mart22 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 20:45:31

ئايرۇپىلان يوقاپ كەتتى [بىۋاستە تېز خەۋەرلەر]

ئامىرىكا سىملىق تىلىۋىزىيە تورىنىڭ 8 چىسلادىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، مالايسىيە ئايرو ترانسپورت شىركىتى  بوئېن 777-200 تىپلىق 239 يولۇچى باسقان بىر يولۇچىلار ئايرۇپىلانى كۇئالالامپۇردىن بىيجىڭغا ئۇچۇپ 2 سائەت ئۆتكەندە تىرانسىپورت شىىركىتى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى دەلىللىدى. بۇ ئايرۇپىلانغا 239 يولۇچى ئولتۇرغان بولۇپ ، 153 نەپەر جوڭگولۇق بار ئىكەن . ( شىنجاڭلىق رەسسام مەمەتجان ئابلا مۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە .)
مالايسىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى CNN نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ، ئايرۇپلانغا 7 سائەت ئۇچۇشقا يەتكىدەك ماي قاچىلانغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئايرۇپلاننىڭ مىيى تۇگىگەنلىكىنى بىلدۇردى.
مالايسىيە ھۆكىمەت تەرەپنىڭ 8 چىسلا دەلىللىشىچە ، 24 رەسسام ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىدىن بولۇپ 30 تىن ئارتۇق جوڭگو پۇخراسى ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان MN370 ناملىق ئايرۇپىلاندا ئىكەن. جوڭگونىڭ بىيجىڭ، شاڭخەي، شەندۇڭ، جىاڭسۇ، سىچۇەن ۋە شىنجاڭ قاتارلىق جايلىرىدىن كەلگەن 24 كىشىلىك سەنئەت ئۆمىكى،  5 چىسلا مالايسىيە پايتەختى كۇئالالامپۇردا ئۆتكىزىلگەن رەسىسام خەتتاتلار پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشقان. شىنجاڭلىق رەسسام مەمەتجان ئابلا مۇ مۇشۇلارنىڭ ئىچىدە ئىكەن. مەمەتجان ئابلا 1979- يىلى شىنجاڭ مارالبىشىدا تۇغۇلغان ، شىنجاڭ گۈزەل-سەنەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى، 2001 - يىلى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋىرسىتىنىڭ گۈزەل سەنەت فاكۇلتۇتىنىڭ گۈزەل سەنەت مائارىپى كەسپىنى  پۈتتۈرۈپ ، شىنجاڭ پىداگوگىكا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىغا تەقسىملەنگەن. يىقىندا تور بوشلۇقىدا مالايسىيەدە مۇكاپاتقا ئىرىشكەنلىكى تەبرىكلەنگەن.

سۇرەتتە 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ مۇكاپاتقا ئىرىشكەن مەمەتجان ئابلا.

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-3-9 08:27):
    مەمەتجان ئابلا قەشقەر پىدگوگىكا مەكتىپىنىڭ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى .

arqin يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 23:00:44

ھېلىقى ۋاقىت كارىدورىغا كىرىپ غايىپ بوپ كەتتىمىكى دەپ گۇمانىم كەپ قالدى ، شۇنچە ئىلغار تېخنىكىلار سۈنئىي ھەمرالار شالاققىدە تاپالمايۋاتسە ، كىچىك پىكاپلارنىمۇ كۆرگەن يەردە ماۋۇ چوڭ ئايروپىلان ئاقتىمۇ يوق ، كۆكتىمۇ يوق ... سەل ئەنسىرەپ قالدىم !

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 23:09:16

ئاللا پاناھىدا ساقلىغاي

turken يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 23:14:11

يوقاپ  كەتكەن  دىڭىز  رايۇنىدا  ماي  ئىزى  بايقىلىپتۇ

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 23:21:17

شىنجاڭ پىداگوگىكا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىغا تەقسىملەنگەن
قەشقەر پىداگوگىكا مەكتىپىدۇ؟
مەن ئوقۇغان تولۇق ئوتتۇرا شۇ قەشقەر پىداگوگىكا مەكتىپدە ئىدى، بۈگۈن ئۈندىداردىدا تارقالغان سۈرىتىنى كۆرۈپ كۆزۈمگە بەك تونۇش بىلىندى. ئەسلەپ باقسام شۇ چاغدا بىر مەكتەپتىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم سىنىپلىرىغا دەرس بېرىدىغان ياش ئوقۇتقۇچى شۇكەن.  ئاللاھ نىچ-ئامان قىلغاي!

