nawkeran يوللانغان ۋاقتى 2014-3-10 12:42:46

ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ تىل يېزىق توغرىسدىكى ھۆججىتى ( ش ھ ئى [2011] 57 – نۇمۇر...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nawkeran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-3-10 12:45

          تور ئارلاۋېتىپ ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ 2011-يىلى 5-ئايداتارقاتقان تىل – يېزىق توغرىسىدىكى بۇ ھۆججىتىنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم ، لىكىن ئەسلى ھۆججەت خەنزۇچە بولغاچقا ، شۇنچە ئىزدەپمۇ ئۇيغۇرچىسىنى تاپالمىدىم ، شۇ سەۋەپتىن ئۇزەمنىڭ كۇچى يىتىشچە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قۇيدۇم . سەۋەبى ھەممىمىزنىڭ ئانا تىلىمىزنى قانۇن بۇيچە قوغداش ،ئىشلىتىش ۋە ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۈپ بىرىشتەسىز نىڭ، مىنىڭ ۋە ھەر بىرئۇيغۇرنىڭمەجبۇريىتى ۋە ھۇقۇقى بار.. سەۋىيەم چەكلىك بولغاچقا خاتالىقتىن خالى بۇلۇش مۇشكۇلدۇر ،كۆپچلىكىنىڭ تەكلىپ پىكىر بىرشىنى سورايمەن ...........

               شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ئۇيغۇرچە ،خەنزۇچە ئىككى خىل تىل – يېزىقنى ئىشلىتىشنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش
                                                                            توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش

                                                                     ( ش ھ ئى 57 – نۇمۇرلۇق )

