nawkeran يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 12:21:12

ئەزا بەي يەنسوڭنىڭ تەكلىپى يارايدۇ

سىياسى كىڭەش ئەزاسى بەي يەنسوڭقانۇندا بەلگىلەنگەن بايراملىق دەم ئېلىش كۈنىنى 11 كۈندىن 13-15كۈنگە ئۇزارتىش توغرىسىدىكى تەكلىپنى بەردى

         مەمىلكەتلىك ئىككى يىغىندىن ئىگەللىنىشچە سىياسى كىڭەش ئەزاسى بەي يەنسوڭقانۇندا بەلگىلەنگەن بايراملىق دەم ئېلىش كۈنىنى 11 كۈندىن 13-15كۈنگە ئۇزارتىش توغرىسىدىكى تەكلىپنى بەرگەن
      بەي يەنسوڭ مۇنداق دىدى : ئۆتكەن يىلى ھۆكۇمەت ئىككى قېتىم قانۇندا بەلگىلەنگەن بايراملىق دەم ئېلىش كۇنىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى لايھەنى جەمىيەتكە ئېلان قىلىپ پىكىر ئېلىپ ،ئاخىردا نەتىنجىسنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ پۇتۇن ئاممىنىڭ يۈكسەك دەققىتىنى تارتىپ، دەم ئېلىش خەلىق كۆڭۇل بۈلدىغان موھىم مەسلەئىپادىلدى.
       ھەممە نۇرمال بولغاندا دۆلىتىمىزدە ھەر يىلىدىكى دەم ئېلىش كۈنى 115كۈن بۇلدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 104 كۈنى ھەپتە ئاخىردىكى قوش دەم ئېلىش كۈنى بۇلۇپ ، قالدى 11كۈن بولسابىر يىل ئىچىدىكى ھەقىقى قانۇندا بەلگىلەنگەن بايراملىق دەم ئېلىش ھىساپلىندۇ.دۆلىتىمزنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىش ھەققى ئېلىپ تۇرۇپ يىللىق ئارام ئېلىش كۇنى بولسا دۇنيادا ئەڭ ئاخىردا تۇرۇش بىلەن بىرگە ، بۇ ئىش ھەققى ئېلىپ تۇرۇپ يىللىق ئارام ئېلىش سىياسىتى ئىنتايىن تەستە ئۇمۇملىشۋاتىدۇ ياكى ئۇمۇملاشتۇرۇش تەس بۇلۋاتىدۇ ، ھەتتا بىر قىسىم ئۇرۇنلار ئۇچۇقتىن ئۇچۇقبۇ خىلدىكى دەم ئېلىشنى خىزمەتچىلەرگە بېرىشنى رەت قىلدۇ . جوڭگولۇقلارنىڭ دەم ئېلىشى شۇ ئائىلىنىڭ بەختىلىك بۇلۇشىداموھىم ئۇرۇنغا ئىگە ، بۇلۇپمۇ پەرزەنتلەرنى ئاساس قىلغان ئائىللەردە بۇلۇپمۇ چوڭلار بىلەن بالىلارنىڭ بىرلا ۋاقىتتا قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىش ۋاقتىدىن بەھىرلىنىشنى بەسى مۇشكۇل ھەم تەس .مۇشۇنداق بولغاچقا جەمىيتىمىزدە %50 دىن كۆپرەك كىشلەرنىڭ1- ماي ئالتۇن ھەپتىلكنى ئەسلىگە كەلتۇرۇشنى تەلەپقىلشىنىڭ ئاساسى بۇلۋاتىدۇ .شۇڭا   قانۇندا بەلگىلەنگەن بايراملىق دەم ئېلىش كۈنىنى 11 كۈندىن ئۆتكۈنچى ۋاقىتتا13 كۇنگە ،ئەڭ ئاخىردا 15كۈنگە ئۇزارتىش توغرىسىدىكى تەكلىپنى بىرىمەن .ئۇ يەنە مۇنداق دىدى :ئىككى خىل ئۇسۇل ئارقىلىق بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بۇلدۇ ، بىر خىلى -دۆلەت بىر تۇتاش بەلگىلمە چىقىرىپ 1-ماي دەم ئېلىشنىڭ كەينىگە << ئالتۇن ھەپتىلك >> نى قۇشۇپ1- ماي ئالتۇن ھەپتىلكنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ؛ يەنە بىر خىلى -دۆلەت بەلگىلمە چىقىرىپ يېڭىدىن2-4 كۈنگىچە قۇشۇش ،بۇنى ئوخشىمىغان ئەھۋاللار ياكى ئۆرۇپ - ئادەتكە ئاساسەن ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەر،ئاپتۇنۇم رايۇن ئۆزلىرىكونكىرىتنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش، مۇشۇنداق بولغاندادۆلەتنىڭ بىر تۇتاش ئۇرۇنلاشتۇرشى كەلتۇرۇپ چىقارغان يول ۋە مەنزىرە نوقتىلىرىنىڭ ئادەم بىلەن تۇشۇپ كىتىش ئەھۋاللىرنى يىنىكلەتكىلى بۇلدۇ .