bibaris يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 00:18:48

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە قارىغاندا,ئىككى يولۇچى باشقىلارنىڭ ئوغرىلانغان پاسپورتىنى ۋە ئايرۇپىلان بىلىتىنى ئىشلىتىپ ,يوقاپ كەتكەن ئايرۇپىلانغا چىققانمىش

kuchtunggur يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 00:35:00

مەنمۇ بۇ ئايروپىلاننى ۋاقىت كاررىدورىغا كىرىپ قالغانمىكىن،دەپ گۇمان قىلىمەن،
بۇنداق ۋاقت كاررىدورىغا كىرىپ قېلىپ،كىيىن يەنە تېپىلغان  نەرسە-كېرەك،ئادەملەرگە ئائىت ئىشلار پات-پاتلا يۈزبەرگەن،ئەگەر راستلا شۇنداق بولسا بۇ ئايروپىلان ئېھتىمال بىرقانچە كۈن،بىرقانچە ئاي،بىرقانچە يىل،ياكى 8-10يىل،بولمىسا 40-50يىلدىن كىيىن قايتا تېپىلىدۇ،«سىلەر يۈتۈپ كەتكەن،قايتا تېپىلدىڭلار...»دىسە،«بىز نەدە يۈتۈپ كېتىمىز،ۋاقتىدا كەلدۇققۇ»دەپ،ئۆزلىرىنىڭ يۈتۈپ كەتكەنلىگىگە  قەتئى ئىشەنمەيدۇ،ماددى پاكىتنى كۆرسەتكەندە ئاندىن ئىشىنىدۇ.
ئېھتىمال ئۇلار مەڭگۈ تېپىلماسلىغىمۇ مۈمكىن.چۈنكى ئالەمدە نەچچە يۈز مىللىيارد چاستوتا مەۋجۈت،(ھەربىر ئادەممۇ ئەمەلىيەتتە بىر چاستوتا،ھەربىر شەيئىنىڭ ئايرىم چاستوتىسى بار،سىزنىڭمۇ بىر چاستوتىڭىز بولىدۇ،مېنىڭمۇ شۇنداق،يەنە بىر ئادەمنىڭمۇ ھەم شۇنداق)لىكىن ئۇلار يۈتۈپ كەتسىمۇ يەنىلا ھايات،چۈنكى ئۇلار پەقەتلا ئالەمنىڭ باشقا چاستوتىسىغا كىرىپ قالغان بولۇشى مۈمكىن.
توغرا چاستوتىغا ئۇدۇل كەلسە. قايتىپ كىلىدۇ.ئەگەر ئۇنداق ۋاقت كاررىدورىغا كىرىپ قالمىغان بولسا ھادىسىگە ئۇچىرىغان بولۇشى تەبىئى.

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 01:16:42

فانتازىيەلىك فىلىملەرنى كۆپ كۆرىۋەتتىڭلەرمۇ نىمە ... :)

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 01:16:46

ئايرۇپىلان چۈشۈپ كەتكەنلىكى دەلىللەندى دەپ خەۋەر كەپتۇ بايا :(

musajan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 08:38:37

ئايرۇپىلاندا 150تىن كۆپرەك دۆلىتىمىزنىڭ پۇقرالىرى بار.(مەمەتجانمۇ مۇشۇ 150 ئادەمنىڭ ئىچىدە)
ھەي بۇ بۇرادىرىمىز رەسسامچىلىقىمىزدىكى كۆزگە كۆرۈنۋاتقان ھەم كۆرۈنگەن داڭلىق رەسسام ئىدى.
قانداق قىلىمىز؟بالا-قازانىڭ ئالدىدا بىزنىڭ قۇلىمىزدىن نىمە كىلىدۇ؟
لىكىن ھازىرچە تىخى بۇلارنىڭ قازا تاپقانلىقى تۇغرىسىدا ئىنىق مەلومات يوق.
بۇ بۇرادىرىمىزنىڭ رەسىملىرى:







كىچىدىن كۆزۈمگە ئويقۇ كەلمىدى،قىلىدىغان ئىشىم تور بەت يىڭىلاش،ئەڭ يىڭى خەۋەرنى كۆرۈش،ھەر قىتىم كۆرگەن ۋاقتىمدا بىرەر خوش خەۋەر بولسىكەن دەيمەن،لىكىن ئاچقاندىن كىيىن ئۈمىدسىزلىنىپ قالىمەن.

