waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 20:40:31

شىنجاڭ 3-0 دۇڭگۇەننى يىڭىپ ھەل قىلغۇچقا كىردى

ئۈرۈمچى ۋاقتى 3- ئاينىڭ 9- كۈنى كەچ ، 2013- 2014- پەسىللىك جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى يىرىم ھەل قىلغۇچ باسقۇچى ئۈچۈنچى مەيدان ئۇچىرىشىش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىپ،  شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى قىزىل تاغ تەنتەربىيە مەيدانىدا دۇڭگۇەن ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى ئەزالىرى ھالقىلىق ۋاقىتتا رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ ئاخىرى108-100 نەتىجە بىلەن دۇڭگۇەن ۋاسكېتبول كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئومۇمى نەتىجىدە 3-0 دۇڭگۇەن كوماندىسىنى سۈپۇرۇپ تاشلاپ ئۇمۇمى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا كىردى. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىدا ئالدىنقى يىرىم مەيداندىكى گۇاڭدۇڭ كوماندىسى بىلەن بىيجىڭ كوماندىسىنىڭ غەلبە قىلغان كوماندا بىلەن ئۇزغۇنلۇقنى تالىشىدۇ.
  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن تۆت ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى خۇدىسون 29 نومۇر، 7 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 1 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 2 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ تاڭ جىڭدۇڭ 27 نومۇر، 14 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ سېنگېلدون 22 نومۇر، 11 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ شىرئەلىجان 11 نۇمۇر، 6 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 3 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ قىرانبەك 9 نۇمۇر، 2 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  سۇۋىي 6 نۇمۇر، 6 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ لىيۇشۇنەن 4 نۇمۇر، 2 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
   دۇڭگۈەن ۋاسكېتبول كوماندىسىدىن بەش ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى،  كوماندا ئەزاسى بوبى بروۋىن 23 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 5 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ دونىت گرېن 12 نومۇر، 11 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ لى مۇخاۋ 17 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ لوخەنچىن 11 نومۇر، 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ جاۋجېى 10 نومۇر ئالدى؛  جاڭ كەي 9 نومۇر، 9 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئۈزغۇنلۇق سەپىرى ئۇتۇقلۇق بولغاي.   

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php

tumurjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-10 12:25:55

يول بولسۇن شىنجاڭ كۇماندىسىغا. ئۇتۇقلار يار بولغاي.

kirindax يوللانغان ۋاقتى 2014-3-10 13:23:49

شىنجاڭ بىلەن بىيجىڭ ئوينايدۇ ھەل قىلغۇچ بۇسابىقىنى {:112:}
بەت: [1]
: شىنجاڭ 3-0 دۇڭگۇەننى يىڭىپ ھەل قىلغۇچقا كىردى