مۇنبەر ئەزالىرى دىققىتىگە ( مۇنبەرنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىدىن دوكىلات)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش مۇنبىرىنىڭ ئىزدىنىش روھىغا باي ئەزىز ئىشتراكچىلىرى :مۇنبىرىمىز تېخنىكلىرىنىڭ جىددى تۈزەش ، سىناشلىرى نەتىجىسىدە ، مۇنبىرىمىز دەسلەپكى قەدەمدە ئەلالاشتۇرۇش ۋە رەتلەش خىزمىتى ئاساسەن ئاياغلاشتى ، مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار تۆۋەندىكىدەك :
ئىزدىنىش ئەپەندىنىڭ شاپائىتى بىلەن :lol قامالغان بارلىق مەھبۇسلار قويىۋېتىلدى ، شۇنداقلا مۇنبەر ئەزالىرىنى ئەلالاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلدى ، 2008 يىلدىن باشلاپ مۇنبەرگە كىرىپ باقمىغان ، ئىنكاس يازمىسى بولمىغان 2662 ئەزانىڭ ئارخىبى ئۆچۈرۈلدى ، شۇنداقلا ئىزدىنىش تورىغا ئەزا بولۇپ كىرىش قېتىم سانى 3 قېتىمدىن تۆۋەن بولغان 2013 يىلدىن بۇرۇنقى ئەزالاردىن 1715 ئەزا ئىسمى ئۆچۈرۈلدى ، بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت كۆپچىلىكنىڭ ھەقىقى ئابونت سانىنى ھەرۋاقىت بىلىش ھوقۇقىنى قوغداش شۇنداقلا ئەزا سانىنى ھەقىقى مەلۇم قىلىش ، ھەم كۆپچىلىكنى تېخىمۇ كۆپ ئىسىم بايلىقى بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت ، ئەمىليەتتە مەشغۇلات قىلمايدىغان ئۇنچىلىك ئابونتقا نىسبەتەن سانلىق مەلۇمات ئامبىرى كىچىكلەپ قالمايدۇ ، مۇنبەرنىڭ سۈرئىتىگە ياكى باشقا ھېچقانداق يېرىگە ھېچقانداق تەسىر ئېلىپ كىلەلمەيدۇ ، ئەكسىچە ئەزا سانىنى يالغان مەلۇم قىلىپ ھەيۋە كۆرسىتىش ۋە شۆھرەتپەرەسلىك قىلىشقا تولىمۇ ماس كېلىدۇ ، بىراق بىز بىلىمىزكى بۇنداق شاكال مەلۇماتلارنى ھامان كىچىككىنە بىر شاماللار تەۋرىتىپ ھەتتا ئۇچۇرۇپ ، ھامان بىر كۈنى ئەپتى بەشرىمىزنى ئاچىدۇ ، شۇڭا مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ سانىغا ئەمەس سۈپىتىگە ئەھمىيەت بېرىمىز دەپ قايتا قايتا ئەسكەرتىپ كېلىۋاتىمىز ...
باشقۇرغۇچىلار بىلەنلا قېلىشقا رازىمەنكى مۇنبەرنى ئەخلەتخانىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشقا ھەرگىز يول قويمايمەن _ Izdinx
ئىزدىنىش مۇنبىرىمىز بىرلا ھەقىقەتكە ، يەنى مەۋجۇتلۇق ھەممىنىڭ ئاساسى دىگەن ھەقىقەتكە ئەزەلدىن ھۆرمەت قىلىپ كەلدى ، مۇشۇ سەۋەبلىك نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالماي قالغان بولۇشىمىز ئېنىق ، لېكىن بىز ھەرقانداق بىر ئىجابى ئىدىيەگە تەڭ باراۋەر مۇئامىلە قىلىشقا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشتۇق ، مۇنبەردە كۆرىلىۋاتقان بەزى ئىختىلاپلار شۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتىكى ، مۇنبەر قاتتىق دېتالى ئارقىلىق (مەيلى asp مەيلى discuz ) مۇنبەر ئەھلىنىڭ ئومۇمى ساپاسىنى كۆتۈرگىلى بولمايدۇ ، قاتتىق دېتالنى ياخشىلاش پەقەت باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىشقا تېخىمۇ قولايلىق قىلىش ، مەشغۇلاتنى تېخىمۇ بىخەتەر ، تېخىمۇ تېز قىلىشتىنلا دېرەك بېرىدۇ ، يەنىلا ئەسقاتىغىنى مۇنبەردىكى بىلىملىك ، ساپالىق ، مۇنبەر ئەھلىنىڭ ئورتاق ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ئاشۇ پىشقەدەم ئەزالارنىڭ قەلىمىدىن تۆكۈلگەن ئېسىل يازمىلار ۋە ئىنكاسلار ...
