waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 21:05:54

شىرئەلىجان ھالقىلىق توپنى چۇشۇرۇپ شىنجاڭ دۇڭگۇەننى يەڭدى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   waskitbol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-7 21:38  

ئۈرۈمچى ۋاقتى 3- ئاينىڭ 7- كۈنى كەچ ، 2013- 2014- پەسىللىك جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى يىرىم ھەل قىلغۇچ باسقۇچى ئىككىنچى مەيدان ئۇچىرىشىش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىپ،  شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى قىزىل تاغ تەنتەربىيە مەيدانىدا دۇڭگۇەن ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە  ئىلىپ باردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىدىن  شىرئەلىجان مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا ئاز ۋاقىت قالغاندا ھالقىلىق ئۈچ نومۇرلۇق توپنى چۈشۈرۈپ ئاخىرى114-111 نەتىجە بىلەن دۇڭگۇەن ۋاسكېتبول كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئومۇمى نەتىجىنى 2-0 قىلىپ ئۆزگەرتتى.
  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن بەش ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى خاندېرسېن 40 نومۇر، 8 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 2 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ تاڭ جىڭدۇڭ 21 نومۇر، 9 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ شىرئەلىجان 14 نۇمۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ سېنگېلدون 12 نومۇر، 11 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 1 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 1 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ جاڭ چىڭپىڭ 11 نۇمۇر، 1 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  ياڭ جىڭمىڭ 6 نومۇر، 7 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 7 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ سۇۋىي 5 نۇمۇر، 4 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ سۈن مىڭياڭ 5 نۇمۇر، 5 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
   دۇڭگۈەن ۋاسكېتبول كوماندىسىدىن تۆت ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى،  كوماندا ئەزاسى بوبى بروۋىن 45 نومۇر، 5 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ؛ دونىت گرېن 12 نومۇر، 8 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ گوچۇەن 14 نومۇر، 7 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ لوخەنچىن 12 نومۇر، 7 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ لى مۇخاۋ 9 نومۇر، 9 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  جاڭ كەي 5 نومۇر، 8 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.   
مۇسابىقە ئۇرۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى بۇيىچە، شىنجاڭ كوماندىسى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۆز مەيدانى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا داۋاملىق دۇڭگۈەن ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن داۋاملىق مۇسابىقىلىشىدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 07:44:05

بارىكاللاھ!!!

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 12:30:36

ئەزمەت !!!




خاندىرسىن چىما ۋۇ ؟

tumurjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 17:54:51

داۋاملىق ئالغا…

atarut يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 18:22:31

شىر ئەلىجان ئورۇنسىز خىلاپ ھەرىكەتلەردىن ( فەنگۈيدىن) ساقلىنىشى كىرەك.

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 18:41:08

دۇڭگۈەننىڭ يۈزى يەنە تۆكۈلدىمۇ نېمە؟ ئۆتكەندە قالايمىقان يەرلەرنى تازىلاپ ، پۈتۈن مەلىكەتتە داڭقى چىققانتى ، ئەمدى كوماندىسىمۇ يېڭلىپتۇ :lol:lol

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 22:51:20

بەك قىزىدى. تاسلا قالدى ئۇتتۇرۇپ قويغىلى. شىرئەلىجاننىڭ ئاخىرقى ئۈچ نۇمۇرلۇق توپى بەك جايىدا چۈشتى...ئەمدى ئۈچىنچى مەيدان يەنىلا قىزىلتاغ مەيدانىدا ئوينايدۇ. ھەل قىلغۇچقا كىرىشتە ئۈمۈد زور...

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 09:24:19

atarut يوللىغان ۋاقتى  2014-3-8 18:22 static/image/common/back.gif
شىر ئەلىجان ئورۇنسىز خىلاپ ھەرىكەتلەردىن ( فەنگۈيدىن)  ...

مۇسابىقىدە بۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.
بەزىدە قارشى تەرەپ ھالقىلىق ئەزالارغا مەقسەتلىك تاكتىكا ئورۇنلاشتۇرۇپ قائدىگە خىلاپلىق قىلغۇزىۋېتىدۇ.

bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 09:46:23

جەمئىي نەچچە مەيدان ئوينايدۇ....  يىللاردىن بۇيان يېڭەلمەي ئىككىنچى بولۇپ يۈرگەنتى، ئەمدى بولسا بىر يەڭسۇن... ئەگەر بېيجىڭ بىلەن ھەل قىلغۇچقا كىرسە، شىنجاڭ بېيجىڭنى چۆپتەك سالىدۇ.
بەت: [1]
: شىرئەلىجان ھالقىلىق توپنى چۇشۇرۇپ شىنجاڭ دۇڭگۇەننى يەڭدى