muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 02:18:10

ماسسىنىڭ سىرى زادى نەدە؟

ماسسىنىڭ سىرى زادى نەدە؟
فىزىكا دونياسىدا ئەڭ ئاساسى بولغان ئۇقۇملارنىڭ بىرى ماسسا ئۇقۇمىدۇر ، شۇنداقلا ئەڭ قەدىمى ۋە ئەڭ مۇرەككەپ ، تارقىلىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ ئۇقۇمدۇر.
ماسسا ئۇقۇمىغا نىسبەتەن ھازىرغىچە تۇرلۇك ئېنىقلىمىلار بىرىلگەن بۇلۇپ بۇنىڭ ئىچىدە بىر قەدەر نۇپۇزلۇقى ‹‹ ماسسا -جىسىم ئوز ئىچىگە ئالغان ماددىنىڭ ئاز كوپلۇگى ›› دىن ئىبارەت ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئېينىشتىيىننىڭ ماسسا - ئىنىرگىيە فورمۇلىسىدىن پايدىلىنىپ ‹‹ ماسسا - جىسىم ئوز ئىچىگە ئالغان ئىنىرگىيىنىڭ ئاز كوپلۇكىدۇر›› دەپ ئېنىقلىما بىرىشكە مۇمكىن بولسا ، ماسسا چاستۇتا مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ ‹‹ ماسسا - مۇئەييەن بىر زەررىچىنىڭ چاستۇتىسىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنىڭ ئولچىمىدۇر ›› دەپ ئېنىقلىما بىرىش مۇمكىن ، ئالەملىك تارتىش كۇچى نوقتىسىدىن چىقىپ يەنە ‹‹ ماسسا - ئالەملىك تارتىش كۇچىنىڭ  مىقتارىنى بەلگىلىگۇچى ›› دىيىش مۇمكىن بولسا ، تىزلىنىش نوقتىسىدىن چىقىش قىلىپ ‹‹ ماسسا - تىزلىنىشقا نىسبەتەن قارشىلىقنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ›› دەپ تەسۋېرلەش ئەقىلگە مۇۋاپىق كىلىشى مۇمكىن !
ماسسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ئالەمنىڭ ھەممە بۇلۇڭ -پۇشقاقلىرىغا تارقالغان .
مەسلەن زەرەتلىك جىسىملارنىڭ ئوز ئارا تىپىشىش (ياكى تارتىشىش)  جەرىيانىدا ، قاتناشقۇچىلارنىڭ ماسسىسىدا ئوزگىرىش بۇلىدۇ ، ھازىرقى توت خىل ئاساسى ئوزئارا تەسىر جەرىيانلىرىنىڭ ھەممىسىدىمۇ ماسسا ئوزگىرىشى بۇلىدۇ ، جىسىم ھەرىكەت تىزلىكىدە ئوزگىرىش يۇز بەرسىلا جەزمەن ئۇنىڭ ماسىسىدا ئوزگىرىش بۇلۇش كېرەك ، بىر يېپىق سېستىمىنىڭ تىمپىراتۇرىسدا ئېشىش كۇرۇلسە ماسسىسىدىمۇ ئېشىش بۇلۇشى كېرەك ، بىزدىن يىراقلىشىۋاتقان جىسىم تارقاتقان سىگنالنىڭ ئېلىپ يۇرگۇچىسى بولغان ماددا ( مەسلەن فۇتۇن) ماسىسىدىمۇ كېمىيىش كۇرۇلۇشى ، ئاجىز تارتىشىش كۇچى مەيدانىدىن كۇچلۇك تارتىش كۇچى مەيدانىغا چۇشكەن جىسىمنىڭ ماسىسىدا ئېىشىش كۇرۇلۇشى لازىم .
گەرچە يۇقۇرقىدەك نۇرغۇنلىغان جەرىيانلاردا ماسسا ئوزگىرىشى بولىدىغانلىقى ھەممەيلەنگە ئايدىڭ بولسىمۇ بۇنىڭ تىگى تەكتىدىن ئالغاندانىمە سەۋەپتىن كىلىپ چىقىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ مىخاينىزىمىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى يىتەرلىك ئېنىق ئەمەس .  
ئۇنداق بولسا ماسسا دىگەن زادى نىمە؟  ماسسىنىڭ سىرى زادى نەدە؟ ئانتى ماسسا مەۋجۇتمۇ؟
ئىشنىمىزكى قېرىنداشلىرىمىز ماسسىنىڭ سىرى ۋە باشقا تىلسىماتلارنىڭ سىرىنى ئېچىشتا داۋاملىق تىرىشچانلىق كورسىتىدۇ!