مېنىڭ مۇنداق بىر تەكلىبىم بار ، بولسا ئېسىمىزگە كەلگىنى بويىچە بۇرۇنقى ئەزالارنى تەكلىب قىلىپ باقساق ، مەسىلەن Koldurmama دىگەن باشقۇرغۇچى (خوتەنلىك ئابلىمىت) نىڭ تېلفۇن نۇمۇرى مەندە بار ، مەن تېلفۇندا تەكلىب قىلىپ باقسام ، كۆپچىلىكمۇ ئۆزى ئېسىگە كەلگەن كونا ئەزالارنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلىشىپ تەكلىب ئېتىشىپ قويساق بەك ياخشى ئىش بولغان بولاتتى ، چۈنكى ئاشۇ پىشقەدەملەر يېڭى ئىزدىنىشقا تېخىمۇ ھۆسۈن قوشۇپ مۇنبىرىمىزنىڭ ھاياتى كۈچىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇشقا چوڭ ھەسسىلەرنى قوشىدىغان كونىلار ئىدى ...
ھازىرقى نۇقۇل پۇل تېپىشنى مەقسەت قىلغان ئېلان تەشۋىقاتلار دەستىدىن كىشىنىڭ دىمى سىقىلىپ ئاران تۇرغان تور شارائىتىدا ، ئىزدىنىش مۇنبىرىمىز پەقەت ئۆزىنىڭ چىقىمىنىلا كۆتۈرۈش ، مۇنبەر پاكىزلىقىنى ساقلاش ، مۇنبەر ئەھلىگە ئازادە بولغان مۇنازىرە مۇھىتى ھازىرلاش ئۈچۈن قانچە پۇل بېرىشىدىن قەتئىنەزەر نۇرغۇن ئېلانلارنى رەت قىلدى ھەم رەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ ، شۇنداقلا ئىزدىنىش مۇنبىرىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئېلان قۇبۇل قىلىش ئەنئەنىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى ، ئومۇمى خەلققە پايدىلىق ، پەن تېخنىكا ۋە ئىجادىيەتلەرگە ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن ئورۇن بېرىلدى ، پۇلى قانچە كۆپ بولۇشتىن قەتئىنەزەر پۇل تېپىشنى شۇنداقلا ۋاستە تاللىماي پۇل تېپىشنىلا كۆزلەيدىغان ئېلانلار قەتئى رەت قىلىندى ،
شۇڭا بىزگە ئىشەنگەن ، بىزنى قوللىغان ئەزىز ئىزدىنىش ئەھلىگە كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر ئېيتىش بىلەن بىللە كۆپچىلىكنى مۇنبىرىمىزنىڭ ئورتاق تەشۋىقاتىغا ياردەملىشىشكە چاقىرىق قىلىمىز ، مۇنبەر تەشۋىقاتى ھەققىدە نەچچە مىنۇت ۋاقىت ، نەچچە جۈملە سۆزىڭىز بەلكىم مۇنبىرىمىزدە نۇرغۇن قابىليەتلىك كىشىلەرنىڭ ، ئەلگە پايدىلىق ئىدىيەلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ، شۇنداقلا چۆگىلەپ كېلىپ شۇ ئارقىلىق يەنىلا ئۆزىڭىزگە پايدىلىق بولغان ئۇچۇرلارغا ئېرىشپ توردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىڭىزغا سەۋەب بولۇپ قالغۇسى !
