kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-3-11 09:28:29

يادلاش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇشتىن ياردەم سورايمەن

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى بارلىق قېرىنداشلار

  مەن ئۆزۈمنىڭ يادلاش قابىلىتىمنى ئاشۇرماقچى ئىدىم ھازىرقى يادلاش ئەھۋالىمنى نورمال دىيىشكە بولىدۇ لىكىن يېقىندا توردا گىپنوز دەيدىغان بىر گەپ مىنى ئۆزىگە قىززىقتۇردى بۇ بولسا پىسخىكا ئىلمىنىڭ بىر تۈرىكەن   



گىپنوز دىگەن نىمە ؟
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىكى 10 نەچچە مىليۇن ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىمىزدىن بۇنى چۇشۇندىغانلار زادى قانچىلىك ؟
گىپنوز پېنى روھنى ئۇرغۇتۇش پىنى ، يەنى ئۇيقۇ ھالەتتىكى يۇشۇرۇن ئاڭنى ئۇيغۇتۇش پېنى ، يەنى روھى ئانالىزىمنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى داۋالاش ئېقىمى . ئۇ ئىنسانىيەتنى ئەڭ گۈزەل ھاياتقا ، ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچكە ئىگە قىلدىغان ئىنسانىيەتتە ئۆزىدە بار بولغان ئەمما ئۆزى ھېس قىلىپ باقمىغان قۇدرەتلىك يۇشۇرۇن كۈچنى ئاچىدىغان ئەڭ قۇدرەتلىك پەن .  

بىر توربەتتە مۇشۇنداق چۈشەنچە بىرىپتۇ  ئويلاپ باقسام ئاساسى باردەك قىلىدۇ بۇرۇنقى راھىپلار نۇرغۇنلىغان نوملارنى يادقا ئالالىشىدىكى سەۋەب نىمە ؟ نىمىشقا بىز ئازغىنە نەرسىلەرنى يادقا ئالالمايمىز  ؟  گپنوز ئارقىلىق ئادەمنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ يادلاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولارمۇ؟
بۇ مەن ئۈچۈ بەكلا مۇھىمتى  مەسلەھەتىڭلارنى ئايىمىغان بولساڭلار

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-11 11:12:29

ھازىر مەن يادلاش قابىلىيىتىمنى ئاشۇرۇشقا ئەمەس، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋالساممۇ ئالەمچە بىر ئىش بولاتتى.
ئىشقىلىپ كەچ بولسا، ناشتىدا نېمە تاماق يېگەنلىكىمنى ئەسلىيەلمەيمەن.
بىر قىز بالا بىلەن تونۇشۇپ قالسام ئەتىسى ئىسمىنى دېيەلمەي سەتلىشىپ، مۇشۇ كۈنگىچە بويتاق ئۆتۈپ كەتتۇق.{:87:}

KALANDAR يوللانغان ۋاقتى 2014-3-11 12:11:59

دوستلار جىياڭسۇ تىلۋىزىيە قانىلىنىڭ ئۆتكۈر كاللا پىرگىراممىسىنى كۆرۋاتقانلار بارمۇ؟بىر تۇخۇمنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىسىدە ساقلىۋىلىپ 300تۇخۇمنىڭ ئىچىدىن شۇ تۇخۇمنى تاپالايدىكەن،100تىلفۇننىڭ مەخپى نۇمۇرىنى (سىزىقلىق )ئىسىدە ساقلىۋىلىپ خالىغان تىلفۇننى ئىچىۋىتىدىكەن،100دانە 2سىزىقلىق كودنى ۋە شۇنىڭغا ماس 100تىلفۇن نۇمۇرىنى ئىسىدە ساقلايدىكەن،10نەچچە خانىلىق ساننىڭ خالىغان دەرىجىدىكى كۇۋادرات يىلتىزىنى بىۋاستە يېزىپ چىقىرىدىكەن،
3.ئاينىڭ 14.كۈنى (جۈمە)كەچ سائەت 8دە شۇ قانالدا جوڭگۇ بىلەن ئىتالىيە مۇسابىقىلىشىدىكەن.
‹最强大脑 (苏卫电(江苏卫电