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 13:59:58

مۇشۇنداق قىزىقىشىڭىزلىڭىزنىڭ بولىشى كۆپ ياخشى بىر ئىش..
دېگەنلىرىڭىز ئورۇنلۇق، لېكىن بىر نەرسە، فوتوننىڭ ماسسىسى بولمايدۇ. ئەمما مەنمۇ بۇنىڭغا تازا قايىل ئەمەس، بۇ خۇددى بۇنىڭ ماسسىسى نۆل بولسۇن دەپ بېكىتىۋالغاندەكلا بىر ئىش..

ماسسا ھەقىقەتەنمۇ بىر سىر. ماسسىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكى تېخىچە ھېچكىم ئېنىق بىرلىككە كەلگەن نەزەرىيە ئوتتۇرىغا قويمىدى. ماسسىنىڭ سىرى ھەققىدە ئۆتكەن يىلقى رەسمىي ھالدا تېپىلدى دەپ ئېلان قىلىنغان «ھېگگىز بوزۇنلىرى» زەرىچىلەرنىڭ ماسسىسىغا سەۋەپ بولىشى مۇمكىن دېيىلدى..

تۆۋەندىكى ماسسا ئۇقۇملىرىغا قاراپ باقايلى:

1.چوڭ جىسىملارنىڭ ماسسىسى- ئېنىرتسىيە؛ نىيوتۇن

2. ماسسا(ماددا)- دولقۇن؛ دېبروگلىي

3. ماسسا-ئېنىرگىيە؛ ئېنىشتىيىن

4. زەرىچىلەرنىڭ ماسسىسى- مەلۇم سىكالىيارلىق مەيدان زەرىچىسى؛ ھېگگىز

يەنىمۇ كۆپ ئۆگىنىپ، ئىزدەنگەيسىز. مۇشۇنداق قىزغىنلىقنىڭ بولىشى بەك ياخشى ئىش{:112:}


muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 15:13:25

Bilig يوللىغان ۋاقتى  2014-3-9 13:59 static/image/common/back.gif
مۇشۇنداق قىزىقىشىڭىزلىڭىزنىڭ بولىشى كۆپ ياخشى بىر ئىش ...

