Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 19:14:20

(بىلىك)ھەممەيلەن بۇ يەرگە كىرىڭلار گەپ بار..

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

ھەممەيلەن تېنچ-ئامان تۇرغاندۇ، ئائىلە بالا-ۋاقىللىرى سالامەت، ئىش-ئوقەتلىرى جايىدا كېتىۋاتقاندۇ ئىنشااللە! ئۇزۇن زاماندىن بېرى كۆپچىلىككە مۇشۇنداق سالام بېرىپ باقماپتىمەن، تېمىغىمۇ مۇشۇنداق باشقىچە ماۋزۇ قويدۇم..(بەلكى زىرىكىشلىك بولغان) گېپىمنى باشلىسام، مۇنداق گەپ ئېدى:

ئىلىم-پەن ۋەتېخنىكا يېڭىلىقلىرىنى ئاساسى مەزمۇن قىلىدىغان، ھەرقايسى جايلاردىكى ئىلىم سۆيەرلەرنىڭ بىرلىكتە سۆبىتىدىن ئىلھام ئۇچقۇنلىرى چاقناپ ئىلمى تەپەككۇر ۋە مۇلاھىزە قىزغىنلىقىنى قوزغايدىغان، ئۆز-ئارا بىلىم ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش سورۇنى بولىدىغان، بىلگەنلەرنىڭ بىلگەنلىرىدىن «زاكات ئايرىيدىغان»، بىلمىگەنلەرنىڭ بىلگەنلەردىن سوراپ ئۆگۈنىدىغان، شۇ ئارقىلىقئومۇمىي يۈزلۈك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇشنى مەخسەت قىلىپ ئىلىم-پەن تورى دەسلەپكى قەدەمدە پۈتۈپ چىقتى..

گەرچە بۇ پىلان خېلى بۇرۇن قىلىنغان بولسىمۇ قېيىنچىلىق، ۋاقىت، كۈچ ۋە سەۋىيە چەكلىمىلىكى تۈپۈيلىدىن دەسلەپتە درۇپال سېستىمىسىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان «ئىلىم-پەن تور مەكتىپى» يېقىنقى مەزگىللەرگىچە تاشلىنىپ قالغان ئېدى. دەسلەپتە ئوخشاش مەخسەتتە، باشقا «ئۇلۇغۋار» پىلانداقۇرۇشنى نىيەت قىلىپ، كۆپ ھەپىلىشىپ باققان بولساممۇ توربەت ياساش بىلىمىرىگە نۆل بولغانلىقىم ئۈچۈن، بۆلجۈرگەن، چارۋىچى قاتارلىق قېرىنداشلارنىڭ ھەمدىمى ۋە كۆرسىتىشى بىلەن ئەسلىدىكى نۆلدىن بىرئاز پەرقلەنگەنمۇ بولدۇم...