مۇنبەر تۇغى :
http://bbs.izdinix.com/template/izdinix2013/css/comiis/izdinix.gif
مۇنبەر ئادرىسى :
www.izdinix.com
ئەسلى سانداندىكى سانىلىق مەلۇماتنى يېڭى مۇنبەرگە يۆتكەش ئۇچۇن توپ توغرا 3 ئاي ۋاقىت كەتتى . ھەر ئەزانىڭ بىرمۇ ئىنكاسىنى ئامال بار قالدۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن كۆپ تىرىشتۇق. نۇرغۇن ئەزالار كونا مۇنبەر دەپلا زىيارەت قىلغىلى بولىدىغان قىلىپ قۇيۇپ يېڭىدىن قايتىدىن باشلاشنى تەۋسىيە قىلدى. ئەمما ھەر بىر ئابونىتنىڭ ئەمگىكىنى تاشلىۋېتىشكە كۆزىمىز قىيماي ، 3 ئايدا ئاران يوتكەپ بولدۇق. بۇ جەرياندا جااپا تارتقان كۆك كەپتەر، ئىزدىنىش، پىنھان ، گودلاك ،تەدبىركار قاتارلىق تېخنىكلارغا رەھمىتىمىزنى بىلدۇرىمىز
ئەسلى مۇنبەر پروگىراممىسىنى ئوزىمىز نۆلدىن باشلاپ يېزىپ چىققان ئىدۇق ، ھەم داۋاملىق شۇنداق قىلىش نىيتىمىز بار ئىدى. ئەمما ئىزدىنىشنىڭ كۆرۇرمەنلىرى ئېشىشقا كۇندىلىك زىيارەت مىقدارىنىڭ يۇقىرىلىشىغا ئەگىشىپ ،پىروگىراممىغا بولغان بېسىم ئېشىپ نۇرغۇن تېخنىكىلىق مەسىللەر كىلىپ چىقتى. ئوزىمىزدە بار بولغان پروگىراممىرلار ئارقىلىق نۇرغۇن مەسىللەرنى ھەل قىلغان بولساقمۇ بىرلا ۋاقىتتا زىيارەت قىلىدىغان ئابونىتلار نىڭ كۆپ بۇلىشى سەۋەبلىك پروگىراممىدا يەنە مەسلە كۆرۇلدى. بۇنى ھەل قىلىشقا ۋاقتىنچە تېخنىكىمىز يىتىشمىگەن بولغاچقا ، پىشقان بىر مۇنبەر سېستىمىسىغا كۆچۈشكە توغرا كەلدى.
ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك مۇنبىرىمىز Net. دىن Discuz غا كۆچۈپ چىققىنىغا چارەك يىل ۋاقىت بوپتۇ ، بۇ جەرياندا ئەزا قۇبۇللاش توختىتىپ قويۇلغان ئىدى ، مۇنبەر تېخنىكلىرىمىز(izdinix , kokkaptar)لەرنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ۋە ئۆزلۈكسىز تۈزەش ، رەتلەش ئېلىپ بېرىشى نەتىجىسىدە مۇنبىرىمىزنىڭ تەييارلاشقا تېگىشلىك بولغان ئاساسى ئىقتىدارلىرى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلدى ۋە تورداشلارنىڭ قىزغىنلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۈچ ئاي بۇرۇن تاقىۋەتكەن يېڭىدىن ئەزا قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى قايتىدىن ئېچىۋىتىشنى قارار قىلدۇق:
1. تورداشلارغا مەلۇم بولغىنىدەك، مۇنبىرىمىز سانغا ئەمەس سۈپەتكە ئەھمىيەت بىرىدۇ. شۇڭا ئەزا قوبۇل قىلىش پۈتۈنلەي ئىچۋىتىلمەستىن، مۇنبەر ئەزالىرى تەكلىپ قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.