          ئىلى قازاق ئاپتۇنۇم ئوبلاستى ، ھەر قايسى ئوبلاست ،شەھەر،ناھىيەلىك خەلىق ھۆكۇمەتلىرى ، ھەر قايسى مەمۇرى مەھكىملەر ، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلىق ھۆكۇمىتىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى ۋە بىۋاستە قاراشلىق تارماقلارغا :
         ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز كۆپ مىللەتلىك .كۆپ خىلتىللىق ،كۆپ خىل يېزىقلىق رايۇن . پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تىل يېزىق سىياسىتىنى ئۇمۇميۇزلۇك ئىزچىللاشتۇرۇپ ، ئۇيغۇرچە ( ياكى باشقا ئاز سانلىق مىللەت تىل يېزىقىنى) ( تۈۋەندىكىسىمۇ شۇنداق دىيىلدۇ )،خەنزۇچە ئىككى خىل تىل – يېزىقنى توغرائىشلىتىش بولسامىللەتلەر ئىتتىپاقىلىغىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ،جەمىيەتنىڭ مۇقۇملىقىنى قوغداشتائىنتايىن موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . ئىقتىساد ۋە جەمىيەتنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلىشغائەگىشىپ ، بىر قىسىم ئۇرۇن- ئىدارەۋەتەشكىلاتلارنىڭتىل – يېزىق ئىشلىتىشى قېلىپلاشمىغان ،ئۇيغۇرچە ،خەنزۇچە ئىككى خىل يېزىقنىبەلگىلمە بۇيچە ئىشلەتمەي ، ئۇيغۇرچە ،خەنزۇچە ئىككى خىل يېزىقنى بىرلا ۋاقىتتا ئىشلەتكەندە   تاشلاپ قۇيۇش ، توغرا تەرجىمە قىلماسلىق ، تەرتىپى ئۆلچەملىكبولماسلىق ئەھۋاللار يۇز بىرىپ ، جەمىيەتتە ناچار تەسىر پەيدا قىلدى.
<< جوڭخۇاخەلىق جۇمھۇرىيتى دۆلەت ئورتاق ئىشلىتىلدىغان تىل – يېزىق قانۇنى >> ، << شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ تىل – يېزىق خىزمىتى نىزامى >> گە ئاساسەن ، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ تىل – يېزىق خىزمىتىنى يەنىمۇ كۇچەيتىپ ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تىل – يېزىقنى ئۆلچەم بۇيچە توغرا ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ،مۇناسىۋەتلىك بەلگىملەرنىتۇۋەندىكىدەك ئۇقتۇرمىز ( تەكىتلەيمىز):
          بىرىنچى ، دۆلەت ئورتاق تىلنى ئۇمۇملاشتۇرۇپ ،خەنزۇچە خەتنى قېلىپلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردۈ . ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تىل – يېزىقىنى ئىشلىتىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ئەركىنلىكى بار ؛ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل – يېزىقىنى ئىشلىتىشنىڭ ئاساسى بولسا << ئاساسى قانۇن >>، << مىللى تېرتۇريېلىك ئاپتۇنۇمىيە قانۇنى >>ۋە باشقا قانۇن نىزاملاردىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىملەر دۇر ؛ دۆلەت ئورگانلىرى خەنزۇچە ئورتاق تىل ۋە خەنزۇچە خەتنى قېلىپلاشتۇرۇشنى ھۆكۇمەت ئىشلىردا ئىشلىتىدۇ، قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا .
      ئىككىنچى ، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ئورگانلار( ئاپتۇنۇمىيە ئورگانلىرى) ۋەزىپە ئىجىرا قىلغاندا ، ئۇيغۇرچە – خەنزۇچە ئىككى تىل – يېزىقنى بىرگە ئىشلىتىدۇ؛ ئېھتىياجغا ئاساسەن بىرلاۋاقىتتا يەنە باشقا بىر مىللەتنىڭ تىل – يېزىقىنى ئىشلىتىش زۇرۇريىتى بولغاندا، ئاپتۇنۇم ئوبلاست ،ئاپتۇنۇم ناھىيە ئورگانلىرى ( ئاپتۇنۇمىيە ئورگانىلىرى ) ۋەزىپە ئىجىرا قىلغاندا ،ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا ئورتاق ئىشلىتىلدىغان ئۇيغۇرچە – خەنزۇچە ئىككى تىل – يېزىقنى بىرگە ئىشلىتىش بىلەن بىرگە ، شۇ رايۇندىكى مىللەتلەرنىڭ تىل –يېزىقىنى بىرگە ئىشلىتىش، يەنە ئېھتىياجغا ئاساسەن ، شۇ ئۇرۇندىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ تىل –يېزىقىنى بىرگە ئىشلىتىشكەبۇلدۇ ؛ بىرلا ۋاقىتتا بىر نەچچە خىل تىل-يېزىقنى ئىشلىتىپ ۋەزىپە ئىجىرا قىلغاندا، شۇ رايۇندىكى ئاپتۇنۇمىيەلىك مىللەتلەرنىڭ تىل – يېزىقىنى ئاساس قىلىشى كىرەك.
