tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 10:32:36

دۆلەت كارخانلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى پاسسىپ تەسىرى

1.شىتات ھوقۇقى ئىچكىردە

نەزىر چىراقلاردا شۇنداق سادالارنى ئاڭلايمىزدە بىزنىڭ باللىرىمىزمۇ دۆلەت كارخانىلىرىدا ئشىلىسە بولمامدۇ .ئەپسۇس دۆلەت كارخانىلىرنىڭ شىتاتى ئىچكىردىكى باش شېركەت تەرپىدىن كونتۇرۇل قىلىنارمىش ، شىنجاڭدىكى يەرلىك خەنسولارغىمۇ بۇ توغۇرسىدا ئارتۇق گەپ قىلماڭلار ، دەۋاتقان يەردە ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ باللىرىنىڭ شىنجاڭدىكى دۆلەت كارخانىلىرىدا ئىشقا ئورۇنلۇشۇش پۇرسىتى ئىنتايىن تۆۋەن .شۇنداق قىلىپ بۇ شىنجاڭدىكى دۆلەت كارخانىلىرى يەمنى بىزدىن يەپ تۇخۇمنى بىزگە تۇغمامدىغاندۇ دەپ غۇدۇرۇشۇپ نەزىردىن تارقايمىز ...............................قايسى بىر ئېتى ئۇلۇغ سۇپۇرىسى قۇرۇق قانۇنلاردىكى 40 پىرسەنىت 50 پىرسەنىت يەرلىك مىللەتتىن قوبۇل قىلىنىدۇ دىگەنلەر پەقەت بىر سوسكا خالاس . شىنجاڭدىكى نۇرغۇن دۆلەت كارخانىلىرنىڭ مەسئوللىرى ئاشۇنداق بىر قانۇن نىزاملارنىڭ بارلىقنى بىلمەيلا بۇگۇنگە يىتىپ كەلگەن ، بىلسىمۇ قۇلاقنى يوپۇرۇپ ، چۇنكى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ھۆكۆمەت ئۇلاردىن بۇنداق تەلەپنى قويمايدۇدە ..................................
شىنجاڭدىكى دۆلەت كارخانىلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى پىرسەنتى مەۋھۇم ، ھېچكىمنىڭ سۇرۇشتۇرگۇسى يوق ھېچكىمنىڭ بىلگۇسى يوق ،بۇدا ئەمما شى رەئىس ياشىسۇن جۇمۇ بۇ پىرسەنىتنىڭ گىپىنى ئاخىرى تىلغا ئالدى .

2. ئۇيغۇرلار كارخانىدىكى ئەڭ تۆۋەن قاتلامدا ئەڭ جاپالىق ئىشنىلا قىلىدۇ ،

ئەمدى بىر قسىىم يېزىلاردىن خىزمەتكە ئۇرۇنلاشقان ئۇيغۇر دىخان باللىرى بىلەن پاراڭلاشقىنىمىزدا ئۇلار ئاشۇنداق كارخانىلار ئىشلەپ نەچچە ئاي بولا بولمايلا ئىشلىمىگەن .سەۋەبى كارخانىدىكى ئەڭ ناچار ئەڭ جاپالىق پۇلى ئەڭ ئاز خىزمەتنى بىز قىلدىكەنمىز ، ئادىللىق يوق ، ئوخشاش قارىمايدۇ، دەۋاتقانلىقىنى نەچچە ئاڭلىدىم .

3.ئۇيغۇرلاردىن باشلىق يوق

ئەمدى دۆلەت كارخانىلىردا ئۇيغۇرلار يوق ئەمەس بار ، لېكىن باشلىق يوق ، بىرگە ئشىلەۋاتقاندىن كىيىن ئانچە مۇنچە سۇركۇلۇشۇپ قالسەن ، قارشى تەرەپنىڭ يىلتىزى مۇستەھكەم ، ئالاقە دارئىرىسى كەڭ ، ئۇيغۇرنىڭ بولسا زاۋۇتتا ئاتىسى يوق بىلىدە پۇتىسى يوق ،بۇ خىل ھالەت جاڭچۇنشەن چىقىپ سەل ئۆزگەردى ، ئەمما ئوتتۇرا قاتلامدا بىر ئىككى ئۇيغۇر باشلىق بولغان بىلەن يوقۇرى قاتلامدا بىرمۇ ئۇيغۇر يوق. گەپنىڭ قسىقىسى دەدىڭنى تۆكۇپ بارىدىغان يەر يوق .

