jewlan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 09:35:20

Java ھەققىدە يېرىم يىللىق يەكۈنۈم...

http://t3.baidu.com/it/u=1641918252,4189427712&fm=23&gp=0.jpg
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :
Java غا ئىشتىياق باغلىغان   يېڭى ئۆگەنگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن  Java غا دەسلەپكى كىرىشىش ھەققىدە ئۆزەمنىڭ يەكۈنلىگەن تەجىربىلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۆتمەكچىمەن ،  خاتا يەرلىرى بولسا ۋاقتىدا تۈزىتىش بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلمەن .

1. مەڭگۈ ئېسىڭىزدە تۇتۇڭكى Java نى ئۆگىنىشنىڭ ھېچقانداق بىر ئوڭاي ۋە قولايلىق يولى يوق ،  بىرلا قەدەم بىلەن پۈتۈن مۇساپىنى بېسىش پەقەت خام خىيال خالاس ،  پەقەت ۋە پەقەت ئالدىن ئەتراپلىق ئۆگىنىش پىلانى تۈزۈپ ، ئەملىيەتكە بىرلەشتۈرۈش ئەڭ ئاقىلانە ئۆگىنىش يولى ھىساپلىنىدۇ ، ئاۋال نىمە ئۆگىنىش كېرەك ، ئاندىن نىمە ئۆگىنىمەن دىگەنلەرنى چوقۇم مۇۋاپىق ۋە ئەتراپلىق پىلانلاپ چىقىش كېرەك .

2.  ئۇستا  بىر Java پروگراممېرى بولۇش ئۈچۈن چوقۇم ماتىماتىكىدا ئالاھىدە ياخشى بولۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ، بۇ پەقەت سىزنىڭ ھىساپلاشقا دائىر پروگراممىلاردا قىينىلىپ قالدىغانلىقىڭىزنىلا بىلدۈرىدۇ ، شۇنىڭدەك ، ماتىماتىكا جەھەتتىن ئالاھىدە ياخشى بولۇشنىڭ پروگرامما ۋە كېيىنكى خىزمەتلەرگە چوقۇم ئاكتىپ ۋە زور پايدىسى بولىدۇ ، لېكىن زۆرۈر شەرتى ئەمەس ،  ماتىماتىكىدىكى ئاجىزلىقىڭىز پروگرامما تىلى ئۆگىنىشىڭىزگە ھەرگىز تەسىر قىلمايدۇ .

3. چوقۇم ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان كىتاپ ۋە ئۆگىنىش ماتىرياللىرىنى توغرا تاللىشىڭىز لازىم ،  ئەڭ قىممەت ، ئەڭ ئېسىل كىتاپ ماتىرياللارنىڭ سىزگە ماس كېلىشى ناتايىن .

4. ھەرقانداق بىر ماتىريال كۆرگەندە ،ھەيران قېلىش ۋە پۈتۈنلەي ئىشىنىش پوزىتسىيەسى ئەمەس گۇمان پوزىتسىيەدە تۇرۇپ كۆرگىنىڭىزدە ئاز بولمىغان نەپكە ئېرىشىسىز ، چۈنكى ھەرقانداق ئىلغار كىتاپمۇ بەزى خاتالىقلاردىن خالى بولماسلىقى مۇمكىن ،   ئۆگەنگىنىڭىزنى ئەمەلىيەتكە باغلاپ تۇرۇپ ئوخشاش مەسىللەرنى پروگراممىلاشتۇرۇپ باقسىڭىز گۇمانىڭىزنى ئىسپاتلاپ چىقالايسىز ۋە بىر بالداق يۇقۇرى ئۆرلەش مەقسىتىگە يىتەلەيسىز .

