GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 17:46:22

بىر سوم پىلانى مۇراجەتنامىسى


     2 ياشلىق سىڭلىمىز زۇلھايا نەپەس سىقىلىش سەۋەبى بىلەن دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان بولۇپ، ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى تۇغما يۈرەك كېسەل دەپ دىئاگنوز قويۇپ بىر مەزگىل داۋالىغان بولۇپ، داۋالاش ئۈنۈملۈك بولمىغانلىقتىن بېيجىڭغا يۆتكەش ئىسپاتى چىقىرىپ بەرگەن.
    مەن ئەيساجاننىڭ(بىر سومنىڭ قۇرغۇچىسى، مۇنبىرىمىزدىكى ۋاپادارىم912) تەۋسىيەسى بىلەن بالىنىڭ ئاتا ئانىسى بىلەن ئالاقىلاشتىم، ئۇلار بالىنى ئۆيگە ياندۇرۇپ چىققان بولۇپ، يۇرتى خوتەنگە قايتىپ پۇل غەملەپ بېيجىڭغا يولغا چىقىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىكەن.
    ئۈرۈمچىدە تۇرىۋاتقان جايىغا بېرىپ بالىنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ، دوختۇرخانىنىڭ ئىسپاتلىرىنى رەسىمگە تارتىپ، ئۇلارغا بىرەر قۇر تەسەللى بېرىپ قايتىپ چىقتىم. ئۆزىنىڭ شۇنداق ئېغىر كېسەللىكىدىن بى خەۋەر ئويناپ ئولتۇرغان ئىككى ياشلىق سىڭلىمىزنى كۆرۈپ يۈرەكىرىم ئېغىپ كەتتى قېرىنداشلار. شۇڭا ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى مۇشۇ بالىغا ياردەم قىلايلى دىيىشتۇق.
    ئوپراتسىيە ھەققىگە 500 مىڭ ئەتراپىدا پۇل كەتكۈدەك، نۆۋەتتە بىز توپلىغان پۇل ئاران 10 مىڭدىن سەل جىقراق، شۇڭا مۇشۇ سىڭلىمىزنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن، ئازدۇر-كۆپتۇر كۈچۈڭلارنى چىقارساڭلاركەن دېمەكچىمىز.
ئالدىراش بولۇپ قېلىپ دوختۇرخانىنىڭ ئىسپاتلىرىنى يوللاپ بولالمىدىم، تولۇقلاپ قويىمەن.
پۇل سېلىش ئۇسۇللىرى:
ئالىپاي قولايلىقلارغا: kainam12@163.com   ئىسمى 安外尔艾麦尔 دەپ چىقىدۇ(بۇ مېنىڭ ئالىپاي نومۇرۇم)
بانكا كارتىلىرى:
يېزا ئېگىلىك بانكا كارتىسى: 9559982980538213019 ئىسمى 艾沙江尼扎木丁 دەپ چىقىدۇ(بۇ بىر سوم پىلانىنىڭ ھېساب كارتىسى)
سودا سانائەت بانكىسى: 6222023002017439533 ئىسمى 安外尔艾麦尔 دەپ چىقىدۇ(بۇ مېنىڭ نامىمدىكى كارتا)
ئامانەت قەرز: 6210082033004343 ئىسمى 安外尔艾麦尔 دەپ چىقىدۇ(بۇ مېنىڭ نامىمدىكى كارتا)

ئەھۋالنى تەپسىلى ئىگىلىمەكچى بولغانلار تۆۋەندىكى نومۇرلار بىلەن ئالاقە قىلساڭلار بولىدۇ:
18690351170  بالىنىڭ تاغىسىنىڭ تېلېفون نومۇرى
13565777257 بىر سومنىڭ قۇرغۇچىسى ئەيساجاننىڭ تېلېفون نومۇرى
13999943421 مېنىڭ تېلېفون نومۇرۇم(تېلېفون پۇلىدىن ئەنسىرىسەڭلار ئىككى قېتىم جىرىڭلىتىڭلار:lol )
يەنە باشقا كارتا نومۇرلىرى لازىم بولسا ئۇچۇر قالدۇراسىلەر.
مىھرىبانلىق مىلودىيەسى ئۈزۈلمىسۇن!
بىر سوم پىلانى مىھرىبانلىق پائالىيىتى.
2014-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى شەنبە

