wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 10:31:07

«بىر سوم پىلانى »كېرىيەدە

ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم تۇغقانلار ،كېرىيەدە يەر تەۋرىگىنىگىمۇ خېلى كۈنلەر بولۇپ قاپتۇ . بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش بىلەن تەڭ ھەممىزنىڭ يۈرىگى تەڭ تەۋرىدى ،بۇنى ئۈندىدار ،تور مەنزىللىرىدىكى كېرىيە توغرىسىدىكى خەۋەرلەردىن  ھېس قىلىپ يەتتۇق .
2-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچتە ،مەنمۇ بىر سوم پىلانى تورداشلىرىغا كېرىيەدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا ياردەم قولىنى سونۇش ھەققىدە ئۈندىدار مۇراجىتىدىن بىرنى يازغان ئىدىم ،قىسقىغىنا 4 كۈن ئىچىدە  بىر سوم تورداشلىرى ۋە بورتالادىكى قېرىنداشلار ئىئانە قىلغان پۇل 70000 سومغا يەتتى ،بۇندىن سىرىت 96تاغاردا 4000 قۇرغا يېقىن كىيىم كېچەك ۋە 200  قۇر يېڭى كىيىم يىغىلدى .بۇ ئامانەتلەرنى  ئىمكانقەدەر   كېرىيەدىكى ئەڭ چەت ،ياردەم بارمىغان يەرلەردىكى ئاممىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىپ 3نەپەر ساخاۋەتچى17-چىسىلا  خوتەنگە قاراپ ئاتلاندى ۋە 19-چىسىلادىن باشلاپ ھال سوراشنى باشلىدى .يەنە بىر ساخاۋەتچى  26تاغار كىيىم كېچەكنى ئۈرۈمچىگە بېرىپ خوتەنگە سېلىۋىتىپ ئەتىسى قايتىپ كەلدى .
تۆۋەندىكىسى كېرىيەگە بارغان ساخاۋەتچىلەرنىڭ  كۈندىلىك خاتىرىسى ؛