5.  باش ئاغرىقىغا دۇچ كەلگەندە ،  ئەڭ ئاۋال مەسىلىنى ئۆزىمىز ھەل قىلىشقا تىرىشىپ بېقىشىمىز كېرەك ، ھازىر ياردەم ھۆججەتلىرى ۋە تورنىڭ ئۈنۈمىدىن پايدىلىنىپ ھەرقانداق بىر مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى يەشكىلى ئاساسەن بولىدۇ ،  ئۆزىمىز پەقەت ھەل قىلالمىغاندا ئاندىن ئەتراپىمىزدىكى ئۇستىلاردىن ياردەم سورىساق بولىدۇ ، ئۆزىڭىز ھەل قىلغان مەسىلە ئېسىڭىزدە بەك قالىدۇ ، باشقىلار ھەل قىلىپ بەرگەننى ئىتتىك ئۇنتۇيسىز ھەم چۈشىنىش تېيىز بولۇپ قالىدۇ.

6.  ئاساسى ساۋات قىسمىغا قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلىش مەسىلىسىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئۆزلەشتۈرۈش ۋە چۈشىنىش سەۋىيەرىڭىزگە قاراپ بەلگىلەشكە بولىدۇ ،  ھەرگىز ئالدىرىماڭ ،  يېرىم يىل ، ھەتتا بىر ئىككى يىل ئاساسى ساۋات قىسمىدا ھەپىلىشىشمۇ بىنورماللىق ھىساپلانمايدۇ(ئەلۋەتتە ۋاقتىڭىز يىتەرلىك بولسا) ،  مۇشۇ سەرپ قىلىنغان ۋاقتنىڭ چوقۇم بىكار كەتمەيدىغانلىقىغا ،  ۋە بىر كۈنى چوقۇم مۇشۇنىڭغا لايىق ئۈنۈم يارىتالىشىڭىزغا ئىشەنچىڭىز بولىشى كېرەك !

7.  جاۋا ئۆگىنىشنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرىپى  ئۇنىڭ پروگرامما تۈزۈشتىكى يادرولۇق ئىدىيەسىنى چۈشىنىۋېلىش ،  گىراماتىكا قاتارلىقلار نى كىتاپ ۋە ماتىريالدىن چۈشىنۋېلىشقا بولىدۇ ، بىراق پروگرامما ئىدىيەسى ھەركىمنڭ ئۆزىنىڭ ئۆگەنگەن بىلىمىگە ئاساسەن شەكىللىنىدۇ ، ئۇنى مەلۇم بىر كىشىدىن ياكى توردىن ئاختۇرۇپ تاپالمايسىز ،  مىسال قىلساق ،  ۋەزىپە :  بىر بىنا سېلىش   ،  ئۇستا  قۇرلۇشچىلار ئاۋال ئۆينىڭ كونكىرت سىخىمىسى ، چېرتىيوژلىرىنى سىزىپ مۇھاكىمە قىلىپ بولۇپ ، ئاندىن كېرەكلىك ماتىرياللارنى تەييارلاپ ، قەدەم باسقۇچلارغا بۆلۈپ ئىش باشلايدۇ ،  بۇ يەردىكى مۇھىم ئىدىيە ئەنە شۇ دەسلەپكى چېرتىيوژ ۋە سىخىمىلاردا ،  ئەكسىچە بۇنداق قىلمىغاندا قۇرۇلۇشنى باشلاش مۇمكىن ئەمەس ،  قورساقتىكى تەجىربىلەرگە ئاساسەن ئىشنى باشلىدۇق دىگەن تەقدىردىمۇ سىخىما ۋە چېرتىيوژ بولمىغانلىقتىن بۇ بىنانىڭ قۇرۇلۇشى نەچچە يىل كەينىگە سۈرۈلۈپ كېتىشى ، سۈپەت ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىن ئۆلچەمگە توشماسلىقى ۋە ھەتتا تولۇق پۈتۈپ چىقماسلىقىمۇ ئېھتىمالغا يېقىن ...