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-11 13:18:05

يىراقتىكى راھىبلارغا كەتمەي يىقىندىكى قۇرئان يادىلىغانلارغا قارىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ئاۋۇ گىپنوسنىڭ گىپى كۇرۇسى ئاچىدىغانلارنىڭ ئىلان سۆزى ئوخشايدۇ{:92:}.
مەن تىل ئۈگىنىش جەريانىدا ئاز-تولا يادىلاش توغرىسىدا تەجىربە توپلىغان. دەسلىپىدە ئۈچ سائەت كىتىدىغان تىكىستلارنى كىيىن ئون مىنۇتتىلا يادىلايدىغان سەۋىيەگە كەلگەن. مەنچە يادلاش توغرىسىدا مەسلىھەت ياكى قانداقتۇر مىڭىگە قۇيۇپ قويىدىغان روھ ئىلىملىرىگە قاراپ ئولتۇرماي، يادىلاشنى ئىستىگەن نەرسىڭىزنى يادىلاشقا باشلاڭ، بارا-بارا تىز، ئۈنۈملۈك يادىلايدىغان بولۇپ كىتىسىز.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-11 13:20:21

newstar يوللىغان ۋاقتى  2014-3-11 11:12 static/image/common/back.gif
ھازىر مەن يادلاش قابىلىيىتىمنى ئاشۇرۇشقا ئەمەس، ئەستە ...

مۇشۇنداق بىر كىسلەگە گىراپتار بولغان، بىئو-خىمىيە كىرزىسىدىكى باش رولنى ئالىدىغان ئايال چىقىدغان بىر كىنو بولىدىغان، ئاشۇنداق بولۇپ قالمىغانسىلە ھە :lol

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-11 13:32:17

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yigana523 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-11 13:33  

KALANDAR يوللىغان ۋاقتى  2014-3-11 12:11 static/image/common/back.gif
دوستلار جىياڭسۇ تىلۋىزىيە قانىلىنىڭ ئۆتكۈر كاللا پىرگ ...

مەنمۇ ئىزچىل كۆرىۋاتىمەن،بەزىلىرى ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك دەرىجىدە.تۇرۇپ ھەممىسى تاراتقۇلارنىڭ ئېلان كىرىمى ئۈچۈن تەييارلىغان ئويۇنىمىكىن دەپمۇ قالىمەن،لېكىن خەلىقئارالىق كۈچ سىنىشىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلغاندىكىن ساختىلىق قىلماس.ھەممىدىن ئاشۇ ئەقلى كەمتۈك ھېسابلاش پىرى(مۇشۇنداق ئاتىسام قىلچە ئارتۇق كەتمەس)غا قول قويماي بولمايدۇ.بۇدا قېتىم چەتئەللىك ماھىرلار بىلەن سىناشسا چوقۇم تېخىمۇ قىززىيدۇ.把科学流行起来{:112:}

esyankar75 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-11 13:52:39

مەن سىزگە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىدىن بىرنى تەۋسىيە قىلاي !
ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى نۇرغۇن ئامىللارغا چىتىشلىق قىزىققان نەرسىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئەستە تۇتۇشىمىز سەل ئاسانراق بولىدۇ ، لىكىن تۇرمۇشتا قىززىقمايدىغان نەرسىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىمۇ ئەستە تۇتىشىمىزغا ئىھتىياجلىق بولىمىز ، ئۇ يەنە بەدەننىڭ ساغلاملىقىغىمۇ مۇناسىۋەتلىك .
  گەپكە كەلسەم ، ئەستە تۇتۇشنىڭ يەنى يادلاشنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى دىققەتنى زور دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرۈش ، قانداق قىلغاندا دىققەتنى ياخشى مەركەزلەندۈرۈشكە بولىدۇ ؟
  بۇ تەجرىبىنى ئىشلەپ باققايسىز ، كۈندە چوقۇم مەلۇم ۋاقىت بەلگىلەپ تامغا بىر يوغان ئاق ۋاراققا كىچىكرەك بىر قار نۇقتىنى بوياپ شۇنىڭغا كۆزنى ئۈزمەي تىكلىپ قاراپ تۇرۇڭ ، باشتا باشلىغاندا 20 مىنۇت ۋاقىت بەلگىلەڭ كۈنىگە 5 مىنۇتتىن قىتىپ مىڭىپ ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2 سائەت بولغىچە قىتىڭ ، نۇقتىغا قاراپ ئوتۇرغاندا ھەرگىزمۇ باشقا ياققا قارىماڭ ، ئامال بار باشقا ئىشنى ئويلىماي شۇ نۇقتىغا تىكىلىپ ئولتۇرۇڭ ،  3 ئاي مۇشۇنى توختىماي داۋاملاشتۇرالىسىڭىز سىزنىڭ دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش كۈچىڭىز ناھايىتتى روشەن يۇقىرىلايدۇ ، خەقلەر 30 مىنۇتتا ئاران يادلاپ بولغان ئىنگىلىزچە سۆزلۈكنى 10 مىنۇتقا قالماي يادلالايسىز  ، 4-دەرىجىدىن بەلكىم 10 ئاي ئۆگۈنۈش ئارقىلىق ئۆتۈپ كىتەلەيسىز .