1.بىز 19-چىسىلا كېرىيە ناھىيەس ئاتچان يېزىسىغا يېتىپ كەلدۇق ،يول ناچار بولغانلىقتىن كۈنەس كەنىتى ۋە شۇڭگۇل كەنىتىگە يېتەرلىك ياردەم بارمىغانلىقىنى  ئىگىلەپ شۇ يەرگە قاراپ ئاتلاندۇق ،چۈنكى بىزنىڭ مەقسىتىمىزمۇ ئەڭ ئېھتىياجلىق يەرگە بېرىش ئىدى .بۇ يول ھەقىقەتەن خەتەرلىك ۋە ناچار ئىكەن ،60 كېلومىتىرلىق مۇساپىنى 4 سائەتتە ئاران تاماملىدۇق ،ھېلىمۇ ياخشى  خوتەندە ئالدىمىزغا چىققان بالىلار  دالا ماشىنىسى تەييارلىغان ئىكەن .بوۋا ،مومىلىرىمىزدەك قېرىنداشلارنىڭ  پۇل ۋە ماددى بۇيۇملارنى رەھمەت ،ھەشقاللادەپ يىغلاپ تۇرۇپ ئالغان ھالىتىنى كۆرسىڭىز يىغلىماي تۇرالمايسىز .كۈنەس كەنىتىدە 10000  سوم نەق پۇل ،5000 سوم قىممىتىدىكى ماددى بۇيۇم (نەق مەيدانغا بارغانلەردىن ئىگىلىگەن ئەھۋالغا ئاساسەن ،ئۇ يەرلەردە تۇرمۇش ماددى بۇيۇملىرىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى بىلىپ شەھەردىن ماددى بۇيۇم ئالغان ئىدۇق )ۋە 150 قۇر يېڭى كىيىمنى تارقىتىپ كەچ 10 دا ناھىيەگە قايتىپ كەلدۇق .
2.   20-چىسىلا سەھەر 6يېرىمدا چىرا ناھىيەسىنىڭ بوستان يېزىسىغا ئاتلاندۇق ،ئىگىلىشىمىزچە  بۇ يەردىكى بىر قىسىم ئاھالىنىڭ ئۆيلىرى ناھايىتى خەتەرلىك ئىكەن .گەرچە يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىش سىياسىتى ياخشى ئەمەلىيلەشكەن بولسىمۇ قىسمەن نامرات دېھقانلارنىڭ شەخىس چىقىرىدىغان قىسىمىنى تۆلىمەلمەي قېلىپ بۇ سىياسەتتىن بەھرىمان بولالمىغان ئىكەن .بىر ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئارقىلىق12 ئائىلىنى بېكىتتۇق ،ئۇنىڭ ئىچىدىن  3 ئائىلىنى بېكىتىپ ھەر بىر ئائىلىگە7000 سومدىن 21000 سوم پۇلنى تۆلەپ يېڭى ئۆي سېلىشنى  يېزىنىڭ بۇ يىللىق پىلانىغا كىرگۈزۈپ كەنىت بىلەن  كاپالەتنامە ۋە توختام  ئىمزالىدۇق ،ئۆيلەر 7- ئايدا ئىشلىتىشكە تاپشۇرىلىدىغان بولدى .بۇ ئۈچ ئائىلىلىكنىڭ شۇ چاغدىكى خوشاللىق ھېسىياتىنى  تىل بىلەن تەسۋىرلەشكە ئاجىزلىق قىلىمەن . بۇ ئىش پۈتكەندىن كىيىن بىز قىيىنچىلىقى بار باشقا ئائىلىلەرگە 7700 سوم نەق پۇل  5000 سوم قىممىتىدىكى ماددى بويۇم  تارقىتىپ بېرىپ كەچ 8دە ناھىيەگە  قايتىپ كەلدۇق .بىر سوم ساخاۋەتچىلىرگە تەكلىپ : مۇمكىن بولسا قالغان 9 ئائىلىنىڭ ئۆي مەسلىسىگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ قويساق بىر ئائىلىنىڭ 7000 سومدىن پۇلىنى تاپشۇرۇپ ئۇلارنىڭ يېڭى ئۆيگە كىرىشىگە شارائىت ياراتساق ،بىز بۇنى چوقۇم ھەل قىلالايمىز . قالغان قېرىنداشلار ،سىلەر ھەرگىز مەيۈسلەنمەڭلار ،بىز پات يېقىندا قالغان پۇللارنى ھەل قىلىپ سىلەرنىڭ مەسىلىلەڭلارنى ھەل قىلغىلى بارىمىز ،كۆپنىڭ كۈچى كۆپ ،ئەرنىڭ غېمى ئەلدىدۇر !
3. 21-چىسىلا سەھەردە مال توشۇش ئورنىغا بېرىپ بورتالادىن بىۋاستە ئەۋەتىلگەن 26تاغار كىيىمنى ئېلىپ  12 تاغار كىيىمنى بوستان يېزا قارا سۇ كەنىتىدىكى ئاممىغا نەق مەيدانغا تارقىتىپ بەردۇق ،قالغان كىيىملەرنى ئېلىپ ئويتوغاق يېزىسىغا باردۇق ،يېزا رەھبەرلىرى يېزىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى يىغىپ بەرسە ،بىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆرۈپ  ئۆز قولىمىز بىلەن ئۇلارغا تارقىتىپ بېرىشىمىزنى دېدى ،ھەم ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان بالىلارنىمۇ يىغىپ بەرسەك ئۆزۈڭلار نەق مەيداندا پىكىرلىشىپ ئوقۇغۇچىلارغىم ياردەم قىلساڭلار دېدى ،بىز بۇ تەكلىپتىن بەكمۇ خوشال بولدۇق .نەق مەيدان تولىمۇ تەسىرلىك ،بىز كۆرۈپمۇ  باقمىغان نامرات چىرايلار ،قاداق باسقان قوللار ،مۇھەببەت يېغىپ تۇرغان كۆزلەر .....بىز بورتالاخەلقى  بەرگەن 14 تاغار كىيىم ۋە باشقا تۇرمۇش ماددى ئەشيالىرىنى مەيدانغا تۆكۈپ بىرمۇ بىر تارقاتتۇق .40 نەپەر سىتۇدىنىتقا 200 سومدىن 8000 سوم تارقاتتۇق .5000 سومنى نەق مەيداندىكى ئاغرىقچان بوۋاي -مومايلارنىڭ يانچۇقىغا سالدۇق .ياردەم چەكلىك بولغاچقا بۇ قەدىردانلاردىن كۆزىمىز قىيمىغان ھالدا ئايرىلدۇق .نەق مەيداندىكى  سىتۇدىنىتلار ۋە ئامما بىر سوم پىلانى پائالىيىتىگە ، تاغ ئارقىسىدىكى بورتالا دېگەن يۇرتتىكى تۇغقانلىرىمىزغا بولغان قىزغىن سالىمى ۋە چوڭقۇر رەھمىتىنى بىلدۈردى .
4. خوتەندىن  قايتىپ  گۇما ۋە قاغىلىق ناھىيەسىدىكى چەت كەنىتلەرگە بېرىپ  قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى يوقلايلى دېگەن ئىدۇق ،لېكىن مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى  پىلانىمىز ئەمەلگە ئاشماي ئۈرۈمچىگە 27-چىسىلا يېتىپ بېرىپ ئىككىنچى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان  ئىككى بىمارغا 8000 سوم پۇل بېرىپ بورتالاغا قايتىپ كەلدۇق .