5tash يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 18:41:14

ئالپايغا كەتتى كۆڭۈل قالاپ قوياسىلە.
كىسەلنى سالغان ئىگىسى تىزراق شىپالىق بىرەر، ئامىن.
شىركەتتىكىلەرنىڭ كۆڭلى ئاز بولسىمۇ.

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 18:53:46

ئاللاھ خالىسا بۈگۈن ئازراق كۆڭلىمىزنى ئەۋەتىمىز !!

taz يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 20:18:00

گۇدلاكنىڭ قەرز ئامانەت كارتىسىغا ئازراق پۇل كەتتى.

nawkeran يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 21:14:42

ئاللاھىمنىڭ نارسىدىنىڭ كىسلىگە شىپالىق بىرشىنى تىلەيمەن .   تەكلىۋىم شۇكى بۇ تۇردىكى تۇخما يۇرەك كىسەل .ۆسمۇرلەرنى بىر يىل بۇرۇن ئاپتۇنۇم رايۇندىن ھەقسىز داۋالاشنى يولغا قويغان ئىدى ،  ھەقسىز داۋالاش ھازىر بارمۇ يوق بۇنى بىلمەيمەن ،  مۇمكىن بولسا تۇرۇشلۇق ئۇرۇندىكى خەلىق ئىشلىرى تارماقلىرىغا كىرىپ سۇرۇشتە قىلىپ باقسا بۇلاتتى.

nawkeran يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 21:14:50

ئاللاھىمنىڭ نارسىدىنىڭ كىسلىگە شىپالىق بىرشىنى تىلەيمەن .   تەكلىۋىم شۇكى بۇ تۇردىكى تۇخما يۇرەك كىسەل .ۆسمۇرلەرنى بىر يىل بۇرۇن ئاپتۇنۇم رايۇندىن ھەقسىز داۋالاشنى يولغا قويغان ئىدى ،  ھەقسىز داۋالاش ھازىر بارمۇ يوق بۇنى بىلمەيمەن ،  مۇمكىن بولسا تۇرۇشلۇق ئۇرۇندىكى خەلىق ئىشلىرى تارماقلىرىغا كىرىپ سۇرۇشتە قىلىپ باقسا بۇلاتتى.

nawkeran يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 21:42:01

كارتىدىكى ئىسمنىڭ ئوتتۇرسىدا چىكىت بار  ئىكەن جۇمۇ ،توردىن پۇل ئاغدۇردىغانلار بىلۋېلىڭلار ، تىما ئىگىسىمۇ تۇزتۇپ ئىسمىڭىزنى  دەپ ئز گەرتىپ قۇيۇڭ ،بولمىسا باشقىلرارغا ئاۋارچىىلىك ئىكەن安外尔.艾麦尔

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 23:28:43

ئاللاھ شىپاسىنى بېرەر. ئاز بولسىمۇ كۆڭۈل ماڭار ئالدىدا ئىنشائاللاھ

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 06:03:49

پۇل سالغان قېرىنداشلارغا رەھمەت، داۋاملىق غەيرەت قىلغان بولساڭلار:)

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 07:04:52

بىزنىڭ بالىلار كېرىيەدىن قايىقاندا بۇ بالىغا 5000 سوم بېرىپ قايىتقان ئىدى ،كۈنلەردىن بۇيان بورتالادا يەنە 10000 سو م يىغىلدى ،بۇنى مەن ئەنۋەرجانغا ئەۋەتىپ بەردىم .قېنى ،قولىمىزدىن كېلىشىچە بىر ياردەم قىلىلى تورداشلار .

