waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 23:03:43

CBA ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 19-مارت باشلىنىدۇ

ئۈرۈمچى ۋاقتى 3- ئاينىڭ 9- كۈنى كەچ ، 2013- 2014- پەسىللىك جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى يىرىم ھەل قىلغۇچ باسقۇچى ئۈچۈنچى مەيدان ئۇچىرىشىش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىپ،  شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى قىزىل تاغ تەنتەربىيە مەيدانىدا دۇڭگۇەن ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى  108-100 نەتىجە بىلەن دۇڭگۇەن ۋاسكېتبول كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئومۇمى نەتىجىدە 3-0 دۇڭگۇەن كوماندىسىنى سۈپۇرۇپ تاشلاپ ئۇمۇمى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا كىردى. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىدا ئالدىنقى يىرىم مەيداندىكى گۇاڭدۇڭ كوماندىسى بىلەن بىيجىڭ كوماندىسىنىڭ غەلبە قىلغان كوماندا بىلەن ئۇزغۇنلۇقنى تالىشىدۇ.
يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە بەش مەيدان مۇسابىقىلىشىپ، ئۇچ مەيدان ئۇتۇش تۈزۈمى قوللىنىلغان ئىدى (1-2-1-1). ئەمما ئۇمۇمى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە مۇسابىقە تەرتىۋى ئۆزگەرتىلىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە يەتتە مەيدان مۇسابىقىلىشىپ، تۆت مەيدان ئۇتۇش تۈزۈمى يولغا قۇيۇلۇپ، دائىملىق مۇسابىقە باسقۇچىدا رەت تەرتىپتە ئالدىدا تۇرغان كۇماندا ئۆز مەيدانىدا بىر قىتىم ئارتۇق مۇسابىقىلىشىش پۇرسىتىگە ئىرىشىدۇ (2-3-2).
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى؛ ئەگەر شىنجاڭ كوماندىسى  ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە گۇاڭدۇڭ كوماندىسى بىلەن تۇتۇشۇپ قالسا ئۆز مەيدانىدا  بىر قىتىم ئارتۇق مۇسابىقىلىشىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمەيدۇ، ناۋادا بىيجىڭ كوماندىسى كوماندىسى بىلەن تۇتۇشۇپ قالسا تەبىئىيلا  ئۆز مەيدانىدا بىر قىتىم ئارتۇق مۇسابىقىلىشىش پۇرسىتىگە ئىرىشىدۇ.
مۇسابىقە ئۇرۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى بۇيىچە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە 19-مارت بىرىنچى مەيدان مۇسابىقەرەسمىي باشلىنىدۇ. ئومۇمى نەتىجىدە 3-0 دۇڭگۇەن كوماندىسىنى سۈپۇرۇپ تاشلىغان شىنجاڭ كوماندىسى تۇلۇق 10 كۈن دەم ئېلىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلەيدۇ.

ئۇمۇمى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ۋاقىت ئۇرۇنلاشتۇرۇشى

  شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن بىيجىڭ كوماندىسى ۋاقىت ئۇرۇنلاشتۇرۇشى

19-مارت (چارشەنبە) كەچ ئۈرۈمچى ۋاختى سائەت 30؛5 دە شىنجاڭ كوماندىسى -بىيجىڭ كوماندىسى
21-مارت ( جۇمە ) كەچ ئۈرۈمچى ۋاختى سائەت 30؛5 دە شىنجاڭ كوماندىسى -بىيجىڭ كوماندىسى
23-مارت ( يەكشەنبە ) كەچ ئۈرۈمچى ۋاختى سائەت 30؛5 دە بىيجىڭ كوماندىسى-شىنجاڭ كوماندىسى
26-مارت  (چارشەنبە) كەچ ئۈرۈمچى ۋاختى سائەت 30؛5 دە بىيجىڭ كوماندىسى-شىنجاڭ كوماندىسى
28-مارت (جۇمە) كەچ ئۈرۈمچى ۋاختى سائەت 30؛5 دە بىيجىڭ كوماندىسى-شىنجاڭ كوماندىسى
30-مارت  ( يەكشەنبە ) كەچ ئۈرۈمچى ۋاختى سائەت 30؛5 دە شىنجاڭ كوماندىسى -بىيجىڭ كوماندىسى
2-ئاپرېل (چارشەنبە) كەچ ئۈرۈمچى ۋاختى سائەت 30؛5 دە شىنجاڭ كوماندىسى -بىيجىڭ كوماندىسى

  شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن گۇاڭدۇڭ كوماندىسى ۋاقىت ئۇرۇنلاشتۇرۇشى

19-مارت (چارشەنبە) كەچ ئۈرۈمچى ۋاختى سائەت 30؛5 دە گۇاڭدۇڭ كوماندىسى-شىنجاڭ كوماندىسى
21-مارت ( جۇمە ) كەچ ئۈرۈمچى ۋاختى سائەت 30؛5 دە گۇاڭدۇڭ كوماندىسى-شىنجاڭ كوماندىسى
23-مارت ( يەكشەنبە ) كەچ ئۈرۈمچى ۋاختى سائەت 30؛5 دە شىنجاڭ كوماندىسى- گۇاڭدۇڭ كوماندىسى
26-مارت  (چارشەنبە) كەچ ئۈرۈمچى ۋاختى سائەت 30؛5 دە شىنجاڭ كوماندىسى- گۇاڭدۇڭ كوماندىسى
28-مارت (جۇمە) كەچ ئۈرۈمچى ۋاختى سائەت 30؛5 دە شىنجاڭ كوماندىسى- گۇاڭدۇڭ كوماندىسى
30-مارت  ( يەكشەنبە ) كەچ ئۈرۈمچى ۋاختى سائەت 30؛5 دە گۇاڭدۇڭ كوماندىسى-شىنجاڭ كوماندىسى
2-ئاپرېل (چارشەنبە) كەچ ئۈرۈمچى ۋاختى سائەت 30؛5 دە گۇاڭدۇڭ كوماندىسى-شىنجاڭ كوماندىسى

ۋاختىدا كۈرۈشىڭلارنى تەۋىسىيە قىلىمىز.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-3-10 12:49:21

گۇاڭدۇڭ بىلەن بېيجىڭنىڭ نەتىجىسى قانداق بولۇپ كەتتى...

kirindax يوللانغان ۋاقتى 2014-3-10 13:22:38

بىيجىڭ 1:2گۇاڭدوڭ

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2014-3-10 17:08:48

ماۋۇ شاللىۋەتكەن گۋاڭدۇڭ شىنجاڭ بۇرۇن دائىم ھەلقىلغۇچتا ئۇتتۇرۇپ قويىدىغان گۋاڭدۇڭ شۇمۇ ياكى؟
ياكى ئۇ گۋاڭدۇڭ بېيجىڭ بىلەن ئويناۋاتقان شۇمۇ؟

MVXVK يوللانغان ۋاقتى 2014-3-10 17:22:06

YELKEN يوللىغان ۋاقتى  2014-3-10 17:08 static/image/common/back.gif
ماۋۇ شاللىۋەتكەن گۋاڭدۇڭ شىنجاڭ بۇرۇن دائىم ھەلقىلغۇچ ...

بىرسى گۇاڭدوڭ يەنە بىرسى دوڭگۇەن

malchi يوللانغان ۋاقتى 2014-3-11 09:25:28

ماۋۇ شاللىۋەتكەن گۋاڭدۇڭ شىنجاڭ بۇرۇن دائىم ھەلقىلغۇچتا ئۇتتۇرۇپ قويىدىغان گۋاڭدۇڭ شۇمۇ ياكى؟
ياكى ئۇ گۋاڭدۇڭ بېيجىڭ بىلەن ئويناۋاتقان شۇمۇ؟
شىنجاڭ دائىم ئۇتتۇرۋەتكىنى بېيجىڭ بىلەن ئويناۋاتقىنى شۇ
بەت: [1]
: CBA ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 19-مارت باشلىنىدۇ