گەپنى باشلىغان ئىكەنمىز، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرمىساق بولماس. بۇ «ئۇلۇغۋار» پىلاننىڭ «يىلان قۇيرۇق» بولۇپ يوق بولۇپ كېتىشىنى ئەسلا خالىمىغان مەن، باشقا ئىشلىرىم سەل سېلىكىگە چۈشكەندەقايتىدىن ئۇنىڭغا كىرىشكەن ئېدىم. ئەسلىدىكى پۈتۈنلەي ئاكادېمىك ئۇسلۇبتىكى ( توردا ئېچىۋېتىلگەن دەرسخانا،ئۇنۋېرستىت ياكى ئاكادېمىيەگە ئوخشاش) درۇپال سېستىمىسى ئاساسىدىكى قۇرۇلۇپ بولغان تور بەتنىڭ سانداننى يۇيۇپ، ئوخشاش تور نامى ئاستىغا ھەممەيلەگە تونۇشلۇق بولغان Discuz نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرىگە ئۇنىڭ بىلەن «نۇرقۇت ئەتىرىتى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقىنى قۇشۇپ، نۇرقۇت تورىدا ئۆگۈتۈلگەن قاچىلاش كۆرسەتمىسىگە ئەگىشىپقاچىلاپ چىقتىم ۋە دەسلەپكى قەدەمدە مۇنبەر ۋە باش بېتى بولغان(ئاددىي رامكىسى پۈتكەن) بىر بەتنى قۇرۇپ چىققان بولدۇم.. بۇ ئارىدا نۇرقۇت ئەتىرىتىگە، ماڭا ئاز-تولا ياردەمدە بولغان بۆلجۈرگەنگە ۋە بەزى مەسىللەردە يول كۆرسەتكەن كۆككەپتەر قېرىندېشىمىزغا سەمىمىي رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن! مېنىڭچە مۇنبەر ئاساسەن دېينامىك ھالەتكە كىلىپ بولدى.پەقەت،ئەزالار تىزىملىتىپ قىممەتلىك تېما-ئىنكاس، پىكىر-تەكلىپلىرىنى بەرسە، بۇ ئاددى لېكىن، سەمىمىي كۆڭلۈمىزنى ئىلىك ئېلىپ، گەرچە نۆۋەتتە تور دۇنياسىدا خىلمۇ-خىل، بىر-بىرىدىن ئېسىل تور بەتلەر بولسىمۇ، كەينىدە قاپتۇ دېمەي، زاڭلىق ئەتمەي، شۇلارنىڭ قاتارىدا مەۋھۇم دۇنيادىكى بۇ ئۆيىمىزگە قەدەم-تەشىرىپ قىلىپ بەرسەڭلار تولىمۇ خۇرسەن بولاتتىم.

ئەسلىدە بۇ تور بەتنى ھەرقايسى يەرلەردىكى بارلىق ئۇيغۇر دوكتۇر، ماگىستىرلىرىنى يىغىدىغان، ئۇلار بىلىمىدىن زاكات ئايرىيدىغان، ئۇلاردىن دوكتۇرلۇق، ماگىستىرلىق يولىغا قاراپ كەتكەن ياكى كىتىۋاتقان ياشلار، ئىلىم-پەننى سۆيۈدىغان باشقىلار ئېلىھام ئالىدىغان، ئۇلاردىن سۇئال سورايدىغان، ھەتتا ماگىستىر ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ تەبىئىي پەن ئاساسىي بىلىمىرى بويىنچە سىن-دەرس ئىشلەپ تارقىتىدىغان قىلماقچى ئېدۇق. ھالبۇكى، يۇقىرىدا دېگەندەك تۈرلۈك سەۋەپ تۈپەيلىدىن ھازىرچە ئۇنداق قىلالمىدۇق. ھازىرچە ھەممىمىزگە تونۇش بولغان مۇنبەرنى ئىشلىتىپ باقساق، كىيىنچە ئالدىرىماي ئۇمۇ بولۇپ قالار دېگەن ئۈمۈدتىمەن! كۆپچىلىككە چوڭ داۋراڭ قىلىپ، شۇنچە ۋاقىتتىن كىيىن ئاددىيلا بىر مۇنبەر ياساپ قويغېنىدىن خېجىلمەن. شۇنداقتىمۇ، (تور بەتچىلىك ئىشلىرىنى بىلمەيدىغان مەن)قولۇمدىن كېلىشىچە كۈچ ۋە زېھنىمنى چىقاردىم دەپ قارايمەن، شۇڭا ئەيىپكە بۇيرۇمىغايسىزلەر!

«يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى..» دىگەن تەمسىل بار. زېھنىمنى، چىقاردىم ھەم چىقىرىمەن ئىنشااللە، لېكىن قېرىنداشلارنىڭ ماڭا ھەمدەمدە بولۇپ قوللاپ بېرىشىنى ئارزۇ قىلىمەن. مېنىڭ بىردىن بىر ئۈمۈدۈم ئارىمىزدىكى بۇرخۇتۇمچۇلۇق، دىنى مەسىللەردە تالاش تارتىش، ئۈمۈدسىزلىكنى قويۇپ، پىكىر-مۇلاھىزىدە ئۆزىمىزگە تەۋە بولغان شۇ كاللىمىزنى بىرلا نەرسە، ئويلۇنۇش، بىلىم ئۆگۈنۈش ۋە ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، بىلىم-ساپادا ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە زىېھنىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ باقساق... ياراتقۇچى اللە مېڭىمىزنى ئەتىۋا قىلىپ ئەڭ ئۈستىمىزگە (بىخەتەر باش سۆڭەڭ ئىچىگە) ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ،پىكىر قىلىشنى قۇرئاندا كۆپ تەكىتلەپتۇ، ئوقۇشنى، بىلىم ئېلىشنى تەكىتلەپتۇ.. ئۆگىنەيلى دېسەك بىلىم ئاسماندېكى يۇلتۇزلاردىنمۇ كۆپ، قاراڭ مانا ھازىر بىزنىڭ پۈتۈن ئەس يادىىمىز نەفسىمىزدە ئىكەن باشقىلار شۇ يۇلتۇزلارنى سانىماقتا، يۇلتۇزلارغا ئۇچماقتا... ئۇلار بىلىم ئالماشتۇرۇش، تېخنىكا يېڭىلىق يارىتىشتىن ھوزۇر ئالىدۇ، شۇنداق بولغاچقا، شۇنداق بولۇپ كەلگەچكە پۈتۈن تېخنىكا ۋە يېڭىلىق نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيان شۇلاردىن چىقىپ كەپتۇ...

«پەننى ئومۇملاشتۇرۇش» ئاددىي بىرگەپ بولىشى مۇمكىن، لېكىن ئەگەر بىزدە يەنە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، ئىلمىي پىكىر ۋە تەتقىقات قىزغىنلىقى قوزغالمايدىكەن، يەنە مەكتەپتە ئوقۇشتىكى بىردىن بىر مەخسەت «جان بېقىش» دىگەن مەنتىقىدە ۋە پوزۇتسىيەدە بولىدىكەنمىز گەپنىڭ ئېنىقىنى قىلغاندا توزۇپ كېتىمىز. بىر مىللەت توپىنىڭ ئەتىۋارى ئۇنىڭ ئەركىن سىدىق ئاكىمىزدەك، تاشپۇلات روزى ئاكىمىزدەك، جەك مۇئەللىمدەك، دوكتۇر بىلگەجاندەك،... يەنە نۇرغۇن ئىلمىي ساھەدە كۆزگە كۆرۈنگەنلەرنىڭ كۆپ-ئازلىقى بىلەن بەلگىلىنىشى مۇمكىن. شۇنداقلار ئارىمىزدا كۆپ، ھەم بۇ قوشۇن كىشىنى خوشال قىلىدىغان دەرىجىدە كېڭىيىۋاتىدۇ، ئىنشااللە كەلگۈسىدە بىزدىن نوبىل مۇكاپاتى ئالغانلار، پروفېسسورلار، ئاكادېمىكلار كۆپلەپ چىقسا بىزگىلا ئەمەس ھەممەيلەن ئۈچۈن كۆپ پايدىلىق بولىدۇ..

باللارنى ئوقۇتايلى، ئۆزىمىزمۇ ئۆگىنەيلى باللار ئۈچۈن، باللارنىڭ سەبى سۇئاللىرىغا جاۋاپ بىرەلەش ئۈچۈن. ئوقۇش خىزمەت تاپقۇزۇش ئۈچۈنلا ئەمەس، خىزمەت تاپالماي قالمايدۇ، جان باقالماي قالمايدۇ. جان باقالماسلىق قورقۇنچىسىدىن قۇتۇلۇپ زېھنىمىزنى خەيرىلىك ئىشلار ئۈچۈن بىرلىكتە سەرىپ قىلساق، چۈشكۈنلەشكەن قېرىنداشلارنى ئارىمىزغا تارتىپ ئىككى ئېغىز ياخشى گەپ قىلىشساق، بۇرخۇتۇمچىلىقنى قايرىپ قويۇپ پىكىر قىلىشنىڭ ھوزۇرىنى ياشىساق دەپئۈمۈس قىلىمەن...