8.  داۋاملىق كود كۆرۈپ بېرىڭ ،  دەسلەپ  HelloWorld  نى يازغان ۋاقتىڭىز ئېسىڭىزدىمۇ ؟   ئۆزىڭىز يازالىغان  ، چۈشىنەلىگەن كودلارنى كۆرۈش كىشىگە مۇۋەپىقىيەت تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ ،  داۋاملىق ئوچۇق كودلۇق دېتاللارنىڭ كودىنى ،  ئۇستىلار توردا مۇلاھىزە قىلىشىۋاتقان كودلارنى ، شۇنداقلا ئۆزىڭىز قىزىققان دائىرە ئىچىدىكى Java كودلىرىنى كۆپ كۆرۈپ ، تەھلىل قىلىپ  پروگراممىنىڭ ئاساسى يۆنۈلۈشى ۋە پروگراممىرنىڭ ئاساسى ئىدىيەسىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ ،  بۇ Java ئۆگىنىشتە ئىنتايىن مۇھىم .

9. مەيلى كۇرستا ئوقۇڭ ، مەيلى مەخسۇس ئۆگىنىڭ ۋە ياكى شەخسى ئۆگىنىڭ ،  Java ئۆگىنىش  نەزەرىيە ۋە ئەمىليەتنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدۇ ، مەسىلەن  تۇخۇ توشقان 48 ، پۇت قوللىرى 108 دىگەندەك تېپىشماقلارنىڭ (بۇ توردا بار ، باشقىلىرىنى تۈزۈپ بېقىڭ) Java دىكى ئىپادىلىنىش شەكلى ۋە ھەل قىلىنىش ئۇسۇلى ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆرۈڭ ، شۇندىلا كىتاپتا يوق بولغان نۇرغۇن بىلىم نۇقتىلىرىغا ئېرىشىسىز شۇنداقلا بۇ خىلدىكى بىلىم ئىنتايىن پۇختا بولىدۇ.

10. مەيلى سىز Java دا قايسى سەۋىيەگە يېتىپ كەتكەن بولۇڭ ، مەڭگۈ ئۆزىڭىزنى باشقىلاردىن يۇقۇرى ئورۇنغا قويماڭ ، بەلكىم سىز باشقىلاردىن بۇرۇنراق باشلىغانسىز ، بەلكىم سىزنىڭ پروگرامما تىلىدا ئاساسىڭىز ياخشىدۇ ، يەنە بەلكىم سىزنىڭ شارائىتىڭىز باشقىلاردىن كۆپ ياخشىدۇ ، بۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ باشقىلارنى تۆۋەن كۆرۈشىڭىزگە سەۋەب بولالمايدۇ ، IT بىلىملىرى ئېقىپ تۇرغان دەرياغا ئوخشاش ،  بەلكىم سىزنى كېرىلدۈرۈپ پوچىلىق قىلدۇرغان ئاشۇ بىلىملىرىڭىز بىر كېچىدىلا ھېچكىم ئىشلەتمەيدىغان ، ھېچكىمگە ئەسقاتمايدىغان قۇرۇق نەزەرىيەگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن ،  پەقەت ۋە پەقەت سەمىمىلىك بىلەن ئۆزلۈكسىز ئۆگىنىش قىلىپ تۇرغاندىلا ھازىرقى زامان ئۇچۇر تېخنىكا بىلىملىرىنىڭ يېڭىنىلىشى بىلەن نىسبەتەن ماس قەدەمدە ماڭغىلى بولىدۇ .
http://t2.baidu.com/it/u=67222768,2060821545&fm=23&gp=0.jpg

bilkan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 15:00:18

جەۋلان ئەقىلىيە سۆزلىرىدىن ئۈنچە مارجانلار {:92:}{:92:}

man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 10:45:13

جاۋا ئۇگىنىۋاتامسە؟:lol
شۇنداق بولسا{:112:}

5tash يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 18:47:00

{:218:}

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 23:48:05

man_sarang يوللىغان ۋاقتى  2014-3-8 10:45 static/image/common/back.gif
جاۋا ئۇگىنىۋاتامسە؟
شۇنداق بولسا

