meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 11:12:37

ئەسۋىنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى.

ئەسۋىنى بەزى جايلاردا «ئىلغا»دەپمۇ ئاتايدىكەن.مىنىڭ چۈشىنىشىمچە ئەسۋى ئادەمنىڭ دۈمبىسىگە چىقىدىغان بىر خىل جاراھەت.ئادەتتە ئۇ ئىنتايىن ئۇششاق بولۇپ ئۇنىڭ ئۈسىتگە تېرىنىڭ ئۈستىگە بەك كۆتۈرۈلۈپ چىقمىغاچقا كۆزگە بەك چېلىقمايدۇ.تىگى كۈكۈش چىكىتكە ئوخشايدۇ.ئادەتتە ئادەمنىڭ قۇرۇق ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەندە ئاسان پەيدا بولىدۇ.ئات گۆشى ،قوي گۆشى شورپىسى قاتارلىق ئىسسسىقلىق تاماقلارنى ئۇدا نەچچە كۈن ئىستىمال قىلغاندا چىقىش نىسبىتى يۇقىرىلايدۇ.بەزىدە زۇكام بىلەن بىرلىشىپ كەلسە ئادەمنى بەك قىينايدۇ.ئىسسسىتقان تاماقنى ئىستىمال قىلىشمۇ ئەسۋىنىڭ چىقىشىغا سەۋەپ بولىدۇ.
كىسەللىك ئالامەتلىرى:گەجگە قورۇلغاندەك بولىدۇ.ئۇسىتىخانلار كىرىشىدۇ.كۆزدىن ياش ئاقىدۇ.بەزىدە ئەسنەك كۆپ بولىدۇ.بەزىدە كۆڭۈل ئېلىشىپ ياندۇرۇش ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلىدۇ.رىماتىزىم كىشىلەرنىڭ بوغۇملىرى قاتتىق ئاغرىپ كىتىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى:بىر پىيازنى چاناپ ئازراق كۆك سۈتكە ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلايمىز.ئاندىن بىمارنى دۈم ياتقۇزۇپ دۈمبىسىگە سوغۇق سۇ پۈركۈپ ئەندىكتۈرىمىز.«سۇ پۈركۈشنىڭ ئىلمىي ئاساسىنى بىلمەيمەن.»ئاندىن تەييارلانغان پىيازنى دۈمبە قىسىمىغا تەكشى يىيىتىپ يىگىرمە مىنۇت تۇرغۇزساقلا بىمار تەلتۈكۈس ساقىيىدۇ.ئوكۇل ئۇرغۇزۇش،دورا يىيىش ھاجاتسىز.بەزىلەر ئەسۋىنى يىڭنە بىلەن ئىلىپ،ياكى تەڭگە پۇل بىلەن سىيرىپ داۋالاشنى تەۋسىيە قىلىدىكەن.بۇنداق داۋالاش داۋاملاشسا تىرە زەخمىلىنىپ يالللۇغلىنىپ قېلىشى مۈمكىن شۇڭا يەنىلا پىياز چاپقانغا يەتمەيدۇ.
ئەسكەرتىش:يۇقىرىقى تەپسىلاتلار پەقەت تۇرمۇشتىكى تەجرىبىلىرىمدىن يەكۈنلەنگەن.چۈنكى بۇ رىتسىپ جەمەتىمىزدە ئومۇملاشقان.مىنىڭ تىبابەتتىن خەۋىرىم يوق شۇڭا خاتا كەتكەن يېرى بولسا ئىزدىنىشتىكى ھەكىملەر تۈزىتىپ قويار.
بىر گەپنى ئۇنتۇپتىمەن.بۇ تىمىنى يىزىشتىكى مەقسىتىم يىقىندا تۇرپاندا ئوتتۇرا ياش بىر كىشى مۇشۇ كىسەلگە سەل قارىغانلىقى ئۈچۈن جا ئۈزۈپتۇ .(ئەلۋەتتە ئەجەل ئاللاھتىن كېلىدۇ.بۇ بىر سەۋەپتۇر)

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 11:31:45

ئاپاممۇ نەچچە قىتىم مۇشۇنداق قىلدۇرۇپ ساقايغان   ـ بۇ بىر ئاۋام تىبابىتى

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 11:38:01

izqi1991 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-9 11:31 static/image/common/back.gif
ئاپاممۇ نەچچە قىتىم مۇشۇنداق قىلدۇرۇپ ساقايغان   ـ بۇ  ...

ئەپسۇسلىنارلىقى مۇشۇ ئۇسۇلنى بىلمەي جاپا تارتىپ يۈرىدىغانلار كۆپكەن.

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 11:55:13

بۇ ھىلىقى دۈمبىگە چىقىدىغان ئۇششاق چىكىتتەك نەرسە شۇمۇ ؟

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 13:06:00

بولىدىغان چارە
مىستا سىيرىسا تېرە زەخمىلەندى دېگۈدەك ئىش بولمايدۇ پەقەت بەزىدە مىس تېپىلماي قالىدۇ.
مەن يۇمغاقسۈتنىڭ سىقىلغان سۈيىگە قېتىق قوشۇپ ئىچىپ، دۈمبەمگە ئىزىلگەن يۇمغاقسۈتنى قۇيۇپ تۆت كۈندە ساقايغانتىن تاماق يىمەي

azizim يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 15:09:54

كۆك سۈت دېگەن قانداق سۈت؟

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 15:23:11

azizim يوللىغان ۋاقتى  2014-3-9 15:09 static/image/common/back.gif
كۆك سۈت دېگەن قانداق سۈت؟

پىشۇرۇپ قايمىقىنى ئىلىۋالغان سۈتنى كۆك سۈت دەيمىز.بىز غۇلجىلىقلار شۇنداق ئاتايمىز ئىشقىلىپ.ئەگەر ئۆيدە كۆك سۈت بولمىسا پىيازنىلا چاناپ چاپسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ.كالا سۈتىنىڭ تەبىئىتى بەك سوغۇق شۇڭا پىيازنىڭ شىپالىق رولىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئارىلاشتۇرىمىز.

function يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 17:55:25

ساقلاپ قوياي

boraoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-3-10 11:11:35

بۇرۇن داداممۇ خۇددى مۇشۇنداق قىلاتتى
بەت: [1]
: ئەسۋىنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى.