meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 16:57:09

ئىزدىنىشلىقلارغا سالىدىغان ئىككى مەسلىھەت بار.

1-بىنا ئۆيۈمنى زىننەتلىمەكچى ئېدىم.ئامال بار.ئەڭ ئاددىي،ئەڭ ئەرزان زىننەتلەش ئامالىنى كۆرسىتىپ بەرسەڭلار.پۇلۇممۇ كۆپ ئەمەس.پۇل بولغان تەقدىردىمۇ نوچى زىننەتلەش نىيىتىم ئەزەلدىن يوقتى.تام ئىشكاپ دېگەندەك نەرسىلەرنى ياساتمايمەن.ئاساسلىقى تامنى قانداق ماتىرىيالدا ئاقارتسام بەدەنگە زىيانسىز،تەننەرخى تۆۋەن بولار.يەنە بىر مەسىلە مەن زىننەتلەيدىغان ئۆي تۇرپان شەھەر ئىچىدە ئەمما مەن يەرلىك تۇرپانلىق ئەمەس.بىلىشىمچە ئىزدىنىشتا تۇرپانلىق باللامۇ خېلى بار.زىننەتلەش ساھەسىدە تونۇيدىغان ئۇستاملارنىڭ تېلفۇن نومۇرى بولسا تەمىنلىسەڭلار.ئۇيغۇر ئۇستاملار بولسا ياخشى بىر تامسىمۇ ئۆزىمىزگە تامسا دەيمەن.تېلىفۇن نومۇرۇم 15109957010
2.ھازىر باشلانغۇچنىڭ ئىلىپبە دەرسلىكىگە ئائىت دەرسلىك دىتالى ئىشلەۋاتاتتىم.سوزۇق ھەم ئۈزۈك تاۋۇشلارنى ئايرىم-ئايرىم يىزىشقا توغرا كېلىدىكەن.مەسىلەن:باش«ۋ»نى يىزىشنى بىلىمەن.ئەمما ئاخىر ۋ نى يىزىشنى بىلمەيدىكەنمەن.مۇشۇنداق ئۇلانما ھەرپلەرنى يالغۇز يىزىشنى بىلىدىغانلار بارمۇ؟
بىلىدىغانلار ئېرىنمەي ياردەم قىلغان بولساڭلار.ئىشلىتىۋاتقان خەت نوسخام ئەلكاتىپ.

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 18:34:18

قارىغاندا يېڭى ئۆيدەك تۇرىدۇ ،  ئۆي قولىڭىزغا ئاق تىگىدۇ ، يەنە ئىشقىلىپ بىر قەۋەت زاماسكا بىرىلگەن ھالەتتە تىگىدۇ ، ھەر قانداق تامچىنى چاقىرىتسىڭىز نېيزى ئۇرىمىز ئاندىن ئاقارتىمىز دەپ ئاز دىگەندە نەچچە مىڭنىڭ گىپىنى قىلىدىكەن ، مەنچە موشۇ ئىشنى ئۆزىڭىز نېيزى ئۇرسىڭىز ئەگەر ئۇنى قىلالمسىڭىز ، بولدى قىلماڭ ، نېيزىنىڭ تامنى تۇز سىلىق كۆرسىتىش رولى بولىدۇ شۇ ،
ئاق تۇليۇدىن ئىككى تۇڭ سېتىۋېلىڭ كىلۇسى ئالتەموغۇ دەيمەن ، چوتكىدىن ئىككىنى سېتىۋېلىڭ ، ئاندىن خوتىنىڭىز ئىككىڭلار يەڭنى شىمايلاپ ئشىنى باشلاڭلار ،  ئۇچيۇزكويدىن ئېشىپ كەتمەس دەيمەن ،  
ئاندىن چىراقنى يورۇق سېلۋەتسىڭىز ھېچنىمە چانمايدۇ ،