ئۆزەمگە بېسىم قىلمىغان ئاساستا ئۆگەنسەم ئۆزلىشىش ياخشى بولغان بىلەن بەك ۋاقىت ئىسراپ بوپ كېتىدىكەن ، بېسىم قىلىپراق ئۆگىنەي دىسەم سىلىدەك بۇرادەرلەر يوقاپلا كېتىۋالدىڭلار ،  ئانچە مۇنچە بىر قورسىقىڭلىدىكى بىلىمنىڭ زاكىتىنى ئايرامدىكى دىسە:handshake

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 23:51:53

@GoodLuck  ئېنۋېرجان ، تەڭگىڭىزگە ماشىنىڭىزغا ماي قاچىلىۋېلىڭ :curse: ،  ماڭا سىزدەك ئۇستازلارنىڭ سۆزى كېرەك ، تىللىسىڭىزمۇ ئىككى ئېغىز پاراڭ قىلىپ بېرىڭە :handshake ، يا سىزمۇ زاكاتنى باشقا يەرگە ئاتاپ قويغانمۇ يە:lol

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 06:18:03

jewlan يوللىغان ۋاقتى  2014-3-8 23:51 static/image/common/back.gif
@GoodLuck  ئېنۋېرجان ، تەڭگىڭىزگە ماشىنىڭىزغا ماي قاچىلىۋې ...

ھىم.... ئۆھۈ.... مەن نېمە دەيمە... ھاياجىنىمنى باسالماي كېتىپ بارىمەنغۇ:lol

مېنىڭ پروگرامما ئۆگىنىش ۋە يېزىشتىكى نەچچە يىللىق تەجىربەمگە ئاساسلانغاندا، مەيلى جاۋا بولسۇن، مەيلى باشقا پروگرامما تىلى بولسۇن ھېس قىلغىنىم مۇنچىلىك:
1. يۈكسەك قىزغىنلىق بولۇش كېرەك، بولمىسا ئۆگىنىش تەلىپى سەللا تەس بولسا تاشلىنىپ قېلىپ ۋاقىت ئىسراپ بولىدۇ.
2. ھارماي تىرىشالايدىغان ئىجتاھات بولىشى كېرەك.
3. كۆپلەپ مەشىق قىلىش، ئەمەلى مەشىقلەرنى، ئەمەلى قوللىنىدىغان پروگراممىلارنى كۆپرەك يېزىپ بېرىش، بۇنداق بولغاندا تەجىربە توپلىنىدۇ، يولۇققان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەيرانىدا ئىزدىنىپ، ئويلاپ باقمىغان يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالغىلى بولىدۇ.
5. تالانتىنى نامايەن قىلىدىغان بىر سەھنە بولىشى كېرەك. نەزەرىيە ھامان نەزەرىيە، ئۇنى ئەمەلىيەتتە ئىشلەتمىسە ھەقىقى بىلىمگە ئايلانمايدۇ، شۇڭا مەلۇم ئاساس تىكلەنگەندىن كېيىنلا تۈرلەرگە قاتنىشىپ ئىشلەش كېرەك، بىكارغا ئىشلەپ بەرسىمۇ ھىچقىسى يوق، ياكى بىرەر شىركەتنى تېپىپ ئىشلىسىمۇ بولىدۇ. ئەمەلىيەت جەريانىدا ئۆگىنىش ئەڭ ئۈنۈملۈك بولىدۇ. دەسلەپ ۋاقىتلىرىمدا ئىشلىگەن شىركىتىم مائاشنى ۋاقتىدا بەرمەي، قاتتىق ناننى قايناق سۇغا چىلاپ يۇمشىتىپ يەپ تۇرۇپ داۋاملىق ئىشلىگەنمەن:'(
6. مەسىلىگە يولۇققاندا قورقۇپ كەتمەسلىك، زېرىكىپ كەتمەسلىك كېرەك. خاتالىقنىڭ يولۇقىشى، بىر خاتالىقنى ھەل قىلىدىغان تەجىربە توپلايدىغان پۇرسەتنىڭ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، خاتالىق كودىنى تەپسىلى كۆرۈش كېرەك. ئومومى پروگرامما تىللىرىنىڭ بولۇپمۇ Java نىڭ خاتالىق كۆرسىتىپ بېرىش ئىقتىدارى تولىمۇ مۇكەممەل، قانچىنچى قۇردا قانداق خاتالىق چىققانلىقىنى بەك ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. چاتىقى خاتالىق كودىنىڭ چىقىشى ئەمەس، يا خاتالىق كۆرۈلمەي، يا مەسىلە ھەل بولماي، نەچچە كۈن ۋاقىتنىڭ ئىسراپ بولۇپ كېتىشىدۇر، خاتالىق كودى چىققانلا بولسا، تەلەيلىككەنمەن دەپ قارىساق بولىدۇ.
7.ۋەھاكازالار.

