xayih يوللانغان ۋاقتى 2014-3-10 18:34:24

ئەلشىر نەۋائىي

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xayih تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-10 18:36  

ئەلشىر نەۋايى

تۇرسۇن شەيخ

ھېچكىم كۆرۈپ باقمىغان ۋە تەسەۋۇر قىلىپ باقمىغان
ئەپلاتۇننىڭ جامىدا مەي ئىچكەن ئادەم
قانداقمۇ قانسۇن رېئاللىقتىكى شارابقا.
پەقەتلا تەسەۋۇر قىلىنغان لېكىن دۇنيادا مەۋجۇت بولمىغان
جانانغا كۆيۈپ قالغان ئەر
قانداقمۇ يەتسۇن جاھاننامە ئەينىكىدە كۆرۈنگەن جالاپقا.
كىمياگەرلىكنىڭ پەقەتلا ئېلىپ كېلىدىغىنى
مۇكەممەللىك ئەمەس بەلكى كامالەتتىنمۇ مۇقەددەس كەمتۈكلۈك
ھەم كۈندە يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان سەرسانلىق ئۇ ھالى خارابقا.

جاھاننامە ئەينىكىدە كۆرۈنگەن گۈزەل
جۇدا قىلغان چاغدا سېنى ئەقلى ھۇشۇڭدىن
سەنمۇ ئۇنىڭ ئەينىكىدە كۆرۈنگەن ئېزىتقۇدۇرسەن.
سەن توقۇغان قىسسىدىكى سىرلىق سارايلار
مەڭگۈ ئۆزگىرىشچان يوللىرى بىلەن توقۇماقتا سېنى
پەقەت سېنى باش ئاخىرى يوق ئېزىقىشلا قىلىدۇ خۇرسەن.
قەدىمكى دەۋىر ئەسلىمىلىرى ئايلىنىپ ئەكس ساداغا
قايتقان چاغدا روھىڭنىڭ ئەڭ چوڭقۇرىدىن
سەن ئەينەكتە ئەكىس ئەتكەن ئاخىرقى نۇرسەن.

ھېراتنىڭ قەدىمىي كوچىلىرىدىن
كېلىۋاتقان ئەزان ئاۋازى
كېسىپ ئۆتتى ھازىرنىڭ تۆمۈردەك قاتتىق مەۋجۇتلىقىدىن
يول ئالدى كەلگۈسىدىكى مەڭگۈلۈك تامان.
ئۆمرىدە نەچچە قېتىم جابدۇنۇپ ھەجگە
ئاخىر بارالمىغان ئەلشىر نەۋائى
مەن كۆردۈم ئۆتۈپ كەتتى ھېلىلا ئىشىك ئالدىدىن
چۈنكى ھەممە ۋاقت ئۇنىڭغا زامان، ھەممە جاي ئۇنىڭ ئۈچۈن ماكان.
مەۋجۇتتۇر ئۇ ھەممە شەكلىدە
ئىچكەندىن بېرى شارابىي ئەنتەھۇر
مەڭگۈ ئۆلمەسلىك كېسىلىگە بولۇپ گىرىپتار
كېزىپ يۈرەر شۇندىن بېرى
ئەۋۋەل بىلەن ئاخىر ئارىسىدا سەرسان سەرگەردان.


diktatur يوللانغان ۋاقتى 2014-3-11 17:17:06

تۆت بەش يىلنىڭ ئالدىدا ئەلشىر ناۋايىنىڭ ئەسەرلىرىگە ئوتتەك ئىشتىياق باغلاپ مەن دىگەن ئەلشىر نەۋايىنى تەتقىق قىلدىغان كىشى دەپ ئۇنىڭ ئۇچرىغانلىقى ئەسەرلىرىنى يىغۋاپتىكەنمەن ، مانا يىل ئۆتۇپ ئۇ ئىشتىياقمۇ سوۋۇپ قالدى .ئەمدى ئەينى چاغدا پۇلنىڭ كۇزىگە قارىماي ئالغان كىتابلىنى سېتىۋىتەيمىكى دەيمەن، 82 - يىلى نەشىردىن چىققان غەزەللەر دىگەن كىتاۋى بار ئېلىشنى خالايدىغانلار ئالاقىلىشىڭلار.
تىلپۇن ؛18942229652

nurbilig يوللانغان ۋاقتى 2014-3-11 17:58:35

diktatur يوللىغان ۋاقتى  2014-3-11 17:17 static/image/common/back.gif
تۆت بەش يىلنىڭ ئالدىدا ئەلشىر ناۋايىنىڭ ئەسەرلىرىگە ئ ...