بەزى ئادەتلەنگەن قاراشلاردىن ۋاز كىىچىڭ ، نيېزى ئۇرۇش دىگەن بىر ئاۋارچىلىق ، تېخى قۇم قەغەزبىلەن سىلقلاش ، بالام ئۆيگە ئالا قويماي سىزغاندا  مەن بۇ ئىشنى قىلىپ باققان ، دەھشەت ئاۋارچىلىق ،

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 18:38:02

ھاكتا ئاقارتسىڭىز تەننەرقى تۆۋەن ھەم زىيانسىز بولىدۇ. بىراق بۇنىڭغا سىز ئۇنىماسلىقىڭىز مۇمكىن.
ھاك بەك ئاددىي بولۇپ كېتىدۇ دەپ قارىسىڭىز بۇ خىل سىرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولا.
http://detail.tmall.com/item.htm?spm=a230r.1.14.12.LuH4i9&id=18629432946&ad_id=&am_id=&cm_id=140105335569ed55e27b&pm_id=
بىراق ھاكتىن باشقا نەرسىلەرنى ئشلەتكەندە زىيانسىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ-دە.

mux يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 18:52:57

يىڭى شەھەر رايۇندىن ئالغاندەك قىلسىز، تەكلىپىم قۇمۇلدىن بىر ئۇستام كىلىپ مۇشۇ يىڭى شەھەر رايۇندىكى 20مىدەك ئائىلىنى بىزەكلەپ بولاپتىمىش، بولسا كۆرۈپ بىقىپ شاكىلنى ئىلىپ تاشلاپ مىغىزىنى يىمەمسز. ئەمما لىكىن يەنىلا ئاقچا خەچلەيسزدە   تېل نۇمۇرى لازىم بولسا  ئالاقىلىشاسز

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 19:02:10

tohotur يوللىغان ۋاقتى  2014-3-7 18:34 static/image/common/back.gif
قارىغاندا يېڭى ئۆيدەك تۇرىدۇ ،  ئۆي قولىڭىزغا ئاق تىگى ...

ۋاي ئۇ يىڭى تەرەققىيات رايۇنىدىكى ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىنى قارا تام پىتىلا بەردى.

kompyuter يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 19:31:38

ئىككىنچى سۇئالغا جاۋاب:
بىرىنچى ئۇسۇل:
1.http://www.ukij.org/fonts/غا كىرىپ ئاستىدىكى ئۇيغۇرچە ھەرىپلەرنىڭ كود جەدۋىلىدىن ماس ھالدىكى unicode كودىنى ئىلىپ يازماقچى بولغان پروگراممىڭىزدا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.(كود جەدۋىلىنى بۇيەگىمۇ ئەكىلىپ قويدۇم)

2. ئۇنى word تا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ماس بولغان unicode كودىنى word قا يېزىپ يازغان تۆت ھەرىپنى تاللىغان ھالەتتە Alt+x قوشما كونۇپكىسىنى باسسىڭىز سىزگە لازىم بولغان ھەرىپكە ئىرىشىسىز.
مەسىلەن : سىز يۇقىرىدا دېگەن  ئاخىر «ۋ»  («ﯟ») ھەرىپىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، «FBDF»  نى word قا يىزىڭ، «FBDF» نى تاللىغان ھالەتتە  Alt+x (ئالت + ئېكس)قوشما كونۇپكىسىنى باسسىڭىز سىز دېگەن ئاخىر «ۋ»  («ﯟ») ھەرىپىگە ئىرىشىسىز.
ئىككىنچى ئۇسۇل:
1. يۇلغۇن كۆپ ئىقدىدارلىق تەھرىرلىگۈچنى چۈشۈرۈڭ :(يۇلغۇن تورى مەندە ئىچىلمىدى)
http://www.yulghun.com/editor/ماۋۇسى سىنا تورىدىكى چۈشۈرۈش ئادرىسىhttp://ishare.iask.sina.com.cn/f/14991260.html2.قاچىلاپ مۇۋاپىقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن دېتالنى قوزغىتىڭ.
3. مەزمۇن رايونىغا سىز ئىرىشمەكچى بولغان ھەرىپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەلۇم ئۇيغۇرچە سۆزنى يېزىپ، يازغان سۆزنى تاللاپ تۇرۇپ ئۈستىدىكى تىزىملىك ئىستونىدىن «قوراللار» تىزىملىكىدىن «كېڭەيتىلگەن رايوندا كۆچۈرۈش»نى بېسىڭ ياكى Ctrl+D قوشما كونۇپكىسىنى بېسڭ.
4.ئەمدى مەزمۇن رايونىدا بىر قۇر تاشلىۋىتىپ  Ctrl+V قوشما كونۇپكىسىنى بىسىپ  بايا باسقان سۆزلۈكنى قايتا چاپلاڭ ھەم بويىچە ھەرىپلەر ئارىسغا بوشلۇق كونۇپكىسى قويۇپ ھەرپلەر بويىچە پارچىلىسىڭىز  ئۇيغۇرچە ھەرىپلەرنىڭ سۆزلۈكتىكى ئورنىغا  ماس كىلىدىغان شەكىللىرىگە ئىرىشىسىز.

