akram0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 00:38:07

قىرىم روسىيىگە قوشۇلماقچى (تەرجىمە )

قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى پارلامىنتى 6-مارىت بېلەت تاشلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق قىرىمنىڭ فېدراتىسىيە سالاھىيىتى بىلەن رۇسىيە فېدراتسىيىسىگە قوشۇلىشىنى قارار قىلدى، ھەمدە مۇشۇ ئاينىڭ 16-كۈنى ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ سالاھىيەت مەسلىسىسىگە قارىتا ئومۇم خەلق ئاۋازغا قويۇش ئېلىپ بارىدۇ. قىرىم ئالى پارلامىتنى شۇ كۈنى 78 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 0 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى، 8 ئاۋازنىڭ ۋاز كېچىشى بىلەن بۇ قارارنى ماقۇللىقتىن ئۆتكۈزدى.
    قىرىم پارلامىنتىنىڭ قارارىدا مۇنداق دېيىلگەن : بېلەت رۇس، ئۇكرائىن، قىرىم تاتار يېزىقلىرىدا بېسىپ چىقىرىلىدۇ. ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن مەسىلە قىرىم ئاھالىلىرىنىڭ بىردەك ئىرادىسى دەپ قارىلىدۇ.
    قىرىم پارلامېنتى يەنە روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ۋە روسىيە پارلامېنتىنىڭ قىرىمنىڭ روسىيە فېدراتىسىيىسىگە قاتنىشىش كۈنتەرتىپىنى قوزغىتىشقا تەكلىپ بەردى.
    ئۇكرائىنا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى ئارشىن ياسەينۇك مۇنداق دېدى :« بۇ بىر قانۇنسىز قارار، ئەگەر ۋەزىيەت يەنە كەسكىنلىشىپ تاشقى دۆلەت قىسىملىرى ئۇكرائىنانىڭ زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلسا، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ۋە ھەربى تەرەپ ئاساسى قانۇن بويىچە ئىش كۆرىدۇ. بىز ۋەتىنىمىزنى قوغداش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈپ قويدۇق، ئۇكرائىنا ھەر قاچان ئاساسى قانۇن بويىچە قورال كۈچى ئارقىلىق ۋەتەننى قوغداشقا تەييار››.
    روسىيە تەرەپنىڭ قارشىچە ، رۇسىيە فېدراتسىيىسى ئومۇم خەلق ئاۋازىغا قويۇشنىڭ نەتىجىسى چىقمىغىچە قىرىم مەسلىسى ئۈستىدە ئۆزىنىڭ مەيدانىنى بېكىتمەيدۇ دەپتۇ.
    بىر ئامېرىكا ئەمەلدارى ئىپادە بىلدۈرۈپ : قىرىمنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغان ھەر قانداق قارارغا ئۇكرائىنا مەركىزى ھۆكۈمىتى چوقۇم قاتنىشىشى كېرەك دەپتۇمىش......
   
    ئەمدە راست ئاۋازغا قويسا، قىرىم 60% رۇسنىڭ گېپى بويىچە روسىيىگە قېتىلىپ كېتىپ قالاما ؟؟؟  ئۇكرائىنامۇ لۆملۆملۈك قىلغۇچە بۇ چاققا ياۋروپا ئىتىپاقىغا يا بوممىسا شى ئا ئە ت غا قېتىلىپ كەتسىمۇ ..... ئەمدە روسىيە بىلەن سېنىڭ مېنىڭ دېيىشىپ قالسا تاتار قېرىنداشلارغا ئۇۋال بولىدىغان بولدى.
بەت: [1]
: قىرىم روسىيىگە قوشۇلماقچى (تەرجىمە )