نەچچە تەڭگە؟

xayih يوللانغان ۋاقتى 2014-3-11 19:38:50

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xayih تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-11 19:41  

ھەزرىتى نەۋايىنىڭ تۇرارگاھى خان قەسىرنىڭ تۈۋەن تەرىپىدە ئىكەن ،
بىر كۈنى بىر توپ چېقىمچىلار  پادىشاھ ھۈسەين بايقارانىڭ ئالدىغا كىلىپ، ئى كەرەملىك پادىشاھىم سىلى ئەلشىربەگنى پەزىلەتتە يىتىلگەن دەپ ماختايتتىلە ، ئەمما ئۇ  بىر بولسا بەچچە بىر بولسا خۇتۇنلار بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان كىشىكەن، بىز ئۇنىڭ ھوجرىسىدىن ناشايان گەپ سۆز ۋە سىمالارنى بايقىدۇق دەپ دات ئېيتىپتۇ.
پادىشاھ ھېچ بۇ گەپلەرگە ئىشەنمەي سىلەر قانداق بىلدىڭلار دەپ سوراپتۇ.
چېقىمچىلار بىر ئېغىزدىن بىز ئەلشىرنىڭ ھويلىسى بىلەن ھۇجرىسى ئارىسىدىكى تامدىن ئېچىلغان كىچىك بىر تۈشۈك ئارقىلىق ئۆز كۈزىمىز بىلەن كۆردۇق دىيىشىپتۇ.
ئەلقەسىسە؛ ھۈسەيىن بايقارا  يېرىم كېچىدە پاسىبانچە كىيىنىپ شائىرنىڭ ھۇجرىسىدىن ماراپتۇ. پادىشاھ ھەقىقەتەن نەۋايى ھۇجرىسىنىڭ تۈۋەنكى تېمىدا بىر مەنزىرىنىڭ يالتىراپ تۇرغانلىغىنى، ئۇنىڭدا جان ئالغۇچى پەرىۋەشنىڭ خىيالچان ئولتۇرغانلىغىنى كۈرۈپ ھەيران قاپتۇ.ھۈسەين بايقارا زەن سېلىپ قارىغىدەك بولسا، ئەلشىر نەۋايى بىر پەس خەتتىن بېشىنى كۈتۈرۈپ گۈزەل پەرىۋەشكە قاراپ نەزم ئېيتىۋاتقۇدەك:

مەن ھىرى شەھرىدە كۆردۈم بىر جانانە مەنزەرى،
مەنزەر ئىچرە ئولتۇرۇبدۇر ھۆرى يەڭلىغ بىر پەرى.

كىيىن ئۇنىڭغا قوللىرىنى ئۇزىتىپ، خىيالچان ھالدا نەزمىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ:

تۇردۇمۇ ئېندىم يېنىغا، بوينىغا سالدىم قۇلۇم،
ئىشۋەيۇ نازۇ-كەرەشمە بىرلە ئېيتۇر-كەت نېرى.

گۈزەلنىڭ شائىرغا شېئىرى جاۋاپ ئېيتقىنى پادىشاھنى تېخىمۇ ھەيرەتكە ساپتۇ:

دەستلەرى چاقلى بولغانلەر يېتەلمەيدۇ ھېچ ماڭا،
سەن كىمى جانانىدۇرسەن ياكى زەنگى كارگەرى.

شۇ چاغدا ھاياجانلانغان ئەلشىر نەۋايى بىر تۇتام پۇلنى دىلرەباغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئېيتارمىش:

مىڭ تۆمەنگە ئەرزىگەيمۇ بىر كىشىنىڭ قىممىتى.

پەرىۋەشتىن جاۋاپ كەلگۈدەك:

سەندە زەر بولسا ئالىپ كەتگىل،يىگىت سەن يا قېرى.

ئاخىردا شائىر شېئىرنى مۇنداق تۈگەللەپتۇ:

كىم ھىرات شەھرىگە بارسا ئول دىرەمسىز بارمىسۇن،
بېدىرەمگە بەرمەگەي يول ئول ھىراتنىڭ خوبلەرى.
ئەي نەۋايى، سەن غەنىمەت بىل خۇراسان خۇبلەرىن،
قەدرى زەر زەرگەر بىلۇر، قەدرى جەۋھەر جەۋھەرى.