5.قالغان 70 تاغار كىيىمنى 1-مارت كۈنى ئۈرۈمچىگە ماڭدۇرغان ،5-مارت كۈنى كېرىيەگە يېتىپ باردى .بۇ  كىيىملەرمۇ ھازىر تارقىتىلىۋاتىدۇ .....
ۋاپادارىم 912 نىڭ كۆڭۈل سۆزى :
بورتالادىكى پۇل ۋە كىيىم -كېچەكلەرنى ياردەم قىلغان ساخاۋەتچىلەرگە :   
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ساخاۋەتچىلەر ،سىلەر بىزگە ئىشىنىپ بەرگەن پۇل ۋە بۇيۇملارنى نەق جايىغا تەككۈزۈشكە ئەڭ زور چەكتە تىرىشتۇق ،نەق مەيداندىكى رەسىملەر ،بارلىق پۇل بەرگەن ئىسپات ۋە باشقا رەسىملەر ئالبوم قىلىنىدۇ ،12-مارتتىن كىيىن خالىغان ۋاقىتتا «ئىرپان كىتاپخانىسى »ياكى «شەربەت سوغاق ئىچىملىكلەر ماروژنىخانىسى»دا كۆرۈپ تەكشۈرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ .96 تاغا ر كىيىمنى بىرمۇ بىردىن تەكشۈرۈپ رەتلەپ  ئەۋەتىشكە ياردەملەشكەن دوسىتلىرىمغا ، 96 تاغار كىيىمنى  ئىككى قېتىم ئۈرۈمچىگە ھەقسىز توشۇپ بەرگەن (پۇل سۇندۇرساق 1000 سومچە ئالغان بولاتتى باشقىلار )،ئىككى قېتىم كىيىم توشۇشقا مەسئۇل بالىنى ھەقسىز ئاپىرىپ ئەكەلگەن پەرھات ۋە تۇرغۇن  ئىسىملىك شوپۇر ئاكىمىزغا كۆپ رەھمەت ،ئىلاھىم ئۇلارنىڭ يوللىرى راۋان ،تەنلىرى سالامەت بولغاي ،ئامىن .....
بىر سوم پىلانى تورداشلىرىغا:
بۇ قېتىم بىر سوم پىلانى كارتىسىغا ئاپەت توغۇرلۇق ئۇرۇلغان پۇل 16700 سوم ،قالغىنى  نەق پۇل ھېساباتلىرى ،مۇشۇ تاپتا مۇشۇ پۇللارنى ئەۋەتكەن بارلىق ئەزىزلەرگە دەيدىغىنىم مېنىڭ ئۈندىدارىمدا بارلىق نەق مەيدان خاتىرلىرى كۈندىلىك ئەۋەتىلگەن ،شۇنى كۆرىسىڭىزمۇ بولىدۇ ياكى مېنى قېتىۋالسىڭىز مەن ئەۋەتىپ بەرسەممۇ بولىدۇ . بارلىق پۇلنىڭ نەق مەيدان ئىسپاتلىرى ھەممىسى تولۇق ،سىلەرگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ....