ئەسلى مەخسەتنى ئۇنۇتۇپ گەپ ئۇزۇراپ كېتىپ قالدى.گەپكە كەلسەك، ۋاي قېرىنداشلار ئۇنداق قىلماي كېلىڭلار،ھە ھۇ دېيىشىپ بىر ئىسسىق بىر كەيپىيات يارىتايلى. تەتقىقاتچى، ماگىستىر، دوكتۇرلارغا تۈرتكە، قىزىققۇچى قېرىنداشلارغائېلھام مەنبەسى بولسۇن بۇ بىكەت!

ئاخىرىدا كۆپچىلىكنىڭ بۇ دەسلەپكى رامكىغا قارىتا پىكىرلىرىنى، بىكەتنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە گۆزەللەشتۈرۈشكە قارىتا تور تېخنىكلىرىنىڭياردېمنى كۈتىمەن! خەيىر اللە غا ئامەنەت بولۇڭلار.

2014- يىل 3-ئاينىڭ 7- كۈنى جۈمە.

gewala يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 21:21:18

تىزىملىتىۋەتتىم ئەمىسە ،ئاللا خالىسا ھەممىمىزگە نەپ بېرىدىغان ،ئىسىل تور بەتتىن يەنە بىرسى بولۇپ قالغاي. بەتنىڭ ئېچىلىشى سەل ئاستىمۇ قانداق ؟ياكى دەسلەپكى باسقۇچىدا مۇشۇنداقمۇ؟

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 21:25:52

مەن تېخى تېما ئسمىنى كۆرۈپ كىرىپ بىلىگكامدىن شۇ ئىش قانداق بولدى دەپ سوراي دىسەم نەخ شۇ مەن سورماقچى بولغان سۇئالنىڭ جاۋابىكەن.ھارمىغايسى‍ز.

paliwan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 21:31:05

مەن تولوقسىز ئوتتورا مەلۇماتىدا ،شەرتىم توشمايدىكەن:lol

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 21:36:59

مۇنبەرنىڭ تىزىملىتىش ئىقتىدارىغا يا پۈتۈن ئۇيغۇرچە ، ياكى پۈتۈن ئىنگىلىس ھەرىپچە قىلسىڭىز بولغۇدەك ، بولمىسا بەزىدە بىلىگ بىلەن Bilig نى پەرىق ئىتىپ بولالماي مۇنبەر سەل قالايمىقان بولۇپ قىلىشى مۇمكىن .

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 22:38:41

ئوغلۇم ئىلىم- پەن تورلىرىغا دائىم كىرىدۇ،ئىلىم- پەنگە دائىر ئۇيغۇرچە مەخسۇس توربەتلەرنىڭ بولۇشى ئۇنى چوقۇم خۇش قىلىدۇ. شۇ يەرگە قوشۇپ قوياي.
بالىلار ئۈچۈن سەھىپە ئاچسىڭىز ياكى بىرەر دوستىمىز بالىلارغا ماس ئىلىم- پەن تورى ئاچسا ئوغلۇمنى ئەزا قىلىپ قوياتتىم.

yapraq يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 22:55:01

ياخشى بوپتۇ ،قوللايمىز!

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 23:20:28

مەن تىلفۇندا چىققان ئىدىم
يىڭىيازمىلار ، يىڭى ئىنكاسلىق يازمىلار ، نادىرتىمىلار قاتارلىق سەھىپىلەرنى قوشساڭلار تىخىمۇ ياخشى بولاتتى

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 23:24:29

تېزملىتىۋەتتىم ئەمسە !
بىلگەنلىرمىزىنى تۆكۈپ ، ساقلىغانلىرمزىنى ئوتتۇرغا تاشلاپ تۇرساق، ئوبدانلا تور بىكەت بولۇپ قالغۇسى ئىنشائاللاھ !