      ئۈچىنچى ، ئورگان ، تەشكىلات، كارخانا-كەسپى ئۇرۇنلار ئاپتۇنۇم رايۇن ( ئوبلاست ، ئاپتۇنۇم ناھىيە) خارەكتىرلىك ۋە يەرلىكتىكى يىغىنلارنى ئاچقاندا ،يىغىن قاتناشچىلىرنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ، بىر خىل ياكى بىر نەچچە خىل تىل-يېزىقنى ئىشلەتسە ، بۇلۇپمۇ يىغىن تارقاتقان ھۆججەت ماتىرياللار چۇقۇمئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ئىككى خىل تىلدا بۇلۇشى كىرەك . موھىم يىغىنلاردىكى يىغىن بەلگىلىردە بىرلا ۋاقىتتا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يېزىقى ۋە خەنزۇچە يېزىق تەڭ ئىشلىتىلدۇ.
      تۆتىنچى ، ئورگان ، تەشكىلات، كارخانا-كەسپى ئۇرۇنلارئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ، ئىشچى قۇبۇل قىلىش ، خىزمەتچى قۇبۇل قىلىش ۋە تېخنىكا باھالاش ، ئىنۋان باھالاش ، دەرجىسنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق پائالىيەتلىردە ، شۇ رايۇندا ئورتاق ئىشلىتىلدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل – يېزىقىنى ۋە خەنزۇ تىلنى ئىشلەتكەندە تەڭ ئىشلىتىشياكى ئايرىم –ئايرىم ئىشلىتىش كىرەك . دۆلەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ ئايرىم بەلگىلىمىلىرى بارلىرى بۇنىڭ سىرتىدا .
          بەشىنچى، جەمىيەتتە يېزىق ئىشلىتىشتەخەنزۇ تىلى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يېزىقىنى بىرلا ۋاقىتتا ئۆلچەملىك ئىشلىتىش ، ئىشلەتكەندەنىسپىتى مىۋاپىق ، كۆركەم ،تەرجىمىسى توغرا بۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كىرەك .
      جەمىيەتتە يېزىق ئىشلتىشتە ئاساسلىقى   ئورگان ، تەشكىلات، كارخانا-كەسپى ئۇرۇنلارنىڭ تامغىسى ، ۋىۋىسكا (نام تاختىسى)، كىنىشكە ۋەئۇرۇن نامىدىكى كونۋېرىت ،ھۆكۇمەت ئالاقە قەغىزى قاتارلىقلاردا ،ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز دائىرسىدىكى يۇقۇرغا يوللىندىغان ۋە تۇۋەنگە تارقىتىدىغان تۈرلۈك ھۆججەت ،ئالاقە ، ئۈگۈنۈش ماتىرياللىرى ۋە تەشۋىقات ماتىرياللىرى ( ئېھتىياجغا ئاساسەن شۇ ئۇرۇندا ئورتاق ئىشلىتىدىغان بىر خىل ياكى بىر نەچچە خىل يېزىق ) نى ؛ ئاممىۋى سورۇن ، جامائەت ئەسلىھەلىرى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەتكە ئىشلىتىدىغان بەلگە تاختىسى ، جامائەت ئېلانى ، پاسىل تاختىسى ، يول بەلگىلىرى، قاتناش بەلگىلىرى ۋە ئاپتۇمبىللارغا بېسىلغانئۇرۇن نامى ، بىخەتەرلىك بەلگىلىرى ، رايۇنىمىزدا ئىشلەپچىقىرىلغان ھەم رايۇنىمىزدا سېتىلدىغان مەسھۇلاتلارنىڭ نامى ، چۈشەندۈرلىشى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.
       ئاممىۋى سورۇنلار بولسا خەلىق ئاممىسىنى ئاساسى ئوبىكتقىلغانسودا خارەكتىردىكى تىجارەت ئۇرۇنلىرى ياكى ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت تەمىنلەيدىغان سورۇن ،ئامما ئۈچۈن تەمىنلىگەن خىزمەت ، ئۈگۈنۈش، ئىقتىزاد، مەدىنيەت، ئالاقە، كۆڭۈل ئېچىش ، تەنتەربىيە ، ئىكىسكۈرسىيە، داۋالاش، سەھىيە، ئارام ئېلىش ، ساياھەت ۋەتۇرمۇش ئېھتىياجى ئۈچۈن ئىشلىتىلدىغان بارلىق ئاممىۋى قۇرلۇشلار، سۇرۇنلار ۋە باشقا ئەسلىھەلەرنىڭ ئۇمۇمى ئاتىلىشىدۇر. مەسلەن : ئاممىۋى قاتناش قۇراللىرى ۋە ئاپتۇمبىل ( كىمە ، ئايرۇپىلان ) ساقلاش زالى ، بىلەن سېتۋېلىش