   مەنبە :http://news.sohu.com/20140307/n396213808.shtml
      نەۋقىران يوللىدى .

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 12:27:48

بەلەن دەپتۇ {:92:}

KALANDAR يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 12:33:26

،بۇنى ئوخشىمىغان ئەھۋاللار ياكى ئۆرۇپ - ئادەتكە ئاساسەن ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەر،ئاپتۇنۇم رايۇن ئۆزلىرىكونكىرىتنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش، مۇشۇنداق بولغاندادۆلەتنىڭ بىر تۇتاش ئۇرۇنلاشتۇرشى كەلتۇرۇپ چىقارغان يول ۋە مەنزىرە نوقتىلىرىنىڭ ئادەم بىلەن تۇشۇپ كىتىش ئەھۋاللىرنى يىنىكلەتكىلى بۇلدۇ .

مۇشۇنداق بولغاندا روزا ھىيىتتىمۇ 3كۇن دەم ئالالىساق ياخشى بولاتتى ،ئاران بىر كۈن دەم ئالساق ئەتىسىلام خىزمەتكە چۈشسەك خىزمەت ئۈنىمىمۇ تازا دىگەندەك ياخشى بولمايدۇ.....

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 13:04:16

بەي -يەنسۇڭ؟ ھەجەپ ئاڭلىغاندەك قىلمىنابۇ جۈپسۆزنى

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 14:12:17

بەي يەنسۇڭ   موڭغۇل ، س س ت ۋ دىكى ئاز ساندىكى ۋىجدانى ئېت يەپ كەتمىگەنلەرنىڭ برسى .
بوۋام مۇڭغۇل تىلىغا پىششىق ، خەنزۇچە ھىچنىمە بىلمەيىتتى ،
دادام قوشتىللىق ، مېنىڭ خەنزۇچە سەۋىيەم موڭغۇلچە سەۋيەمدىن كۆپ يۇقرى ، موڭغۇلچە كۆپ سۆزلەرنى بىلمەيمەن .
بالام ئاساسىي جەھەتتىن موڭغولچىنى بىلمەيدۇ .... دېگەن ..
白岩松。。。

aral52 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 14:15:50

ئاڭلىساق تۇغۇت دەم ئېلشىنى بىر يىل قىلىش توغرىسىدا پىكىر بەرگەن ئوخشايدۇ....بۇ ئەۋلاتلانىڭ كىيىنلىكى ئۈچۈن ئىكەن..بىر بالا بىر ياشقچە ئانسىسنى ئىمىپ چوڭ بولمسىا ...:o

lawa0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 15:10:32

بۇ تەكلىپ دىلنار ئابدۇللانىڭ ‹‹ناخشا-سازنى سازلاپ يۇقۇرى ئاۋازدا تەشۋىق قىلىپ،ئاشقۇن دىنى كۈچلەرنىڭ خەلقنى ئۆزىگە تارتىشىغا قارشى تۇرۇش تەسەۋۋۇرىدىن ئەمىلى تەكلىپ ھىساپلىنىدىكەن.

Uyghuran يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 16:44:11

radiofan يوللىغان ۋاقتى2014-3-7 14:12 static/image/common/back.gif
بەي يەنسۇڭ   موڭغۇل ، س س ت ۋ دىكى ئاز ساندىكى ۋىجدانى ئې ...

بەي يەنسۇڭ   موڭغۇل ، س س ت ۋ دىكى ئاز ساندىكى ۋىجدانى ئېت يەپ كەتمىگەنلەرنىڭ برسى .
ماۋۇ گەپنى ناھايىتى توغرا دېدىڭىز. مەنمۇ 白岩松 غا قايىل. ھەقنى سۆزلەيدىغان ئادەم ئۇ. لېكىن يېقىندىن بۇيان نېمە بولدىكىن ت ۋ دا كۆرۈنمەس بولدى.
白岩松 نىڭ ئايالى خەنزۇ. ھازىر موڭغۇللاردا ئاسمىلاتسىيىلىشىش ئېغىر. موڭغۇللار ئىككىنچى مانجۇ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

umut33 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 17:35:43

بىزنىڭ ئاراملار يۇقلا بوپ كەتىغۇ ،بايراملاردا چازا باققان ئەسكەردەك ،مۇقۇملۇق ساقلاپ .
بۇ دەم ئېلىشنى 20 كۈن قىلۋەتسىمۇ ،يەنىلا بىزنىڭ ئالىدىغىنىمىز بىرە ئىككى كۈنكەن

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 17:44:45

55-....................................3-4-5-6-7 ما نجۇلارچۇ

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 19:29:56

ئۇنداق بولمىسىمۇ .ماۋۇ شەنبە ،يەكشەنبە كۈنلىرى ئىشقا سالغانغا «ئەمەەك توختام قانۇنى »بويىچە ئىش ھەققى بەرسە بۇلاتتى .ھېرىپ كەتتۇق شەنبە يەكشەنبە ئىشلەپ .