ئىنكاس يىزىپ تەلىم بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.
شۇنداق ، فۇتۇننىڭ تىنچ ماسسىسى بولمايدۇ دەپ قارىلىدۇ ، لىكىن مۇئەييەن چاستوتىغا ئىگە فۇتۇننىڭ ماسسىسى بۇلىدۇ ، شۇڭا فۇتۇن بېىسم كۇچى چۇشۇرەلەيدۇ.
مەن ھىگگىس بۇزۇنىىنى ماسسىنىڭ كىلىش مەنبەسىنى ئېنىق چۇشەندۇرەلمەيدۇ دەپ قارايمەن.
مىنىڭ نەزىرىمدە ماسسا ئالتە ئولچەملىك بوشلۇقنىڭ (سىمىتىرىكلىكىنىڭ) بۇزۇلۇشىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايمەن. ئەمما بۇ خىل قاراشنى ماتىماتىكا نوقتىسىدىن چىقىپ ئىپادىلەش ۋە ئىسپاتلاشنى -گەرچە ئاساسلىق تەپەككۇر يۇلىنى ھەل قىلىپ بولغان بولساممۇ  - نىشان قىلىپ تىرىشىۋاتقان بولساممۇ ماتىماتىكا ۋە فىزىكا سەۋىيەرىمنىڭ توۋەنلىكى تۇپەيلىدىن ئاخىرلاشتۇرۇپ بۇلالمىدىم ، شۇنداق بولسىمۇ مەن ئالاقىدار بىلىملەرنى ئوگىنىۋاتىمەن.
زەررىچە فىزىكا ساھەسىدە بىلىشىمچە ماسسىغا ئىتىۋار بىرىلگەن بولسىمۇ  تۇرلۇك تەسىر كۈچى مەيدانى شارائىتىدىكى ماسسا ئوزگىرىشى مىخاينىزىمى نىسبى ھالدا چەتكە قېقىلغان - بۇ ئىنتايىن بىر غەيرى ھادىسە .
مەن بۇ نوقتىدىمۇ دەسلەپكى قەدەمدە ئىزدىنىپ  باقتىم ، ھازىرچە ئىرىشكەن نەتىجە بولسا  يادرو كۇچى ۋە ئاجىز ئوزئارا تەسىر ماكان-زامان ئەگىرىلىكى شارائىتىدىكى ئىلىكتىر - ماگىنىت كۇچىدۇر ، ئاساسلىق ھالقا ۋە ئىسپات بولسا دەل نۇكلۇنلارنىڭ ماسسا ئوزگىرىشىدۇر ، ھازىر ئىلمى ماقالىسىگە ئىشلەۋاتىمەن .
كوپرەك تەلىم بىرىشىڭلارنى ئۇمۇت قىلىمەن. رەھمەت.

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 15:21:00

گەرچە فۇتۇننىڭ تىنىچ ماسسىسى بولمايدۇ دەپ قارىلىۋاتقان بولسىمۇ ھەقىقى بوشلۇقنىڭ قۇتۇپلىنىشى ۋە ماددا بىلەن ئانتى ماددىنىڭ كائىناتتىكى تەڭپۇڭسىزلىقى شۇنداقلا ئارقا كۇرۇنۇش رادىئاتسىيىسى قاتارلىقلارنى نەزەردە توتقىنىمىزدا موتلەق بوشلۇقنىڭمۇ ماسسىسى بۇلۇشى كېرەك ، ئۇنداقتا تىنىچ فۇتۇننىڭمۇ ماسسىسى بۇلۇشى كېرەك .
مىنىڭ قارىشىمچە فۇتۇن ئىلىكتىرۇننىڭ شىۋازچىلىد ھورىزۇنىدا جۇپ ھالاتتە شەكىللىنىدۇ ، بىرسى ئىلىكتىرۇن قارا ئۇڭكۇرىدىن قېچىپ خاۋكىڭ رادىئاتسىيىسى شەكىلىدە تارقىلىپ مەيداننى شەكىللەندۇرىدۇ ، يەنە بىرسى ئىلىكتىرۇننىڭ  شىۋازچىلىد ھۇرىزۇنى ئىچىگە چۇشۇپ كىتىدۇ .

Mouse يوللانغان ۋاقتى 2014-3-10 09:46:02

ئۇنداقتا، ماسسا كىرگۈزۈلگەن ئېنىقلىما ۋە تەڭلىمىلەردىن ماسسىغا ئېنىقلىما بەرگىلى بولىدىكەن-دە؟

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-3-10 10:20:38

Mouse يوللىغان ۋاقتى  2014-3-10 09:46 static/image/common/back.gif
ئۇنداقتا، ماسسا كىرگۈزۈلگەن ئېنىقلىما ۋە تەڭلىمىلەرد ...