زالى ؛داۋالاش ئاپىراتلىردىكى ساقلاش رايۇنى ، داۋالاش رايۇنى، كىسەلخانا ؛ كىنوخانا، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى ، سىنئالغۇ قۇيۇش زالى ، ئۇيۇنچۇقخانا؛ تۇرلۈك تەنتەربىيە سارىيى ؛ ساياھەت نوقتىلىرى ؛ مەكتەپ ، كۈتۈپخانا، قىرائەتخانا ،كىتاپخانا ،موزىي ،كۆرگەزمىخانا ،پەن-تېخنىكا سارىيى ،گۈزەل –سەنئەت سارىيى ،ئارخىپخانا ،ئۆسمۇرلەر سارىيى؛ ئاممىۋى مەيدان ، باغچا ؛ سودا ساراي ، تاللا بازىرى ،مىھمانخانا ، مىھمانساراي ، رېستۇران ؛تۈرلۈك تىجارەت ئورنى ؛ دىنى پائالىيەت سورۇنى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ .
      ئالتىنچى ، ۋىۋىسكا ( نام تاختىسى ) ، تامغىدىكى يېزىقنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش
      (1)        خەت رەڭگى ۋە ئۆلچىمى .   رەسمى قائىدە (ئادەت) بۇيچەھەر دەرجىلىك پارتىكوم ئورگانلىرىنىڭ نام تاختىسدىكى خەتنىڭ رەڭگى قىزىل رەڭدە ؛ ھەر دەرجىلىك خەلىق قۇرۇلتىيى، ھۆكۇمەت، سىياسى كىڭەش ، ئەدىليە ئورگانلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار، كەسپى ئۇرۇنلارنىڭ نام تاختىسدىكى خەتنىڭ رەڭگى قارا رەڭدە بۇلدۇ.ئۇيغۇرچە (مىللى )يېزىق تىكىستيازما باسما نۇسخسىدا ، خەنزۇچە يېزىقى سۇڭ ئۇسلۇبىدىكى خەت نۇسخسىدا يېزىلدۇ. نام تاختىسىدىكى يېزىق بىلەن تامغىدىكى خەتلەر بىردەك بۇلىشى كىرەك، نام تاختا ماتىريالى ۋە چوڭ- كىچىكلىكىقۇرلۇشنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا ئاساسەن بىكىتلسە بۇلدۇ.
       (2)        يېزىقنىڭ تەرتىپى . يۇقىرى – تۇۋەن تەرتىپىدە ___ ئۇيغۇرچە يېزىق ئۈستىدە ، خەنزۇچىسى ئاستىدا ، چەتئەل يېزىقى بولسا خەنزۇچىسنىڭ ئاستىدا ؛ئوڭ – سول تەرتىپىدە _____ ئۇيغۇرچە، قازاقچە ،قىرغىزچە يېزىقلارئوڭ تەرەپتە ، خەنزۇچىسى سول تەرەپتە ، چەتئەل يېزىقى بولسا خەنزۇچسىنىڭسول تەرىپىدە؛ مۇڭغۇل ، شىبە يېزىقلىرى سول تەرەپتە، خەنزۇچە يېزىق ئوڭ تەرەپتە، چەتئەل يېزىقى بولسا خەنزۇچسىنىڭئوڭ تەرىپىدە ؛ يۇملاق شەكىلدىكى تامغا بولسا ئۇيغۇرچىسى سول تەرەپتە، خەنزۇچىسى ئوڭ تەرەپتە بۇلدۇ.
      يەتتىنچى ، يېزىق تەرجىمە قىلىش ۋە تەكشۈرۈپ بىكىتىش .ئورگان ، تەشكىلات، كارخانا-كەسپى ئۇرۇنلارنىڭ تامغىسى ، ۋىۋىسكا (نام تاختىسى)، كىنىشكە ۋەئۇرۇن نامىدىكى كونۋېرىت ، ھۆكۇمەت ئالاقە قەغىزى قاتارلىقلار ، ئاممىۋى سورۇن ،ئاممىۋى ئەسلىھەلەر ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىندىغانلار ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىنى ئىشلەتكەندە ، شۇ جايدىكى تىل – يېزىقنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلاربىلەن ئالاقىلشىپ ، تەرجىمىسنىڭ توغرا بۇلىشىغا ، خېتىنىڭ ئۆلچەملىك بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كىرەك.
       ھەر قايسى ئۇرۇنلار ، تارماقلار ئۇيغۇرچە - خەنزۇچەتىل يېزىقنى ئۆلچەملىك ئىشلىتىشكە يۇكسەك دەرجىدە ئەھمىيەت بىرىشى ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ ،ئۈگۈنۈش تەشۋىقات خىزمىتىنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ ، بەلگىلمە تۈزۈملەرنى تۇللۇق مۇكەممەل ئورنىتىپ ، ئۆز جايدىكى ئۇرۇن ۋە تارماقلارنىڭ تىل-يېزىق ئىشلىتىش خىزمىتىنى دائىملىق تەكشۇرۇشكە تەشكىللەپ ، ئۆلچەملىك بولمىغان ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا تۈزتۈپ ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدى ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياخشى بولغان تىل – يېزىق موھىتى يارتىشىكىرەك.