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 20:00:00

kompyuter يوللىغان ۋاقتى  2014-3-7 19:31 static/image/common/back.gif
ئىككىنچى سۇئالغا جاۋاب:
بىرىنچى ئۇسۇل:
1.غا كىرىپ ئاستى ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كومپىيۇتىر قېرىندىشىم سىزدىن كۆپ مىننەتدار بولدۇم.رەخمەت سىزگە.

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 20:15:19

«تام ئىشكاپ دېگەندەك نەرسىلەرنى ياساتمايمەن.»
يوتقان- كۆرپە ، كىيىم -كىچەكلەرنى نەگە قويىسىلەر ،
ياساتماسلىقنىڭ ئاساسىنى بىلىپ باققۇم كەلدى .....

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 20:16:14

kompyuter يوللىغان ۋاقتى  2014-3-7 19:31 static/image/common/back.gif
ئىككىنچى سۇئالغا جاۋاب:
بىرىنچى ئۇسۇل:
1.غا كىرىپ ئاستى ...

ماڭا  ئۇيغۇر يېزىقى ئارا  (لاتىن  ، ئەرەپ ، سىلاۋىيان )ئالماشتۇردىغان دىتال ياكى تور بەت  بولسا  تەمىنلىگەن بولسىڭىز ....
ئېلگىرى يۇلغۇن تورىدا  قىلاتتىم بۇ ئىشلارنى ... گۇگۇللاپمۇ تاپالمىدىم بۇنداق تور بەتلەرنى .... رەھمەت

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 20:24:15

2- soئالغا جاۋاپ تەۋسىيە قىلغاچ بۇ تېمىنى ساقلىۋالاي
كومپىيوتىردا ئۇيغۇرتىلى ھەرپلىرىنى كىرگۈزۈشتىن ياردەم! دا دەل جاۋاپ بار

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 20:26:28

ghalibjan يوللىغان ۋاقتى  2014-3-7 20:16 static/image/common/back.gif
ماڭا  ئۇيغۇر يېزىقى ئارا  (لاتىن  ، ئەرەپ ، سىلاۋىيان )ئ ...

http://www.yolyar.com/html/qoral

nawa717 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 23:39:18

tohotur يوللىغان ۋاقتى  2014-3-7 18:34 static/image/common/back.gif
قارىغاندا يېڭى ئۆيدەك تۇرىدۇ ،  ئۆي قولىڭىزغا ئاق تىگى ...