قىسقىچە قىلغاندا، مەلۇم بىر كىتابنى كۆرۈپ بولۇپ، ياكى مەلۇم مۇددەت بېسىپ ئۆگىنىپ پروگراممىر بولىۋالغىلى بولمايدۇ، توختىماي ئۆگىنىپ، يولۇققان مەسىلىلەرنى توختىماي ھەل قىلىپ، بىلمەيدىغان نەرسىلەرگە ئاكتىپلىق بىلەن يۈزلىنىشنى داۋاملاشتۇرغاندا، ئۆزىنىڭ قاچاندىن بىرى پروگرامما يازالايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى بىلمەستىنلا، پروگراممىرلار سېپىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
جەۋلانكامغا ۋە باشقا پروگرامما تىلى ئۆگىنىمەن دەپ بەل باغلىغانلارغا ئامەت تىلەيمەن.
گۇدلاك فور ئەۋرى بادى:handshake   مۇشۇنداق دەمدۇ ھوي:L

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 06:18:51

ئون تەڭگەمنى قايتۇرۇڭ:lol

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 06:19:20

ما ئۈچ ئىنكاس بىلەن ئالتە تەڭگە تاپتىم، تۆتنى قايتۇرسىڭىز بولىدۇ:dizzy:

newyork يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 10:26:37

رەھمەت بۇرادەرلەر
مۇشۇ Java,+C.......يەنە قايسىلارنى بىلسەك سىلەردەك پروگراممىر بۇلالايمىز؟بولسا ياخشىراق كىتاب،توربىكەتلەرىن
تەۋسىيە قىلساڭلار؟
ئەنۋەرجان ھازىر سىز قايسى شىركەتتە ئىشلەۋاتىسىز؟ئادەتتە ئۈرۈمچىدە بىر پروگراممىرنىڭ ئايلىق مۇئاشى نەچچەلىك
بۇلاۋاتىدۇ؟
كۈندا نەچچە سائەت كومپيوتېردا خىزمەت قىلىدۇ؟كۆزۈڭلار ئاغرىمامدۇ؟
مۇشۇ پروگراممىرلارنىڭ كۆشى قانداق كۆزكىن بەزىلىرى ناچچە 10يىل كومپيۇتېربىلەن ھەپلىشىكلىك تۇرسىمۇ
كۆزەينەككە چۈشمەي يەنىلا كۆزى ياخشىكەن ،سىلەر زادى قانداق ئاسرايسىلەر كۆزۈڭلارنى؟
بولسا مۇشۇنداق پروگرامما ،گرافىك،تەكشىلىك لاھىيەلەشنى ئۆگىنىدىغان كۇرس ،شىركەت تەۋسىيە قىلساڭلار؟

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 12:54:50

newyork يوللىغان ۋاقتى  2014-3-9 10:26 static/image/common/back.gif
رەھمەت بۇرادەرلەر
مۇشۇ Java,+C.......يەنە قايسىلارنى بىلسەك ...