xadiman0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-11 16:46:02

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xadiman0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-11 16:48  

شىنجاڭلىق گىپنوسچى ، گىپنوس ئوقۇتقۇچىسى ،گىپنوس ئارقىلىق داۋالىغۇچى ئېلياس ئابباس
تور بىكىتى http://sirroh.com/
سىرروخ.com
ھۆرمەتلىك تورداشلار ئەگەر ھەممىمىزنىڭ ئىشلىرىمىز ئاز ، ۋاقتىمىز كۆپ ،تۇرمۇشىمىز خاتىرجەم بولغان بولسا ھەرقانچە كۆپ نەرسىلەر بولسىمۇ يادلاپ بولالايمىز ، نى -نى ئىشلارنى قىلالايمىز ،  ئەمما ئەمەلىيەت ھەممىڭلارغا ئايان ،
بىز نىمە قىلىۋاتىمىز ، ھەپتە ئون كۈندە بىر دەرۋازىدا دېجۇرنى ، ھەپتىدە بىر قېتىم كەچلىك مۇزاكىرىدە دېجۇرنى ، ھەپتىدە بىرەر قېتىم چوڭ ئۆيگە بارىمىز ، ھەپتىدە بىرەر قېتىم بالىنى بازاغا ياكى باغچىغا ئاپىرىپ ئوينىتىمىز ، ھەپتىدە بىرەر قېتىم يېقىن دوستلار بىلەن كۆرۈشىمىز ، ھەپتىدە بىرەر قېتىم كىسەل يوقلايمىز ياكى توي-تۆكۈن،نەزىر-چىراققا قاتنىشىمىز ، ھەپتىدە بىر ياكى ئىككى قېتىم بانكىغا چىقىمىز ، ھەپتىدە 3قېتىم يانفۇنغا توك قاچىلايمىز ، ھەپتىدە بىر سەي-گۆش ئالىمىز ،  
كۈندە 3 ۋاق تاماق يەيمىز، كۈندە ئوننەچچە(ياكى نەچچە ئون ) قېتىم تېلفۇنلىشىمىز ، كۈندە نەچچە قېتىم كومپىيوتېردا ياكى تېلفۇندا تورغا چىقىمىز ، كۈندە بىر قېتىم سۈت ئالىمىز ، بۇ دائىم قىلىدىغان ئىشلار ،
يەنە جۇڭگو چۈشى دىگەن نىمە ، شىنجاڭ چۈشى دىگەن نىمە ،  شى جىنپىڭ نىمە دىدى ، جاڭ چۈنشىئەن نىمە دىدى ، ئالىم ساقال كىم ، ياپۇنىيە نىمە دىدى ، جۇڭياڭنىڭ 8 تۈلۈك بەلگىلىمىسى نىمە ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش ، ئاممىۋى لۇشىئەن تەربىيىسى ، لېيفىڭدىن ئۆگىنىش ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېيى ، بىختەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى ،ئۇچكە ۋەكىللىك قىلىش ، تىرورلۇققا قارشى تۇرۇش ، قانۇن ئۆگىنىش ئېيى ،  ئەخلاق دەرسخانىسى ،  يەرتەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش مانىۋىرى ، ئوت مۇداپىيە مانىۋىرى ، نورۇز بايرىمى ،  ئەتىيازلىق تەنھەركەت پائالىيىتى ، .........................سۆزلەپ كەلسەك گەپ تولا ، مۇشۇنداق تولا نەرسىلەرنى ئەستە ساقلايدىغان تۇرساق مۇقىم ئولتۇرۇپ يادلاشقا نەدە چولا ، چولا بولسىمۇ بۈگۈن يادلىسا ئەتىسى ئۇنتۇپ قېلىپ ئاران يادلايمىز ، ھېلىمۇ كاللىمىز شۇنچە كۆپ ئىشلارغا  يىتىشىپ ماڭىدۇ ،

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-3-11 18:36:11

esyankar75 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-11 13:52 static/image/common/back.gif
مەن سىزگە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ ئۈ ...