قارىغاندا يېڭى ئۆيدەك تۇرىدۇ ،  ئۆي قولىڭىزغا ئاق تىگىدۇ ، يەنە ئىشقىلىپ بىر قەۋەت زاماسكا بىرىلگەن ھالەتتە تىگىدۇ ، ھەر قانداق تامچىنى چاقىرىتسىڭىز نېيزى ئۇرىمىز ئاندىن ئاقارتىمىز دەپ ئاز دىگەندە نەچچە مىڭنىڭ گىپىنى قىلىدىكەن ، مەنچە موشۇ ئىشنى ئۆزىڭىز نېيزى ئۇرسىڭىز ئەگەر ئۇنى قىلالمسىڭىز ، بولدى قىلماڭ ، نېيزىنىڭ تامنى تۇز سىلىق كۆرسىتىش رولى بولىدۇ شۇ ،
ئاق تۇليۇدىن ئىككى تۇڭ سېتىۋېلىڭ كىلۇسى ئالتەموغۇ دەيمەن ، چوتكىدىن ئىككىنى سېتىۋېلىڭ ، ئاندىن خوتىنىڭىز ئىككىڭلار يەڭنى شىمايلاپ ئشىنى باشلاڭلار ،  ئۇچيۇزكويدىن ئېشىپ كەتمەس دەيمەن ،  
ئاندىن چىراقنى يورۇق سېلۋەتسىڭىز ھېچنىمە چانمايدۇ ،


بەزى ئادەتلەنگەن قاراشلاردىن ۋاز كىىچىڭ ، نيېزى ئۇرۇش دىگەن بىر ئاۋارچىلىق ، تېخى قۇم قەغەزبىلەن سىلقلاش ، بالام ئۆيگە ئالا قويماي سىزغاندا  مەن بۇ ئىشنى قىلىپ باققان ، دەھشەت ئاۋارچىلىق ،


تو    خو    تۇر   ئەپەندىم، ئادەتتە ئانا تېل توغرۇلۇق كۆپ سۆزلەيتتىڭىز، ئەمما بۈگۈن بۇ ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ سەل كۆڭلۈم يېرىم بولدى...

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 08:46:31

yolyar يوللىغان ۋاقتى  2014-3-7 20:26 static/image/common/back.gif
http://www.yolyar.com/html/qoral

گەرچە  كۆپ قىسم ئۇلانمىلار ئېچىلمىغان بولسىمۇ يەنلا  سىزگە رەھمەت ... قىمەتلىك ۋاقىتىڭىزنى چىقىرىپ ئىنكاس يازغىنىڭىزغا  چىن دىلدىن تەشەككۇر ...رەھمەت سىزگە

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 10:17:14

ئاقارتىپلا ئولتۇرىڭە بولدى، ئەڭ زىيانسىز ھالىتى شۇ...

ـگ گ ئىـ ئېـ ھ ـھـ  ـپـ بـ ۋ  ـۋ ـل
بۇلارنى شىفت بىلەن ت نى تەڭ بېسىپ تۇرۇپ چىقاردىم، سىزمۇ چىقىرالايسىز.

oqmeas يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 12:35:01

مەن ئويلايمەن ، ئەگەر ئۆي ئۆزى ئولتۇرماقچى بولغان ئۆي بولسا تام ئىشكابنى قەرز بولۇپ قالسىمۇ چىقىرىش كېرەك. چۈنكى بۇ تارچىلىق بىنا ئۆيدىكى زۆرۈر بىسات، ئۆي ئەسلىدىنلا بەك كەڭرىچىلىك ئەمەس، شۇڭا مۇۋاپىق بوشلۇقتىن پايدىلىنىش كېرەك. قالغانلىرىنى ئەھۋالغا قاراپ تېجەشلىك بىلەن قىلسا بولىدۇ

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 10:07:27

radiofan يوللىغان ۋاقتى  2014-3-7 20:15 static/image/common/back.gif
«تام ئىشكاپ دېگەندەك نەرسىلەرنى ياساتمايمەن.»
يوتقان-  ...

تام ئىشكاپنىڭ تەييارسى ئەرزانكەن.بىر تاال تام ئىشكاپ ئېلىپ ياتاق ئۆيۈمگە قويسام بولىدۇ.ئۆينىڭ ھەممىسىگە تام ئىشكاپ ياساپ ئۆينى تارلاتقۇم يوق.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-3-10 20:44:48

{:87:}{:87:}{:87:}

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-3-11 14:19:34

nawa717 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-7 23:39 static/image/common/back.gif
تو    خو    تۇر   ئەپەندىم، ئادەتتە ئانا تېل توغرۇلۇق كۆ ...