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 00:23:51

قۇتلۇقلايمەن ، بىراق ، مەن بۇرۇن تىزىملاتقان ، كىرەلمىدىم.

Julaliq يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 05:38:00

مۇبارەك بولسۇن، تىزىملىتىۋەتتىم، بۇندىن كېيىن كىرىپ تۇرىمەن.

PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 11:35:26

باش بەتتىكى مەرھابا دىگەن سۆز ھەرھابا دەپ ئىملا خاتالىقى چىقىپتۇ

uygurjan09 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 11:54:22

مەنما بىر كىشلىك تىزىملاتتىم   ئەمسە

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 12:08:48

مەنمۇ تىزىملىتىۋەتتىم ، قېرىندىشىمىز « بىلىگ » نىڭئىشلىرى ئىلگىرى بولسۇن !

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 16:35:16

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

بۇ تور بېكىتى ئۈچۈنياردەمدەبولىدىغانلارغا مۇراجەت قىلىمەن!

قىلىدىغان ئىشلار:
1. خاتالىق ئۇچۇرلىرىنى ئوڭشاش
2.بەت يۈزىنى گۈزەللەشتۈرۈش
3. سەھىپىلەرنى رەتلەش
4. تىزىملىكلەرنى رەتلەش ۋە سەھىپىلەرگە ئۇلاش
5. سەھىپىلەرگە ماس ئايكون (كىچىك رەسىم) لارنى چىقىرىش
6. بېكەت باياناتنامىسىنى چىقىرىش
7. دوستانە ئۇلانمىلارنى چىقىرىش
...
ھازىرچە مۇشۇلار
كىيىنچە تەھرىرلىگۈچنىڭ كىرگۈزۈش ئىختىدارىنى يۇقىرلىتىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ياخشى ئۇسلۇب تەڭشەش دىگەندەك ئىشلارنى قىلىشىمىز مۇمكىن.. بەتنى ئاكادېمىك، نەپ بەرگۈچى، بىلىم ئىگىللىرى توپلىنىپ مەخسۇس ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى مۇناززىرە قىلىدىغان ۋە پەن تېخنىكا يېڭىلىقلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان قىلماقچى ئېدىم ئىنشااللە!
ھازىر يالغۇز قىيلىنىپ قالدىم،خالىسانە ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلار ياكى ھەقلىق بولسىمۇ تەلەپتىكى تېخنىك ئىشلىرىنى قىلىپ بېرىدىغانلارنىڭ جاۋابىنى كۈتىمەن.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 16:40:28

ھازىرنىڭ ئۆزىدە بالا سەھىپىلەرنىڭ ئېچىلىشى ۋە تېمىلارنىڭ ئالدى كەينىگە ياندۇرۇش مەسىلىسىدە404 خاتالىق چىقىۋېلىپ، نەدىن قانداق ئوڭشاشنى بىلمەيقېلىۋاتىمەن، بىلىدىغانلار دەپ بەرسەڭلەر، رەھمەت!

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 16:49:08

ھازىرچە تىزىملىتىپ قويدۇم ، خەۋەردار بولۇپ تۇراي دەپ ،
بىر بەتنىڭ ئاۋىغىنى ئاۋىغان بولسۇن..................
تەشەككۇرلەر

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 17:54:43

مۇبارەك بولسۇن !

tumurjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 18:06:18

مەنمۇ كىرىپ بىر قاراپ باقاي. بۇ مۇنبەرنىڭمۇ ئاۋات مۇنبەر بۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

anur77 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 18:54:38

قوللايمىز ھەم ئەڭ ياخشى تور بەتلەردىن بولىدىغىنىغا ئىشىنىمىز.
بەت: [1] 2
: (بىلىك)ھەممەيلەن بۇ يەرگە كىرىڭلار گەپ بار..