بۇ ئەھۋاللارنى كۈرۈپ ۋە ئىشتىپ پادىشاھ گاڭگىرىغان ھالدا ئوردىغا قايتىپ كەپتۇ. ھۈسەين بايقارانىڭ يارلىغى بۇيىچە ئەتىسى ياساۋۇللار شائىرنى كەلتۈرۈپتۇ. شۇ چاغدا پادىشاھ:
ھەمىشە بىزگە ئۈگۈت-نەسىھەت قىلاتتىڭىز. ئەمدى قولغا چۈشتىڭىز. كېچە بىر نامەھرەم بىلەن ھەزلۇ-مۇناسىۋەت قىلغىنىڭىزنى ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆردۈم، - دەپتۇ.
پادىشاھتىن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتكەن شائىر ئېيتىپتۇ:
ئەي بۈزرۈكۋارىم، بۇ دەملەردە مەن « بەھرام ۋە دىلئارام » نى يېزىۋاتقانمەن. ئۇنىڭ سۈرىتىنى ئېنىق تەسەۋۋۇر قىلماي ماختاۋەرسەم كىشىلەر ئىشەنمەس ئىدى. شۇ ڭا ئۇنىڭ كۆرىنىشىنى تامغا سىزغانمەن. سىزنىڭ كۆرگىنىڭىز ئەمىليەتتە دىلئارام بىلەن پېقىرنىڭ  خىيالى سۆھبىتىدۇر.
ھۈسەيىن بايقارا بۇرۇن زادىلا ئىشتمىگەن گەپلەرنى شائىردىن ئاڭلاپ گۇمانخورلىغى ۋە ماراقچىلىغىدىن ئۇيىلىپتۇ.




xayih يوللانغان ۋاقتى 2014-3-11 21:03:32

ئەلشىر نەۋايى خوجا يۈسۈپ بۇرھانىدىن قاتارلىق زامانىسىنىڭ مەشھۇر  سازەندىلىرىدىن مۇسىيقا ئۈگۈنۈپ كىيىنكى كۈنلەردە  ئاجايىپ مۇزىكانت بۇلۇپ يىتىشىپتۇ،
شائىر يالغۇز چېلىش بىلەنلا قالماي، يەنە ئەينى دەۋىردە پۈتكۈل خۇراساندا داڭقى بار مەشھۇر ئەلنەغمىچى قۇلمۇھەممەد ئودنىمۇ تەربىيلەپ چىققان ئىكەن.
نەۋايىنىڭ مۇسىيقا ئىلمىدىكى تۆھپىلىرى ھەققىدە " تەۋارىخى مۇسقۇيۇن "  دا مۇنداق دېيىلگەن:
( مۇزىكا ئىلمىنىڭ) سەككىزىنچى پىرى ھەزرىتى ئەمىر نىزامىدىن ئەلشىر نەۋايىدۇر، بۇ ئەزىزنىڭ ھەممە پەزىل - شاراپەتلىرى ئۈزى يازغان شېئىر كىتابلىرىدىن ئايان. مەن ئۇنىڭ "كۇللىيات" ، « چاھار دىۋان » ، « خەمىسە » سىدىن، ھەم بۇلاردىن باشقا ئىلگىرى-كىيىن، ئاز-كۆپ بۇلۇپ پۈتكەن ئوتتۇز ئالتە پارچە كىتابىدىن بەھىرى ئېلىپ، ئۇنىڭ خىسلەت ۋە ئىشقى مۇھاببىتىدىن خەۋەردار بولدۇم. ئۇ مۇشۇنداق قىممەتلىك ئىلىملەرنىڭ ئۈستىگە يەنە  ئۇستازى بولغان ھەزرىتى جامىيدىن مۇسىيقا ئىلمىنى ئۈگۈنۈپتۇ.  ھەر كېچىسى ساتار ياكى تەنبۇر چېلىپ، ئۈزى يازغان غەزەللەر بىلەن ھەمىد ئېتىپ بىھۇش بۇلۇپ مكىتىدىكەن. ئۇ «ناۋا» دىگەن بىر مۇقامنى ئىجاد قىلىپ ئالەمگە تارقىتىپتۇ.

diktatur يوللانغان ۋاقتى 2014-3-12 05:02:39

nurbilig يوللىغان ۋاقتى  2014-3-11 17:58 static/image/common/back.gif
نەچچە تەڭگە؟

يۇز تەڭگە، تۇشۇش ھەققىنى قوشماي .
بەت: [1]
: ئەلشىر نەۋائىي