2. مۇنبەردىكى بار بولغان ئەزالاردىن ئەزالىق دەرىجىسى «يۈز بىشى»دىن يۇقۇرى بولغان ئەزالار (يەنى: جۇغلانمىسى 150دىن يۇقۇرى بولغان ئەزالار)، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئۈنۈملىك ئېلخەت ئادىرىسىغا تەكلىپ نومۇرى ئەۋەتىش ئارقىلىق يېڭى ئەزا قوبۇل قىلالايدۇ.
تەكلىپ نومۇرىغا ئىرىشكەن ئەزالار ئېلخەتكە كەلگەن ئادىرىس ئۇلانمىسىنى بىۋاستە چىكىش ئارقىلىقلا، ئىزدىنىشكە ئەزا بولالايدۇ. (تەكلىپ نومۇرى ئەۋەتىش ئۇسۇلى بۇ تېمىدا سۆزلىنىدۇ.)
3. مۇنبەر قائىدىسى بويىچە ئەزالارنىڭ بىرلا ئەزالىق ئارخىپى بولۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. شۇڭا تەكلىپ نومۇرى ئەۋەتىش سالاھىيىتىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، كۆپ ئارخىپلىق ئەزا كۆپەيتىشكە بولمايدۇ.
ئىزدىنىش مۇنبىرىگە بۇرۇن ئەزا بولۇپ، ھەر قانداق سەۋەبلەر تۈپەيلى كىرەلمەيۋاتقان ئەزالار، داۋاملىق ئېلخەت ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
تەكلىپ نومۇرىغا ئىرىشكەندىن كىيىن ئەزا بولۇش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
تەكىپ نومۇرى ئېلخەتكە ياكى بىۋاستە QQ، يانفون قاتارلىق شەكىللەردە تەمىنلىنىدىغان بولۇپ، نومۇر ئەۋەتىلگەن بولسا، ئېلخەت ساندۇقىڭىزدا webmaster@izdinix.com ناملىق ئېلخەت ئادىرىسىدىن تاپشۇرۋالغان بىر پارچە ئېلخەتنى كۆرەلەيسىز. بۇ ئېلخەتنى ئاچقاندىن كىيىن، تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ئورۇننى چەكسىڭىزلا مۇنبەرنىڭ ئەزا بولۇش كۆزنىكىگە كىرەلەيسىز. ناۋادا ئېلخەت ئەۋەتىلگەندىن كىيىن، تاپشۇرۋالمىغان بولسىڭىز، خەت ساندۇقىڭىزنى ئەخلەت ساندۇقى ياكى باشقا سۈزگۈچلىرىگە قاراپ باقسىڭىز بولىدۇ.
http://bbs.izdinix.com/data/attachment/forum/201403/05/103532gkbmnjjddfjmjhen.jpg.thumb.jpg
ناۋادا تەكلىپ نومۇرى ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتىلمەي، بىۋاستە تەمىنلەنگەن بولسا، تەمىنلەنگەن نومۇرىنى ئەزا بولۇش كۆزنىكىگە كىرگۈزسىڭىزمۇ بولىدۇ. لىكىن مۇنبەردىكى كىيىنكى مەشخۇلاتلىرىڭىزنىڭ نورمال ئىلىپ بىرىلىشى ئۈچۈن، ئېلخەت ئۇلانمىسى ئارقىلىق ئەزا بولۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
http://bbs.izdinix.com/data/attachment/forum/201403/05/103526gsfw7ub6xmmmdghh.jpg.thumb.jpg
ئىزدىنىش مۇنبرىمىزدە تەكلىپ نومۇرى ئارقىلىق يىڭىدىن ئەزا بولۇش يولغا قويۇلغاندىن كىيىن، مۇنبەردىكى بار بولغان ئەزالاردىن ئەزالىق دەرىجىسى «يۈز بىشى»دىن يۇقۇرى بولغان ئەزالار (يەنى: جۇغلانمىسى 150دىن يۇقۇرى بولغان ئەزالار)غا تەكلىپ نومۇرى ھاسىل قىلىش ۋە ئەۋەتىش ھوقوقى بىرىلدى. مۇناسىۋەتلىك ئىشلار تۆۋەندىكىچە:
1. يېڭى ئەزا تەكلىپ قىلىش سالاھىيىتىگە ئىرىشكەن ئەزالار، تەكلىپ نومۇرى ھاسىل قىلىپ، ھاسىل قىلغان نومۇرنى QQ ياكى ئۇچۇر ۋاستىسى بىلەن دوستىغا تەمىنلىسىمۇ، مۇنبەرنىڭ تەكلىپ نومۇرىنى ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتىپ بىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، مۇنبەرگە ئەزا بولۇشقا ياردەم قىلسا بولىدۇ.
2. ئېلخەت ئۇلانمىسى ئارقىلىق ئەزا بولغان ئەزالارنىڭ، ئېلخەت ئۇچۇرى ئاپتوماتىك دەلىللەشكە ئىرىشىدىغان بولۇپ، ئەزا بولغۇچىنىڭ مۇنبەردىكى كىيىنكى مەشخۇلاتلىرىغا قولايلىق بولىدۇ، شۇڭا ئىمكان قەدەر ئېلخەت ئۇلانمىسى ئەۋەتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
3. مۇنبەر قائىدىسى بويىچە، بىر ئەزانىڭ كۆپ ئەزالىق ئارخىپى بولۇشى تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. شۇڭا بۇرۇن مۇنبەرگە ئەزا بولۇپ بولغانلارغا تەكلىپنامە ئەۋەتىپ بىرىشكە بولمايدۇ. ناۋادا بايقالسا تەكلىپنامە ئەۋەتكۈچىنىڭ تەكلىپنامە ئەۋەتىش سالاھيىتى بىكار قىلىنىدۇ.
4. ئىزدىنىش مۇنبىرىگە بۇرۇن ئەزا بولۇپ، ھەر قانداق سەۋەبلەر تۈپەيلى كىرەلمەيۋاتقان ئەزالار، داۋاملىق ئېلخەت ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
5. دوستىڭىز تەكلىپنامىگە ئىرىشكەندىن كىيىن، بۇ تىمىدا دىيىلگەن مەشخۇلاتلار ئارقىلىق تىزىملاتسا بولىدۇ.
[مۇنبىرىمىزدە تەكلىپ نومۇرى ئارقىلىق ئەزا بولۇش يولغا قويۇلدى]
تەكلىپ قىلىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە: مۇنبەرگە كىرگەندىن كىيىن، سول تەرەپ «قولاي تىزىملىك»نىڭ ئىچىدىن «دوست» تىزىملىكىنى چىكىمىز.
«دوست» كۆزنىكىگە كىرگەندىن كىيىن، ئوڭ تەرەپ تىزىملىكتىن «دوست تەكلىپ قىلىش» نى باسىمىز.
http://bbs.izdinix.com/data/attachment/forum/201403/05/111657jopm1nymv1ommmpt.jpg.thumb.jpg
بۇ كۆزنەكتە «تەكلىپ كودى» ۋە «ئېلخەت ئارقىلىق دوست تەكلىپ قىلىش» تىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇل تەمىنلەنگەن بولۇپ، تەۋسىيە قىلىدىغىنىمىز «ئېلخەت ئارقىلىق دوست تەكلىپ قىلىش» ئۇسۇلى.
سىز پەقەت دوستىڭىزنىڭ ئېلخەت ئادىرىسىنى كىرگۈزۈپ، «تەكلىپ قىلىش» نى باسسىڭىزلا، مۇنبەر سېستىمىسى، دوستىڭىزغا ئاپتوماتىك ھالدا ئېلخەت ئەۋەتىدۇ. دوستىڭىز ئەۋەتىلگەن ئېلخەت ئارقىلىقلا تىزىملىتالايدۇ.
http://bbs.izdinix.com/data/attachment/forum/201403/05/1117101l51lgvghl1e1dl8.jpg.thumb.jpg
ئۇندىڭدىن باشقا تەكلىپ نومۇرى سىتۋىلىپ ئەۋەتىشكىمۇ بولىدۇ. (بىراق بۇ ئۇسۇلدا ئەزا بولغۇچىنىڭ ئېلخەت ئارخىپى دەلىللەنمەيدۇ، شۇڭا ئانچە تەۋسىيە قىلمايمىز.)