خوتەندىكى مەرت ئوغلانلارغا :
بىزنىڭ بالىلار خوتەنگە چۈشكەن كۈنىدىن تارتىپ سىلەر ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ ئۇلار بىلەن بىللە  يۈرۈپ ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدىڭلار ،دالا ماشىنىسى چىقىرىپ ئەڭ يىراق كەنىتلەرگە  ئاپىرىپ  بۇ پائالىيەتنىڭ  كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتىشى ئۈچۈن كۆپ چارچىدىڭلار ،سىلەرگە ئەڭ ئالىي ئېھتىرام ،بىرىنچى قاراردىكى 3 يۈرۈش ئۆي پۈتكەندە ئۆتكۈزىۋالغىلى بارساق يەنە سىلەرنى ئاۋارە قىلىمىز ،ناۋادا بارالماي قالساق يەنە سىلەرنى ئاۋارە قىلىمىز دە ....سالامەت بولۇڭلار دوسىتلار .

ئاخىرقى سۆز :
بۇ قېتىقى پائالىيىتىمىز ئاياقلاشتى ،3 ساخاۋەتچى 10 كۈن ۋاقتىنى ئاجرىتىپ ،خىراجەتلىرىنى ئۆزى چىقىرىپ نۇرغۇن جاپالارنى چەكتى ھەم نۇرغۇن نەرسىلەرنى كۆردى ،بىلدى ،ئەڭ مۇھىمى ساخاۋەت ئىشلىرىغا  بولغان مۇھەببىتى تېخىمۇ ئۇلغايدى ،ئۇلارنىڭ نەق مەيدان تەسىراتلىرىنى ئاڭلىسىڭىز ھازىر تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان مىننەتدارلىق تەربىيىسى ئاڭلىغاندەك بولىسىز .بىر سوم پىلانىنىڭ  بوستان يېزىسىدىكى  ئىشلىرى تېخى توختاپ قالغىنى يوق ،بىز ئۈچ ئائىلىگە 21000 سوم تۆلىگەن ،بۈگۈنگىچە  بورتالادىن كېرىيەدىكى قالغان 9 ئائىلىدىن 5 ئائىلىگە 35000 سوم پۇل جەملىدۇق .پات ئارىدا قالغان 5 ئائىلىنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي پۇلىغا 7000 سومدىن تۆلەپ  كاپالەتنامە ئىمزالايمىز ،يەنە 4 ئائىلىكنىڭ 28000 سوم پۇلىنى ھەم ھەل قىلىپ ئاشۇ كەنىتتىكى  12 ئائىلىك ئەڭ نامرات قېرىنداشلارنىڭ يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرەلىشى ئۈچۈن بار تىرىشچانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز .ئىلاھىم ،مۇشۇ پۇرسەتتە بۇ كەنىتنىڭ «بىر سوم كەنىتى »دەپ ئەل ئاغزىدا يەنە بىر نامى  يادلانسە ئەجەپ ئەمەس .بورتالادىكى ساخاۋەتچىلەر نامىدا مۇشۇ 12 ئائىلىلىك ،بولۇپمۇ باشتىكى ئۈچ ئائىلىككە نۇقتىلىق ،ئۈزۈلدۈرمەي ياردەم قىلىپ ئۇلارنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى تېزىراق چۆرۈپ تاشلىشىغا ئۆزىمىزنىڭ بىر كىلىك ياردىمىنى يەتكۈزۈپ «بىر تەرەپ قىيىنچىلىقتا قالسا ،سەككىز تەرەپ تەڭ ياردەم قىلىش »تەك ئېسىل ئەنئەنىنى جارىي قىلدۇرىمىز ......
ئاخىردا قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن بارلىق ئەزىزلەرگە ئېھتىرام .
8- مارت كۈنى ،شەھرى بورتالادا ،ۋاپادارىم خانىسىدە يېزىلىپ بېقىلدى .





wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 10:34:51

ھەممە رەسىملەرنىڭ چۈشەندۈرىشى بار ئىدى ،چىقماي قاپتۇ يا ؟

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 10:35:16

قالغان تەپسىلاتلار ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىلىدۇ .

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 11:28:52

ساڭا ئاللاھ كۈچ بەرسۇن ئەيساجان ئاداش.