مەن قۇرئان يادلايتتىم ئوخشاش ئۈنۈم بىرەرمۇ قانداق قىلسام تېخىمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرشكۈم بار ئېرىنمەي سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز قېرىندىشىم

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-3-12 07:16:25

قۇرئان ئۇقۇش يادلاش  ئەڭ ياخشسى ،

ئىلىم پەنگە ئائىت نەرسىلەرنى يادلاپ يۈرۈش مىڭىگە يۈك ئېلىپ كىلىدىكەنغۇ ،،،،،
ئېيىشتىيىنمۇ لۇغەتتىن تاپقىلى بۇلىدىغان تۇراقلىق نەرسىلەرنى يادلاپ يۈرمەيدىكەنتۇق .....
بۇ ھەقتە جىق گەپلەر بار ، ئۈن دىدار ۋە تورلاردا

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-3-12 17:36:55

گپنوز ئارقىلىق ئادەمنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ يادلاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولارمۇ؟

باشقىلارغا ئىشەنمەي ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-14 22:25:27

hoopeelover يوللىغان ۋاقتى  2014-3-12 17:36 static/image/common/back.gif
گپنوز ئارقىلىق ئادەمنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ يادلاش ئىقتى ...

قارىغاندا سىز گىپنۇز توغۇرلۇق بىلىملەردىن خەۋرىڭىز باركەن ۋاقتىڭىز بولسا سۆزلەپ بىرەمسىز?

Tozimas يوللانغان ۋاقتى 2014-4-14 23:37:43

ئەگەر سىز قۇئان يادقا ئالماقچى بولسىڭىز بامدەتنىڭ ئالدىدىكى1-2سائەت ۋاقىتنى قولدىن بەرمەڭ! يادقا ئېلىشقا چۈشكەندە ئەقلىفۇن دىگەندەك ئادەمنىڭ قەلبىنى ئوغۇرلايدىغان ئۇسكۈنىلەرنى ئامال بار ئۈزىڭىزدىن يىراق تۇتۇڭ!. بىر بەتنى ئىككى ياكى ئۈچكە بۇلۈپ يادقا ئېلىڭ.! ئۇنىڭدىن باشقا يىمەكلىككە دىقەت قىلىڭ، شۈبھىلىك نەرسىلەردىن، شۈبھىلىك يىمەكلىكتىن يىراق تۇرۇڭ، بازارنىڭ نەرسىلىرىنى يىمەڭ! مۈمكىن بولسا تاماقنى ئۆيدە يەڭ..!...كۈلكە چاقچاق ئۇيۇن تاماشالاردىن يىراق تۇرۇڭ!
بۇ ئۈزۈم، ھەم ئەتراپتىكى، شۇنداقلا قۇرئان يادقا ئالغان قارىلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن يەكۈنى....ئاللاھ خەيرىلىك قىلسۇن تىرىشىڭ يىگىت! ئاللاھ يادقا ئالدىغان قۇرئانىڭىزنى قىيامەتتە مەنپەئەتىڭىز ئۈچۈن ھۆججەت قىلىپ بەرسۇن.!

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 07:50:36

Tozimas يوللىغان ۋاقتى  2014-4-14 23:37 static/image/common/back.gif
ئەگەر سىز قۇئان يادقا ئالماقچى بولسىڭىز بامدەتنىڭ ئال ...

بىر بەتنى پۇتۇن يادلىغان ياخشىمۇ ؟ پار -پارچە يادلىغان ياخشىمۇ ؟  مەن ئادەتتە پارچىلاپ يادلىسام ئېلەشتۇرۇۋېتىپ سالغىلى ئاران تۇرىمەن :dizzy:

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 08:09:41

Tozimas يوللىغان ۋاقتى  2014-4-14 23:37 static/image/common/back.gif
ئەگەر سىز قۇئان يادقا ئالماقچى بولسىڭىز بامدەتنىڭ ئال ...