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 07:42:04

بەزى جۇڭگو پۇقرالىرى ئەلمىساقتىن ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان خەلقئارالىق بايراملارغا ئورۇن يوق، مەسىلەن: نورۇز، قۇربان ھېيت، روزى ھېيت دېگەندەكلەرگە.

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 12:37:43

lawa0998 يوللىغان ۋاقتى2014-3-7 15:10 static/image/common/back.gif
بۇ تەكلىپ دىلنار ئابدۇللانىڭ ‹‹ناخشا-سازنى سازلاپ يۇق ...

بىزدىن ۋەكىل بولۇپ بارغانلار ، جۈملىدىن ، دىلنار ئابدۇللا ، ئادىل ھوشۇر ... قاتارلىقلار سەنئەتچى بولغانكىن ئۆز ساھەسىدىن پىكىر بەرگەن ئوخشايدۇ .
ئۈندىداردا مۇنداق بىر لەتىپىنى كۆرگەندەك قىلغانتىم .
بالا ئاپىسىدىن : ئانا ، پارتىيە ، ھۆكۈمەت ، خەلق قۇرۇلتىيى ، سىياسى كېڭەش ... دىگەنلەر قانداق نىمە ئۇ ؟
ئاپىسى : پارتىيە دىگىنىڭ داداڭغا ئوخشايدۇ . ئۆزى ھىچ ئىش قىلمايدۇ . ئەمما ، تاماكىسىنى سولخاي تارتىپ بۇيرۇق سوقۇشنىلا بىلىدۇ . ھۆكۈمەت دىگىنىڭ ماڭا ئوخشايدۇ . ئىش قىلىشنىلا بىلىدۇ . ئەمما ، دەم ئىلىشنى بىلمەيدۇ . خەلق قۇرۇلتىيى بوۋاڭغا ئوخشايدۇ . پىكىر قاتناشتۇرىدۇ - يۇ ، ئەمما قارار قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ . سىياسى كېڭەش دىگىنىڭ موماڭغا ئوخشايدۇ ، ئەتىدىن كەچكىچە كوت - كوت قىلىدۇ . ئەمما ، ھىچكىم ئۇنىڭ گىپىگە ئېرەن قىلمايدۇ .

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 13:10:27

ئاۋۇ لەتىپەبۇلدىكە
+1000         قالتىس !
+1000         دەلىللەر يىتەرلىك !
+10000       ئوغاۋالدەك ئىنكاس !
:lol

Kumandan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 15:57:13

يېغىن ، ئۈگۈنۈش ، تەسىرات ماقالىسى ، مانچە مىڭ خەتتىن كەم بولسا بولمايدۇ ، بىر قېتىم قاتناشمىساڭ مۇنچە پۇلۇڭ توتۇپ قىلىنىدۇ .:curse:

tureli يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 16:38:47

ئاڭلىساق تۇغۇت دەم ئېلشىنى بىر يىل قىلىش توغرىسىدا پىكىر بەرگەن ئوخشايدۇ
_____________________________________________________
تۇغۇت ئارىمىنى بىر يىل قىلىش ئەملگە ئاشسا دەيمەن.

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 17:44:35

tureli يوللىغان ۋاقتى2014-3-8 16:38 static/image/common/back.gif
ئاڭلىساق تۇغۇت دەم ئېلشىنى بىر يىل قىلىش توغرىسىدا پىك ...

يېقىندا تۇغىدىغانلار كۆپ ئوخشىمامدۇ ؟:lol

mart22 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 22:45:51

ئىزدىنىشتا بەي يەنسوڭ دەپ ئەزا پەيدا بولغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن . {:92:}
لىكىن ئاۋۇ لەتىپە دەششەت كەپتۇ . {:112:}

KALANDAR يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 17:26:07

NeXter يوللىغان ۋاقتى2014-3-8 17:44 static/image/common/back.gif
يېقىندا تۇغىدىغانلار كۆپ ئوخشىمامدۇ ؟

روسىيەدىمۇ،ياپونىيەدىمۇ 4يىرىم يىل دەم ئالامىشقۇ؟.......
بەت: [1]
: ئەزا بەي يەنسوڭنىڭ تەكلىپى يارايدۇ