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 11:40:28

ئەيساجان ئاكا ، ئاللاھ سىنى ھەم سەن كەبى قېرىنداشلارنى ئىككىلا ئالەمدە ئەزىز قىلسۇن !

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 11:43:28

اللاھ !بەرگەن كۈنلىرىڭگە چەكسىز شۈكرى ........
كۆزلىرىمىدىن ئېختىيارسىز ياش تۆكۈلدى ........
پەقەت شۇنداق دىيەلەيمەن ، گۈل بولسۇن قەلبى گۈل ئادەملەر ئىزى.......
گۈل بولسۇن قەلبى گۈل ئادەملەر ئىزى ........

uygurjan09 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 11:48:17

بىر سوم پىلانى  ياكى  بىلىپ گۇرپىسنىڭ   خوتەندىكى   ئەترىتىگە شۇنداق بەك   قاتناشقۇم با  مېنىڭ     .....
يەر تەۋرىگەن كۈندىن باشلاش    مەلۇم مۇنبەردە   شۇنداق  ئىنكاس يېزىپ كەتتىم      پىدائى بۇلۇپ بارىدىغانلا بامۇ  كېرىيەگە   دىسەم     بىر  ئەزا    مەيدىسىگە  ئۇرۇپ  چىقالمىدى  ....

bilarman يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 11:53:22

{:112:}{:112:}{:112:}{:112:}{:112:}{:112:}{:112:}{:112:}{:112:}{:112:}{:112:}{:112:}

5tash يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 18:45:36

{:112:}

anayurtum يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 21:27:41


بىر سوم پىلانى  ياكى  بىلىپ گۇرپىسنىڭ   خوتەندىكى   ئەترىتىگە شۇنداق بەك   قاتناشقۇم با  مېنىڭ   ..................:(:(

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 23:49:49

جاپا چېكىپسىلەر! لېكىن ئەھمىىيەتلىك بوپتۇ! ھەممەيلەنگە ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بولسۇن!

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 07:07:07

خۇدايىم بۇيرىسا پات يېقىندا  ئىككىنچى تۈركۈمدىكى بەش  ئائىلىكنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ شەخىس تۆلەيدىغان 35000 سوم (ھەر بىر ئائىلىگە 7000 سومدىن )پۇلنى تۆلەپ توختامنامە ئىمزالايمىز .

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 08:33:00

بىلىپكە قاتنىشىدىغانلار ۋېيشىندا uy99999 نى قېتىۋالىسىلەر،ئاندىن ئەزالىق ئارخىپىنى تولدۇرىسىلەر،ئەزالىق بەدەل پۇلىغا ئايدا يۈزسوم تۆلەيسىلەر، مۇشۇ بەدەل پۇلى ياردەمگە ئىشلىتىلىدۇ

umut33 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 09:56:14

ئەيساجان ئۈندىدار نۇمرۇڭلىنى قالدۇرۇپ قوياڭلار ، بىرسوم پىلارنى گۇرۇپىسىنىڭ ئىشلىرىدىن خەۋەردار بۇلۇپ تۇرىلى

newyork يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 10:17:55

ئەسسالامۇئەليكۇم ۋاپادار قىلغان ئىشلىرىڭىزدىن ناھايىىتى سۈيۈندۈم.
زادى بورتالامۇ ياكى بۆرتالامۇ؟ بولسا ئۇ يەردىكى موڭغوللار،ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنى ھەققىدە دەپ باقسىڭىز؟

RGB يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 12:46:33

http://v2.freep.cn/3tb_140309144607g1sg512293.jpgئەيساجان ، ئەمسە يۇقارقى مەزمۇن قۇمبۇلاق سالونىغا يوللىنىلدى ، تورغا چىقالمىغان قېرىنداشلار يانفون ئارقىلىق كۆرسۇن .
ئىزدەش نامى : kumbulak

akida525 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-13 14:49:21

ئاۋۇ ئۆيلەرنى كۆرۈپ يۈرۈكۈم چىدىيالمايلا قالدى، ئاھ ئاللاھىم، قېرىنداشلىرىمىز نېمە كۈنلەرنى چېكىۋىتىپتۇ بىز خەۋەرسىز يۈرۈپتۇق...............
بەت: [1]
: «بىر سوم پىلانى »كېرىيەدە