تەكلىپ قىلىش كۆزنىكىدە، تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن ئورۇنغا سىتۋالماقچى بولغان تەكلىپنامىڭىزنىڭ سانىنى كىرگۈزۈپلا «تەكلىپ نومۇرىغا ئىرىشىش»نى چەكسىڭىز، سىتۋالغان تەكلىپنامىڭىز ھاسىل بولىدۇ. ئاندىن ئىرىشكەن تەكلىپ كودىنى دوستىڭىزغا ئەۋەتىپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ. دىققەت: تەكلىپ نومۇرىنى سىتۋىلىپ ئەۋەتىسىڭىز، جۇغلانمىڭىز كىمىيىپ، مۇنبەردىكى دەرىجىڭىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا يەنىلا ئېلخەت ئۇسۇلىنى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
http://bbs.izdinix.com/data/attachment/forum/201403/05/112658ofzop2ecq1me66te.jpg.thumb.jpg جۇغلانما ئازلاپ قاپتىغۇ ؟ ئۇف مەن باكەنمەن :lol:lol:lol:lol باشقۇرغۇچىلاردىن سوراپ باقسام .... مېنىڭكى UID نۇمۇرۇمنى 10000 نىڭ ئالدىدىكى ئەزانىڭ ئىچىگە يۆتكىگىلى بۇلامۇ ؟ {:99:}{:99:}{:99:}{:99:}{:99:} ھازىر بىرنەچچىسى كام ئوتتۇزمىڭ كەن :funk::funk::funk: نىمانداق مۇرەككەپ؟:lol مىنىڭ ئەزالىق نۇمۇرۇم 11744كەن
بىر ئامال قىلىپ 11111قىلىپ قويغىلى بولماسمۇ؟:lol مېنىڭكىنى كۆرۈپ باقاي Pinhan يوللىغان ۋاقتى 2014-3-6 16:59 static/image/common/back.gif
مېنىڭكىنى كۆرۈپ باقاي
6؟:o
ئۈزىڭىزنىڭكىنى شۇنداق قىلىپ كەلتۈرۋاپسىز ھە!
مىنىڭكىنىمۇ 11111قىلىپ كەلتۈرۈپ بېرىڭ ئەمدى:L
ھە راسىت جەۋلانكا
بۇ تېمىنى قىزىتساق بولامدۇ؟:lol شۈكرى ، مەنمۇ باركەنمەن، ئىزدىنىشقا رەھمەت، {:112:} زىيالىنىڭكىنى 444444444 قىلىپ بىرىڭلا كۆك كەپتەر، ئىزدىنىش، پىنھان ، گودلاك ،تەدبىركار قاتارلىق تېخنىكلارغا رەھمىتىمىزنى بىلدۇرىمىز
رەھمەت :lol:lol:lol بارغانسىرى ھەممە ئادەم ماڭا ئوخشاش جىم ئولتۇرۇپ تىما كۆردىغان ئىنكاس يازمايدىغان بوپ كىتىۋاتامدۇ نىمە نەدىكى ئەزالىق نۇمۇرىنى دەۋەتىسلەر ھوي،ھەجەپ مەن كورمەيمىنا:o:o:o:o:o خەتنى سەل چوڭراق چىقىدىغان قىلغىلى بولماسما؟ ئىسمىمنى ئۆزگەرتىۋېتەيمىكىن دەپ تۇراتتىم تېخى... قېرىغاندا بۇ ئىسىم خوشياقمىدى تىمىدا جۇغلانمىسى مانچىدىن يۇقۇرى بولغان ئەزالار دىگەن گەپ بار، ئەزالالىق نومۇرى ياكى UID دىگەن گەپ يوق. {:204:} ziyali يوللىغان ۋاقتى 2014-3-6 16:48 static/image/common/back.gif
مىنىڭ ئەزالىق نۇمۇرۇم 11744كەن
بىر ئامال قىلىپ 11111قىلىپ ق ...
يەنە بويتاق دېگەن ماركىنى چاپلاپ ئولتۇراي دەمسىز؟