كۆڭلۈڭلىنى يېرىم قىلماڭلا، ئۇ ئىنكاسنى يازغۇچى تو خۇ تور ئەپەندى ئەمەس.:lol
ID سىنى خەققە ئارىيەت بېرىپ تۇرغان ئوخشايدۇ. تو خۇ تۇر ئەپەندى تېما ئىنكاس يازسا 1. 2. دەپ بۆلۈپ يازىدۇ.:lol

kompyuter يوللانغان ۋاقتى 2014-3-11 16:00:25

ghalibjan يوللىغان ۋاقتى  2014-3-7 20:16 static/image/common/back.gif
ماڭا  ئۇيغۇر يېزىقى ئارا  (لاتىن  ، ئەرەپ ، سىلاۋىيان )ئ ...

مەن يۇقىرىدا تىلغا ئىلىپ ئۆتكەن «يۇلغۇن كۆپ ئىقدىدارلىق تەھرىرلىگۈچ»ىنىڭ شۇخىل ئىقدىدارى بار.
ئايلاندۇرماقچى بولغان يېزىقنى دېتالنىڭ تەھرىرلەش رايونىغا چاپلاپ ياكى ھۆججەت بولسا شۇنى ئىچىپ

قوراللار تىزىملىكىدىن تۆۋەندىكىلەرنى ماس كەلگىنىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ .
1.ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى(UEY) ياكى ئۇيغۇر سىلاۋىيان يېزىقى (USY)  نى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى(ULY)غا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئايلاندۇرماقچى بولغان يېزىق مەزمۇنىنى  يېزىقنى دېتالنىڭ تەھرىرلەش رايونىغا چاپلىغاندىن كېيىن يۇقىرىدىكى رەسىمدىن 1.نومۇردىكى ULY دا كۆچۈرۈشنى باسقاندىن كېيىن يېڭى ھۆججەتتىن بىرنى  قۇرۇپ ياكى ئەسلى تەھرىرلەش رايونىدا تۇرۇپلا ctrl+v نى بىسىپ كۆچۈرگەن مەزمۇننى چاپلىسىڭىز ئەسلىدە كۆچۈرگەن يېزىق ULY غا ئايلىنىدۇ. ساقلىۋالماقچى بولسىڭىز ساقلاشنى بىسىپ ساقلىۋالسىڭىز بولىدۇ .
2.ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى(UEY) ياكى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى(ULY) نى  ئۇيغۇر سىلاۋىيان يېزىقى (USY) غا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن،  يۇقىرىدىكى رەسىمدىن 2.نومۇردىكى « سىلاۋىيان يېزىقىدا كۆچۈرۈش» نى باسسىڭىز بولىدۇ .
3.  ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى(ULY) نى ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى(UEY) غا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن،  يۇقىرىدىكى رەسىمدىن 3.نومۇردىكى« ULY دىن چاپلاش» نى  باسسىڭىز بولىدۇ .
4. ئۇيغۇر سىلاۋىيان يېزىقى (USY)  نى ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى(UEY) غا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن،يۇقىرىدىكى رەسىمدىن 4.نومۇردىكى «سىلاۋىيان يېزىقىدىن چاپلاش»  نى باسسىڭىز بولىدۇ .

kompyuter يوللانغان ۋاقتى 2014-3-11 16:01:51

meyxor يوللىغان ۋاقتى  2014-3-7 20:00 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كومپىيۇتىر قېرىندىشىم سىزدىن كۆپ  ...

ئەرزىمەيدۇ .:handshake
بەت: [1]
: ئىزدىنىشلىقلارغا سالىدىغان ئىككى مەسلىھەت بار.