شۇنداق بۇلىدۇ ، ئەمما قىسمەنلىكتىن ساقلانغىلى ھازىرچە بولمايدۇ ، ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى _ ماسسىغا مۇناسىۋەتلىك تەڭلىمىلەردىن ماھىيەتلىك ئورتاقلىقنى تېپىپ چىقىپ ، بۇ ئورتاقلىق ئاساسىدا ئېنىقلىما بىرىش ، بىرىلگەن ئېنىقلىما توغرا دەپ قارالغان تەڭلىمىلەر ۋە ئالاقىدار چۇشەنچىلەرنى قانائەتلەندۇرەلەيدىغان بۇلۇشتىن ئىبارەت. رەھمەت!

welld يوللانغان ۋاقتى 2014-3-10 21:02:03

muhakima يوللىغان ۋاقتى  2014-3-9 15:13 static/image/common/back.gif
ئىنكاس يىزىپ تەلىم بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.
شۇنداق ، فۇتۇ ...

فوتوننىڭ ماسسىسى بولمايدۇ دەپتىكەن، مەنمۇ تېنىچ تۇرغاندىكى ماسسىسى بولمايدۇ دىگەن.(گەرچە نۇر تېنىچ تۇرۇپ قالسا
نۇر بولماي قالىدىغان بولسىمۇ)
تەتقىقاتلىرىڭىزغا بارىكاللا.
ھارمىغايسىز.:)

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-3-11 07:46:51

تولۇق ئوتتۇرىدا فىزىكىغا ئامراق ئىدىم. شۇ چاغلاردا ئۆزەم يەكۈن قىلىشىمچە، فىزىكا دۇنياسى ماسسا، ۋاقىت ۋە ئارىلىقتىن تەركىپ تاپقان 3 ئۆلچەملىك دۇنيا بولۇپ، بۇلارنىڭ خالىغان بىرسىدە ئۆزگىرىش بولسا قالغان ئىككىسىدىمۇ ماس ھالدا ئۆزگىرىش كۆرىلىدۇ. بۇ يەردە، ماسسىنىڭ بىرلىكى كلوگرام، ۋاقىتنىڭ بىرلىكى سېكونت، ئارىلىقتىنىڭ بىرلىكى مېتىردۇر. ھەر قانداق بىر فىزىكىلىك ئامىل، يەنى تېزلىك، تېزلىنىش، كۈچ، قۇۋۋەت، ئېنىرگىيە دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ 3 ئۆلچەمنىڭ بىركىشىدىن شەكىللىنىدۇ.
مېنىڭچە بولسا، سىز ئېيتقان ماسسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئېنىقكى قالغان ۋاقىت ۋە ئارىلىقنىڭ ئۆزگىرىش كەلتۈرۈپ چىقارغان.

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-3-11 18:33:54

koktash يوللىغان ۋاقتى  2014-3-11 07:46 static/image/common/back.gif
تولۇق ئوتتۇرىدا فىزىكىغا ئامراق ئىدىم. شۇ چاغلاردا ئۆز ...

شۇنداق ، مەلۇم مەنىدە ئېلىپ ئيتقاندا ماسسىدا ئوزگىرىشىنىڭ بولۇشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋاقىت ۋە ئۇرۇندۇر ، تىگى تەكتىدىن ئالغانداندا كوپ ئولچاملىك بوشلۇقىكى ئوزگىرىشتۇر.

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-3-11 18:38:17

koktash يوللىغان ۋاقتى  2014-3-11 07:46 static/image/common/back.gif
تولۇق ئوتتۇرىدا فىزىكىغا ئامراق ئىدىم. شۇ چاغلاردا ئۆز ...

مەن تۇلۇق ئوتتۇرىنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىن باشلاپلا مەكتەپ پەن تېخنىكا كۇرژۇكىنىڭ رەئىسى ۋە مەكتەپ فىزىكا كورژۇكىنىڭ رەئىسى بولغان ئىدىم ، نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىپتىكەنمەن ئويلاپ باقسام.
بەت: [1]
: ماسسىنىڭ سىرى زادى نەدە؟