4.دۆلەت كارخانىلىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ تىل يېزىق قانۇنىغا رىئايە قىلشى ئىنتايىن پاسسىپ . بىزنىڭ زاۋۇتنىڭ تامغىسىدا بەشىنچى ئىيولدىن كىيىن ئۇيغۇرچە خەت پەيدا بولۇپ قاپتۇ ،ئىكران ۋىۋىسكىلىرىدا بىر ھەرىپمۇ ئۇيغۇرچە يوق. ئۇيغۇرلار نۇرغۇن ئۇچۇر نۇرغۇن مۇلازىمەتتىن خەۋەرسىز قالىدۇ ، چۇنكى ئۇنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشنى ئاشۇ دۆلەت كارخانىلىرى ئويلۇشۇپمۇ قويمايدۇ .

5. دۆلەت كارخانىلىرى يەرلىكنىڭ قىيىنچىلىقىنى قاپتېلىغىمۇ ئېلىپ قويمايدۇ .

يەرلىكتىكى بىراۋ قىيىنچىلىق تارتسا پۇل يىغىش قىلىدىغىنى يەنىلا يەرلىكتىكىلەر مەسچىتلەرنىڭ ئالدىدا پۇل تاشلاپ ياردەم بىرىمىز ئەمما دۆلەت كارخانىلىرى ئارقىسىنى قىلىپ قاراپ تۇرىدۇ ، گويا ئۇلار ئايرىم بىر دۇنيا ، يەرلىكتىكىلەر ئۆلەمدۇ ئۆچەمدۇ بۇنىڭ بىلەن كارى يوق ، ئشىقىلىپ مەن ئەتىراپىمدا ياردەمگە مۇھتاج كىشلەرنى 360 كۇن ئاڭلاپ تۇرىمەن ، ئازدۇر كۆپتۇر ياردەم قىلىپ تۇرىمەن ، ئەمما بىرەر دۆلەت كارخانىسى ئۆزكارخانىسى نامىدىن ياردەم قىلدى دىگەننى ئاڭلاپ باقمىدىم ، بەلكىم شۇنداق ياردەم قىلغانلىرىمۇ باردۇ ، مېنىڭ بىلىشىمچە لېيفىڭدىن ئۆگۇنىدىغان بىر كۇن بار ، ھەر يىلى شۇ كۇنى قاپتىن قۇرۇق شەكىل كۆرسىتىپبىر كۇن ئاۋارە بولىشىدۇ ئۆزلىرىچە ئاندىن ئات ئايلىخانغا يول سارىخانغا .................

danko يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 14:05:32

ماۋۇ نىنچى قويىشىڭىز ئەمدى جايىدا بوپتۇ

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 14:58:02

مۇشۇلارنىتوردامەركەزگە ئىنكاس قىلساق قانداق بولار؟

elipbe يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 17:07:04

بولمايدۇ   .. .