Antonio يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 08:52:47

ۋاقىت كارىدورى دىگەن كىنۇ ئۈچۈن ئىنسانلا توقۇغان نەرسە، ..
ھازىرچە بىز ئاللادىن ئاشۇ قېرىندىشىمىزنىڭ ئامانلىقىنى تىلەيلى.....

mart22 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 08:54:59

2009-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى،  فىرانسىيە ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ 447 نۇمۇرلۇق ئايرۇپىلانى يوقاپ كەتكەن .  بوشلۇق ئاپتىبۇسى (Airbus A330-203) تىپلىق ئايرۇپىلان 216 يولۇچى ۋە 12 ئايرۇپىلان خادىمىنى ئىلىپ بىرازىلىيەنىڭ رىئودى ژانىرودىن پارىژغا ئۇچقان بولۇپ ، 6-ئاينىڭ 1-كۇنى سەھەردە ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان. 6-ئاينىڭ 7- كۈنى  بىرقسىم ئايرۇپىلان پارچىلىرى ۋە 29 ئادەمنىڭ جەسىتى بايقالغان. فىرانسىيە ئاۋىئاتسىيەسى 2011-يىلى 5-ئايدا ئايرۇپىلاننىڭ ئىككى قارا قۇتىسىنى تىپىپ ۋەقە سەۋەبىنى تىپىپ چىققان.

yuwax0999 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 09:18:24

ئەجەل كەلگەندە جاننى قەيەردە بولسا ئىگىسىگە تاپشۇردىغان گەپكەن ،رەھمەتلىك مەمەتجان ئابلانىڭ جەسىدىنىڭ تىنىچ ئوكياندا قالىدىغانلىغىنى ئۆيلاپ باقمىغان بولغىيتى ..

mihman123 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 09:33:54

لەھەڭلارغا يەم بۇلۇپ كەتمىگەندۇ -بۇ ئەجىلى تۇشقان ئىنسانلار...................

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 09:49:59

مەمەتجان ئابلا ۋە باشقا يولوچىلاردا ئېلىشى بارلار كىرىپ قالمىغاندۇ؟ئۆلدىگە چىقىرىپ لەھەڭگە يەم قىلىپ ئويۇن چىقارغۇچە شۇلارنىڭ ئامانلىقىنى تىلەپ قويايلى،ھەر كىمنىڭ ۋاقتى-سائىتى بەندىنىڭ قولىدا ئەمەس،لېكىن 200نەچچە ئائىلىنىڭ بەختى مۇشۇنىڭ بىلەن خانىۋەيران بولۇشى مۇمكىن

yuwax0999 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 09:57:24

yigana523 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-9 09:49 static/image/common/back.gif
مەمەتجان ئابلا ۋە باشقا يولوچىلاردا ئېلىشى بارلار كىر ...

رىئالىققا تەن بىرەيلى ئۇلارنىڭ ھايات قىلىشىدىن پۇتۇن دۇنيا ئومۇد ئۇزگەن تۇرسا سىز تىخى ئۇمۇد ئۇزمىدىڭىزمۇ؟
-بىز ئويۇن قويمىدۇق ،ئىككى يۇزدىن ئۇشۇق ئىنساننىڭ بەخىتسىزلىككە ئۇچرىغانلىقىغا ئىچىنىۋاتىمىز ،خاتا چۇشۇنۇپ قاپسىز.

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 10:16:07

ئاخشام تېپىلىپتۇ دېگەن بىر يالغان خەۋەرمۇ تارقالدى توردا.

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 10:37:20

ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكۈچە  پاراشۇت بىلەن سەكلىۋالدىغان تەييارلىقمۇ يوقمىدۇ ؟ ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالسا  تىلفۇننى ئىچىپ  ئالاقىلەشسە بولمامدۇ

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 10:45:13

دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەننى ئاسان تاپقىلى بولماسمىكىن ،ئاساسى گەۋدىسى سۇنىڭ ئاستىغا چۈكۈپ كەتسە، سۇ يۈزىدە پارچە قالدوقلىرىدىن  باشقا ئىزى قالمىسا.تەستىرەك تېپىلىش مۇمكىن.

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 10:55:05

قېرىندىشىمىزنىڭ خەۋىرىنىڭ بالدۇرراق تېپىلىشىنى تىلەيمەن

ئاگاھلاندۇرۇش : ۋەقەنى ئۇيغۇرغا باغلاپ ئۆزىچە سېسىق گەپ قىلىۋالدىم دىگۈچىلەرنىڭ ئىنكاسى ئۆچۈرۈلدى . ئەمدى قانداقلا ۋەقەنى ئۆزىچە ئۇيغۇرغا باغلاپ باققۇسى كېلىدىغانلارنىڭ ئىنكاسى ئۆچۈرلۈپ 3 كۈنلۈك چەكىلىنىدۇ . ھازىرچە ئۇيغۇرغا كېلىۋاتقان تۆھمەت يىتەرلىك ، شۇڭا ئۆز ئىچىمىزدىن كىلىدىغان تۆھمەتلەرگە زاكاز يوق بەلكى قاتتىق چارە بار ..... ئاقمايدىغان تەسەۋۋۇرۇڭلارنى باشقا ئىشلىتىڭلار
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8 9 10
: ئايرۇپىلان يوقاپ كەتتى [بىۋاستە تېز خەۋەرلەر]