رەھمەت سىزگە !

Tozimas يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 09:47:36

پاراكەندە بۇرادەر...ئۇزىڭىزگە قايسىسى ئاسان بولسا شۇنداق قىلىڭ. ئەگەر يادقا ئېلىشڭىز ئاسان بولسا پۈتۈن يادقا ئېلىڭ،تەس بولسا بۈلۈپ يادقا ئېلىڭ. ئېزىپ كىتىش نۇرمال ئەھۋال، كۆپ ئۇقۇپ بەرسىڭىزلا ئوڭشۇلدۇ... قۇرئان يادقا ئېلىش ئاسان بولسا قىيامەتتە قۇرئاننى يادقا ئېلىپ ئەمەل قىلغانقارىغا 10ئادەمگە شاپائەت قىلىش ھۇقۇقى بىرىلمەسلىكى مۇمكىن ئىدى...توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللاھدۇر

Tozimas يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 09:49:35

تېلفۇندا نەقىل ئالغىلى بولمامدۇ ياكى مەن بىلەلمىدىممۇ؟ بىلدىغانلار جاۋاپ بەرسەڭلا

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 16:10:14

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2014-4-14 22:25 static/image/common/back.gif
قارىغاندا سىز گىپنۇز توغۇرلۇق بىلىملەردىن خەۋرىڭىز ب ...

يادلاش دىمەك تونۇش دىمەكتۇر، چۈشىنىشتىن بىر دەرىجە تۆۋەن ئورۇندا.
شۇڭا خەنزۇرلار سۆزلۈكنى جىق بىلسىمۇ ئەلى مۇئەللىمدەك توفىلدىن يۇقىرى نۇمۇر ئالالماسلىقى مومكىن.
گېپنوزمۇ يادلاشقا ياردەم بىردىغان ئۇسسۇلارنىڭ بىرى بولۇشى مومكىن، لىكىن يۇقىرى دەرىجىدىكى زىچلىق مېڭىگە بېسىم ئېلىپ كېلىشى مومكىىن.
(ئىنگىلىسچە)سوزلۈك يادلاشقا كاللا كەتمەيدۇ قوڭ كېتىدۇ.
ئالتۇندەك كاللاڭ بولغۇچە ،چۇيۇندەك قوڭاڭ بولسۇن دەپ يازىدۇ بەزىلەر ھىكمەت خاتىرسىگە.

تۇرمۇشتا ھەممە ئىشلارنى يادلاش ئارقىلىق ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ. بەزىدە چوڭ مېڭىنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارىمۇ مۇھىم.
سىزگە بىرسائەت ئىچىدە  100 دانە قوينى ئايرىپ تونۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا تەسكە توختىشى مومكىن، بىرەر ھەپتە پادا بېقىڭ شۇ قويلاربىلەن بىللە ئايلىنىڭ تەبىيلا قايسى قوينىڭ قوتانغا قايتىپ كەلمىگىننى بىلەلەيسىز.
-----------------
گىپنوزنىڭ  توغرىلىق خەۋەرلەرنى سىزدىن ئاڭلاۋاتىمەن، ئۇ توغرىلىق ھىچقانداق بىلىمىم يوق.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 16:42:59

hoopeelover يوللىغان ۋاقتى  2014-4-15 16:10 static/image/common/back.gif
يادلاش دىمەك تونۇش دىمەكتۇر، چۈشىنىشتىن بىر دەرىجە ت ...

دىمەك مەن ئۆزۈمگە ئىشىنىشىم ۋە تايانىنىشم كىرەككەن تەبىيتىمدە بولمىغان نەرسىگە ئېسىلىۋالماي تەبىيتىمدە بار چېنىڭتۇرۇشۇم كىرەككەن تەلىم بەرگىنىڭىزگە رەھمەت   لىكىن بىر گېپىڭىز نى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز :

                           ئالتۇندەك كاللاڭ بولغۇچە ،چۇيۇندەك قوڭاڭ بولسۇن دەپ يازىدۇ بەزىلەر ھىكمەت خاتىرسىگە
               


                                                          مۇشۇ نىمە گەپ

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 16:43:09

:lol
بەت: [1] 2
: يادلاش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇشتىن ياردەم سورايمەن