                            شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلىق ھۆكۇمىتى ئىشخانىسى ( بەنگۇڭتىڭى)
                                                      2011-يىل 5-ئاينىڭ 3-كۈنى


مەنبە : http://xxgk.xjtc.gov.cn/contentx.asp?id=1910
http://www.xjyn.gov.cn/a/zhengfuwenjian/20111212/103.html
http://code.fabao365.com/law_557384.html
http://www.xjbz.gov.cn/zwgk/zfwj/xsgw.asp?title=bzb&year=2011&no=37
نەۋقىران يوللىدى .


paltahun يوللانغان ۋاقتى 2014-3-10 16:39:08

ماۋۇتەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ئەجەپ ئىچىمنى پۇشۇردى ، مالايسىياغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنىڭ ھەممىنىمالايشىيا دەپ يېزىۋاتىدۇ .

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-3-10 17:12:39

بــــــــانكىمـــــــــــــون .پەن جى ۋىن ئەمەس

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-3-10 22:15:41

ئۆتكەن ھەپتە تاماق يەپ ئولتۇرسام ياندىكى ئىككى خانىم پاراڭلىشىۋېتىپ مالاي..مالايشىيامۇ؟ دەپ تاپالماي قالدى، ئۇيغۇرچىسىنى دەۋەتسەم بىرى، «مەن ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولمىسا..» دەيدۇ.:funk:

august يوللانغان ۋاقتى 2014-3-10 22:41:16

paltahun يوللىغان ۋاقتى2014-3-10 16:39 static/image/common/back.gif
ماۋۇتەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ئەجەپ ئىچىمنى پۇشۇردى ، م ...

ھازىرقى يېڭى ئىملا قائىدىسىدە «مالايسىيا»نىڭ ئىملاسى «مالايشىيا» دەپ بېكىتىلىپتۇ.

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2014-3-10 23:11:01

august يوللىغان ۋاقتى2014-3-10 22:41 static/image/common/back.gif
ھازىرقى يېڭى ئىملا قائىدىسىدە «مالايسىيا»نىڭ ئىملاس ...

ئۇيغۇر سوفىت لۇغىتىدە مالايسىيا دەپ ئېلىنىپتۇ ، يەنە خەلق تورىنىڭ ئۇيغۇرچىسىدا مالايسىيا دەپ ئېلىنىپتۇ.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-11 10:21:11

تېل-يېزىق توغرىسىدىكى بۇ ھۆججەت ئاپتونومىيە قانۇنىدىن چوڭ ئەمەس، شۇنداق چوڭ ئاپتونومىيە قانۇنىينىڭ بىزگە بولغان رولى قانچىلىك بولىۋاتىدۇ، بۇ ھۆججەتنىڭ رولى قانچىلىك بولماقچى؟

HeQQuli يوللانغان ۋاقتى 2014-3-11 10:35:48

ئېغىزدادىيانەت ؛ ئەمەلدەخىيانەت ...

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 17:47:55

ئادەتتە مەن ھەر قانداق چەتتىن كىرگەن سۆزنى تەرجىمە قىلسام، شۇ سۆزنىڭ ئەسلى ئىگىسى بولغان مىللەت يىزىقىدىكى ئاھاڭ بويىچە تەرجىمە قىلىمەن. خەنزۇچىدىن ئالمايمەن.
ئايرۇپىلان ۋەقەسىدىكى جاي ناملىرىدىمۇ شۇنداق قىلدىم. ۋىيتنام تىلى بولسا شۇ تىلدىن، مالايسىيا تىلى بولسا مالاي تىلىدىن ئالدىم.
مالايسىيا نى خەنزۇچە مالايشىيا دىگەن بىلەن، ئەسلى تىلدا مالايسىيا دەيدىكەن.
بەت: [1]
: ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ تىل يېزىق توغرىسدىكى ھۆججىتى ( ش ھ ئى [2011] 57 – نۇمۇر...