۇئال سوراپ بولۇپ بىردەمدىن كىيىن يەنە ئوخشاش سۇئالنى سورايدىغان بولۇپ قالدىم دىسە:(......سوراپ بولۇپلا تەكرار سورىغىنىم ئىسىمگە كىلىدۇ، قىرىپ قالدىممۇ نىمە؟

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-3-12 07:02:06

{:112:}{:112:}{:112:}

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2014-3-12 08:08:50

بولۇپمۇ باشقىلارنىڭ ئىسمىنى قەتئىي ئېسىمدە تۇتالمايدىغان بولۇپ قالدىم…

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-12 14:37:13

بىر ماتىريالنى بىر قېتىم تەرجىمە قىلىپ بۇلۇپ ئىككى ئۈچ كۈن ئۆتكەندە يەنە بىر قېتىم تەرجىمە قىلىمەن،

elikaram يوللانغان ۋاقتى 2014-3-12 14:45:17

ئۇنتۇپ كىتىشمۇ ياخشىكەن.ھازىر ئەھمىيەتسىز،تۇتامسىز ئىشلارنى بىر-بىرلەپ ئۇنتۇۋاتىمەن.كۈندىن-كۈنگە يېنىكلەپ دىگەندەك؟
بىر نەرسىنى ئويلىسام بۇنىڭ مەن ئۈچۈن ئەھمىيىتى بارمۇ يوق؟مەن ئۈچۈن ئوزۇق بولامدۇ ياكى يۈك بولامدۇ؟دىگەنلەرنى كۆڭۈل ئىكرانىمدىن ئۆتكۈزىمەن.شۇنداق پايدىسىز بولدىما دەرھال تەتۈر قارىۋالىمەن.خۇددى چىرايلىق قىزلار بولسا قاراپ سەت قىزلار بولسا قاچقاندەك...ھاھاھ...

tanha19 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-12 17:09:40

بەدەننى قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن قانداق سەۋەپلەرنى قىلىش كىرەك ؟

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-3-12 17:11:34

ھەپتىدە ئىككى قېتىم 80 ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسسمىنى يوقلام قىلىمەن، لىكىن يەنە بىر ھەپتىسى ھەممىسى ئېسىمدە قالمايدۇ................:lol

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-3-13 11:03:26

11-قەۋەتتىكى ئىنكاسقا تازا كۈلىۋىتىپتىمەن.:lol:lol

anur77 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-13 21:07:41

ئادەم ياش 30بارماي تۇرۇپلا ئۇنۇتقاق بولۇپ كەتتى دېسە.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-3-16 11:32:20

ياڭاقنى كۆپرەك يەپ بىرىڭلائۇنتۇغاقلا ...
بەت: [1]
: سىز راستلا ئۇنۇتقاقمۇ قانداق