    خالىغان بىر پروگرامما تىلىدا پروگرامما يازالىسا پروگراممىر بولىدۇ. پروگراممىر دېگەن شۇ پروگرامما يازىدىغان ئادەم دېگەن گەپ، ئۇنچىۋالا سىرلىق ئەمەس.
    ياخشى تور بېكەتلەرنى بىلىشكە مەن يازغان مۇنى تېمىنى كۆرسىتەي:
    http://bbs.izdinix.com/thread-43940-1-1.html
    ئادەتتە ئۈرۈمچىدە پىشقان Java پروگراممىرلىرىنىڭ ئايلىق مائاشى مۇنتىزىم چوڭ شىركەتلەردە 8مىڭدىن 10 مىڭغىچە بولاۋاتىدۇ. ئۇيغۇر شىركەتلىرىدە كۈچلۈكرەكلىرى 5 مىڭ ئەتراپىدا بىرەلەۋاتىدۇ. ئادەتتىكى پروگراممىرلارنىڭ 2500-3000 ئەتراپىدا.
    مۇنتىزىم شىركەتتە ئىشلىگەنلەر ئادەتتە كۈنىگە 8 سائەتلىك مەشغۇلىيەت تۈزىمى بويىچە ئىشلەيدۇ، لېكىن كېچىسى ئىشلەپ قالىدىغان ھەتتا تاڭ ئاتقۇزىۋىتىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ. كۆز ئەلۋەتتە ئاغرىيدۇ، ئامال يوق، شوپۇرنىڭ بىلى بىلەن كاسىسى ئاغرىيدۇ، موزدوزنىڭ بارماقلىرى ئاغرىيدۇ، دېھقاننىڭ بېلەكلىرى تالىدۇ، مۇئەللىمنىڭ پۇتى ھارىدۇ، باققال سوغۇققا توڭىدۇ... جاھاندارچىلىق. كەسپ ئىشقى بىلەن تاقابىل تۇرىمىز چارچاشلارغا.
    مەن ئادەتتە تەنتەربىيە بىلەن كۆپرەك شۇغۇللىنىمەن، مەكتەپتىكى ۋاقتىمىزدا دائىم توپ ئوينايتتۇق، ھېلىھەم شۇ ھەۋىسىمىز بار، شۇنىڭ تۈرتكىسىدىنمىكىن ئىشقىلىپ، خۇدانىڭ ھىممىتى بىلەن كۆزۈم ساغلام.
ئۈرۈمچىدە مۇنتىزىم كۇرسلار يوقمىكىن دەيمەن، ئۇيغۇر سوفىت ۋە قارلۇقلار ھەر يىلى بىر قارار ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىپ تەربىيلەۋاتىدىغۇ دەيمەن.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 12:55:39

ئون تەڭگىنى ئۆزۈم تېرىۋالدىم، جەۋلانكام قايتۇرىمەن دەپ ئاۋارە بولمىغاي{:101:}

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 13:05:48

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2014-3-9 06:18 static/image/common/back.gif
ھىم.... ئۆھۈ.... مەن نېمە دەيمە... ھاياجىنىمنى باسالماي كې ...

ما ناسارا، يەنە ئۆزىنى ئاشكارىلاپتۇ. :lol

5tash يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 15:45:29

kokkaptar يوللىغان ۋاقتى  2014-3-9 13:05 static/image/common/back.gif
ما ناسارا، يەنە ئۆزىنى ئاشكارىلاپتۇ.

ھاھا، ناسارا.
ناسارا بولۇشمۇ ئاسان بوپ كەتتى، قىممىتىنى يوقاتقان جاھاندا.

heqteyur يوللانغان ۋاقتى 2014-3-15 10:08:34

#C پروگراممېرى بولغۇسى بارلار بولسا مۇشۇ يەردىن ئۆگەنسەڭلارمۇ بولىدۇ... ئەمدى باشلىدۇق تېخى.
http://www.koklen.net/?p=1

President يوللانغان ۋاقتى 2014-3-22 00:35:22

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2014-3-9 06:18 static/image/common/back.gif
ھىم.... ئۆھۈ.... مەن نېمە دەيمە... ھاياجىنىمنى باسالماي كې ...

ياش ۋاقتىمدا مۇشۇلارنى بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن ھازىر پۇشماندىمەن
بەت: [1]
: Java ھەققىدە يېرىم يىللىق يەكۈنۈم...