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 07:05:08

http://bbs.izdinix.com/thread-57530-1-1.html

yuwax0999 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 09:13:30

ھوكۇمەتنىڭ شىنجاڭدىكى تۇغما يۇرەك كىسىلى بولغان بالىلارنى ھەقسىز داۋالايدىغان بىر تورى بار ئىدى.نەچچە يىللاردىن بىرى  بۇ توردە  شىنجاڭلىق  خىلى كوپ ئوسمۇرلەر داۋالىنىپ كەلگەن مىنىڭ بىر تونۇشۇممۇ بالىسىنى  مۇشۇ تۇردە داۋالىتىپ كەلدى بىيجىڭ قۇراللىق ساقچى باش دوختۇرخانىسىدا داۋالىدى.شۇڭا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن بۇ تۇرنىڭ ھازىر بار يۇقلىغىنى سۇرۇشتە قىلىپ باقسۇن ياكى ھوكومەتنىڭ مۇشۇ تۇغرىسىدكى ئىتبار سىياسەتلىردىن پايدىلىنىشقا تىرىشىپ باقسۇن.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 09:21:42

yuwax0999 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-9 09:13 static/image/common/back.gif
ھوكۇمەتنىڭ شىنجاڭدىكى تۇغما يۇرەك كىسىلى بولغان بالىل ...

بۇنى نەدىن سۈرۈشتە قىلىدىكەن، بىلسىڭىز خەۋىرىنى بەرسىڭىز بوپتىكەن. ئەگەر بالىنىڭ ئاتا ئانىسى بۇنىڭدىن خەۋەرسىز بولسا مەن يەتكۈزۈپ قويسام.

yuwax0999 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 09:27:59

خەلىق ئىشلار ئىدارىسىدىن سۇرۇشتە قىلىپ باقسۇن  بىزنىڭ تونۇشىمىزنىمۇ خەلىق ئىشلار ئىدارىسى تۇنۇشتۇرغان.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 11:29:36

ئالىپايغا پۇل ئاغدۇرۇۋەتتىم

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 11:31:07

شۇ ، تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالىلارنى ھەقسىز داۋالاش تۈرى بارغۇ

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 11:41:23

بولسا شۇ تۈرنى تاپايلى  بۇرادەرلەر، بۇلتۇرمۇ بىر  ئاغىنەم سىڭلىسىنى داۋالاتقان يۈرەك تۈشۈك دەپ .

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 11:49:36

دىن ئىزدەڭلا民政局  

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 12:00:18

مەن بالىنىڭ دادىسىغا تېلېفون قىلىپ باقاي، ئۇنى سۈرۈشتە قىلدىمۇ يوق

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 12:09:37

بالىنىڭ چوڭلىرىغا تېلېفون قىلدىم، بۇ ئوپراتسىيە مۇرەككەپ بولغانلىقتىن، بېيجىڭغا يۆتكەش ئىسپاتى بەرگەنىكەن، ئوپراتسىيە شىنجاڭدا قىلىنمىسا ئۇ تۈرگە ئىلتىماس قىلغىلى بولمايدىكەن.
بالا ھەمكارلىق داۋالاشقا قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، بېيجىڭدىكى داۋالىنىشقا پۇلنى ئالدىن تۆلەيدىغان ئىشكەن، داۋالىنىپ بولغاندىن كېيىن، تىگىشلىك قىسمى قايتۇرۇلىدىغان ئوخشايدۇ.
قېرىنداشلار پۇلنى قايتۇرىدىكەنغۇ دەپ قالماي ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى ئائىلىىسدە كېسەل داۋالىتىپ باققانلار بىلىدۇ، بىرلا ئادەمنى داۋالىتىش، ئادەتتىكى بىر ئائىلە ئەمەس خېلى ھاللىق ئائىلىنىمۇ ئوبدانلا ھالسىرتىدۇ. گېپىم چۈشىنىشلىك بولدى دەپ ئويلايمەن.
بەت: [1] 2
: بىر سوم پىلانى مۇراجەتنامىسى