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 12:56:43

ئەينى ۋاقىتتا ئىچكىرىدىكى خىلى داڭلىق ئونۋېرسىتىتنىڭ ئىلىكتېر ئىنژىنىرلىقى كەسپىنى ناھايتى قىينىلىپ يۈرۈپ پۈتتۈرۈپ ، خىزمەت ئىزدەش پەسلىدە ، شىنجاڭ ئىلىكتېر شىركىتىدىن ۋە شىنجاڭ تېبيەن 新疆特变دىن ئادەم ئالغىلى بىزنىڭ ئىنىستىتۇتقا كەلگەنىدى، مەن ۋە يەنە بىر قازاق ئاغىنەم ئىككەيلەن تەرجىمالىمىزنى تاشلىساق، ئاز سانلىق مىللەت ‹بۇ ياۋ › دەپلا رەت قىلىندۇق. خەنزۇ ساۋاقداش ئاغىنىلەر شىنجاڭدىكى بۇ خىزمەت ئورنىغا قاراپمۇ سالمايدۇ . 196 نەپەر ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقوغۇچىغا 300دىن كۆپرەك شىركەت ئادەم ئىزدەپ كەلگەنىدى شۇ يىلى.
مانا ئەمدى ئاشۇ قازاق ئاغىنەم ئىچكىرىدىكى بىر داڭلىق ئىلىكتېر شىركىتىدە ، مەنمۇ شۇ ئىچكىرىدىكى داڭلىق بىر ئىلىكتېر شىركەتنىڭ چەتئەل تارمىقىدا ئىشلەۋاتىمەن . ھەرقىتىم چەتئەللەردە كۆرگەزمە بولغاندا نۇرغۇن دۆلەت كارخانىلىرى قاتنىشىدۇ ، تونۇشىدىكەنمىز، ئالاقىلىشىدىكەنمىز. نۇرغۇنلىرى ھەۋەسمۇ قىلىدىكەن .
مۇشۇنداق بەزى چوشقا تەلەت خەقلەر تۈپەيلى دۆلەت كارخانىلىرىمۇ نۇرغۇن ئىقتىساسلىق ئازسانلىق مىللەت ئوقوغۇچىلىرىنى رەت قىلىپ ، دۆلەتكە ۋە شىركەتكە پاسسپ تەسىر كۆرسىتىدىكەن . بولۇپمۇ ماڭا بەرگەن تەسىرى ئاشۇنداق .
بىر قىتىم تۈركىيەدىكى بىر كۆرگەزمىگە باردۇق، بىر دۆلەت كارخانىسىنىڭ يەرمەنكە مەيدانى 20 كۋادرات مېتېرغىمۇ يەتمەيدۇ ، لىكىن 7 يولداش كەپتۇ . بىرەرسى تۈزۈك ئىنگىلىزچە بىلسە نېمە دەي ، يا تۈركچە دېگەننى ئەسلا بىلمەيدۇ ، يا بىرەر تەرجىمانى يوق. دەيدىغان گېپى شۇ ‹نەيم كارد › ئىسىم كارتۇچكىسى دەپلا ھىجىيىپ قاراپ تۇرىدىكەن . ... نۇرغۇن گەپلەر قىسقارتىلدى .بۇنداق مىساللارنى ھەر پەسىلدە بىر قىتىم دېگۈدەك ئۇچرىتىپ تۇرىمەن . ھەي....

ئەمەلىيەتتەئۇيغۇر ئوقوغۇچىلار خەنلەرگە باققاندا تېخىمۇ كۆپ ئارتۇقچىلىققا ئىگە . خەنلەر بىلەن بىللە ئىشلۋاتقىلىمۇ 3 يىل بوپتۇ، بۇ جەرياندا ئۇلاردىن ھىچبىر كەم يېرىمنى ھىس قىلىپ باقمىدىم . يەنە بىر دوستۇم بار ، ئۇمۇ شۇ شىركەتتىكى بىردىنبىر ئۇيغۇر خىزمەتچى، گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى تېخنىلىك بۆلۈمىنىڭ باش ئىنجىنىرى ، ئالدىنقى قىتىمدا كۆرۈشكەندە قولىدا 2 نەپەر خەن شاگرت باركەن، يېڭى خىزمەتكە چۈشكەن ئوقوغۇچىلاركەن، دوستۇم شۇلارنىڭ يىتەكچى ئوقۇتقۇچىلىقىنى قىلىۋىتىپتۇ . شېنجىندا بۇنداق مىساللار ناھايتى كۆپ.
بىز ئىچكىرى ئۆلكىلەردە داڭلىق شىركەتلەردە ئاسانلا خىزمەت تاپالايمىز، ئەتىۋارلىنالايمىز، ئەمما ئۆز يۇرتىمىزدا قىينىلىدىكەنمىز....

بەت: [1]
: دۆلەت كارخانلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى پاسسىپ تەسىرى